مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6031|ئىنكاس: 5

سانغۇن2 :ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

www.oYunchi.com

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13007
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9420
تۆھپە نۇمۇرى: 961
توردا: 645 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 05:04:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھەۋەسكار تورىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار ، كەچلىڭىلار خەيرىلىك بولسۇن .    ئىلگىرى تارىخ كىتابىمدا  ياپونىيە ئارىلىدا شوگىنات ئىسىملىك بىر قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇلغان دېگەندەك قۇرلارنى ئوقىغىنىمدا  ياپونىيەدە جەڭ بولغىدەك نېمىش بادۇ دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن (ياش كىچىك بولغاندىكىن شۇ ئويلاپ بولالمىغان گەپ )  ، ئەمما ھازىر ئۇقتۇمكى ئەينى ۋاقىتلاردا يەرشارىنىڭ ھەممە يېرىدە ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە ئۇرۇش ئوتىغا كىرىپ كېتىپتىكەن ...    بۇ ئويۇننى ئوينايمەن دەپ يۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولغانتى ، ئەمما شۇ سەپلىمىسى ۋە ئويۇننىڭ سىغىمى سەل بېشىمنى ئاغرىتقاچقا چۈشۈرۈشنى ئېغىر كۆرۈپ چۈشەمىگەنتىم ، ئالدىنقى ھەپتە ئويۇننى چۈشۈردۈم ھەم ئويناپ  باققاندىن كېيىن ئېنتايىن ياخشى بىر ئويۇنلىقىنى ھېس قىلدىم ..  شۇڭا بۈگۈن مۇنبەرگە تېما يوللاشقا ئىلھام كەپقاپتىكەن ، كەچ بولغىنىغا قارىماستىن بۇ ئويۇننى يوللاۋاتىمەن ..  قېنى كۆرۈپ باققايسىلەر .....



ئويۇن ئىسمى:   سانغۇن 2 : ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش   
ئىنگىلىزچە ئىسمى :  Shogun2  : Total War
ئويۇن تارقىتىلغان ۋاقىت :2011-03-15
ئويۇن تىپى: ئىستىراتىگىيە ئويۇنى RTS
ئويۇن سۇپىسى : PC
ۋاكالەتچى شىركەت : SEGA
ئويۇن ياسىغان شىركەت : Creative Assembly

ئويۇننىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى :
  ‹‹ سانغۇن 2›› دېگەن ئويۇن تەسۋىرلەنگەن دەۋىر 16ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدىكى ياپونىيە ئۇرۇش دەۋرى بولۇپ ،  بۇ دەۋىردىكى ياپونىيە نۇرغۇنلىغان داڭلىق سانغۇنلار ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ، ھەمدە بۇ سانغۇنلار ئارىسىدا زېمىن ۋە ياپونىيە ئارىلىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئىرىشىش ئۈچۈن ، توختىماستىن بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشىش تەسۋىرلەنگەن .  ئويۇندا سىز ئۇرۇش دەۋرىدىكى بىر داڭلىق سانغۇن بولىسىز ،   قوشۇن تەشكىللەش ، دېپلوماتىيە ، ئىقتىساد ، قەستلەش قاتارلىق ۋاسىتلەر بىلەن ئاخىرىقى غەلبە نىشانىغا يىتىسىز .  سىزنىڭ نىشانىڭىز تۆت خىل بولۇپ : دۈشمىنىڭىزنىڭ جەمەتىنى يۇقىتىش . ئۆزىڭىزنىڭ جەمەتىنى 70 يىلغىچە ئامان-ئېسەن قوغداش .   ياپونىيە ئارىلىدىكى 40 نەچچە كىچىك  ھۆكۈمرانلىقنى ئىگىلەش.   ياپونىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش .     ئويۇندا سىز توققۇز كۈچلۈك ھۆكۈمران سانغۇنلارنى تاللايسىز .

