MiniTriangle :ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
يېقىندا java دا يىڭى بىر ئويۇن ياسىغانىدىم ! تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! بۇ ساھەدىكى تورداشلارغا ئاز تولا
ياردىمى تىگىشىمۇ مۇمكىن !
بۇ ئويۇننى ياسىغىلى خېلى بولغانىدى ، ئويۇننىڭ ھۆكۈم قىلىدىغان باسقۇچىنى يىزىش ئۈچۈن ئۇزاقراق ۋاقتىم كىتىپ قالدى . بىر مەزگىل تاشلاپ قويغانمۇ
بولدۇم . بۈگۈن قايتىدىن ئەلالاشتۇرۇپ ئويۇننى پۈتۈنلەي يېزىپ بولدۇم . گەرچە ھەقىقىي بىر ئۆلچەملىك ئويۇن بولمىسىمۇ ئۈگىنىش باسقۇچىدا
مەشىق سۈپىتىدە يىزىلغان . ئويۇنغا ساندان ئورنىتىلمىغان . پەقەت شەخىسنىڭ قىزىقىشىنىڭ مەھسۇلى خالاس !
خوش ، ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، ئويۇن 800 قۇر كود تا تاماملانغان . بەزى كىچىك تېخنىكىلار ئىشلىتىلگەنلىكتىن كود مىقدارى مۇشۇنداق ئازايتىلغان. ئويۇننىڭ بىر قىسىم كۆرۈنىشلىرى سۇنۇلدى.
ئويۇننىڭ بىر قىسىم يادرولۇق كودلىرى
ئويۇننى jar بولاق قىلىپ تور دىسكىسىغا چىقىرىلغان ، كومپيۇتىرىغا jdk قاچىلانغانلار بىۋاستە قوش چىكىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ .
http://115.com/file/e6t8y2x2
ھەر قانداق سۇئال بولسا ئىنكاس شەكلىدە يوللانسا جاۋاب بىرىشكە تىرىشىمەن !
يەنە بىر قانچە ئويۇننىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى تۈزۈپ قويغان ئىدىم ، ئىمتىھان يىقىنلىشىپ قالغاچقا توختىتىپ قويدۇم . خۇدابۇيرۇسا تەتىلدە روياپقا
چىقار !
( مىسرانىمدەك ئابونتى كۆپ بىر مۇنبەردە پروگرامما تىلىغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنىڭ بۇنچە ئازلىقىنى كۆرۈپ بەك ئۈمىدسىزلەندىم .
كۆپچىلىكنىڭ مۇنبەرگە جانغا ئەسقاتىدىغان ، تەرەققىياتقا پايدىلىق تىمىلارنى يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ھىكايە - شىئىرلار ھەقىقەتەن
بەك كۆپ يىزىلىپ كەتتى . بىلىم ئۈگىنەيلى ، ئۇ ئارقىلىق ئىقتىساد يارىتىپ ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرەيلى . ئەمەلىي ئىشقا يۈزلىنەيلى ! )