https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-4449.ohtml
1-قىسم
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-4727.ohtml
2-قىسم
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-4797.ohtml
3-قىسم
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-5103.ohtml
4-قىسم
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-5526.ohtml
5-قىسم
مەۋھۇم دۇنيادىكى كەچمىشلەر(6-قىسم)
تۇساتتىن جىرىڭلىغان تىلفۇن خىياللىرىمنى بۆلىۋەتتى.ئەسسالام ئەلەيكۇم.دىگەن بىر ئاۋاز كەلدى.بۇ ئاۋاز بىر ئۇغۇلنىڭ ئاۋازى ئىدى.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دىدىممەن ھەيرانلىق بىلەن سىز كۆكنۇر ئەپەندى بۇلامسىز دىدى ئۇ ئۇغۇل. شۇنداق مەن شۇ سىزنىڭ ئسىمىڭىز دەپ سۇرىدىم مەن.ھە مەن سىز بىلەن بىر يۇرتلۇق ئسمىم. ئەسقەرجان دىدى جاۋابەن.مەن يەنىمۇ ھەيرانلىق بىلەن سۇرىدىم ھە قانداق بىرەر ئش بارمىدى دەپ سۇرىدىم مەن.ھە بار ئەلۋەتتە بار.سىزىگە مۇناسۋەتلك چوڭ ئش بار دىدى.ئۇ. مەن تىخىمۇ ھەيرانلىق بىلەن ھە ئەمسە دەڭ مەن ئاڭلاپ باقاي دىدىممەن.سىز دەپ گەپ باشلىدى ئۇ.
ئاقسۇلۇق بىرسىنى تۇنۇمسىز.دەپ ئۇدۇللا سۇرىدى ئۇ. ھە قانداق مەن ئاقسۇلۇقتىن بىر قانچىنى تۇنۇيمەن. سىز قايسىنى دەيسز دىدىم ئالدىراپ.مەن ئايگۇلنى دەيمەن.سىلەر دۇسلاشقان.پاراڭلاشقان ھەتتا كۆرۇشكەن ھەممە ئشلارنى بىلىمەن دىدى.ئۇتەكەببۇرلۇق بىلەن.ھە ئۇنداق بۇلسا نىمە بۇپتۇ.دىدىم سەل تەنە بىلەن.ھىچنىمە بۇلمىدى.
مەن سىزىگە بىر گەپنى دىمەكچى.ئۇ ھازىر بۇ يەردە مىنڭ قىشىمدا بىزنىڭ ئۆيدە بىز ئىككىمىز توي قىلماقچى.دىدى ئۇ تىخىمۇ تەكەببۇرلۇق بىلەن مەن ئۇنىڭ نىمە مەقسەتتە بۇ گەپلەرنى ماڭا تەنە قىلىپ دىيۋاتقانلىقىنى بىلسەممۇ قىزىقىش بىلەن ئۇنىڭ گىپىنى قۇلاق سىلىپ تىڭشاشقا باشلىدىم.ھە مۇبارەك بۇلسۇن.سىز بۇ گەپلەرنى ماڭا دىيش ئارقىلىق ماڭا نىمىنى بىلدۇرمەكچى.دىدىممەن كۇلۇپ تۇرۇپ.
ھە باشقا گەپ يۇق.بىز توي قىلغاندىن كىين سىز ئايگۇل كۇرۇشمىگىچە كۇرۇشمەيسز.ھەتتا بىرەر يەردە كۆرۇپ قالسىڭىزمۇ.كۆرمەسكە سالىسىز.ئەگەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلىماي يەنە كۆرۇۇشۇپ يۇرسىڭىز سز بىز ئىككىمىزنىڭ بەختىگە ئۇلتۇرۇپ قۇيسز.مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن.لىكىن ئۇ سىزنى ياخشى كۆرىدۇ.مانا شۇنداق گەپ ئۇسىزنى كۆرۇش ئۇچۇن بۇلسمۇ ۋەياكى باشقا سەۋەپلەر باردۇر ئشقىلىپ مەن بىلەن توي قىلشنى تاللىدى.
سىز بۇنۇڭغا قانداق قارايسز.دىدى ئۇ.ھە مەن قانداق قاريتىم.راستىنلا مۇبارەك بۇلسۇن.ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرسىڭىز ئۇمۇ بەختىنى يەنى
ئاخىرى ئۆزىنى ھەققى ياخشى كۆرىدىغان بىرسىگە ئىرىشكۇدەك سز ئۇنى قەدىرىلىسىڭىز مەن شۇنىڭغا خۇش كەچۇرۇڭ مىنىڭ ئايالىم بار ئادەم. ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلدىغان ھەرقانداق ئشنى قىلمايمەن.پەقەت ئۇ مىنى ئىزدەپ تۇرۋالمىسلا مەن ئۇنى ھەرگىز ئىزدەپ بارمايمەن.يەنە بىرگەپ ئەگەر ئۇنىڭ كۆڭلى ئازار يەيدىغان ئالدىندىغان ئش بۇلۇپ قالسا يۇرىت دىگەن كىچك يەر ئۇ چاغدا دۇقۇرۇشۇپ قالمايلى يەنە.دىدىم قەتئيلك بىلەن.ھە ھەرگىز ئۇنداق بۇلمايدۇ. مەن ئۇنى ھەققى ياخشى كۆرىمەن.شۇڭا ئۇنى ئالدايدىغان.ئشىنى ھەرگىز قىلمايمەن.سىزمۇ گىپىڭىزدە تۇرۇڭ ئەمسە.ھە بۇلىدۇ.كەچۇرۇڭ بىر گەپنى سۇراي سز ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقىلى نەچچە كۇن بۇلدى شۇنداق دىدىم ئالدىراپ.نەچچەكۇن دەيسزىغۇ.نەچچە يىل بۇلدى دىمەمسز.دىدى ئۇ مەغرۇرلۇق بىلەن. ھە ئۇنداقتا ياخشى.ئەمسە سىلەرگە ئامەت يار بۇلسۇن خەيرى –خۇش دىگۇنۇمچە تىلفۇننى قۇيۋەتتىم.يەنىلا كۆڭلۇم خاتىرجەم ئەمەس ئىدى.
توۋا ئۇ دىگىننى قىپتۇ. نىمدىگەن قۇرقۇنۇشلۇق ھە بۇ راستىنلا مۇھەببەتمۇ ياكى بىرنەپرەتمۇ؟ ئۆز-ئۆزۇمگە سۇئاللار قۇيماقتا ئىدىم.
مەن ئۇ باشقا بىرسىنى تاپقانلىغى ئۇچۇن خۇش بۇلماقتا يۇق .تىخىمۇ ئەنسرەشكە باشلىدىم.چۇنكى مەن ئۇنىڭ بىر چاغلاردا مىنى ئىزدەپ مارالبىشىغا كەلگەندىكى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشكەندىكى ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدىم.
شۇنداق ئش شۇنىڭىدىن باشلاپ چوڭيشقا باشلىغان ئىدى.ئۇ مىنىڭ بىلەن توردا بۇلسىمۇ كۆرۇشۇشنى .مىنىڭ رەسمىمنى بۇلسمۇ بىر كۆرۇشنى بەك ئارزۇ قىلدىغانلىغىنى ئىتىپ تۇرۋالغاچقا مەن ئشنىڭ نىرى بىرىسنى ئويلاشماستىنلا ئۇنىڭغا بىر شئىر بىلەن تورغا رەسىمىمنى چىقىرىپ يۇللاپ بەردىم.
(كۆزلىرىم يۇمسام)
شۇ تاپ كۆڭلۇم تۇلىمۇ يىرىم
ھەسرەتلىنىپ ئۆرتىنەر قەلبىم،
قىيالماستىن دۇست-يارەنلەرگە
يىغلىماقتا ئۇنسىز يۇرۇگۇم،
كۇنلەر چىقىتى،كۇنلەر ھەم پاتتى،
ئەتەم قۇياش چىقارمۇ،بىلمەيمەن،
تەشۋىشلەردە يۇرۇيمەن مەستەك
تۇندە ئايدىن نىجاتلىق ئىزلەيمەن،
تۇندە كۆزۇم يۇمۇلسا ئەگەر
زۇلمەت قۇينى يۇتۇپ كىتەرمۇ،
دىلدىنى سۆيگەن شۇ يارەنلىرىم
قەۋرەم بىشى ئەگىپ ئۆتەرمۇ،
شۇنداق بىر كۇن كۆزلىرىم يۇمسام
قىنى سەن دەپ قۇلۇمنى سۇنسام،
يىراقلاردىن كىلەمسەن جانان
خەۋەرسىزلا بىۋاقت سۇلسام،
رازى ئىدىم شۇنداق كەتسەم گەر
ۋىسالىڭغا يىتىپ ، كەتسەم گەر،
بەلكىم ۋاقىت قالمدى ئۇزۇن
سۆيۇۋالاي تىزراق يىنىمغا كەل،
ماناخاتالىق . بۇ بىر خاتالىق ئىدى شۇنداقلا خاتالىقنىڭ بىر باشلىنىش ئىدى.تىلفۇن تۇختىماي سايرايتى.باشقىسىنى قۇيۇپ تۇراي ئۇنىڭ تىلفۇنى كۇندە ئازدىگەندىمۇ ئالمىسام 20-30قىتىم سايرايتى مەن ئامال يۇق ئالاتتىم. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مۇھەببەتلك سۆزلىرى قۇلاق تۇۋۇمدە ياڭرايتى.مەن تۇختىماي سىز ئۇنداق ئويلىسڭىز بۇلمايدۇ.مىنىڭ ئايالىم ئائىلەم بار.سىزىگە مەندىنمۇ ياخشى بىرسى چىقىدۇ.ئۇنداق دىمەڭ بۇلامدۇ.دەپ نەسھەتمۇ قىلىپ باقتىم.تەنە قىلىپمۇ باقتىم.ئۇ زادى تەۋرىنىپ قالمدى.مەن چۇقۇم بارىمەن سىز تورغان جايغا.سىز يۇرگەن جايغا بارىمەن.مەن رەسمىڭىزنى كۆردۇم.ئەمدى ئارزۇيۇم ئەسلىڭىزنى بىر كۆرۇپ ئۆلۇپ كەتسەم مەيلى ئىدى.دەپ ھەردائىم ھەسرەتلك ياشلارنى تۆكەتتى.مەن پەقەت تەسەللى بىرىشتىن باشقا گەپلەرگە ئامال قىلالمىدىم.
ئاخىرى مۇنداقلا كۆرۇشۇش يۇزسىدىن كەلسىڭىز كىلىڭ قارىشى ئالىمەن بىراق قالايمىقان خىيالدا بۇلسىڭىز سىزىگە قارايدىغان كۆزۇم يۇق.دىدىم مەن.ياق ھەرگىز ئۇنداق بۇلمايدۇ.مەن چۇقۇم بارىمەن سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا تەسر يەتكۇزدىغا ن ھەرقانداق ئشنى قىلمايمەن.دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ۋەدىلەرنى بەردى. ھە مەيلى ئەمسە پەقەت دۇستلۇق يۇزسىدىن مەن سىزنى قارىشى ئالىمەن قاچان كەلسىڭىز قۇلۇم كۆكسۇمدە دىدىممەن.شۇنداق گەپلەر قىلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئۆزىنىڭ بىزنىڭ يۇرتقا قاراپ يۇلغا چىققانلىغىنى ئىتىپ تىلفۇن قپتۇ.ھە ياخشى بۇپتۇ.مەن سىزنى مارالبىشىدا كۇتۇپ تۇراي ئەمسە.
ئەمدى ئاخىرنى قانداق يىزىپ داۋام قىلسام بۇلار بۇ ئشلار بارغانسرى مۇرەككەپلشىپ كەتتى.
مەنبە:كۆكنۇر كەچمىشلىرى