|
|
|
|
پـىـنـھـان سـېـغـىـنـىش '
جېنىم،يازنىڭ ھېلىقى ئىللىق ئاخشىمى كۆل بويىدا چەكسىز مۇڭلار ئىلكىدە ماڭا شۇنداق بىر سوئال قويغىنىڭ ئېسىمدە:"سېغىنىش دېگەن نىمە؟"شۇئان ۋۇجۇدۇمنى قاپلىغان رەشىك ئوتلىرى تېخىمۇ لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىغان ئىدى،لېكىن ساڭا سەزدۈرمەستىن "بەلكىم سېنىڭ بىراۋنى ھەر ۋاقىت ئەسلىگىنىڭ بولسا كېرەك"دېدىم.سەن بولساڭ ھەسرەت ئىلكىدە ئاچچىق كۈلدۈڭ،"كىچىك بالا،بىلمەيسەندە،لكىن ئۇلۇغ ئاللا ساڭا سېغىنىش دېگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلدۈرمەيلا قويسۇن بولدى"شۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئىككىمىز ئۇزاق جىمىپ كەتتۇق.سېنىڭ كىمنى سېغىنغانلىقىڭنى،كىمنى ئۇنتۇيالماي ھەر دەقىقە ھەسرەت شارابىنى ئىچىپ ئازابلىنىۋاتقىنىڭنى بىلىپ تۇراتتىم.بەزىدە چاندۇرماسلىققا تىرىشىپمۇ قوياتتىڭ،لېكىن ھەر بىر سۆزۈڭ،ھەر بىر تىنىقىڭ،ھەر بىر ھەركىتىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىڭنىڭ قىلچىمۇ سۇسلىمىغىنىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.
شۇ چاغدا ساڭا شۇنداق دېگۈم بار،سېغىنىشنىڭ نىمىلىكىن بايان ئەيلىگۈم بار ئىدى.لېكىن سەن مېنى كىچىك بالا دەپلا ئويلايتتىڭ،سېنىڭ نەزىرىڭىدە سۆيگۈ مۇھەببەت،دىلغا تالىق شېرىن تۇيغۇلار مەن ئۈچۈن تولىمۇ يات بولغان نەرسىلەر ئىدى.لېكىن سەن بىلمەيتتىڭ،مەندىمۇ نازۇك بىر يۈرەكنىڭ بارلىقىنى،سۆيىدىغان،سۆيۈلۈشكە تەشنا بىر يۈرەكنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتىڭ.سەن ئۇنى قانچە سېغىنغانسىرى رەشىك ئوتلىرى شۇنچە ئۇلغۇيۇپ باراتتى،ساڭا بولغان مۇھەببىتىممۇ شۇنچە كۈچىيەتتى.
ساڭا دەيمۇ جېنىم.سەن كۆرەلمەيدىغان،بەلكىم مەڭگۈ كۆرمەيدىغان خاتىرەمگە ساڭا بولغان سېغىنىشنىڭ سۈرىتىنى قانداق سىزغىنىمنى دەپ بېرەيمۇ: بىر قىز،خىيالى،پۈتكۈل خىيالى پەقەتلا سەندە،سېنى كۆرمىسە بىر نەرسىسىنى يوقۇتۇپ قويغاندەك تەقەززا بولىدۇ،تېلىفۇنىغا نەچچە رەت قارايدۇ،بۇمۇرىڭنى نەچچە رەت باسىدۇيۇ ھەرگىزمۇ يېشىل كۇنۇپكىنى باسالمايدۇ،ساڭا نەچچە رەت ئۇچۇر يازىدۇيۇ بىرسىمۇ ئەۋەتىلمەيدۇ،سەن بىلەن يېزىشىپ قالغان كونا ئۇچۇرلارنى قايتا قايتا ئوقۇيدۇ،بىرەر قېتىم جۈرئىتى غۇرۇرىنى غالىپ كېلىپ ساڭا ئۇچۇر قىلىپ سالغىنىدا سېنىڭ قايتۇرۇشۇڭنى كۈتۈپ ۋۇجۇدى ئوت بولۇپ يانىدۇ،سېنىڭ ئاددىلا قايتۇرغان ئۇچۇرۇڭنى كۆرگەندە بولسا قۇرىغان گۈلدەك سولىشىدۇ،خىيالىغا كەلمىگەن خىياللار كېلىدۇ،گۇمان زىندانىغا ئۆز رازىلىقى بىلەن مەھكۇم بولىدۇ...
سېنىڭ QQرىڭنىڭ توردا ياكى ئەمەسلىكىگە قايتا قايتا قارايدۇ،تورغا چىقىپ قالساڭ يۈرىكى ئىختىيارسىز تىپەچەكلەيدۇ،لېكىن سېنىڭ QQرىڭ ھەرگىزمۇ ئۇ قىزنىڭ ئىكرانىدا سەكرىمەيدۇ،قىز بولسا چەكسىز ئىزتىراپ ئىچىدە كۈتىدۇ يەنە كۈتىدۇ...
سېنى كۆرمىگەندە سېغىنسۇن،سېنى كۆرگندىمۇ يەنە سنى سېغىنىدۇ،پەرۋاسىز قىياپەتكە كىراۋالسىمۇ....
ئاھ خۇدا،يەنە يېزىۋېرىشكە بەرداشلىق بېرەلمىدىم جېنىم.ياق ياق.مەن خاتا ئويلاپتىمەن.ساڭا بولغان سېغىنىشنىمنى قەلەم بىلەن ھەرگىزمۇ ئىپادىيەلمىگىدەكمەن.ھەرگىزمۇ...
سېنى كۆرسەم كۈلىدۇ بەختىم.
سەن سۆيۈملۈك جانانىم تەختىم
زارلانمىسۇن دەردىڭدە يۈرەك،
ئازاب بىلەن بۇ مىسكىن قەلبىم.
ئۇف،تۇنۇش ناخشا يەنە قۇلاق تۈۋىمدە يايرىدى،بىلەمسەن.مۇشۇ كۈنلەردە ناخشا ئاڭلىساملا ھەممىسى مەن ئۈچۈن ئوقۇلغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن.مېنىڭ ئاھىم.مېنىڭ تۇيغۇلىرىم.ساڭا مەڭگۈ دىيەلمەيدىغان.سەن مەڭگۈ بىلەلمەيدىغان شۇ تۇيغۇلىرىم...
كۆز ياشلىرىم يەنە تۆكۈلۈشكە باشلىدى،توۋا،قانداق غەمسىز قىز ئىدىم.سەنمۇ ماڭا مېنىڭ مۇشۇ غەمسىزلىكىمگە شۇنداق زوقۇڭ كېلىدىغانلىقىنى دائىم ئېيتاتتىڭ ،توغرا بۇرۇن راستىنلا شۇنداق غەمسىز ئىدىم.لېكىن ھازىرقى غەمسىز تۇرقۇمغا ھەرگىز ئىشەنمە جېنىم.ئۇ پەقەت غۇرۇرۇمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان سۆيۈملۈك كىيىمى خالاس.سېنىڭ ئالدىڭدىكى شۇ بىپەرۋالىق،غەمسىزلىكنىڭ ئارقىسىغا قانچىلىك ئىزتىراپ،ئازاب يوشۇرۇنغىنىنى بىلسەڭ ئىدى...
سېنى قاچانلاردا بۇنچە ياخشى كۆرگىنىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن.بەلكىم سەن بىلەن تۇنجى تونۇشقاندا باشلانغاندۇ،ۋە ياكى سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىڭنىڭ يۈرەكنى تىترەتكۈدەك ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن باشلانغاندۇر...مېنىڭ بۇلارنىمۇ ئويلىغۇم يوق،ئويلىساممۇ نىمە پايدىسى...يۈرۈكۈم يەنە ئاغرىشقا باشلىدى،توۋا،بۇرۇنلاردا باشقىلار يۈرۈكۈم ئاغرىدۇ دېسە قانداق ئاغرىيدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم.ئەمدى بىلدىم جېنىم.ئۇ شۇنداق ئاغرىق ئىكەنكى...
پىكىرلىرىم يەنە قالايمىقانلىشىشىقا باشلىدى،بەزىدە ساڭا شۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ كېتىمەن.سەن پەرۋاسىز،سېنىڭ پەرۋاسىزلىقىڭ مېنى تېخىمۇ ئازابلايدۇ،يۈرۈكۈم جۇدۇندا قالغان ياپراقتەك غال غال تىترەيدۇ،سېنى ئاچچىق،ئۇيۇلۇش ئىچىدە ئەسلەيمەن.كېيىن سېنىڭ بىرەر ئۇچۇرۇڭ.بىرەر تېلفۇنۇڭ ھەممىنى يىراقلارغا ھەيدەيدۇ،توۋا،باشقىلارغا خېلى قېيدىيالايمەن،بىر ساڭا قېيدىيالمايدىغىنىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران...سەن ئۈچۈن قىلىپ يۈرگەن ئىشىلىرىمنى ئويلىسام ئۆزەمگە شۇنداق ئىچىم ئاغرىپ كېتىدۇ،كۆڭلۈڭ يېرىم بولۇپ قالغان چاغلاردا ساڭا ئېيتىپ بېرىمەن دەپ تەييارلىغان يۇمۇرلار،ئەلۋەتتە،سەن ھەرگىزمۇ مېنىڭ يۇمۇرۇمغا كۈلمەيتتىڭ،پەقەت مېنىڭ يۇمۇرنى ئۆزەم ئيتىپ بولۇپ ئۆزەم كۈلۈپ كېتىشلىرىمگە قاراپ مېنى مازاق قىلىپ كۈلەتتىڭ،بەك ئوماق سەن ھە دەپ قوياتتىڭ،مەن شۇنىڭغىمۇ رازى ئىدىم.مەيلى ئەمەسمۇ،شۇ ئارقىلىق،مېنى مازاق قىلىش ئارقىلىق ئازابىڭنى ئازراق بولسىمۇ ئۇنۇتساڭ،ئۇنى خىيالىڭدىن ئازراق بولسىمۇ يىراق قىلساڭ...
ئېسىڭدىمۇ؟سەن ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلغان شۇ كۈنى قاتتىق ھاراق ئىچىپ ماڭا تېلفۇن قىلىپسەن،نىمىلەرنى دېگىنىڭنى قايتا ئەسلىگۈم يوق،چۈنكى گەرچە ئۇنى ئەيبلەۋاتقاندەك قىلساڭمۇ لېكىن مەن ھېس قىلالايتتىم.ئۇنىڭغا بولغان ئوتلۇق قەلبىڭنىڭ،مۇھەببىتىڭنىڭ قىلچىمۇ ئازلىمىغانلىقىنى،چەكسىز قىيالماسلىقىڭنى...
شۇ چاغدا تېلفۇننى قويۇپ ئۇزاق يىغلىدىم.ئۆزەمگە ئىچىم ئاغرىپ ئەمەس،رەشىك ئوتىدا پۇچۇلىنىپمۇ ئەمەس.ساڭا ئىچىم ئاغرىپ يىغلىدىم.سەن ئازابلانساڭ بولمايتتى،سەن سۆيگۈ ھەسرىتىگە چۆمۈلسەڭ بولمايتتى،ھەيران ئىدىم،ئۇ خېنىمنىڭ سەندەك بىرىنى قەدىرلىمىگىنىگە،سېنىڭ سۆيگۈڭدەك ئوتلۇق سۆيۈشنىڭ مېھرىدىن كېچەلىگىنىگە ھەيران ئىدىم.شۇ چاغدا ئۇنىڭغا قانچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتكىنىمنى بىلەمسەن؟سىلەر يۈرىۋاتقاندىمۇ ئۇنىڭغا ئۇنچىلىك ئۆچلۈك قىلمىغان ئىدىم.لېكىن ئۇ ئايرىلىپ سېنى ئازابقا قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتتىمكى...
كۈلگۈم كېلىدۇ،ئادەتتە ھەر كۈنى كەچتە توردا بار ئىدىڭ.بىرەر كۈنى سېنىڭ QQرىڭنىڭ يورىمىغانلىقىنى كۆردۈممۇ بىر كېچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيتتى،نەدىدۇ؟نىمىش قىلىۋاتقاندۇ دەپ،ئەلۋەتتە شۇنچە ئىزتىراپلانساممۇ سەندىن سورىيالمايتتىم.بىراق ئەتىسى بىر نىمىلەرنى دەپ سېنىڭ نىمىش قىلغىنىڭنى بىلىۋالاتتىم.بەزىدە ساقچى دەپ قوياتتىڭ مېنى،"يائاللا،ھېلىمۇ سەن مۇھەببتىم بولۇپ قالماپسەن،بولمىسا تولا سوراق قىلىپ جېنىمنى چىقىراتتىڭكەن."شۇنداق چاغلاردا كۈلۈپلا قوياتتىم.ئېيتە جېنىم؟ئاچچىق كۈلۈشتىن باشقا يەنە نىمە قىلالايتتىم...
سېنىڭ كۈلۈشلىرىڭ،سېنىڭ چېچىڭنى قولۇڭدا تاراپ قويۇپ مەغرۇر مەغرۇر مېڭىشلىرىڭ،مېنى قەستەن تېرىكتۈرۈپ قويۇپ دومسىيىشلىرىمغا قاراپ ئەسكى كۈلۈشلىرىڭ...قانداقمۇ ئۇتالايمەن جېنىم.قانداقمۇ ئۇنتالايمەن؟
ھېلىقى چاغ ئېسىڭدىمۇ؟ئىككىمىز ساپمۇ ساق بىر ھەپتە ئالاقە قىلمىدۇق،بىلىمەن،سەن ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قالغان ئىدىڭ،ئالدىنقى قېتىم ئۇ قىز بىلەن يەنە يارىشىپ قالساڭ مەن سەن بىلەن ھازىرقىدەك ئاكا سىڭىل بولۇپ يۈرمەيمەن بولدى،دېگەن گېپىمنى بەك ئاڭلىغان ئوخشايسەنكەن،سېنى ھەرگىزمۇ ئۇ قىزنى ئۇنتۇپ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالسا دەپ ئويلىمايتتىم،چۈنكى ئىككىمىزنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ماڭا ئايان ئىدى،سېنىڭ نەزىرىڭدە مەن بىر سىڭىل خالاس،كىچىككىنە بىر سىڭىل.سەن ھەم ئايرىلالمايدىغان.ھەم خالىغان ۋاقىتتا يىراق كېتەلەيدىغان بىر سىڭىل.ئەلۋەتتە ،بىر ھەپتىدىن كېيىن ماڭا تېلفۇن قىلىپسەن،ئۆزۈڭنىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيان بەكمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكىنىڭنى ئېيتىپ...سەنمۇ ئۇنىڭ گېپىنى قىلمىدىڭ،مەنمۇ ھەم سورىمىدىم.بىز يەنە بۇرۇنقىدەك ئىدۇق،لېكىن ئىككىمىزگە ئايان ئىدى،بۇرۇنقىدەك ئېچىلالمىدۇق،چۈنكى ئۇ بار ئىدى،مەن سەن ئۈچۈن نەپرەتلەنگەن،لېكىن سەن يەنە شۇنچە چوڭقۇر مھىر بىلەن سۆيگەن ئۇ بار ئىدى.ھېس قىلدىڭمۇ؟شۇ چاغدىكى جىمىپ كېتىشلىرىمدىن ...ياق،سەندىن بۇنى ھېس قىلىشنى كۈتمەسلىكىم كېرەك ئىدى جېنىم.
ئەلۋەتتە،مەن يەنە ساڭا تەسلىم بولدۇم.بىر كۈنى تاماق يەپ كېلەيلى دېدىڭ،مەن دېگەن ۋاقىتتا باردىم،ئۇنىمۇ چاقىرىپسەن.بىلىمەن.بۇرۇندىنلا مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوست بولۇپ قېلىشىمنى ئۈمۈد قىلاتتىڭ.ئۇمۇ شۇنداق قىزغىن،مەنمۇ چىرايلىق ئېچىلىپ ئولتۇردۇم،ئىككىڭلارنىڭ بىر بىرىڭلارغا ئامراقلىق قىلىشىڭلارغا قاراپ قانچىلىك بىئارام بولغىنىمنى بىر ئۆزەم بىلىمەن.رەشىك ئوتىمۇ،ئاچچىقمۇ...قارىساممۇ ئۇ قىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئۆزگەرگەندەك،سېنىمۇ تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغاندەك،ساڭا بەخت تىلىدىم،قانداق قىلىمەن،سەن بولساڭمۇ بەختلىك بولغىن جېنىم،ئۇ قىزغىمۇ ئىنساپ تىلەيمەن ئەلۋەتتە.
ئۇف،يۈرۈكۈم،كۆز ياشلىرىم.باشقىلار دەيدىكەن،ھىجران ئازابى تارتقاندىكى يۈرەك ئاغرىقىمۇ بارغانسىرى بىلىنمەس بولۇپ قالىدۇ،يۈرەك ئاغرىۋەرسە ئاغرىقنى ھېس قىلالماس بولۇپ قالىدۇ دەپ،لېكىن مەن ئۇنداق ئەمەس.ئۆزەمنى تېخى قاتتىق تارتمىغان ئوخشايمەن ئازابنى دېدىم ئۇ گەپلەرگە قاراپ،چۈنكى سېنى ھەر ئويلىغان مىنۇت مېنىڭ يۈرۈكۈم ئاغرىيدۇ،تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز....
توغرا.ئۇ كۈنى مېنىڭ ئېزىلىپ يىغلاشلىرىمغا قاراپ نىمە قىلارىڭنى بىلەلمەيلا قالدىڭ،توغرا.ھەر كىم كۆرسە ھەيران قالاتتى،"بولدى ،يىغلىما،سېنى بۇنچىۋالا خاپا بولار دەپ ئويلىماپتىمەن.كىچىكلىكىنى تاشلار ئەمدى.بۇنچىلىك ئىشلارنى توغرا چۈشىنەر دەپتىمەن"توغرا، جېنىم.سېنىڭ ئويلىغىنىڭ توغرا،بۇ ئەسلى يىغلايدىغان ئىش ئەمەس ئىدى،لېكىن...ساڭا چۈشەندۈرۈش مۇمكىنمۇ؟مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن،باشقىلارنى ھەرگىزمۇ قەلبىمگە سىغدۇرالمايمەن دېيەلەمتىم؟ئۇ دۇستۇڭنى مەن ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىمەن.ياق.ئامراقمەن.سېنىڭ دوستۇڭ ئەمەسمۇ.لېكىن دوستۇڭنىڭ ماڭا بولغان كۆڭلىنى سېنىڭ ماڭا يەتكۈزۈپ كېلىشىڭ ماڭا قانچىلىك زەربە بىلەمسەن؟ساڭا "ئۇ سېنىڭ گېپىڭنى بەك ئالىدۇ،دەپ باقساڭ،مەن ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن ئاداش"دەپتۇدەك،سەنمۇ ئۇ دوستۇڭنىڭ ئېسىل،ئوبدان بالىلىقىنى بىلگەچكە مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇپ قېلىشمنى ئۈمۈد قىلىدىكەنسەن.گېپىڭ تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا شۇنداق قاتتىق يىغلاپ كەتتىم.بەلكىم سېنىڭ سۆزلىرىڭ مېنىڭ سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدىغانلىقىمدەك بۇ رىئاللىقنى ،مەن ئېتراپ قىلىشنى خالىمايدىغان بۇ رىئاللىقنى ماڭا بىلدۈرۈپ قويغىنى ئۈچۈن بولسا كېرەك.ۋە ياكى ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان بىرسى مېنى باشقا بىرسىگە سايە قىلسا ئۇۋالچىلىق ھېس قىلغىنىمدۇ...ئىشقىلىپ ئۆزەممۇ بىلمەيمەن.سەنمۇ قورقۇپ كەتتىڭ،نىمىشقا يىغلايسەن دېگەن سوئاللىرىڭ جاۋاپسىز قالدى.مەنمۇ باشقا بارلىق ۋاقىتلارغا ئوخشاش يىغامغا بىر چىرايلىق باھانە تېپىشنى ئويلايتتىم.لېكىن ھېچنىمە دېيەلمىدىم.كاللامغا ھېچ نىمە كەلمىدى،قورقتۇم.ئېغىز ئېچىپلا مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىمنىڭ سەن ئىكەنلىكىنى دەۋېتىشتىن قورقتۇم.مېنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويدۇڭ....
مۇنۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا ئۆكسۈشتىن تىترەپ كېتىۋاتىمەن جېنىم.توۋا،نىمانداق تۈگىمەيدىغان يىغا بۇ...
ئۆيدە ۋاتىلداپ توختىمايدىغان ئادەم جىمىپلا قالدىم.ئاپام چاقچاق قىلىپ دەپ قويىدۇ،"ھەر تەتىلدە قايتسىڭىز ۋاتىلداپ توختىمايتتىڭىز بالام،ئەجەپ ئارام بولدى قۇلىقىمغا دەپ"مەن كۈلۈپ قويىمەن.ئاپامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ئاچچىق يىغلىۋېتىشتىن ئۆزەمنى ئاران ئاران تۇتۇپ تۇرىمەن.ئەمدى چاندۇرسام بولمايدۇ،ھېلىمۇ بىچارە ئاپامنىڭ خىيالىغا نىمە گۇمانلار كەلدى ئاللا ئۆزى بىلىدۇ،تۈنۈگۈن ئاشخانىدا پىياز توغراۋاتاتتىم.ئىنىم قويغان ناخشا ئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى.
مەن بىلىمەن كەلمەيسەن ئەمدى،
بارالمايمەن مەنمۇ ھەم پەقەت،
ئۆكسۈشلەرگە كۆمۈلۈپ قالدىم.
كۈل ئاستىدا چوغدەك مۇھەببەت...
كۆز ياشلىرىم يەنە تۆكۈكۈشكە باشلىدى،ئاپام كىرىپ قالدى،ھېلىمۇ پىياز توغراۋاتقان ئىكەنمەن،پىياز كۆزۈمنى ئېچىشتۈرۋەتتى دەپ قويدۇم.لېكىن يۈرۈكۈم....
سېنى سېغىنىۋاتىمەن.پىنھانلاردا ئۆزۈم يالغۇر سېغىنىۋاتىمەن.سەن بىلەن شۇنچە يېقىنمەنۇ لېكىن قەلبىڭ ھەرگىز ماڭا تەئەللۇق ئەمەس.ئۇ باشقا جانان ئۈچۈن سوقىدۇ.باشقىلار بۇرۇن چېقىشىپ ماۋۇ ئىككىسى ئەجەپ قۇۋۇرغامنى ئەگىدى ئاكام سىڭلىم دىيىشىپ دەپ كەتسە ئىچىمدە چىدىماسلار دەپ قوياتتىم،لېكىن شۇنداق خۇش بولاتتىم.نىمە ئۈچۈن؟دائىم سېنىڭ قېشىڭدا بولالىغىنىنىم،ئىشلىرىڭنى بىرىنچى ۋاقىتتا بىلەلەيدىغىنىم،دەردىڭگە ئازراق بولسىمۇ دەرمان بولالايدىغىنىم ئۈچۈن...
ئەمدى بىلمەيمەن جېنىم.ھېلىقى كۈندىكى ئىشتىن كېيىن سەن بىلەن يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆتەلەمدىم بىلمەيمەن.بىلىمەن،مۇھەببىتىڭمۇ مېنىڭ كەچكىچە يېنىڭدا يۈرىشىمنى خالىمايتتى.ھازىرغۇ تەتىل.مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىنمۇ بۇرۇنقىدەك بولالىشىمىزغا ئىشەنمەيمەن.سېنىڭ ھېلىقى كۈندىكى ئەلچىلىكىڭ بەدىنىمدىكى ھەممە يارىنى ئېغىز ئالدۇرۋەتتى.سېنىڭ ماڭا مەنسۇپ بولماسلىقىڭدەك رىئاللىق ئەمدى مېنى ساڭا يەنە بۇرۇنقىدەك چاندۇرماي ئۆتۈشتىن توسىدۇ،بىلىمەن،قېشىڭغا كەلسەم يەنە چاندۇرىمەن.ئۇنىڭدىن ھازىر ئازابلانساممۇ سېنىڭدىن يىراق يۈرگىنىم ياخشى دەپ ئويلايمەن.