ئۆزۈمنىڭ قىسقىچە ھېسياتىم :
     مەن بۇ ئويۇننى ئويناش ئارقىلىق ياپونىيەدىكى ئۇرۇشلارنىڭ ھەقىقەتەن باشقا جايدىكى ئۇرۇشتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندىم .  قانداق دېسىڭىز ، بۇلاردا سامۇراي ئەقىدىسى ناھايىتى كۈچلۈككەن .  ئەڭ قايىل بولغىنىم  سامۇرايلار .  سامۇرايلار يېقىن ئارلىقتىكى يۈزمۇيۈز جەڭدە ناھايىتى ئۈستۈنلۈكنى ئېگلەيدىكەن .  ھەربىر كۈچلۈك سانغۇننىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى باركەن .  مەن بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھېسىياتىمنى سۆزلەپ ئۆتەي .   مېنىڭ قوشۇنىمدا سانغۇن قوشۇنى (ئاتلىق ) ،  4 چوڭ نەيزىلىك قوشۇن ، 2 چوڭ كاماندازلار قوشۇنى ، 4 چوڭ سامۇرايلار قوشۇنى بارتى (بىر چوڭ قوشۇندا تەخمىنەن 60~120 گىچە ئادەم بار )  .   مەن سانغۇننىڭ قوشۇنلىرىنى ئورمانلىققا يۇشۇرۇپ قويدۇم ، ئاندىن  شەھەر سېپىلىنىڭ كامانداز ئورۇنلاشقان جايىغا 1 چوڭ نەيزە قوشۇنىنى يېقىنلاشتۇردۇم ھەمدە شەھەر ئىشكىنى كۆيدۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدىم ، ئەلۋەتتە ئۇلار يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقيالار ئالدىغا بېرىشى كېرەك .   2 چوڭ نەيزىلىك قوشۇننى ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئەۋەتىش ئۈچۈن ، تاغ تۆپىلىكىدىن تىزلىكتە چۈشۈرۈش ئۈچۈن  تىزىپ قويدۇم . ئاندىن 4 چوڭ سامۇرايلا قوشۇنىنى يۆتكەپ شەھەر سېپىلىنى ئايلىنىپ ، يان تەرەپتىن شەھەر سېپىلىغا ياماشتىم ، ئىچىدىكى چارلاۋاتقان 1 نەيزىلىك قوشۇننى سامۇرايلار بىلەن يەر چىشلەتكەندىن كېيىن ،  شەھەر دەرۋازىسى ئوت كېتىپ كۆتۈپ ئېچىلىپ كەتتى ، ئاندىن تاغدىكى ئادەملىرىمنى شەھەر دەرۋازىسىغا قاراپ يۈگۈرۈپ ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇدۇم .  ئاندىن سامۇرايلىرىم بىلەن شەھەر ئىچىدىكى سامۇراي ۋە باشقىلار بىلەن جەڭ قىلدىم ، جەڭدە يارلىنىپ قاچقانلار ئۆز كۆڭلىدە ئورمانلىققا قاچساق قۇتۇلىمىز دەپ قالغان چېغى ، ئۇلارنىڭ بۇ ئۈمىدى بىتچىت بولدى ، ھېلىقى ئورمانغا يۇشۇرۇپ قويغان سانغۇن قوشۇنىم شىددەت بىلەن نەرە تارتىپ بۇ قاچاق  قۇشۇننى قىرىپ تاشلىدى.  ئۇرۇشتا دۈشمەن تەرەپ ئىنتايىن چوڭ زىيان تارتتى .  كاماندازلىرى ئىشتىنىغا سىيىۋەنكەندە قاراپلا تۇرۇپ قېلىپ ، قىلىچلىرىنى سۇغارغۇچە سامۇرايلىرىم تەرىپىدىن قىرىپ تاشلاندى . ئۇلارنىڭ شەھەر ئىچىدىكى ئاتلىق ئەسكەرلىرى مېنىڭ نەيزىلىك قوشۇنىمغا يەم بولدى  (ئاتلىقنى نەيزىلىك بىلەن جايلاشنى كىنودىن ئۆگىنىۋالغان ، ئويۇندا تازا ئەسقاتتى ... ھىي ھىي ھىي  {-_-) O)_(O  !!!       
تەۋسىيەرىم ئويۇننى ئويناپ بېقىلار ...

    ئويۇن سەپلىمىسى :
ئەڭ تۆۋەن تەلىپى:  
    مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ : 2Ghz Intel  قوش ئۆزەكلىك CPU  ياكى 2.6Ghz  Intel  تاق ئۆزەكلىك CPu
    ئىچكى ساقلىغۇچ :  Win Xp دە 1GB  ۋە  windows 7 /Vista  دا 2GB بولىشى شەرت .
    كۆرسەتكۈچ كارتا : 256mb  كۆرسىتىش ئېنىقلىقى بولغان ، DirectX9.0c  قوللايدىغان كۆرسەتكۈچ كارتا
    ئېكران كۆرسىتىش ئېنىقلىقى : 768*1024  
قاتتىق دېسكا تەلىپى: 20GB ئەتىراپىدا  (چۈنكى ئويۇننىڭ قاچىلاش ھۆججىتى 10GB ئەتىراپىدا كىلىدۇ ).

تەۋسىيە سەپلىمى تەلىپى
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ :  Intel ئىككىچى ئەۋلاد I5 CPU ۋەياكى ئۇنىڭدىن ياخشىسى ياكى ئوخشاش سۈرئەتتىكى AMD  CPU
ئىچكى ساقلىغۇچ : Windows Xp 2GB , Windows 7/Vista 4GB  بولسا ناھايىتى ياخشى ئوينىيالايسىز .
كۆرسەتكۈچ كارتا : AMD Radeon HD 5000 ياكى 6000 تپىلىق كۆرسەتكۈچ كارتىلارۋەياكى ئوخشاش تىپتىىكى DirectX11 قوللايدىغان كارتىلار .
ئېكران ئېنىقلىقى:  1024*1280
قاتتىق دېسكا تەلىپى : 20GB

ئويۇننىڭ چۈشۈرۈش ئادېرىسى :   
ئويۇن يامىقىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
يامىقىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاپتۇماتىك چۈشۈرۈش ئادېرىسى ئۇلىنىدۇ ، ئەگەر ئۇلانمىسا ياماق ھۆججىتىنى قوش چەكسىڭىز بولىدۇ . چاقماق چۈشۈرۈگۈچتە چۈشۈرشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .  
  
  ئويۇن رەسىملىرى  :






















































































تىخىمۇ نادىر ئويۇنلار ئويۇن ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدا!
www.hawaskar.net

ئويۇنچىلار كۇلۇبى: http://oyunchi.com/

يىلان يىلاننى يە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53815
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3080
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 336 سائەت
تىزىم: 2011-8-29
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 06:08:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن پەقەتلا قىزىقمىدىم. ئوينايدىغانلار بولسا ئويناۋەرسۇن. لىكىن ئەجىرىڭىزگە رەخمەت

دىل ئازارى،خۇدا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4825
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11379
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 1152 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 08:54:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يوللاپسىز،مەن چۈشىرىۋالاي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56697
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3005
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2011-9-16
ئاخىرقى: 2011-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 09:03:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ ئۇيۇننى ياقتۇرىمەن. توكوگاۋا جەمەتىنى تالاپ ئوينىغان ئىدىم.

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4525
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8711
تۆھپە نۇمۇرى: 397
توردا: 767 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 03:54:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئويۇننىڭ ئوينغىدەك نەرى با ؟؟ مەنمۇ قىزىقمايمەن :qiray17

مەرگەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92505
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 362
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2014-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 08:25:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
真的牛,双手赞成,谢谢了












完美芦荟胶价多少钱
美芦荟胶怎么样      

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش