كىتابىىم
Haci
كىتابلىرىم ئىچىدىن تاللىۋالدىم مىسراننى،
قىزىقىشتا ۋاراقلاپ كۆرىۋەتتىم ھەممىنى.
كۆردۈم ئەمما قانمىدىم كەم ئۇنىڭدا بىلىملەر،
بىر ئۇنى ئوقىغان تىتىماس بىلىم تەمىنى.
سەھىپىسى جىق مىسرانىمنىڭ، مەزمۇنى ئاز،
شېئىر توشقان بەتلىرىگە، لىكىن ئەمەس ساز.
قارىدىم ئىزلەپ ماقالىنى ياخشى يىزىلغان،
پەرۋىش تاپماي بۇ يازمىلار بولاي دەپتۇ تاز.
كۆرۈپ قالدىم نۇرغۇن بەتلىگە رەسىم بىسىلغان،
قاسماق بۇ بەت، بىلدىمكى ئاڭا كۆپ قول ئىسىلغان.
جىق رەسىملەر پايدىسىز، يوق قىممىتى ساقلاشنىڭ،
ئىسىل سۈرەت ئاندا- ساندا، ئاراچقا قىسىلغان.
نان بىرەر ئەسەرلەرنىڭ ئانچە خىرىدارى يوق،
يوق ئەمەس، ئەسلى كىشى يەپ شاكالدىن قارنى توق.
ھەممە شاكال دىمەيمەن، قىسقىسى ئاز مىغىزلار،
شۇ مىغىزلىق يازمىدىن زىيارەتچى كۆڭلى شوخ.
ھىكايەتلەر بىتىنى ئىچىپ قالدىم توساتتىن،
كەچمىشىنى يىزىپتۇ ئاپتۇر ئىلىپ قوساقتىن.
يىقىپتۇ كىتابخانغا، باھامۇ ئوبدان بىرىلگەن،
بىلدىم بىز، بەزى ئىشتا قۇتۇلۇپتۇق توساقتىن.
ئۇيان- بۇيان كۆرىۋىتىپ بىر مەسلىنى بايقىدىم،
مەن خاتامۇ تۈزگۈچى، ئۇقماي باشنى چايقىدىم.
داڭلىق كىتاب ئۈزۈندىسىدىن ئالمىدى نىمشقا،
شۇ سەۋەب باشتا ئىيتىتىم، مەن بىلىمگە قانمىدىم.
يامان تەستە يازدىم مەكتۇپ، ساھىبىغا كىتابنىڭ،
گەرچە ئۆزۈم تايىنلىق، ئىگىسى ئەمەس بۇ ھىسابنىڭ.
نىمىگە كەمنى يوللىمايسىز، مىسراندەك بۇ مىراسقا،
ئاڭلاپ قويۇڭ تەكلىۋىنى، مەنچە ھەر خىل خىتابنىڭ.
2011/12/2 مەكتەپ