مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1184|ئىنكاس: 14

چۈنكى مەن ئانا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 1640
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15406
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2015 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-16 07:48:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چۈنكى مەن ئانا
(ھاياتنوپۇس مۇھەممەت)





مەن ئانا بولدۇم. كۆز قارچۇقۇمدا ئوماق ئوغلۇمنىڭ ماڭا شوخلۇق،ئامراقلىق بىلەن تىكىلىپ تۇرغان بۇدرۇق چىرايى،قۇلاق تۈۋىمدە ماڭا ئەركىلىگەن چۈچۈك تىللىرى، يۈرىكىمدە

ئۇنىڭغا بولغان تەگسىز، تەخىرسىز، توختاۋسىز سىغىنىش! ئۇنىڭدىن بىر سائەت ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمايدۇ، ئۇنى مىنۇت سىكۇنىتلا كۆرگۈم كىلىپلا تۇرىدۇ، ئۇنى باغرىمغا تېڭىپ،

ۋۇجۇدۇمغا سىڭدۈرۋىتىپ ھەر ۋاقىت بىرگە ئىلىپ يۈرسەملا دەيمەن. مەن ئانا بولدۇم. پۈتكۈل خىيالىمنى، ۋۇجۇدۇمنى، قەلبىمنى ئانىلىق تۇيغۇ، ئانىلىق مەسئۇلىيەت ئىگىلىگەن

ئەسنالىرىمنىڭ ھەر بىر دەقىقىسى، ماڭا بېغىشلاش ۋە بېغىشلىنىشنىڭ تەسىرلىك قىسسىلىرىنى سۆزلەيدۇ. ماڭا تەلپۈنۈپ، تېپچەكلەپ، يۈگرەپ ئالدىمغا چىقىدىغان، كۈندە ئىشتىن يىنىپ كەلگەن چۈش ۋە كەچتە ئاجايىپ كۈچلۈك تەشنالىق بىلەن ئۆزىنى ماڭا ئېتىپ، مىنى ئۇزاق ئۇزاق قۇچاغلاپ، ئۈنسىز ھالدا ھىدىمنى ھىدلايدىغان ئوغلۇمنىڭ ۋۇجۇدى، مېھرى مىنى شامدەك ئېرىتىپ تاشلايدۇ. بىر ئۆيدە تۇرۇپمۇ بىر بىرىمىزگە قانمىغانلىرىمىزغا قاراپ، بەزىدە خىزمەت قىلغىنىمغىمۇ ئاچچىغىم كىلىدۇ. بالامغا ئاجايىپ تەقەززالىق، تەشنالىقتا، مىنى مىنۇت ئاغزىدىن چۈشۈرمەي كۈتىدىغان ئوماق قوزامغا، ئىچىم ئاغرىپ ئاچچىق يۈتىمەن، يۈرىكىم پىژىلداپ ئىچىشىپ كىتىدۇ.