كۈنلىرىمنىڭ قانچىلىك ئازابلىق بولىسى بىر ئۆزەمگە ئايان.سېنى ھەرگىزمۇ ئۇنتالمايدىغىنىممۇ ماڭا ئايان.
قانداق قىلىمەن.
" نىمىشقا كەلتۈردۈڭ كۆلنىڭ قېشىغا،
ئۆزۈڭ كۆڭ قېشىغا كەلمىگەندىكىن،
نىمىشقا يېگۈزدۈڭ تۇزلىغان بېلىق،
ئارقىدىن ئۇسسۇزلۇق بەرمىگەندىكىن "
دەپ سەندىن ئاغرىنايمۇ،ياكى ...
” ئۇنتالمىدىم،
غەمكىن كۈلۈپ ياتقان غازاڭنىڭ،
كۈلكىسىدە تۇرغان باھارنى،
ئۇنتالمايمەن ھامان بىر كۈنى،
مېنىڭ ئۈچۈن ياغقان ئاق قاردا،
سېنىڭ كۈلۈپ كېلىشلىرىڭنى ..."
دەپ ئۆزەمنى بەزلەيمۇ؟!تەقدىر شۇنداق ئوخشايدۇ،سەندىنمۇ،تەقدىردىنمۇ،ئۆزەمدىنمۇ ئاغرىنمايمەن.سېنى خىيالمىدا پىنھان سۆيۈپ ئۆتۈشمۇ مەن ئۈچۈن بەخت.
چىدىمايۋاتىمەن،چىدىمايۋاتىمەن جېنىم.بىلىپ تۇرۇپ ئۆزەمنى قىيناۋاتىمەن،ئازابلاۋاتىمەن.خاتا بەختنى قوغلۇشۇپ قالدىم بىلىمەن.لېكىن ئويلايمەن.ھاياتىمدا سەن بولمىغان بولساڭ ياخشى كۆرۈشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتەرمىدىم دەپ.
سېنى يەنە سېغىنىۋاتىمەن،باشقىلاردەك سېنىڭ ئۇنتۇپ كېتىمەن دەپ ئەسەبىي قەسەملەرنى بېرەلمىدىم.چۈنكى سېنى ھەرگىزمۇ ئۇنتىيالمايدىغىنىم ئۆزەمگە ئايان.بەلكى بۇ يوشۇرۇن سۆيگۈم بارغانسىرى كۈچىيىپ بارار،ساڭا ئۈن تىنسىز بەخت تىلىگەچ ئايسىز كېچىلەردە سېغىنىشنىڭ ئاچچىق يامغۇرىنى تۆكۈپ ئۆتەرمەن.لېكىن ئۆكۈنۈشۈم يوق.سېنى پىنھان سېغىنىش مەن ئۈچۈن ئالامچە بەخت،سەن يارىڭ بىلەن بەختلىك بول جېنىم.
مەن سەندىن يىراقتا خىياللىرىمدا سەن بىلەن بەختلىكمەن.
پىنھانلاردا سېغىناي سېنى،
شاماللارغا سىرىمنى تۆكۈپ.
كىرىپ قالساڭ چۈشۈمگە بەلكىم،
ئويغىنىمەن ھەسرەتلىك ئۆكسۈپ.
بەختلىك بول بەختىمسەن جانان.
سېنىڭ بەختىڭ ماڭا تەسەللىي،
رەشىك ئوتى كۆيدۈرسىمۇ گەر،
بىلدۈرگۈم يوق ساڭا ئەبەدىي.
ئىزدىمىگىن كۈلكىلىرىمنى،
شوخ ئېچىلغان گۈللەر تۈۋىدىن.
ياپراقلاردا تۈنەيمەن بەلكىم.
سېغىنىشتا ئۇچساڭ كۆزۈمدىن.
نېسىپ بولماس گۈلۈمگە بەلكىم.
ۋىسال قۇچۇپ خۇشال ئېچىلىش.
ھەمراھ مېنىڭ ئۆكسۈشلىرىمگە،
ھەر دەقىقە،پىنھان سېغىنىش.
مەنبە:ئۆزۈم
|
|
|
|
|
|