QQنومۇرىڭىزنى 11خانىلىق تېلېفون نومۇرى قىلىۋېلىڭ!
يىقىندا <قىزىل بايراق QQ> ناملىق ئەڭ يىڭى QQ قوشۇمچە نەشىرى يولغا قويۇلدى ،بۇ QQ نىڭ ئادەمنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان يىرى شۇكى سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ھەر خىل شەكىللىك 4 ، 5 ، 6 ، 7 ، 8 ، 9 ، 10 ، 11 خانىلىق ھەر خىل نۇمۇرلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلى تىڭشۇن QQ نۇمۇرىڭىزغا باغلاپ ئىشلىتەلەيدىكەنسىز ، تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلاردىن كۆرۈڭ ...
1-باسقۇچ : تۆۋەندىكى ئادىرىسقا چىكىپ <قىزىل بايراق QQ> ناملىق ئەڭ يىڭى QQ قوشۇمچە نەشىرىنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ (سىغىمى 693KB)
http://alias.hongqiqq.com/download/HongqiQQ.rar
-باسقۇچ : بۇ نەشىرنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن بىۋاستە كومپىيۇتىرىڭىزدىكى ئەسلى تىڭشۇن QQ نەشىر نۇسخىسىنى ئىچىپلا نورمال ھالەتتە
ئىشلىتەلەيسىز ، بۇ نەشىرنى قاچىلاپ بولۇپلا ئالدىراپ QQ سىڭىزنى ئاچماي تۇرۇڭ ، تىخى تۆۋەندىكى بىر نەچچە مەشغۇلاتنى قىلىسىز .
3-باسقۇچ : تۆۋەندىكى ئادىرىسقا كىرىپ تىڭشۇن QQ نۇمۇرىڭىز،ئىلخەت نۇمۇرىڭىز ئارقىلىق <قىزىل بايراق QQ> نۇمۇرىنى ئىلتىماس قىلىسىز ھەم بىكىتىسىز ، ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان يىرى شۇكى بۇ قىزىل بايراق QQ نۇمۇرنى سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى بويىنچە خالىغانچە تاللاپ بىكىتەلەيدىكەنسىز ، تىڭشۇن QQ نۇمۇر ئىلتىماس قىلغاندىكىدەك سىستىما ئاپتۇماتىك ھالدا خالىغان نۇمۇرنى بىرىدىغان ئىش ئەمەسكەن ، ئۇنداق قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلغام مەشغۇلات باسقۇچىنى قىلايلى ....
http://www.hongqiqq.com/userreg.aspx
4-باسقۇچ : يۇقارقى تور بەتكە كىرىپ 1-كاتەكچە ئىلىغان ئورۇنغا ئۆزىڭىز كۆپ ئىشلىتىدىغان ھەم ئەڭ بىخەتەر دەپ قارايدىغان ئىلخەت EMAIL نۇمۇرىڭىزنى تولدۇرىسىز (ئەسكەرتىش : بۇ ئىلخەتنى چوقۇم ئىھتىياتلىق بىلەن تولدۇرۇڭ چۈنكى قىزىل بايراق QQ نۇمۇرىڭىز يۈتۈپ كەتسە مۇشۇ بىكىتكەن ئىلخەت ئارقىلىق قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيسىز) ، 2-كاتەكچە ئىلىنغان ئورۇنغا سىز ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئەتىۋارلىق تىڭشۇن QQ نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزىسىز (ئەسكەرتىش : بۇ يەردە ئىيتىلىۋاتقان تىڭشۇن QQ نۇمۇر دىگىنىمىز قىزىل بايراق QQ نۇمۇرنى بىكىتىدىغان قىزىل بايراق QQ نۇمۇر ، بىر تىڭشۇن QQ ئارقىلىق پەقەت بىرلا قىتىم قىزىل بايراق QQ نۇمۇرنى ئىلتىماس قىلىپ بىكىتىش چەكلىمىسى بار شۇڭا ئۆزىڭىزنى تەمكىن تۇتىۋالغان ئاساستا ياخشى ئويلىنىپ ياخشىراق نۇمۇرنى تاللاپ ئاندىن مەشغۇلات قىلىڭ ، كىيىن قىلىپ بولۇپ ھەي ئىسىت دىسىڭىز ئورنىغا كەلمەيدۇ) ، 3-كاتەكچە ئىلىنغان ئورۇنغا 2-كاتەكچە ئورۇنغا تولدۇرغان تىڭشۇن QQ نۇمۇرنى قايتىلاپ جەزىملەشتۈرگەن ئاساستا يەنە بىر قىتىم تولدۇرىسىز ، 4- كاتەكچە ئىلىنغان ئورۇنغا ئىلتىماس قىلىدىغان قىزىل بايراق QQ نۇمۇرغا بىكىتىدىغان مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزسىز (ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بۇ يەرگە ئىمكانقەدەر ئەسلى تىڭشۇن QQ نۇمۇرىڭىزغا بىكىتكەن مەخپى نۇمۇرنى تولدۇرماڭ چۈنكى بۇ ئاتالمىش قىزىل بايراق QQ نىڭ نۆۋەتتە تىڭشۇن بىلەن بىخەتەرلىك جەھەتتە قانداق مۇناسىۋىتى بار ھىچ كىمگە مەلۇم ئەمەس ، بۇ يەرگە تولدۇرغان مەخپى نۇمۇر ئارقىلىق قىزىل بايراق QQ تور بىتىدىكى قىزىل بايراق QQ نۇمۇرىڭىزنى ئىشلىتىشكە ئىشلەيدۇ ، تىڭشۇن QQ ئىچىش كۆزنىكىگە كىرگۈزىدىغان مەخپى نۇمۇر ئەمەس بۇ) ، 5- كاتەكچە ئىلىنغان ئورۇنغا 4-كاتەكچە ئىلىنغان ئورۇنغا كىرگۈزگە مەخپى شىفىرنى قايتىلاپ جەزىملەشتۈرگەن ئاساستا يەنە بىر قىتىم كىرگۈزىسىز ، 6-كاتەكچە ئىلىنغان ئورۇنغا كۆرسەتمە بەلگە كۆرسەتكەن تەستىقلاش كودىنى كىرگۈزىسىز ، ئەڭ ئاخىرىدا ياخشى بىر نەچچە قىتىم قايتىلاپ تەكشۈرگەندىن كىيىن ئاندىن جەزىملەشتۈرگەن ئاساستا 7-كاتەكچە ئىلىنغان ئورۇننى چىكىپ بۇ تۈردىكى بارلىق مەشغۇلاتلارنى تاماملايسىز (سىزنىڭ ياخشىراق نۇمۇرنى تاپالاشىڭىزغا تىلەكداشمەن).
5-باسقۇچ : ئەگەر سىز يۇقاردا 4-باسقۇچتا قىلغان تەلەپ قىلغان قىزىل بايراق QQ نۇمۇرىڭىزنى تىڭشۇن QQ نۇمۇرىڭىزغا بىكىتىش مەشغۇلاتىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغان بولسا تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات ئۇچۇر كۆزنىكى چىقىدۇ ، دىمەك سىز ئوڭۇشلۇق تاماملىدىڭىز ...
6-باسقۇچ : يۇقارقى مەشغۇلات باسقۇچلىرىنى تاماملىغاندىن كىيىن كومپىيۇتېرىڭىزدىكى ئەسلىدە بار بولغان تىڭشۇن QQ نەشىرىنى بىۋاستە قوزغىتىپ ئەسلىدىكى تىڭشۇن QQ نۇمىرىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىڭىزنى تولدۇرۇپ ئاچىسىز (ئەسكەرتىش : QQ نۇمۇر تولدۇرىدىغان يەرگە سىز بايا تەلەپ قىلىپ ئىرىشكەن قىزىل بايراق QQ نۇمۇرىڭىزنى تولدۇرۇپ ئاچسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئىنتايىن قۇلايلىق تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك)
بۇ قىزىل بايراق QQ نۇمۇر نەشىرىنىڭ بىر قاتار تىلغا ئىلىشقا ئەرزىگۈدەك ئالاھىدىلىكلىرى :
1. سىز ئەسلى تىڭشۇن QQ نۇمۇرىڭىزغا بىكىتكەن قىزىل بايراق QQ نۇمۇرىڭىزنى ھەر قانداق قىزىل بايراق QQ نەشىرىنى قاچىلغان كومپىيۇتېردا باشقا QQ دوستلىرىڭىز سىزنىڭ QQ ئۆزلۈك ماتىريالىڭىزنى كۆرگەندە QQ نۇمۇر دىگەن ئورۇنغا سىز ئىلتىماس قىلىپ بىكىتكەن قىزىل بايراق QQ نۇمۇرى كۆرۈنىدۇ ، ئىنتايىن نەپىس ، ھەم ئىسىدا ئاسان قالارلىق ، رەسىمدىكىدەك
2.بۇ قىزىل بايراق QQ نۇمۇر نەشىرىدە بۇرۇنقى ھەسەن-ھۈسەن QQ نەشىرىدىكىدەك QQ دوستلىرىڭىزنىڭ ئەمەلىي IP ئادىرسىنى ھەم قىممىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدىكەن ، قارشى تەرەپكە بىر پارچە رەسىم ئەۋەتكەندىن كىيىن قارشى تەرەپنىڭ ipئادرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك!
<
-
3. قىزىل بايراق QQ نەشىرىنى قاچىلىغان كومپىيۇتېردا QQ ئابونىتچىللىرى سىز تەلەپ قىلىپ ئەسلى تىڭشۇن QQ نۇمۇرىڭىزغا بىكىتكەن قىزىل بايراق QQ نۇمۇرىڭىز ئارقىلىق بىۋاستە سىزنى ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئىزدەپ تاپالايدۇ ، نىمە دىگەن قۇلايلىق ھە ،تۆۋەندىكى 2 رەسىمدىكى قىزىل كاتەكچە بەلگە ئىچىدىكى كۆرسەتمە بەلگە كۆرسەتكەن ئورۇننى تاللاشنى ئۇنۇتماڭ
4. ئەڭ ئالقىشقا ئىلىشقا ئەرزىگۈدەك يىرى شۇكى بۇ قىزىل بايراق QQ نەشىرىنىڭ ئالدىنقى قىتىم 360 يولغا قويغان كوكو QQ نەشىرىدىكىدەك بارلىق تىڭشۇن QQ نەشىرىدىكى رەسىملىك ، خەتلىك ئىلاننىڭ ھەممىنى كۆرسەتمەيدىكەن ، بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ QQ ئىشلىتىش سۈرئىتىڭىزمۇ بىر قەدەر تىز سۈرەتتە بولىدۇ .....
دىققەت:1.بىر QQنومۇرىنى پەقەت بىرلا قىزىل بايراق نومۇرىغا باغلىغىلى بولىدۇ.شۇڭا نومۇر تاللىغاندا ئويلىنىپ تاللاڭ.
2.قارشى تەرەپنىڭ ipسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەسىم ئەۋەتىش كېرەك.
3.قىزىل بايراق ۋىروس ئەمەس،ئەنسىرەيدىغانلار ئىشلەتمىسەڭلارمۇ بولىدۇ.ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ھېچكىم ئىگە بولمايدۇ.
تېما ئەسلى مەنبەسى:ئۇيغۇر QQمۇنبىرىدىن سەل-پەل ئۆزگەرتىلدى.