مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: SaN_Siz

پۇتبول چولپىنىمىز ئابدۇلبارىنىڭ رىۋايىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئانا تىلىم - غورۇرۇم !

ئاكتىپ ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4855
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 4429 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 12:28:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ئەزىمەتلەرگە ئاپرىن !
بىزنى ئابدۇلبارىنىڭ تارىخى ھەققىدە  چۈشەنچىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت !

ئېغىر  - بېسىق بولايلى قېرىنداشلار ، يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزگىنىڭ دىلىنى رەنجىتمەيلى ،ئاچچىقىمىزنى بىر - بىرىمىزدىن چىقارمايلى ...

ئەي نادان !نادان

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 840
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4104
تۆھپە نۇمۇرى: 247
توردا: 4608 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 01:11:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەخمەت قېرىندىشىم ، ئابدۇلبارىنى ئەمدى تۇلۇق  چۇشەندىم .
نامىنىلا  ئاڭلاپ تارىخىنى بىلمەيتىم . رەخمەت جاپا چەكتىڭىز.

بەزىلەر دەيدۇ، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدەبار ؟ مەن دەيمەن ، شۇ تۇخۇمنىڭ تاشتا دەردى بار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46519
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2011-7-3
ئاخىرقى: 2011-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 10:55:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئابدۇلبارى دەپ ئاتاشقا تولۇق قوشۇلىمەن . چۈنكى ، ما نىمىلەرنىڭ تىلى بارى دىيىشكە تولۇق كەلمەي بارىنى بالى دەپ يۈرسە ، كىيىنچىرەك ئابدۇلبارى دۇنياۋى مۇسۇبىقىلەرگە چۈشۈپ نەتىجە قازىنىپ قالسا ، شۇ چاغدىمۇ بالى - بالى دىيىلىپ يۈرسە ، چەتئەللىكلەر ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى بىلمەي قوڭگۇلۇقلار بىرەر چەتئەللىك پوتبولچىنى كوماندىسغا ئەكىلىپ مۇسابىقىغا سالغان ئوخشايدۇ دەپ خاتا چۈشىنىۋالمايدۇ دىگىلىمۇ بولمايدۇ . يەنە كىلىپ ئابدۇلبارىنىڭ چىرايىمۇ خەلقئارادىكى چولپان كوماندىلارنىڭ توپچىلىرىغا ئوخشايدۇ ئەمەسمۇ ؟! ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8551
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19223
تۆھپە نۇمۇرى: 1875
توردا: 3940 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 11:39:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما سەردار دىگەن بالاڭزا سوقۇشقاق كىچىك بالىمۇ يا بىكارچىلىقتا دىغراپ ئۇدۇل كەلگىنى بىلەن جودالىشىدىغان ساراڭمۇ؟‹‹سەنسىز››دىگەن بۇرادىرىمىز كىنايە قىپتىغۇ!ئۆزەڭنىڭ بىلىمسىزلىكىنى چاندۇرۇپ بولدى قىلماي غودۇراۋېرەمسەن؟ھۇ-ئىززىتىنى بىلمەيدىغان خوتۇن مىجەز!

ئاللاھىم،دۇنيالىقىمىزنى ياخشى قىلغىن،ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ ياخشى قىلىپ بەرگىن،بىزلەرنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 12:13:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چولپانلىرىمىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازنىشىنى تىلەيمىز! تىنى سالامەت بولسۇن. ئىشلىرى ئوڭغا تارتسۇن.

katel

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49251
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2823
تۆھپە نۇمۇرى: 1682
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2011-7-26
ئاخىرقى: 2012-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 01:26:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى پۇتپۇلدا بىز ئۇيغۇرلار نىڭ ئالدىغا ئۆتكىدەك مىللەتتىن يەنە بىرسى يوق، بىز ئۇيغۇرلانىڭ تەن شەكلى ،قاننىڭ ئايلىنشى بەك ماسلىشىدۇ.شۇغۇنسى بىز خەقلەر سەل ھورۇنلۇق قىلىپ قالمىز.