مەن ئانا، ئەتىگەن ئىشقا ماڭغىنىمدا ئوغلۇم ئۇخلاپ قالغانىدى. ئويغىنىپ ئىسمىمنى چاقىرىپ قانچىلىك يىغلىغاندۇ. كۆينەكلىرىمنى قانچىلىك ھىدلاپ، رەسىمىمنى يۈرىكىگە تىڭىۋىلىپ، يۇمران لەۋلىرىدىن ئاجراتقىلى ئۇنىماي قانچىلىك سۆيگەندۇ! ئالدىغا تىزىپ بەرگەن مىغىز، بادام، پىچىنە،كەمپۈت، ئالمىلىرىنى ئانام يەيدۇ، ئانام يىگۈزۈپ قويىدۇ دەپ، قوللىرىغا لىق چاڭگاللىۋىلىپ، ئىشىككە تەلمۈرۈپ، ئىسمىمنى چاقىرىپ ئولتۇرغاندۇ.... ئوماق ئوغلۇم، مۇشۇ قىياپەتلىرىڭنى ئويلىسام، كۆزلىرىمنىمۇ باشقۇرالماي قالىمەن! ئەتىگەن ھاۋا سەل سوغۇق ئىدى. بالامغا قېلىنراق كىيىم كىيدۈرگەن بولىمىدىم... تىزرەك ئىشىمنى تۈگىتەي....تىخى ئىشتىن چۈشىدىغانغا خىلى ۋاقىت بار ئىكەن. ئوغلۇم كارۋاتتىن يىقىلىپ چۈشىدىغانغا خېلى ۋاقىت بار ئىكەن. ئوغلۇم كارۋاتتىن يىقىلىپ چۈشكەنمىدۇ، قولىنى ئىشىك قىسىۋالغانمىدۇ، مىنى ئىزدەپ يولغا چىقىپ كەتكەنمىدۇ.....بولدى، دىققىتىمنى يىغاي، تەپەككۈرۈمنى چاچماي، ئىشىمنى پۇختا، ئەستايىدىل ئورۇنداپ، تىزرەك ئۆيگە بىرىپ، قوزامنى باغرىمغا باساي، تامىقىنى يىگۈزۈپ، بەش مىنۇت بولسىمۇ بىرگە ئوينىشىپ بىرەي. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بەك قىسقا، تولىمۇ قىسقا، بالام ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قانماي ئايرىلىمىز. ئۇ يەنە يىغلاپ، ئىسمىمنى يادلاپ، ئىشىككە قاراپ ئولتۇرۇپ كەچتە ئىشتىن تىز كىلىشىمنى كۈتىدۇ! تۈرلۈك خىيال، ئەنسىرەش، توسالغۇسىز تەشنالىق بىلەن ۋاقىتنى تەستە توشقۇزۇپ ئۆيگە قاراپ يۈگرەيمەن. ئىشىك تۈۋىدە مىنى كۈتۈپ تۇرغان ئوغلۇم يىقىلىپ قوپۇپ يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە ئۆزىنى باغرىمغا ئاتىدۇ. يۈز- كۆزلىرىمگە ، قۇلاق، بۇرنۇمغا، بويۇن- مۈرىلىرىمگە ئەسەبىيلەرچە، ۋىلىقلاپ سۆيگىنىچە كۈلۈپ سۆيۈپ، ھىدىمنى قانماي ھىدلايدۇ. يۈرىكىمگە بىشىنى قويۇپ يۈرەك تىۋىشىمدىن ئاراملىق ئىزدەيدۇ. ئىككىمىز بىر پەس، ئەتراپتىكى مۇھىتنى، دۇنيانى ئۇنتىمىز، بىر بىرىمىزنىڭ باغرىغا سىڭىپ كىتىمىز... ئوماق قوزام، ماڭغان ھەربىر قەدىمىم، قىلغان ھەربىر سۆزۈم، يۈرىكىمنىڭ ھەر بىر سوقۇشى سەن ئۈچۈن، خۇشاللىقلىرىم، ئىزدىنىشلىرىم ساڭا تەئەللۇق. سەن ماڭا تەسەللى، رىغبەت ۋە ئۆزۈمگە ئىشەنىچ، ھاياتقا يىڭى باشتىن مۇھەببەت باغلاشنى ئۆگەتتىڭ، كۈچ جاسارەت ئاتا قىلدىڭ! ماڭا ئانىلىق سۈپەت، ئانىلىق ۋەزىن ئاتا قىلىپلا قالماي، ھەقىقى مىھىر مۇھەببەتنىڭ مەنىسىنى قايتىدىن تونۇتتۇڭ. ماڭا ئۆزىنى بىغىشلاشنىڭ ۋە ھاياتنىڭ مەنىسىنىڭ قانداقلىقىنى ھىس قىلدۇردۇڭ! چېچەنلىكىڭ ماڭا، ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى ئۇنىڭ ۋەزنىنىڭ قانچىلىكلىكىنى تونۇتسا، ئەقىللىقلىقىڭ، سەزگۈرلىكىڭ مەجبۇريىتىمنىڭ قانچىلىك ئىغىر ۋە يۈكسەكلىكىنى، چوڭقۇرلىقىنى ھىس قىلدۇرىدۇ.



مەن ئانا بولدۇم،مېنىڭ ھايات شامىمنى ياندۇرۇپ، ھايات يولۇمنى داۋاملاشتۇرغۇچىغا، ئارزۇيۇمنى روياپقا چىقارغۇچىغا، ئەۋلادىمنى ئەۋلادقا ئۇلىغۇچىغا ئىگە بولدۇم، ئۆز قوۋمىمغا، خەلقىمگە بىر ئوغۇل، بىر تۈۋرۈك تۇغۇپ بەردىم، ئەمدى ئۇنى يۈرەك قىنىمنى، ھاياتىمنى بىغىشلاپ ياخشى پەرۋىش قىلىشىم كىرەك. ئۇنى كەلگۈسىگە مۇناىسپ ياراملىق ساپاغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىشىم كىرەك، ئۇنى كۈچلۈك ئېتىقادقا، تەۋرەنمەس ئادىمىيلىك قەد ۋە غورۇرغا، يۇقىرى ساپاغا ۋە ئادىمىي ساداقەت، مېھىر- ۋاپا بىلەن يۇغۇرۇلغان، ئۆزىنى توختاتقان ۋەزىنلىك، سەۋىيىلىك، ئەڭ مەلۇماتلىق، ياراملىق ئەر قىلىپ خەلقىمگە سۇنۇش ئۈچۈن، مەن ئالدى بىلەن شۇنداق بىر ئوغۇلنىڭ ئانىسىغا مۇناسىپ ساپا، سالاھىيەت ھازىرلىشىم، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشىم، ئىزدىنىشىم، ئانىلىق سالاھىيىتىمگە، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزۈمگە دادىل تىكىلىشىم، ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ھازىرلىنىشم كېرەك، ئوغلۇمنىڭ كەلگۈسى بىر كۈنلەرگە كەلگەندە ماڭا قاراپ ئۈمىتسىزلىنىپ قىلىشى ماڭا چەكسىز خورلۇق، ھاقارەت! ئوغلۇم ئۆزىنىڭ شۇنداق بىر ئانىنىڭ بارلىقىدىن ئۇنىڭغا گاھ مېھرىبان ئانا، گاھ تەلەپچان ئۇستاز، گاھ سىرداش دوسىت، گاھ قاتتىق قول يىتەكچى بولۇپ ئۆزىنى يىتىلەپ گۈزەل مەنزىلگە يەتكۈزگەنلىكىدىن سۆيۈنسۈنكى، پەقەت مىنىڭ كىچىلىرى ئاق سۈت بىرىپ باققىنىمغا، جەمىيەتكە، ئوقۇتۇپ، كىيم-كىچەك، خەج- خىراجەت بېرىپ چىقىرىپ قويغىنىمغىلا، ئانىلىق يىغلاڭغۇ مېھرىمگىلا قاراپ، ئانىسى بولغانلىقىم ئۈچۈنلا مېنى ھۆرمەتلەپ، مېنى ياخشى كۆرۈشى دەپلا چۈشەنمىسۇن! مەن ئۇنىڭ دەۋىرگە مۇناسىپ ئانىلا ئەمەس، يولباشچىسى، ئۈلگىسى، ئۇستازى بولۇش ئۈچۈن، ئوغلۇمنىڭ نەزىرىدىكى، زامانغا مۇناسىپ مۇكەممەل ئوبرازغا ئىگە ئانا بولۇش ئۈچۈن تىرىشاي...... چۈنكى مىنىڭ تىرىشىشىم ئۆزۈم ئۈچۈنلا، ئوغلۇم ئۈچۈنلا ئەمەس، ئورتاق بىر قوۋمنىڭ، مىللەت ۋە خەلىقنىڭ گەۋدىسىگە قوشۇلىدىغان بىر ئەزا، بىر تەركىبى ئۈچۈن! كەلگۈسىدە يەنە بىر ئائىلىگە باش، ئائىلىنىڭ بىر قانچە ئادىمىگە يىتەكچى، تەربىيچىسىنىڭ يېتىلىشى، مۇكەممەل بالاغىتى ئۈچۈن!

مەن ئانا بولدۇم، بىر ئائىلىنى پەرۋىش قىلىپ، يېتەكلەيدىغانلا ئەمەس، بىر قوۋمگە مېھىر- مۇھەببەت ۋە ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچىغا ۋە ئۇنى ئاپىرىدە قىلغۇچىغا ئايلاندىم!

دوسىتلار كەچۈرۈڭلار، مىنى ئويۇن تاماشا تۈزۈشكەن سورۇنۇڭلارغا چىللىماڭلار، ئوغلۇمنى نانغا زورلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ مېھىرگە تەشنا قەلبىنى بوش، يېتىم قالدۇرۇپ قويۇپ مېھماندارچىلىقىڭلارغا بارالمايمەن، كەچۈر دوستۇم، ھەپتىدە بىر ئالمىشىپ مودا قوغلىشىش سەھنىسىگە مىنى چىللىما، مەن ئوغلۇمنى ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادى ئاساسقا ئىگە بولمىسام، ئۆزۈمنىڭ تېشىنى ئەمەس، ئوغلۇمنىڭ ئىدىيىسىنى بىزەش ئۈچۈن كۈچ سەرىپ قىلمىسام بولمايدۇ، مەن بەك ئالدىراش، ۋاقتىم بەك قىس، ئوغلۇمنىڭ ھەممە نەرسىگە نېمە ئۈچۈن نەزىرىدە تىكىلىپ مۆلدۈرلەپ تۇرغان سەبى كۆزلىرى، ماڭا ھەر قاچان ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ئاجرىتىشىمنىڭ، تەبىئەتتىكى ھەر بىر گىياھ، ھەر بىر جانلىقلار ھەققىدە، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئىشلار، يىڭىلىقلار، مۆجىزىلەر ھەققىدە ئەستايىدىل چۈشەنچە بىرىپ، ھاياتلىق مۇھەببىتىنى قەلبىدە ئاستا- ئاستا بىخ سۈردۈرۈش تەشنالىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە پۈتۈن كائىناتنىڭ ئانىسى، ئۇستازى، ھەممىگە مېھرىبان پەرۋىشچى.

مەن پۈتكۈل كائىناتقا سۆيۈنۈشلۈك، پەرۋىشچان قۇچاق ئېچىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمگە ئىشەنىچ ۋە قەد تىكلەپ، ئاندىن ئۇنى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق مېھىر- ۋاپادار كائىناتقا، ئادەملەر ئارىسىغا تارقىتىشىم، ئانىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئىپادىلىشىم، گويا شامدەك، يىلتىزدەك سۈپەتكە ئىگە بولۇشۇم، ئۆزۈمگە شۇنداق تەلەپ قويۇشۇم كىرەك، چۈنكى مەن ئانا!..............

"قىزلىق دوقمۇشتىن ئانىلىق سەپىرىگىچە" كىتاپتىن ئىلىندى...

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Tomoquk + 100 ئېسىل يازمىكەن
arxang + 30 ياخشى ئەسەر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 130   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13754
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 7795 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-16 09:59:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز ، ياخشى يىزىلغان تىمىكەن .ئانا بولماق تەس ئەمەس، لىكىن ھەقىقى لاياقەتلىك ئانا بولماق بەك ،بەك تەس ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 641
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9225
تۆھپە نۇمۇرى: 378
توردا: 8710 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-16 10:21:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا  بولغۇچى بالىنى گۈزەللىكنى،  ئادالەتنى ، ھە قىقەتنى  سۇيىدىغان  تەربىيلىشى كېرەك. نۇرغۇن ئانىلار  بالىنىڭ سالامەتلىكىگە  كۇڭۇل بولۇپلا  ، ئۇنىڭ  پەزىلىتى ھەم ئەقلىي تەرەققىياتىغا سەل قاراىيدۇ.  

ناھايتى ئەھمىيەتلىك تىما يۇلاپسىز  رەخمەت سىزگە

ئۇمىدىسىزلىك  كىشگە ئەڭ ئېغىر ئاپەت، ئۇمىدىلىك بۇل،ئۇمىد تەن بىلەن جېنىڭغا زور قۇۋەت بېرۇر .

يىراقنى كۆرگۈم ب

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68
يازما سانى: 972
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21848
تۆھپە نۇمۇرى: 582
توردا: 3619 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-16 10:30:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى يىزىلغان ئەسەرلەر بولسا يوللاپ تۇرغايسىز

يىللارنى ئۆتكۈزدۈم لىۋىمنى تامچىپ، ئايلارنى سانىماق تەس ئىكەن ئاندىن. ھەپتىلەر كەلگەندە خىيالچان بولۇپ، مىنۇتلار كەلگەندە ئۇيقۇدىن قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2959
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8652
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 3160 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-16 10:55:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ مىنىڭ تۇرمۇشۇمنى ،كوڭلۇمدىكى گەپلەرنى يىزىپىسز...بەك ئسىل تىما بوپتۇ ...ھارمىفايسىز.........

كوڭۇل كوڭۇلدىن سۇ ئچەر.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1172
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9584
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2010-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-16 11:10:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا  بۇلغۇچىنىڭ  كۈڭلىنى  بىزدەك  ئانا  بۇلغانلا  چۈشنىدۇ.
ئۇلۇغ  ئاللا  باللىرىمىزنىڭ دىلىغا  ئىمان،كۈڭلىگە  ئىنساپ
ئاتا  قىلسۇن.

دۇسلۇقنى  قەدىرلەيمەن

راھەت جاپاسى بىل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3385
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10919
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-16 11:24:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى تىمىكەن.رەھمەت سىزگە. [s:47]  [s:34]  [s:49]  [s:50]

دەرت يامان لىكىن،سىنىڭمۇ دوست-دۈشمىنىڭ بار.خۇشال ياشا،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.

..... ئىنكاس شاھى ..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3619
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9650
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2014-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-16 11:24:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق  ياخشى  ئەسەرلەر بولسا   ئايىماي  يوللاپ تۇراسىز...

ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3687
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10939
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 1480 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-16 11:36:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تېما ئىكەن دېمىسىمۇ ئانىلار ئەڭ ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنى قەدىرلەيلى!!

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6423
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239598
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12496 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-16 11:56:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قېتىم ئانا توغرۇلۇق يېزىلغان تېمىلارنى ئۇقۇغان ۋاقتىمدا ئانامغا بولغان مىھىر - مۇھەببىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ ،چۈنكى ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنساندۇر ،،،،،،،،،، ئانا،ئانا،،،،،،،،،،، بۇ نىمە دىگەن يېقىملىق سۆز ھە ....
بارلىق ئانىلارنىڭ ئۆمۈرى ئۇزۇن بولسۇن !!!ئانىلارنى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !!!!!!........ تېما يولىغۇچىغا رەھمەت داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ............... ئانىلارنى قانچە تەرىپلەپ يازساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ .

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش