مۇشۇ ساختا پىلاستىنكىلارنى كۈچۈرۈپ ساتىدىغانلار ھەجەپ نۇمۇس قىلمىدى جۇمۇ ، مەنمۇ ئۇ پىلاستىنكىنى 20 يۈەنگە سېتىۋېلىپ 100مىتىر مېڭىشىمغا . ئۇدۇل تەرىپىمدىن بىرى قوللىرىداپۇلاڭلىتىپ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى ئېلىپ مېڭىپتۇ ، ھەيران قالدىم دىسە .( پىلاستىنكا دۇكىىنى خۇجايىنى بۇ ناھىيىگە بايىلا كەلدى دىگەن )
تېخىمۇ ھەيران قالغىنىم ئۇ چىقىۋاتقان دۇكان ناھىيىلىك سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىناسى بۇلۇپ ئىككىنجى ئۈچىنجى قەۋەتلىرى شۇلارنىڭ ئىش بىجىرىش ئورنى ، بىرىنجى قەۋىتى بولسا شەخىسلەرگە ئىجارىگە بىرىلگەن دۇكانلار ئىدى . چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ دىگەندەك ، بۇ ئىشنى كۆرمەمدىغان ؟
مۇشۇنداق بۇلىۋەرسە ئىشىنىمەنكى كىلەر يىلقى ئىتوت تېخىمۇ لاۋزا بۇلىدۇ . چۈنكى ''ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق''
كۆچۈرۈلمە پىلاستىنكىغا قارشى تۇرۇش ھەممىمىزنىڭ شۇئارى ،ئەرزاننى تاللاش ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدى بوپ قالدى . مەنمۇ ئىككىنجى پىلاستىنكىسى چىققاندا تارتىنمايلا 3 يۈەنگە بىرنى سېتىۋالدىم . دىمىسىمۇ 20 يۈەنلىك پىلاستىنكا بىلەن 3 يۈەنلىك پىلاستىنكسىنىڭ مەزمۇنىدا پەرىق يوقكەن ، سۈپەتسىز دىيىلسە مەن پەقەت كومپىيۇتىرىمغا قاچىلىۋالساملا قاچان خالىسام شۇ ۋاقىتتا كۆرەلەيدىغان تۇرسام ...،مەدەنىيەت بازارلىرىنى تۈزەش ،تەرتىپكە سېلىش زادى قايسى ئوروننىڭ ئىشى ؟ ئۇلار كوچا كويلاردىكى كۆچۈرۈلمە پىلاستىنكا يايمىچىلىرىنى كۆرمەمدىغاندۇ ؟ مەن تېخى سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى باشقۇرامدىكىن دەپتىكەنمەن ئۇنداق ئەمەس ئوخشايدۇ ...