مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 757|ئىنكاس: 0

ئىران روسىيەنى دۈشمەن دۆلەتلەر تىزىملىكىگ  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 205
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10782
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 09:33:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىران روسىيەنى دۈشمەن دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزمەكچى



روسىيە خەۋەرلەر تورى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى خەۋىرى ، ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېھراندا جاكارلاپ ، ئىران ئامىرىكىنىڭ ئىراننى جازالىشىغا ياردەم بەرگەن ھەرقانداق بىر دۆلەتكە دۈشمەن نەزىرىدە قارايدۇ ، ئامىرىكا ئىرانغا قارشى جازا يۈرگۈزۈشتە غەربىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە روسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى ، ئەمما تىغ ئۇچىنى ئىرانغا قاراتقان ھەرقانداق بىر ھەركەت كەسكىن ۋە تېز جاۋاپقا ئېرىشىدۇ ، جازالاش بىلەن تەھدىت سېلىش پەقەت ئىراننىڭ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان قەدىمىنى تىزلىتىدۇ ، دىگەن .
ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد ئىراننىڭ ئاتوم بومبىنى تەتقىق قىلىشنى باشلاش توغرىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا روسىيە زۇڭتۇڭى مىدىۋىدنى ئەيىپلەپ ، موسكىۋا ۋاشىنگىتوننىڭ تىلىغا ئايلاندى ، روسىيەنى دۈشمەن دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزىمىز دىگەن .

بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامىرىكا ئوتتۇرغا قويغان ئىراننى جازالاش توغرىسىدىكى يېڭى قارار لاھىيىسى ئارقىلىق ، ئىراننى يېڭى بىر جازا تەدبىرى ئارقىلىق جازالاشنى بەلگىلىگەن ئىدى ، بۇلۇپمۇ ئىراننىڭ يادرو ھەركىتى قىلىۋاتقان كارخانسى بىلەن ھەربىي سانائەت كارخانىللىرىغا چارە كۆرمەكچى بولغان ئىدى . ئىزچىل ھالدا ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرسىدا تەڭپۇڭلۇڭنى ساقلاشقا ئۇرۇنىۋاتقان روسىيە شۇ نۆۋەت ئامىرىكىنى قوللاپ ئىراننىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچىرىدى .

http://news.sina.com.cn/w/2010-07-26/112920758588.shtml

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش