ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 68قەۋەت al~ogli كە 2010-07-25 01:03 PMئەۋەتىلدى :
يىڭىم ئوبدان تۈرۈگلۈك ،
ئەل قىزىغا تەييار مەن .
كۆڭلىنى ئۇتۇشۇمغا ،
.......
يىڭىڭىزنى تۈرۈڭ قويۇپ،
پونى راسا ئېتىپسىز،
نەزەر تاشلاڭ باشقىغا،
خام چۆچىرىنى يەپ قاپسىز.
ئامراق ئۆزۈم ئىسمىمغا،
شۇڭا قويغان مۇنبەردە.
ئۆزۈم ئاددى بىر قىزىمەن،
پىدا جېنىم ۋەتەنگە.
كۆكنۇرجان دەپ قويۇپ،
ئۆزى قىز ئوۋلاپ يۈرەمدۇ.
كەلتۈرسە شۇ قىز ئاچچىقنى،
بەدەر تىكىپ قاچامدۇ.
دوستلار ھەممە بىر بولۇپ،
سورۇن تۈرۈپ ئوينايلى.
قايىسى ئوغول يېڭىسا،
قۇلىقىنى كېسەيلى .(چاقچاق)
بىر-بىرىدىن چېچەنلەر،
يىغىلغان بۇ مۇنبەرگە.
پېقىر ئاجىز كەپ قالدىم،
سورۇن قالدى سىلەرگە.
ئىشىم چىقىپ قالدى كېيىن كىرەي ___ھە !؟!! قېنى داۋاملاشتۇرىڭلار ئوماقلار.