katel

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44814
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 928
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 485 سائەت
تىزىم: 2011-6-18
ئاخىرقى: 2011-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 08:18:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭچە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىقىغا قويۇلىدىغان تەلەپتە چوقۇم توپ تۈلىرى ماھارتىگە بەكرەك تەلەپ قويۇپ، كونا ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى قىلىپلىشىپ قالغان ئۇسۇل بويىچە دەرىس ئۆتمەي پۇتبۇلنىمۇ كىرگۈزسىكەن دەيمەن،  شىمالدا قانداقكىن بىلمەيمەن، لىكىن جەنۇپتا پۇتبۇل ئىلگىرى ئاساسى جەھەتتىن يوقلا ئىدى ھازىر ئەمدىلەتىن ئىككى ئاساسەننىڭ تەلىپ ئۈچۈن مەيدانلارنى ياساپ قويدى .  لىكىن پۇتبۇل دەرىسلىككە تىخى كىرگۈزۈلمىدى.

ھاياتىلىق مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت لىكىن كىچىمەن ھەرئىككىسىدىن ئەركىنلىك ئازاتلىق ئۈچۈنلا پەقەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49686
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 204
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 623 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-31 09:09:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

ئەتە ئۈچۈن تىرىشايلى!!! ئالغا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6440
تۆھپە نۇمۇرى: 556
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2012-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-31 05:41:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا  ئەكرەمنىڭ تەرجىمھالىنىمۇ قوشۇپ يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن !

سەنسىزمۇ كۈن ئۈت

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11654
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12164
تۆھپە نۇمۇرى: 792
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-1 12:57:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسى ئەكرەم ئەخمەت



            قەدىمى دىيار قەشقەر شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئازاتلىقتىن كىيىن بۇ جايدىن يىتىشىپ چىققان پۇتبول ئەزىمەتلىرى ئاپتونوم رايون پۇتبول كوماندىسى تەركىبىدە مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن زور شەرەپلەرنى كەلتۈردى. ھەتتا دۆلەتلىك ياش–ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنىپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرى، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق تايانىچ ئەزاسى ئەكرەممۇ قەدىمىي قەشقەردە يىتىلىپ چىققان. ھازىرقى شىنجاڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ يارقىن ئىزلىرىنى قالدۇرغان نادىر پۇتبول ماھىردۇر.
ئەكرەم 1982– يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، بالىلىق دەۋرىلىرىنى 7– باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقوش بىلەن ئۆتكۈزگەن 80– يىللار ۋە 90– يىللارنىڭ باشلىرى قەشقەر پۇتبولچىلىقى گۈللەپ راۋاج تاپقان بىر مەزگىل بولۇپ، قەشقەر پۇتبول كوماندىسى ئاپتونوم رايونلوق ھەر دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان. نۇرغۇنلىغان مۇسابىقىلەر قەشقەردە ئېلىپ بېرىلىپ، قەشقەر پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتىكىلىك رول ئويناۋاتقان مەزگىل بولۇپ، مەكتەپلەردىن تارتىپ تاكى ئالىي مەكتەپ، ھەر قايسى ئىدارە–ئورگانلار ئارا پۇتبول كوماندىلار قورۇلۇپ، پۇتبول قىزغىنلىقى گۈللەنگەن بۇ مەزگىلدە ئەكرەم پۇتبولنى ئۆزىنىڭ بارلىقى دەپ قارايدىغان بىر ئۆسمۈر پۇتبولچىغا ئايلانغان. ئۇ 7– باشلانغۇچ مەكتەپ تەركىۋىدە قەشقەر شەھىرى ۋە ۋىلايەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان «بىخ» لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. ئوتتورا مەكتەپنى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتى شۆبە ئوتتورا مەكتەپتە ئوقوغان. قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتى جەنوبى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئونۋىرسال مەكتەپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭ تەنھەرىكەت تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان مەكتەپ بولۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە كەسپىنى تاماملىغان نۇرغۇن ماھىرلار ئاپتونوم رايونلوق ھەر دەرىجىلىك تەنھەرىكەت يىغىنلىرىدا ياخشى نەتىجە ئىلىپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇنلىرى قابىل تەنتەربىيە ئوقوتقۇچىلىرى، ياراملىق تىرنىرلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىپ بۇ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە فاكولتىتىنىڭ داڭقىنى بىراقلا چىقىرىپ، نۇرغۇن ئوقوغۇچىلارنى جەلىپ قىلىدىغان، مەرىپەت ئوچىقىغا ئايلانغان. ھەمدە تالانتىلىق پۇتبول ماھىرلىرى بۇ جايغا توپلانغان. ئۇلانىڭ مۇسابىقىلىرىنى داۋاملىق كۆرۈش ۋە ئۇلار بىلەن مۇسابىقە ئويناش جەريانىدا، ئەكرەم تىخىمۇ پىششىپ يىتىلىپ، قەشقەر تەۋەسىدە تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر تەۋەسىدىكى ھەر قايسى كوماندىلار تالىشىدىغان بىر تالانتىلىق پۇتبول ماھىرىغا ئايلانغان. بولۇپمۇ، 1995– يىلى قەشقەر ۋىلايەت دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەكرەم قاتناشقان كوماندا چىمپىيۇنلوقنى قولغان كەلتۈرگەن ھەمدە تىزلا ۋىلايەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسىغا ئايلانغان. 1995– يىلى شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى تارقىلىپ كەتكەندىن كىيىن ئاپتونوم رايونلوق پۇتبولچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئىچىدە پۇتبولچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئويۇشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، پۇتبول ماكانى غۇلجىدا 1996– يىل 10– ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئىلىپ بارغان. ئەكرەم قەشقەر پۇتبول كوماندىسى تەركىۋىدە بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ قەشقەر كوماندىسىنىڭ تۇنجى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۆز ھەسسىنى قوشۇپ، ئۆزىنىپ پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۇنجى ئالتۇن مىدالىنى ئالغان. 1997– يىلى قەشقەردە ئىلىپ بىرىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە يەنە قەشقەر پۇتبول كوماندىسى تەركىۋىدە چىمپىيۇنلوق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن. 1998– يىلى سانتانا لوڭقىسىنى تالىشىش خەلقىئارا تەكلىپ مۇسابىقىگە قەشقەر 6– ئوتتورا تەركىۋىدە قاتنىشىپ بۇ كوماندىنىڭ 2– بولۇشىغا كۈچ چىقارغان. 1999– يىلى ئۈرۈمچىدە ئىلىپ بىرىلغان 9– نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلوق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىگە قەشقەر كوماندىسى تەركىۋىدە قاتناشقان.
ئەكرەم قىسقىغىنە تۆت يىل ئىچىدە شىنجاڭ ئىچىدىكى يوقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ئەڭ ئالى شەرەپلەرگە ئارقا–ئارقىدىن نائىل بولغان ماھىرغا ئايلانغان. شىنجاڭ ئونۋىرسىتى، شىنجاڭ مالىيە –ئىقتىساد ئىنىستوتى، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتى قاتارلىق داڭلىق ئالي مەكتەپلەر ئارىسىدا ئەكرەمنى تالىشىش باشلانغان. ئەكرەم ئاخىرىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئۆزىنىڭ بىر ماھىر پۇتبولچى بولۇپ يىتىشىگە تۈرتىكە بولغان قەدىمقى قەشقەردىكى ئالى بىلىم يۇرتى پىداگوگىكا ئىنىستوتىنى تاللىغان. 1999– يىل 4– نۆۋەتلىك پۇتبولچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاپتونوم رايون دائىرىدىن نورغۇن كوماندىلار قاتناشقان. بو قىتىم ئەكرەم ئۈرۈمچى «يىپەك يولى» پۇتبول كوماندىسى تەركىۋىدە بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بۇ كوماندىنىڭ بىر مەيدانمۇ يىڭىلمەسلىكتەك ياخشى نەتىجە بىلەن ئىككىنچى چىقىشىغا ئۆز تۆھپىسىنى قوشقان. بۇ ياش ماھىرنىڭ تالانتى تېزلا ئاپتونوم رايونلوق پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۇنى شىنجاڭ U-21 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىغا تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن ئەكرەمنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ھاياتى باشلانغان. شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدا بو كوماندا چىمپىيون چىققان. ھەمدە مەملىكەتلىك 9– نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا پۇتبول تۈرىدە تەييارلىق قىلىپ، يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش پائالىيىتىگە بو كوماندا تەركىۋىدە ئەكرەممۇ قوبۇل قىلىنغان. 2001– يىلى مەملىكەتلىك 9– نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى، ئىتالىيەنىڭ لازىيۇ پۇتبول كوماندىسى بىلەن قويۇق ئالاقىگە ئىگە گواڭدوڭ چاۋنىڭ گورۇھىنىڭ قوللىشى بىلەن دونيا 53– نۆۋەتلىك خەلقئارا ياشلار تەكلىپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن. بۇ جەرياندا، بۇ كوماندا تىرىنىر داۋىينىڭ ئىككى ئايلىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن ئالاھىدە كۈچلەنگەن. ياش ماھىر ئەكرەممۇ چەتئەللىك تىرىنىرنىڭ قولىدا ئۆزىنىڭ تىخنىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن. بو كوماندا 2001– يىلى 4– ئاينىڭ 14– كۈنى ئىتالىيەنىڭ ئالى دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى پادۇۋا پۇتبول كولۇبى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئويناپ، 3 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن يىڭىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەكرەم جوڭگۇ–چاۋنىڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىردىنبىر توپىنى كىرگۈزۈپلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ خەلقئارا مۇسابىقىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەن. 15– چىسلا بىرازىلىيە ياشلار كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىرازىلىيە پۇتبول كوماندا ئەزالىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. 17– فىۋرال ئىتالىيەدىكى داڭلىق كوماندا: مارادونانىڭ ياۋرۇپاغا تونولىشىغا سەۋەپ بولغان ناپولى كۇلۇبىنىڭ ياشلار كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، يىڭىلىپ قالغان ۋە توپ ئۇرالمىغان بولسىمۇ، ئىتالىيەدىكى بىر قىسىم گىزىتلەردە كوماندىدىكى باشقا ئەزالار قاتارىدا تونۇشتۇرۇلۇپ ياخشى باھا ۋە تىلەكلەرگە سازاۋەر بولدى.
2001– يىلى بۇ كوماندا جوڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يەنىلا 9– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئۈچۈن جاپالىق مەشىقنى تۈگۈتۈپ شەندۇڭ، لىياۋنىڭ، بىيىجىڭ ئىلىكتىر ئىنىرگىسى كوماندىسى ۋە ئاۋمىن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە كىرىشىپ كەتتى. شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى ئىلىكتىر ئىنىرگىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن ،لىياۋنىڭ كوماندىسىغا يىڭىلىپ قالغان شارائىتتا شەندۇڭ ۋە ئاۋمىن كوماندىلىرىنى چوقۇم يىڭىش لازىم بولۇپ قالغان. ئاۋمىن كوماندىسى بىلەن بولغان موسابىقىدە ئەكرەم ئارقا–ئارقىدىن ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك 9– نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئەڭ ئاخىرىقى ھەل قىلغۇچ موسابىقەدە شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى، شەندوڭ پۇتبول كوماندىسى قاتتىق تىركىشىپ مەملىكەتلىك A، B دەرىجىلىك كولۇب ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان شەندۇڭ كوماندىسىغا ئۈچكە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئوتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، شىنجاڭ كوماندىسى جان تىكىپ ئىلىشىپ ئىككى توپ ئورۇپ ئەمىلى كۈچىنى نامايەن قىلدى. جۈملىدىن ئەكرەممۇ بىر توپ ئۇرۇپ، بو مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى كىرگۈزگەن يەتتە توپ ئىچىدە مەملىكەت دەرىجىلىك داڭلىق كوماندىلارغا تۆت توپنى ئۆزى يالغۇز كىرگۈزۈشتەك ئۆز ھاياتىدىكى ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. بو قىتىمقى مۇسابىقىدىن كىيىن شەندوڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرىنىرى قىيىنچىلىق ئىچىدىكى شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ جان تىكىپ موسابىقە ئويناشتەك ئىستىلىنى ماختاش بىلەن بىرگە شىنجاڭ كوماندىسىكى ماھىرلارغا بولغان قايىللىقىنى ئىپادىلىدى. بو مۇسابىقىدىن كىيىن شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى تارقىلىپ كىتىپ، ئەكرەممۇ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتىغا قايتىپ ئۆز ئوقوشىنى باشلىدى. 2002– يىلى ئەكرەم بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن شىنجاڭ رادىئو–تېلېۋىزىيە 2– قانىلىغا خىزمەتكە چۈشۈپ ئۆزىنىڭ خىزمەت ھاياتىنى باشلاش بىلەن بىرگە بىرگە بو ئىدارىنىڭ پوتبۇل كوماندىسى تەركىۋىدە مەشق ئېلىپ بېرىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى ئېلىشقا تەييارلىق قىلدى. 2002– يىلى يۈسۈپ ئىمىن ئۇيۇشتۇرغان «مەشھور شەخىسلەر» لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول موسابىقىسىدە ئۇ يەنە يىپەك يولى پۇتبول كوماندىسى تەركىۋىدە چىمپىيۇنلوقنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماستىن يەنە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى بولۇپ باھالاندى. g;\\_MbfP  
2003– يىلى «ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى» لوڭقىسىنى تالىشىش ئىشتىن سىرتىقى بىرلەشمە مۇسابىقە ئۈرۈمچىدە ئىلىپ بېرىلىپ ئەكرەم 26 توپ ئورۇپ ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى موكاپاتى ۋە بىرلەشمە موسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلوقىغا ئىرىشتى. 2003– يىلى ئاپتونوم رايونلوق 10– نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىننى ئاخىرلشىپ يىپىلىش مۇراسىمىدا شىنجاڭ ياشلار پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئەنگىلىيە سىتوك پۇرتى ياشلار كوماندىسى بىر مەيدان دوستلوق مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىپ، ئەكرەم شىنجاڭ ياشلار پۇتبول كوماندىسى نامىدا بو مۇسابىقىگە قاتناشتى. ھەمدە تىزلا مەملىكەتلىك 10– نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىننى پۇتبول ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. 2003– يىلى ئاتوشتا ئېلىپ بېرىلغان تونجى نۆۋەتلىك ئىزچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول موسابىقىسىگە رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پۇتبول كوماندىسى تەركىۋىدە قاتنىشىپ، بۇ كوماندىنىڭ چىمپىيۇن چىقىشىغا ھەمدەمدە بولدى. 2004– يىلى 5– ئاينىڭ 18– كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېلېپ بېرىلغان خۇالىڭ لوڭقىسىنى تالىشىش خەلقىئارا تەكلىپ موسابىقىسىگە ئۆز ئىدارىسى كوماندىسى تەركىۋىدە قاتنىشىپ تۇنجى كۈنى ئەنگىلىيە سىتوك پورتى كوماندىسى بىلەن بولغان موسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يەنە بىر قىتىم نامايەن قىلدى. 5– ئاينىڭ 20– كۈنى قازاقىستان قورۇقلوق ئارمىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىمۇ ھەل قىلغۇچ بىر توپىنى كىرگۈزۈپ، رادىئو–تېلېۋىزىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئاساس سالدى. ھەمدە 2004– 2005– يىللىق3– نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى لوڭقىسىنى تالىشىش ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئارقىمۇ–ئارقا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى بولۇپ باھالىنىپ، بو كوماندىنىڭ ئۈدا ئۈچ نۆۋەت چىمپيون چىقىشىغا ئۆز تۆھپىسىنى قوشتى. 2005– يىلى مەملىكەتلىك 10– نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىننىڭ پۇتبول تالىشىش تۈرىدە ئاپتونوم رايونلوق تەنتەربىيە ئىدارىسى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى قارار قىلىپ ياش تىرىنىر پەرھات ئەزىمەتنى شىنجاڭ ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرىنىرلىقىغا بەلگىلىدى. مەملىكەت ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئەكرەم شۈبھىسىزلا بو قېتىمقى تەشكىللىگەن كوماندىدا ئاساسى نومۇر ئالغۇچى ھۇجۇمچى ئىدى. 3– ئاينىڭ 23– كۈنى شاڭخەي مۇسابىقە رايونىغا بۆلۈنگەن شىنجاڭ كوماندىسى تۇنجى مەيداندا خىنەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئويناپ، مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى مىنوت ئىچىدە ئەكرەم بىر جازا توپ ئۇرۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىدىكى تەييارلىق مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى توپنى كىرگۈزۈشكە ئاساس سالدى. ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى خەينەن كوماندىسى بىلەن 10 نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا كىرىش بىلىتىنى تالشىپ شىنجاڭ كوماندىسى خەينەن كوماندىسىنى نۆلگە قارىشى بىر نەتىجە بىلەن يىڭىپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشالماسلىقتەك تارىخى ئاخىرلاشتى. ئەكرەم بۇ مۇسابىقە جەريانىدا ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ، بىر قىسىم داڭلىق كوماندىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ جۇڭگودىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەنتەربىيە گىزىتى«تەنتەربىيە مۇنبىرى» گىزىتىدە مەخسۇس تونۇشتۇرۇلۇپ يوقىرى باھارلار بىرىلىدى.
  2005– يىلى 10– نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنى جىجياڭدا ئېلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى تۈزۈك نەتىجىگە ئىرىشەلمەي مەملىكەت بويىچە 12– بولغان بولسىمۇ باشقا ئۆلكە رايونلاردىكى پۇتبولچىلىق تەرەققىياتىغا سىلىشتۇرۇپ ئىيتىقاندىمۇ ناھايىتى ياخشى نەتىجە ئىدى. بولۇپمۇ چوڭچىڭ لىفەن قاتارلىق كۇلۇبلار ئارىسىدا ئەكرەمنى تالىشىش رىقابىتى باشلاندى. 2006– يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇتپۇلچىلار جەمىيىتى تەنتەربىيە لاتارىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى پۇتبول كوماندىسى نامىدا كوماندا تەشكىللىدى. ئەكرەم بو كوماندىدىمۇ 10– نومۇرلۇق ھۇجۇمچى كىيىمى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پۇتبول مەستانلىرىنىڭ ئالدىدا نامايەن بولدى2006-يىلى شىىجاڭ لاتارىيە كۇماندىسى مەملىكەتلىك ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە چىقالمىغان بولسىمۇ مەملىكەتتىكى ھەرقايسى پۇتبول مەيدانلىرىدا تېخنىكىسى پىشىپ يىتىلگەن، ماھارىتى ئۆزگىچە ئەكرەم 15 مەيدان مۇسابىقىدە يەتتە توپ كىرگۈزۈپ، ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 2006– يىلى ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 10– نۆۋەتلىك پۇتبولچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى قەشقەردە ئېلىپ بېرىلىپ، ئەكرەم بوقېتىم قەشقەر ۋىلايەتلىك دوختورخانا پۇتبول كوماندىسى تەركىبىدە قەشقەر خەلقىگە ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى يەنە بىر قىتىم نامايەن قىلىدى. ھەمدە ئۆزىنىڭ نەچچە يىللىق تىشچانلىقى ۋە بو مۇسابىقىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ تۇنجى پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالىنىپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن، پۇتبولچىلىق ھاياتى جەريانىدا ئېلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن شان – شەرەپلەردىن بەھرىمان بىر پۇتبولچىغا ئايلاندى.2007-يىلى يىڭىدىن تەشكىلللەنگەن شىنجاڭ لاتارىيە پۇتپۇل كۇماندىسى ئەكرەم باشچىلىقىدىكى يىگىتلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئارقىمۇ-ئارقا غەلبىلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ،كۇچلۇك بولغان شاڭخەي دوڭيا.تىيەنجىن پاراۋۇز كۇماندىللىرىنى يىڭىپ شىمالى رايۇندا ئالدىنقى رەتنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ9-ئاينىڭ 22-كۇنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق مۇسابىقىدە شاڭخەي دوڭيا كۇماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويوپ،شىمالى رايۇن بۇيىچە ئىككىنچى چىقىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بىۋاستە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولدىن كەتكۇزۇپ قويدى.بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئەكرەم ئەڭ كۇپ تۇپ ئۇرغۇچى بولوپ شىىجاڭ كۇماندىسىدىكى يادرۇلۇق ئۇرنىنى يەنە بىر قىتىم نامايان قىلدى.2008-يىلىدىكى مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە ئەكرەم قاتنىشالمىدى.كۇچلۇك ھۇجۇمچىسىدىن ئايرىلغان شىنجاڭ كۇماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ب دەرجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار نەتىجگە ئىرىشىپ ،توپ مەستانىللىرى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى شىنجاڭ كۇماندىسى ۋە ئەكرەمنى ياد ئىتىشىتى.2009-يىلى شىنجاڭ كۇماندىسى ب دەرجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتناشمىدى.دىيارىمىزدا ئۇزى توپ ئوينايدىغان كۇماندا يوق شارائىتتا ئىچكىردىكى كۇماندىلاردا توپ تىپىش ئۇنىڭ ئاخىرقى تاللىشى بولوپ قالدى2009-يىلى ئەكرەم مەملىكەتلىك ب دەرجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتناشقان خۇنەن شىياڭ تاۋ كۇماندىسىنىڭ تەكلىۋى بىلەن بۇ كۇماندىنىڭ 9-نۇمۇرىلىق كىيىمىنى كىيىپ جەنۇبى رايۇن مۇسابىقىسىدە 7مەيداندا ئىككى توپ ئۇرۇپ بۇ كۇماندىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشىگە ئۇزىنىڭ تۇھپىسىنى قوشتى،ئەكرەمنىڭ بۇ كۇماندىدىكى تۇنجى توپى 6-ئاينىڭ 20-كۇنىدىكى گۈيجۇ مېڭرى كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدەكىردى.11-ئاينىڭ13-كۇنىدىكى ھەل قىلغۇچ شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدانىدا خۇنەن كۇماندىسىنىڭ رەقىبى پاراۋۇز كۇماندىسى بولوپ خۇنەن كۇماندىسى3قارشى 4 بىلەن دەسلەپكى غەلبىنى قولغا كەلتۇردى11-ئاينىڭ 18-كۇنى يەنبىيەن ئۇنۋىرسىتىتى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئەكرەم بىر توپ كىرگۇزۇپ كۇماندىنىڭ تۇت كۇچلۇكلەر ئىچگە كىرىشىگە ياردەم قىلدى ،11-ئاينىڭ 24-كۇنى خۇنەن كۇماندىسى كۇچلۇك رەقىبى بىيجىڭ باشى كۇماندىسى بىلەن كىلەركى يىللىق ئا دەرجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە چىقىدىغان ساننى تالىشىپ كەسكىن تىركەشتى،بىرىنجى مەيدان مىھمان كۇماندا سالاھىتىدە خۇنەن كۇماندىسى 3قارشى 1بىلەن ئارقىدا قالغان شارائىتتا ئەكرەمنى مەيدانغا چىقاردى،ئەكرەم ئارقىمۇ ئارقا ئىككى توپ ئۇرۇپ،خۇنەن كۇماندىسىنىڭ نەتىجىسىنى تەڭلەشتۇردى،ئەمما يەنە بىر توپ كەتكۇزۇپ قويوپ يىڭىلىپ قالغان بۇلسىمۇئەكرەم قىممەتلىك ئىككى توپنى قولغا كەلتۇردى،بارلىق ئۇمىت ئىككىنجى مەيدان مۇسابىقىدە قالغان ئىدى.11-ئاينىڭ26-كۇنىدىكى مۇسابىقىدە خۇنەن كۇماندىسى يەنەئىككى توپ ئارقىدا قىلىپ ئۇمۇمى نەتىجە 6گە قارشى 4 بولوپ قالدى.ھالقىلىق شارائىتتا ئەكرەم يەنە مەيدانغا چىقىپ ئارقىمۇ-ئارقايەنە ئىككى توپ ئۇرۇپ ئۇمۇمى نەتىجىنى يەنە تەڭلەشتتۇردى.ئارقىدىن خۇنەن كۇماندىسى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ بۇمەيدان مۇسابىقىسىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۇرۇپلا قالماي يەنە كىلەركى يىللىق ئا دەرجىلىكلەر مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىتىنى مۇددەتىن بۇرۇن ھازىرلىدى .بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىدا ئەكرەم تۇت توپ كىرگۇزۇپ،خۇنەن كۇماندىسىنىڭ ئا دەرجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىكى ئەڭ چوڭ تۇھپىكارىغا ئايلاندى.ئەكرەمنىڭ ماھارەت كۇرسىتىشى تىخى ئاخىرلاشمىغان ئىدى.ئەڭ ئاخىرقى چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى خۇنەن كۇماندىسى بىلەن خۇبىي كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى.ھەر ئىككىلا كۇماندا ئا دەرىجىگە چىقىپ بۇلغان بۇلسىمۇ بۇ قىتىمقى مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن قاتتىق تىركەشتى.خۇنەن كۇماندىسى يەنە ئارقىدا قالغان شارائىتتا ئەكرەمنىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن ئىككى كۇماندا تەڭلىشىپ نۇقتا توپ ئارقىلىق چىمپىيۇنلۇق بىكتىلدى.ئەكرەم قاتارلىق ماھىرلارنىڭ نۇقتا توپنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۇرۇشى بىلەن خۇنەن كۇماندىسى خۇبىي كۇماندىسىنى3كە قارشى 5بىلەن يىڭىپ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۇتۇرۇشتى.ئەكرەم ھەل قىلغۇچ ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە يەتتە تۇپ ئۇرۇپ ئەڭ كۇپ تۇپ كىرگۇزگۇچى بولوپ قالدى.خۇنەن كۇماندىسى ئا دەرجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە چىققاندىن كىيىن يەنە داۋاملىق ئەكرەم بىلەن تۇختام تۇزمەكچى بولسىمۇ ئەكرەمنىڭ خىزمەت ئورنىدىن ئالغان ۋاقتىنىڭ توشوپ قىلشى بىلەن ئەكرەم كۇماندا بىلەن توختام تۇزمەي ئۇرۇمچىگە قايتىپ كەلدى.ئەمما ئەكرەمنىڭ ئىسمى خۇنەن كۇماندىسىنىڭ توپ مەستانىللىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۇلۇك قالغان ئىدى .ئەكرەمنىڭ دۆلەتلىك كوماندىدا توپ ئويناش، ئىچكىرىدىكى دەرجىدىن تاشقىرى كۇلۇبلارغا كىرىش قاتارلىق ئارزۇلىرى تىخى ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا شىنجاڭدىكى توپ مەستانلىرىنىڭ قەلبىدە بىر كىشلىك ئورۇنغا ئىگە.

مەنبە:ھۇررا پۇتبول مۇنبىرى ئارچا ئەپەندىم نەشىرگە تەييارلىغان (دىيارىمىز پۇتبۇلچىلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى)دىن قىسقارتىپ بىرىلدى
http://www.urraclub.com/bbs

*ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر، ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال. قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى، ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.

مۇھەببەت ھەم ئاچ

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 941
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3934
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 4332 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-1 03:03:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  alzaman كە 2011-07-29 07:47 PMئەۋەتىلدى  :
ئەپسۇس بۇ قىتىمقى دۆلەت كوماندىسىغا ئادەم تاللاشتا ،بارى بىلەن نۇرەخمەتكە ئورۇن تەگمىدى دە ،ھەر ئىككىلىسى بەك ئۈمىدلىك توپچىلاردىن ئىدى.

كىشلەرنىمە كويدا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36021
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1598 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-1 06:27:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلىسام تاشقى پىلانىتتا توپ تىپىپ ئۇيغۇرنى تاشقى پىلانىتقا تونۇتقىدەكقۇ.قىنى مۇنبەردىكى مىللەتپەرۋەرلەر بەس-بەستە سايراڭلار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش