سىنى ئۇچراتقان شۇ كۈندىن بۇيان رۇھ غەليانلىرىمنى شىرىن ئازاپ ئىگىلىدى . كىيىكتەك شوخ ئىدىم ،مىسكىنلەشتىم . پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى بىر ‹ئۇھــــــــــــــــــــــــــــــــــــ،›قامال قىلۋالغان بۇلۇپ ، تۈن كىچىدىمۇ شۇئېغىر ‹ئۇھ ›نىڭ ئىسكەنجىسىدە كىسەلمەن كىشىلەردەك ئۇياقتىن بۇياققا ئۆرۈلۈپ قاراڭغۇ تۈننى تاڭغا ئۇلۇدىم .
مانا بۇ مۇھەببەت بولسا كىرەك !
يىغلىدىم ،قايغۇردۇم ۋە يەنە كۈلدۈم . مۇھەببەت مانا مۇشۇنداق ئاچچىق ۋە تاتلىق بولسا كىرەك ؟!
بۇلۇت قانداق تۇسيالىسۇن يامغۇر سۈيىنى ، كىرپىك قانداق تۇسىيالىسۇن مۇھەببەت يېشىنى ؟
سۆيگىگە چاڭقىغان ئىدىم .مىنى سۆي ، ماڭا كۆپرەك سۆيگۈ بەخىش ئەت !
مەن شۇ قەدەر نازۇك - مىسكىنلىشىپ كەتتىمكى - سىنىڭ سايەڭدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمىغدەكمەن !
شۇ قەدەر بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالدىمكى - مىھرىلىك كۆزلىرىڭسىز ، سۆيگۈ تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان ئېغىزىڭسىز بۇ دۇنيادا ماڭا نە ھۇزۇر ، نە خۇشاللىق بولسۇن ؟!
مەن شۇ قەدەر ئاجىزلىشىپ ، زەئىپلىشىپ كەتتىمكى - سۆيگۈ - مۇھەببەت مىنى مەي كۇمزىكىدەك پارە - پارە قىلىپ چېقىپ تاشلاپ ، ئىچىمدىكى سۆيگۈ شارابىنى تۆكتى .