يالىڭاش تۇغۇلساڭ يۆگەكتە باققان
ئۆتكۈزسەڭ سەۋەنلىك ئەيپىڭنى ياپقان
بالام دەپ بىر ئۆمۈر دەردىڭنى تارتقان
قەدىرلە جان دوستۇم ئاتا-ئاناڭنى
----------------------------
كەچ كەلسەڭ ئۇخلىماي ئەنسىرەپ كەتكەن
بالام دەپ كۆپ قېتىم جاپالار چەككەن
غېمىڭدە چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن
قەدىرلە جان دوستۇم ئاتا-ئاناڭنى
--------------------------
يۇلۇڭنى ماڭىدۇ پايپىتەك بۇلۇپ
سەن كۈلسەڭ كۈلىدۇ ئىشەنچكە تۇلۇپ
قايغۇرساڭ، يىغلىغان قايغۇغا تۇلۇپ
قەدىرلە جان دوستۇم ئاتا-ئاناڭنى
--------------------------
بالام دەپ چوڭ قىلدى توي قىلدىڭ مانا
ئۇلارنى قىينايدۇ غەملىرىڭ يانا
قىلمايدۇ قىلغانغا قىلچىمۇ تاما
قەدىرلە جان دوستۇم ئاتا-ئاناڭنى
-------------------------
كىتىدۇ بىر كۈنى ئۇلار دۇنيادىن
كىچىدۇ بىر كۈنى ئۇلار بىزلەردىن
ساق قالغان دۇنيادا ئېيتقىن كىملەردىن
قەدىرلە جان دوستۇم ئاتا-ئاناڭنى
--------------------------
قاقشاتما چوڭلارنى سورىقى كىلەر
بىر ئۆمۈر بالام دەپ ئۆتكىنى يىتەر
بالاڭمۇ بىر كۈنى قاقشىتىپ ئۆتەر
قەدىرلە جان دوستۇم ئاتا-ئاناڭنى
-------------------------
ئانىلار مىھرىسىز باغلىرىڭ پۈتمەس
ئاتىلار سۆزىسىز تاغلىرىڭ پۈتمەس
ئايرىلساڭ بۇلاردىن كۈنۈڭ شوخ ئۆتمەس
قەدىرلە جان دوستۇم ئاتا-ئاناڭنى
مايور330