ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى بارلىق تور خۇمار تورداشلار.
مىسرانىم مۇنبىرىمىز مۇنبەرلەر ئارىسىدىكى ‹شاھىنشاھ›لىق رولىنى تېخىمۇ تولۇق جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم ئىشلاردا ئۆزىمىزگە خاس ئۇسلۇب ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ئۆزگەرتىپ يېڭىلاپ تۇرىۋاتىمىز.ئەزالاردىن كۈتىدىغىنىمىز ئېسىل ئىنكاس ،تېمىلىرى بىلەن مىسرانىم باغچىسىنى خۇشپۇراق گۈللەرگە تولدۇرسا...
مۇنبەرنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرى بىر بالداق بىر بالداقتىن تۈزىتىلىپ ھەم ئىلغارلاشتۇرلۇپ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
تور دۇنياسىدا چىراي ئىپادىسى ،بولۇپمۇ مىللىي پۇراق گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزدىكى مۇنبەرلىرىمىزدىمۇ باشقا توربەتلەرنىڭ چىراي ئىپادىسىنى ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز.شۇڭا بۇ قېتىم تور گۇرۇپپىمىز كۈچلۈك تېرىشىشى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە دوپپا كەيگەن بىر قىسىم باش سۈرەتلىرى باشقا باش سۈرەتلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا يولغا قويۇلدى ھەم ئىشلەپ تارقىتىلدى. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن مۇنبىرىمىزدە ئىزچىل مۇشۇ چىراي ئىپادىلىرىنى ئىشلىتىشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز.شۇنداقلا باشقا توربەت قۇرغۇچىلىرى مەزكۇر چىراي ئىپادىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشىنى قارشى ئالىمىز ھەم مەزكۇر چىراي ئىپادىلىرىنى چچ ۋە ياكى باشقا مۇڭداشقۇلاردا كەڭ تۈردە ئىشلىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
سىز پەقەت مۇشۇ چىراي ئىپادىلىرىنى ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىزدا شۇ چىراي ئىپادىلىرىنىڭ مىسرانىم تورى تەرىپىدىن تۇنجى بولۇپ مۇستەقىل ئۆزگەرتىپ ياسالغانلىقىنى ئۇنۇتمىسىڭىزلا بولدى.شۇندىلا بىز قىلغىنىمىزدىن رازى بولىمىز ئەلۋەتتە.
مىسرانىم ئۆز خاسلىقى بىلەن ئۇيغۇر تورچىلىقىدا يېڭى سەھىپە ،يېڭى ئۇسلۇبلارنى داۋاملىق ئاچقۇسى!
بۇ قېتىم يېڭىدىن قوشۇلغان چىراي ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
مىسرانىم تور باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى
2011 - يىلى 06 -يىلى 08- كۈنى