مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2548|ئىنكاس: 38

تارغاقمۇ-سۈزگۈچ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2423
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 400 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 07:20:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تارغاقمۇ سۈزگۈچ


ئۈرۈمچىگە بارىدىغان بولۇپ قالدىم، مەن پويىزدا ماڭىمەن دەيمەن، خۇتۇن كېچىلىك ئاپتۇبۇسدا مېڭىڭ دەيدۇ، مېنىڭ بانايىم: پويىز بىخەتەر، ئەرزان ھەم ئازادە، ئاپتۇبۇس سېسىقچىلىق، پۇت، ئوسۇرۇق پۇرايدۇ. خۇتۇننىڭ ئاساسى: ئاپتۇبۇس 6 سائەتتە بارىدۇ، پويىز 12 سائەتتە، ئاپتۇبۇسدا يېتىپ ئۇخلاپ بارغىلى بولىدۇ، پويىز قالايمىقان. ئاخىرقى نەتىجە: مەن پويىزدا ماڭىدىغان بولدۇم.

پويىزدا مېڭىشىمدا ئۆزەمنىڭ ئويلىغىنى بار، پويىزدا ئادەم جىق، ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ماڭغىنى بولىدۇ، تەلىيىم كەلسە بىرە  پەرىزات بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىشىممۇ مۈمكىن، شۇنىڭ بىلەن يول ئازابىمۇ بىلىنمەيدۇ، بولسا ئۇنىڭ تېلفۇنى ياكى چ چ نۇمۇرىنى قالدۇرىۋالسام تېخى ياخشى، ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئىزدەشكىلى بولىدۇ، ئىش قىلىپ ئاپتۇبۇسدا ماڭغاندىن ئوبدان.

شۇنداق قىلىپ سەپەرگە چىقتىم، كۆڭلۈمدە ھېلىقى تاتلىق خىيال. پويىز ئىچىگە قارىدىم، مىچچىدە ئادەم، بېسىلىپ كەتكەن ھەر يوغان تاغار، ساپلا ئىشلەمچى، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ پۇتىمۇ، ئوسۇرىقىمۇ ئەتىر پۇراپ كەتمەيدىكەن، خېلى مېڭىپ يۈرۈپ ئۆزەمنى جايلاشتۇرىۋالدىم.ئاندىن ھېلىقى خيالىم بويىچە ئەتراپقا نەزەر تاشلاشقا باشلىدىم، كۆزگە ھېچبىر گۈل كۈرۈنمەيدۈ. باشقا ۋاگۇنلارنىمۇ ئايلىنىپ چىقتىم، مەن قاراپ « ۋايجان يۈرۈكۈم» دىگۈدەك بىرەسى ياكى ماڭا قاراپ كۆز قىسقۇدەك بىرەسى ئۇچرىمىدى، ماۋۇ خېلى يامان ئەمەسكەن دىگۈدەكلەرنىڭ يېنىدا ئىگىسى باردەك قىلاتتى، ھېرىپ، سولىشىپ ئورنۇمغا قايتىپ كەلدىم.كۆزلەرنى مۈگدەك بېسىپ، قاپاقلىرىم ساڭگىلاپ ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن. بىر چاغدا پويىزنىڭ كانىيىدىن خۇددىي ماشىنا ئادەمدىن چىققاندەك «داخېيەنگە كەلدۇق، پويىزدىن چۈشىدىغانلار ئىشىك ئالدىغا بېرىڭلا» دىگەن ئاۋازدىن ئويغۇنۇپ كەتتىم، دىمەك پويىز تۇرپانغا كېلىپ قاپتۇ، ئۈمۈت تۈگۈدى، بۇ چاققىچە ئۇچرىمىغان پەرىزات ئەمدى ئۇچرامدۇ، تۇيۇقسىز ئارقىمدىن بىرسى كۈزۈمنى شاپپىدە ئېتىۋالدى، ئاھ، نىمانچە يۇمران، نىمانچە خۇش پۇراق قول بۇ، چوقۇم مەن كۈتكەن ئامەت كەپتۇ، ئويلاپ تۇرۇشۇمغا «تارغاقمۇ –سۈزگۈچ»دىگەن تاتلىق ئاۋازدىن ۋۇجۇدۇم «غۇژژژ»ىدە قىلىپ كەتتى، نىمە دەيدىغان بولغىيتۇق، نىمە بولسا مەيلى، بىر نىمە دەپ قولىنى ئاجرىتىپ ئۆزىنى بىر كۆرەي، « سۈزگۈچ»دىگىنىمنى بىلىمەن، كاساپەت بارماقلىرىنى كۆزۈمنىڭ ئىچىگە تىقىۋىتىدىغاندەكلا پاتۇرۇپ سىيرىپ قولىنى ئاجراتتى، كۆز ئالدىم سىرلىق تۇمانلار ئىچىدىن ئاستا ئاستا يۇرىدى، غۇۋالىق ئىچىدىن بىر پەرىزاتنىڭ سىماسى ئاستا ئاستا پەيدە بولدى، پو ئاتمىدىم، مەن بۇ كەمگىچە بۇنداق چىرايلىق قىزنى كۆرمەپتىكەنمەن، خۇدا، بەندەڭگە ئامەت بەرگەندە ئالامەت بېرىپ قويىدىكەنسەن، مەن نىمە دىيىشىمنى بىلىپ بولغىچە « پەرىزات» گەپ سورىدى:

-سىز كارۋان بايما؟

-ياق

-ئەمىسە سۇلتان لوبەن ئوخشىمامسىز

كۆڭلۈم بىردىنلا يېرىم بولۇپ قالدى، ئۇ مېنى خاتا تونۇۋاپتۇ، يەنە تۇرۇپلا كارۋان بىلەن سۇلتانغا ئۆچلۈكۈم كېلىپ قالدى، ئۇلار بۇ قىزنى كەلتۈرۈپ بوپتىكەندە، خەپ.

-مەن سۇۋادان، دىدىم ئارانلا

-ۋاييەي، سۇۋادان قېرى تېرەككەنسىزدە

پويىز ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بىر نەچچىنى سىلكىنىۋېتىپ، قۇلاقنى ئاغرىتىدىغان بىر خىل سەت ئاۋاز بىلەن توختىدى (مۇشۇنداق چاغدا شۇ ئاۋازمۇ سەت ئاڭلىنىدىكەن دەڭلا).

-خوش سۇۋادان، مەن چۈشۈپ كەتتىم

نىمە؟

«پارىزات» ماڭا قاراپ بىر تاتلىق كۈلگەچ پويىزدىن چۈشۈپ كەتتى، چۈشتىيۇ ئادەم دېڭىزىدا غايىپ بولدى. ماڭا كەلگەن ئامەت مۇشۇنداقلا غايىپ بولدىما؟ كۆڭلۈم ئەجەپ غەش بولدا، جىددىيلىشىپ كېتىپ بەكرەكمۇ كۈرۈۋالماپتىمەن، تېلفۇن، چچ دىگەننىمۇ سورىيالمىدىم، ھەي... ئىسىت

ۋاگۇن ئىچىدىكى يولدىن نەرسە كېرەك ساتىدىغان ھارۋا غالدىرلاپ مېڭىپ كەلدى، كارنىيىم قۇرىغاندەك بولۇپ بىر قۇتا سۇ ئېلىپ ئىچمەكچى بولدۇمدە يانچۇققا قولۇمنى تىقتىم، تىقتىميۇ ئۆپكەم كارنىيىمغا تىقىلىپلا قالدى، پورتمال يوق!

خۇتۇنغا تېل قىلدىم:

-    خۇتۇن، پورتمالنى ئوغرى ئالدى

-    ھە، ئوغرى بىلەن دىيىشىۋېلىپ چىققانما پويىزغا

تېلفۇننى قويدۇم، پەرىزات، پەرىزات، نوچى پەرىزات، ئوغرى پەرىزات، تويە سۇۋادان، پەرىزاتقا!

ئۈرۈمچىگە كېلىپ قالدۇق، مەن ئەمدى شەھەر ئىچىگە قانداق بارىمەن. ئۇرۇق تۇقانلاردىنغۇ پۇل سوراپ ئىشلىتەرمەن، يامان يېرى پويىز ئىستانسىسىدىن ئەردوچوغا «پۇللىرىمنى چېچىۋەتتىم پويىزغا، تېرىۋالسۇن موچەن ئىزدەپ يۈرگەنلەر» دەپ ناخشا ئېيتىپ پىيادە كېتىدىغان بولدۇمدە.


مەنبە؛ قەلەم

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
تارىم + 50

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6406
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 07:51:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن مۇشۇنداق ئۇيۇنلارنى چوڭلاردىن ئاڭلاپ ئويناپ قۇياتتۇق.كۆزنى يۇمىۋىلىپ،تاغاقمۇ-سۇزگۇچ دەپ..تىمىڭىزنى كۆرۇپ ئىسىمگە كەپ قالدى.

بۇ شەخسەن ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىدىكى بايانلارمۇ؟مەنبەسى ئەسكەرتىلمەپتۇ.قېزغىن باشلىق تۇلا قاراپ كەتتى........بۇيۇنمۇ تالغاندۇ؟ [s:49]

داۋاملىق تىمىڭىز بىلەن يۇز كۆرۇشتۇرۇپ تۇرغايسىز.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2423
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 400 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 07:57:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلار، ئەسكەرتمەپتىمەن، ئۆزۈم يازغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2423
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 400 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 08:01:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرن شەھلا تورىغا چىقارغان ئىدىم، ئەمدى مىسرانىمغا يوللىدىم، بۇ مىسرانىمغا تۇنجى تېما يوللىشىم، مۇشۇنىڭ بىلەن كىرىشىپ كېتەرمەن دەپ ئويلايمەن.
مېنى قوللاپ قويارسىلەر [s:33]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1382
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9331
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2014-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 08:03:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى  قىزىقارلىق يېزىپسىز. [s:34]

مۇھەببەت ۋە ئۈمۈد تىنىچ شان-شۆھرەت،ياسالاس ئەمدى بۇ كۆڭۈلنى كۆپ زامان،ئۇيۇن ۋە كۈلكىـسى ئۆتتى ياشلىـقـنىڭ،گوياكى چۈش گوياكى تاڭدىكى تۇمان..

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6406
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 08:12:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنى قوللايمەن!
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  suwadan كە 2010-07-26 08:01 PMئەۋەتىلدى  :
بۇرن شەھلا تورىغا چىقارغان ئىدىم، ئەمدى مىسرانىمغا يوللىدىم، بۇ مىسرانىمغا تۇنجى تېما يوللىشىم، مۇشۇنىڭ بىلەن كىرىشىپ كېتەرمەن دەپ ئويلايمەن.
مېنى قوللاپ قويارسىلەر [s:33]

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

پىسخولوگىيە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2281
يازما سانى: 473
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38056
تۆھپە نۇمۇرى: 472
توردا: 1860 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 08:22:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە قوللايمىز، فانتازىيىلىك نەرسىلەرنىمۇ يېزىپ قويىسىزغۇ ھە..

http://309357575.qzone.qq.com  

ئەدەپ-ئەقىلنىڭ سۈرىتى .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 505
يازما سانى: 1218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11555
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 10593 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 08:28:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز،يېنىدىكى ھالال خۇتۇنىغا شۈكرى قىلماي ئېزىپ يۈرىۋاتقان ئەرلەرگە ياخشى ساۋاق بولغۇدەك...

ئۆزۈڭنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساڭ ئويناپ – كۈلۈپ يايراۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغا ئەمەس بەلكى مۈكۈنۈپ يىغلاۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغىمۇ بېرىپ ياشاپ باق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2468
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8690
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2011-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 08:33:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ ،
كۆڭۈل ھەر جايغا باشلايدۇ .
سەمەرتقەنت ئالمىسىدەك ،
ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ .

سەپەرگە چىققاندا - بىسمىللا ،اللاھ ئاسان قىلسۇن ! - ئوڭ پۇتنى ئېلىپ چىقماي يامان نىيەتلەرنى قىلىپ ، مىھرىبان ، جاپاكەش ئاياللىرىغا خائىنلىق قىلىپ چىققان بۇنداق ئالا كۆڭۈللەرگە بۇ تېخى ئاز .

خوپ بوپتۇ !

ياراتقۇچى اللاھ ئۇلارنىڭ دىلىغا ئىنساپ ئاتا قىلسۇن ، ئامىن !

ھايات ئادەمگە پە

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2175
يازما سانى: 2897
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15485
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 6766 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 08:44:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۈشۈك دىگەن مانا شۇدە، ئايالىڭىزنىڭ گىپىگە كىرىپ ئاپتۇبۇستا ماڭغان بولسىڭىز شۇ ئىشمۇ يوق. بۇندىن كىيىن نىيىتىڭىزنى توغرا تۇتۇڭ. (تىما ئىگىسىگىلا دىگەن گەپ ئەمەس، بۇ تىما مەندىن باشلاپ بارلىق ئەرلەرگە تەربىيە بولسۇن)

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش