مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 908|ئىنكاس: 12

mayor330__شېئىرلار توپلىمى‹‹1›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10723
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 321 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 01:37:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


تېمىسىز........
 
تىمتاس كېچە ئۆتتى غەمكىن خىيالدا ،
دېرىزەمدىن ماراپ ئاينىڭ شولىسى.
ۋاپاسىز يار دىلنى تىلغاچ خەنجەردە ،
ئاق قەغەزدە ئوينار قەلەم يورغىسى .
 
كىسەل دورا يىسە تاپار شىپالىق ،
دورا پايدا قىلماس يۈرەك دەردىگە .
ئۇماق ياريرىم بولسىمۇ گەر چىرايلىق ،
كۆنەلمەس دىل ئاچ سۆزى زەردىگە .
 
قاچانلاردا كۈيۈپ قالدىم بىلمەيمەن ،
سۆيگەنمىدىڭ ئاغزىڭدىلا ، تىلىڭدا .
ئورۇن بارمۇ قەلبىڭدە ئەي نىگارىم ،
باشقا بىرسى ياشامدۇ يا دىلىڭدا .
 
سۆيسەڭ ئۇنى مىنى بۇنداق قىينىما ،
ئوتلۇرۇڭدا كۈلگە ئوخشاش توزۇتۇپ .
پاك سۆيگۈمنى قونچاق قىلىپ ئوينىما ،
سۆيسەڭ ئۇنى قوياي سىنى ئۇزۇتۇپ .
 
سەن كۈلگەندە بىللە كۈلەر دىللىرىم ،
سەن يىغلىساڭ گاچىلىشار تىللىرىم.

 شۇنچە تەشنا بولسىمۇ جان سۆيگۈڭگە ،
قەلبىڭگە ھېچ ئورنىماپتۇ ئىزلىرىم .
 
ئامان بولغىن تىلەي سىنىڭ بەختىڭنى ،
پەقەت يالغۇز تارتاي سىنىڭ دەردىڭنى .
كۆپ قېتىملاپ ياخشى كۆردۈم دىگەنتىڭ ،
ئاڭلىمىغان بولاي سىنىڭ لەۋزىڭنى.



مەنىسىز ئۆتكەن بىر يىلىم
 
پاك سۆيگۈ نىشانسىز تىلغايدۇ دىلنى ،
ئېيتالماي سۆيگۈلەر قىينايدۇ تىلنى .
مۇھەببەت بېغىدا سەيلە قىپ يۈرۈپ ،
ئۆتكۈزدۈم مەنىسىز مانا بىر يىلنى .
 
نىشانسىز مەنىسىز بىر يىلىم كەتتى ،
ئازاپلار ئىچىدە دىلىم زار ئەتتى ،
ئەقىدەم خارلىنىپ سۆيگۈ بېغىدا ،
ھەسرەتلەر دەغ ياساپ يۈرەكنى چەكتى.
 
ئاددى بىر ئىنسان مەن ئامالىم قانچە ،
پەقەتلا كۈزۈمدىن تۈكۈلەر تامچە .
كەلسىدى ئەلەملەر تۇتاشماي بۇنچە ،
ئۆتەتتىم تۇيدۇرماي قىستىلىپ يانچە .
 
خەيرى خوش،بىريىلىم ئۆتمۈشۈم بولدۇڭ ،
گۈدەكرەك بولغاچ مەن ئازاپقا تولدۇڭ .
گۈلۈمگە پەرۋىشلەر يەتكۈزەلمىگەچ ،
كىلىپلا گۈلۈمنى پەرۋاسىز يۇلدۇڭ .
 
سەن كەتسەڭ كىلىدۇ يىپيىڭى بىر يىل ،
ئۆتمۈشنى يەكۈنلەپ سۆزلەيدۇ بۇ تىل .
بەلكى پاك سۆيگۈنى ئۇچىراپمۇ قالار ،
خوشلۇقتىن تەبەسسۇم كۈلىدۇ بۇ دىل !!!
20010  .   01  .  09 .


كەتكۈڭ بولسا كىتىۋەر جانان
 

كەتكۈڭ بولسا كىتىۋەر جانان ،
مەندە يوقتۇر ئارتۇقچە ئارمان .
تەقدىر شۇنداق بۇيرۇپتۇ بىزنى ،
يۈرەك قالسۇن تەنھا ھەم پىنھان.
 
كەتسەڭ خەيىر كىتىۋەر جانان ،
سۆيگۈ گۈلنى قىپ بولدۇڭ خازان .
ئېچىلماس گۈل تۇپراقمۇ ئۆلدى ،
ئاچسۇن كىلىپ جاپاكەش دېھقان .
 
سەپەر ئۇزۇن كىتىپ قال جانان ،
ئۆتكىن خوشال تەنلىرىڭ ئامان .
سەپەرگە سەن تېخى بەك چالا ،
ئىھتىيات قىل كۆرگەندە داۋان .
 
بولدى ئەمدى كىتىپ قال جانان ،
يۈرەكىمنى قىپ بولدۇڭ ۋەيران .
شۇنداقتىمۇ ئۇزاتتىم كۈلۈپ ،
يۈرەكلەردىن ئاقسىمۇ گەر قان.

 



 

قەدىرلە جان دوستۇم ئاتا ئاناڭنى
 
يالىڭاش تۇغۇلساڭ يۆگەكتە باققان ،
ئۆتكۈزسەڭ سەۋەنلىك ئەيپىڭنى ياپقان.
بالام دەپ بىر ئۆمۈر دەردىڭنى تارتقان ،
قەدىرلە جان دوستۇم ئاتا-ئاناڭنى .

----------------------------
كەچ كەلسەڭ ئۇخلىماي ئەنسىرەپ كەتكەن،
بالام دەپ كۆپ قېتىم جاپالار چەككەن .
غېمىڭدە چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن ،
قەدىرلە جان دوستۇم ئاتا-ئاناڭنى .

--------------------------
يۇلۇڭنى ماڭىدۇ پايپىتەك بۇلۇپ ،
سەن كۈلسەڭ كۈلىدۇ ئىشەنچكە تۇلۇپ .
قايغۇرساڭ، يىغلىغان قايغۇغا تۇلۇپ ،
قەدىرلە جان دوستۇم ئاتا-ئاناڭنى .

--------------------------
بالام دەپ چوڭ قىلدى توي قىلدىڭ مانا ،
ئۇلارنى قىينايدۇ غەملىرىڭ يانا .
قىلمايدۇ قىلغانغا قىلچىمۇ تاما ،
قەدىرلە جان دوستۇم ئاتا-ئاناڭنى .

-------------------------
كىتىدۇ بىر كۈنى ئۇلار دۇنيادىن ،
كىچىدۇ بىر كۈنى ئۇلار بىزلەردىن .
ساق قالغان دۇنيادا ئېيتقىن كىملەردىن ،
قەدىرلە جان دوستۇم ئاتا-ئاناڭنى .

--------------------------
قاقشاتما چوڭلارنى سورىقى كىلەر ،
بىر ئۆمۈر بالام دەپ ئۆتكىنى يىتەر .
بالاڭمۇ بىر كۈنى قاقشىتىپ ئۆتەر ،
قەدىرلە جان دوستۇم ئاتا-ئاناڭنى .
-------------------------
ئانىلار مىھرىسىز باغلىرىڭ پۈتمەس ،

ئاتىلار سۆزىسىز تاغلىرىڭ پۈتمەس .
ئايرىلساڭ بۇلاردىن كۈنۈڭ شوخ ئۆتمەس،
قەدىرلە جان دوستۇم ئاتا-ئاناڭنى .

=====================
ئانىسىز ئۆي مەنىسىز ،
كۈيۈپ بولغان كۈل ئىكەن .
ئانىسىز ئۆي سۈر باسقان ،
مازاردىكى گۆر ئىكەن .
__________________

_ دوسلارنىڭ شېئىرىمنى
ياقتۇرۇپ ئوقۇشىنى ئۈمۈت قىلمەن!!!
ئاتا-ئانىلا ئوخشاشلا ئۇلۇغ زاتلاردۇر، دوسلارنىڭ ئاتا- ئانىلارنى قەدىرلىشىنى، ئۇلارنى ئازغىنە
ئۆمرىدە بولسىمۇ خاتىرجەم قىلىشىنى، قولىدىن كىلىشىچە ئۇلارغا كۈيىنىشىنى، ......... مانا بۇلارنى
مۇھىم بىلىشىنى سەمىمىي ئۈمۈت قىلىمەن _____________ (21) mayor330
ئاللاھ !!! ئاتىسىز، ئانىسىز لارنىڭ كۆڭلىنى پۈتۈن قىلغايسەن ،
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ، ئىمان، نۇرىنى چاچقايسەن !!!

2010___ يىلى 01___ ئاينىڭ 17___ كۈنى ( يەكشەنبە ) << 网吧>>


 







بالىلىقىم كەلسەڭچۇ يېنىپ

بالىلىقىم كەلسەڭچۇ قايتىپ،
رەگەتكىدە قۇشقاچلار ئاتسام.
سەبىي چاغلار كەلسەڭچۇ قايتىپ،
تاتلىق مومام باغرىدا ياتسام.

بالىلىقىم كەلسەڭچۇ قايتىپ،
غەمسىز كۈلۈپ يايراپ كىتەتتۇق.
كەپسىز چاغلار كەلسە گەر قايتىپ،
ئوبۇرنىدا <<زىيان>> چىكەتتۇق.

بالىلىقىم كەلسەڭچۇ قايتىپ،
سۇ كەلسىلا ئۆردەك بۇلاتتۇق.
قەھىرتان قىش كەلگەندە قايتىپ،
مۇز ئۈستىدە چانا ئوينايتتۇق.

بالىلىقىم كەلسەڭچۇ قايتىپ،
ئازاپلارنى ئويلاپ يۈرمەتتۇق.
ۋاقىت كەتكەن بولسىتى قايتىپ،
قەيغۇ بېسىپ خىيال سۈرمەيتتۇق.

ئەپسۇس كەلمەس بولدى بالىلىق،
يانالمىغاچ ۋاقىت كەينىگە.
ئەپسۇس كەلمەس بولدى چىن شاتلىق،
رىقابەتتە چۈشكەچ بەيگىگە.

بالىلىقىم كەلمىسەڭ مەيلى
ئەسلەپ قۇياي تاتلىق بىر كۈلۈپ
گۈللەر تېراي كۈلمىسەم مەيلى
پۇراق چاشسۇن گۈللۈرۈم ئۈنۈپ

گەرچە يازغانلىرىم ، قاملاشمىغان بولسىمۇ بىراق ، مەندەك يېزا باللىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بولىشى مومكىن،............ 330




خەيرى خوش نادان يايرىم

خەيرى خوش سۆيگۈمنى بىلمىگەن يايرىم،
خەيرى خوش كۈلگەندە كۈلمىگەن يايرىم
تىڭىرقاپ تەمتىرەپ يۈرسەم سىنى دەپ
تاماشا بوپ ساڭا كۈلىسەن دائىم 

خەيرى خوش بېغىمدا ئۈنمىگەن گۈلۈم
خەيرى خوش مۇھەببەت شىرىن كۈنلۈرۈم
مۇھەببەت بېغىدا سەيلە قىپ يۈرگەن
خەيرى خوش شۇ كېچە تاتلىق تۈنلۈرۈم 
 
خەيرى خوش ئامرىقىم قارارىڭ قالتىس
مۇھەببەت چۈشىمدە بولغانتىڭ ئارتىس
ئەخمەق قىپ سەن مىنى نىمە نەپ تەگدى
بىلسەم سەن ئەسلى بىر ساقايماس سارىس 
 
دۈشمەنلەر يۈرمەكتە ھەر زامان قەستە
سەن بولساڭ غادايدىڭ مەن قالاي پەستە
بولدى مەن چارچىدىم يۇلۇڭدىن قالما
تاماششا كەينىدىن ئاھۇ ھەۋەستە
 


 



ياشىدىم كۈلۈپمەن، بولمىساڭمۇ سەن.


ۋەدىلەر  بەرگەنتىڭ  شىرىن  سۆز بىلەن،
كۈلەتتىم  كۈلسەممۇ  بىللە سەن  بىلەن.
بىراق مەن قالغاندا سۆيگۈڭدىن مەھرۇم،
<<ياشىدىم>>يېنىمدا بولمىساڭمۇ سەن. 



ئىشەنگەن ئىكەنمەن گۆدەك  بولغاچقا،
گويا سەن  ئارتىستەك ئويۇن قويغاچقا.
بىلسەم بۇ ئەسلى بىر ساختا يۈرەككەن،
كۈلدى شۇ قۇياشىم  بولمىساڭمۇ سەن. 


بىر سېنى بىر سېنى سۆيۈپتىكەنمەن،
يۈرەكنى قوش قوللاپ   بېرىپتىكەنمەن.
تاشلىغان چېغىڭدا  پەرۋاسىز چۆلگە،
ياشىدىم ئۆلمىدىم بولمىساڭمۇ سەن. 


دۇنيادا بىر سېنى ئەڭ چىن بىلەتتىم،
شەكسىز ساڭىلا  ئىشىنىپ  يۈرەتتىم.
كىيىكلەر ياتمىدى ئىشەنگەن <تاغدا>.
يەنىلا  ياخشىكەن  بولمىساڭمۇ  سەن. 

ئەسلــــىكەن  گۇناھىم  سېنى   سۆيگۈنۈم،
سەن ئۈچۈن دەردلەردە  غېرىپ  يۈرگىنىم.
ئايرىلىپ  بىر  مەزگىل  ئېچىندى   يۈرەك،
يېتەرمەن<<مەنزىلگە>>بولمىساڭمۇ سەن. 


نـــــــــى ئالەم ، قىش كېتىپ كەلگىلى باھار،
سۇلارمــــــــۇ  دۆڭلەردىن تۆۋەنگە  ئاقار.
سەن شۇ گۈل دۆڭدىكى يامغۇرغا مۇھتاج،
ياشىــــــدىم كۈلۈپ مەن بولمىساڭمۇ سەن.

 

2010_ يىلى

مۇشۇنچىلىك يوللاپ  تۇراي، بەلكىم بۇنى ھەممىڭلار ئوقۇپ بولغان
بولىشىڭلار مومكىن لېكىن بۇ توپلاپ ...





<<1>> قىسمى تامام.

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
suzuk-ay + 50 نادىر
تارىم + 100 ئىجادىيەت
قىزغىن + 100 نادىر تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 250   باھا خاتىرىسى

مۇنبەرسىز ھايات.

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 383
يازما سانى: 1718
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 41171
تۆھپە نۇمۇرى: 1112
توردا: 2034 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 01:42:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن!

باللىق ،ئاتا -ئانا ھەققىدە يازغان تېمىللىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. ئاندىن لېرىكىللىرىڭىزدىكى ‹گوروز›، ‹سارىس› دېگەن ئاتالغۇلارنى باشقىچە ئىپادىلەپ باقسىڭىز قانداق بۇلار؟ ئىملادىمۇ ئاز-تۇلا خاتالىق باركەن.
ئەڭ ئاخىردىكى كۇپلىتىدىكى بار دېگەن سۆز ئەسلى باھارغۇ دەيمەن؟ سەمىمىي تەكلىپىمنى باشقىچە چۈشىنىپ قالماسسىز مايور.

جەننەت ئاتا-ئانىلارنىڭ ئايقى ئاستىدا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10723
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 321 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 01:44:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن باشقۇرغۇچىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلاي :>؟؟

مەن ھېلىقى مۇنبەرنىڭ مۇلازىمەترايۇنىدىن 1000 مۇنبەر پۇلىغا ئىسىم ئۆزگەرتىش قۇرالى سېتىۋېلىپ ،يا ئىسىم ئۆزگەرتەلمىدىم يا پۇلۇمنى قايتۇرۇپ كىلەلمىدىم دەرىجەم قەۋەتلەپ چۈشۈپ كەتتى ،قانداق قىلسام بولىدۇ ئېغىر زىيان بولدى ھەي ........  ، 1000 مۇنبەر پۇلىنى خېلى جاپادا تاپقان ،،  سىلەر بىرنىمە دىسەڭلار باشلىقلار  ؟>؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3154
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11620
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 01:45:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىېئىرىڭىسز ئىسل ئىكەن مەن بەك ياقتۇردۇم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10723
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 321 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 02:09:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت @OTKAX@ كە 2010-07-27 01:42 AMئەۋەتىلدى :
مۇبارەك بولسۇن!

باللىق ،ئاتا -ئانا ھەققىدە يازغان تېمىللىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. ئاندىن لېرىكىللىرىڭىزدىكى ‹گوروز›، ‹سارىس› دېگەن ئاتالغۇلارنى باشقىچە ئىپادىلەپ باقسىڭىز قانداق بۇلار؟ ئىملادىمۇ ئاز-تۇلا خاتالىق باركەن.
ئەڭ ئاخىردىكى كۇپلىتىدىكى بار دېگەن سۆز ئەسلى باھارغۇ دەيمەن؟ سەمىمىي تەكلىپىمنى باشقىچە چۈشىنىپ قالماسسىز مايور.



تەكلىۋىڭىزنى كەمتەرلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمەن ، مەن قايتا بىر قاراپ باقاي . ......

شىرىن     چۇش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2441
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8917
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 682 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2013-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 02:12:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ھىسراتلىق يېزىلىپتۇ،
ماڭا  بەك ياقتى ، قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتىم ،
دوستۇم(2) قىسمىنى قچان كۈرىمىز؟

https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid=6605

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 1818
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17648
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10508 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 10:55:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شىئىرمەزمۇنلۇق ھىسياتقا باي چىقىپتۇ  بەك ياخشى چىقىپتۇ     .

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1577976
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12109 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 11:43:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4(قىزغىن)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

بىزدە نۇرمال كۆرۈندى [s:47]

دوستلۇق-ھاياتنىڭ ئىنتايىن گۈزەل خاتىرىسى. ئىنسان خوشال چاغلىرىدا بەلكىم دوستىنى ئويلىماسلىقى مۇمكىن، بىراق تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا چايقىلىپ، بېشىغا خىلمۇ-خىل قىسمەتلەر چۈشكەندە، بىر چاغلاردىكى مېھرىبان دوستلىرى يادىغا يېتىدۇ...

@كىمنى سۆيسەڭ ھە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12908
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1801 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 01:01:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىكەن..................................

@كىمنى سۆيسەڭ ھەقىقى سۆي ئالدىمىغىن@ @ رَّحْمَنِ ارَّحِيم بِسْــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّحِيم@

ئاللاھ ماڭا يار بولغىن ~!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1729
يازما سانى: 1150
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 119526
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 2590 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 01:01:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مايور ئەپەندىم... ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىچىدە شېئىرغىمۇ خېلى ھەۋىسىڭىز بار ئىكەن.ياخشى چىقىپتۇ.ئىسىل تېمىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىپ كېلىۋاتىمەن.يەنە مۇنبەر ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
شېئىرىلىرىڭىزدىن ئۆزگىچە يېزىش ئۇسلۇبىڭىزنى بايقىدىم .قەلەم توختاپ قالمىسۇن...

غــــەيرەت قىـل ئــاي !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش