پەقەت بوۋاقلارلا ھەقىقى يىغلىيالايدۇ ۋە پەقەت ئاللاھلا ھەقىقى ئەپۇ
قىلىدۇ،ئەگەر بىر كۇنى مىنى تاشلاپ كىتەر بولساڭ،شۇنى بىلگىنكى جېنىم:بوۋاق ئەمەسمەن يىغلىيالماسمەن،ئاللاھ ئەمەسمەن ئەپۇ قىلالماسمەن..........
قارا جېنىم،قۇياش يەنە پاتتى،ھاياتىمنىڭ رومكىسىغا يەنە بىر لىپمۇلىق«سەنسىز بىر كۇن»قۇيۇلدى.
«ئۇخلاپلا يۇرىيدۇ » دەپ مىنى ھورۇن دىيىشىدۇ،ئەمما ئۇ ھاماقەتلەر
بىلمەيدۇكى،چۇشلىرىمدە سىنى كۆرۇۋاتقانلىقىمنى.........
مازارلىقنىڭ ئۇدۇلىدىن بىر مەيخانا تىپىۋالدىم،ئەگەر مىنى قايتىدىن ئىزدەپ
كىلىپ قالساڭ،يا مەيخانىدا بولىمەن يا ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا..........
سىنى كىچە ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشىتىمەن،سەن شۇ يۇلتۇزلاردەك نۇرلۇق ھەم گۈزەلسەن،ئەمما ئاراڭلاردا بىر تۇپ پەرق بار،ئۇلار مىليۇنلارچە سەن پەقەت بىرلا.......
نەدە يۇلتۇزلارنى ئىستەپتىمەن كىچىلىرىمگە؟نەدە قۇياشنى ئىستەپتىمەن
كۇندۇزلىرىمگە؟ھەممىسى يالغان! بىلسەڭكى جېنىم ،بىر سىنى ئىستىدىم
يالغۇزلۇقۇمغا...........
سىنى بەك سىغىندىم جېنىم ،سىنى ھەر بىر سىغىنغاندا ئاسمانغا بىر يۇلتۇز
ئىسىپ قويدۇم،سىنى قانچىلىك سىغىنغىنىمنى بىلگۇڭ كىلىۋاتامدۇ جېنىم؟ كىچە
ئاسمىنىغا قارا،ئۇنى مەن ياراتتىم.........
بىر دىڭىز دەپ ئويلا سۇسىز قۇرىغان،بىر كىچە دەپ ئويلا ئۇيقۇسىز قالغان،بىر
ئادەم دەپ ئويلا بەختى ئىچىلمىغان،بىر باھار دەپ ئويلا گۈل-چىچەكسىز
قالغان،بىر مىنى ئويلا سەنسىز قالغان.........
قال جېنىم قال،مىنىڭ چۇشلىرىمدە ئاخىرغىچە قال،ئويغۇنۇپ كىتەرسەنمۇ دەپ
ئەنسىرىمە،بىر سىنىڭ ئۇچۇن ئاللاھدىن مەڭگۇلۇك ئۇيقۇ تىلەپ قويدۇم..........
مەلۇم بىر كۇنى يىرىم كىچىدە چۆچۇپ ئويغۇنۇپ كەتسەڭ،بىلگىنكى بۇ مەن
رەسىمىڭنى ئاستا سۆيگەن كىچىدۇر،مەلۇم بىر كۇنى تۇيۇقسىز كۆڭلۇڭ بۇزۇلۇپ
يىغلاپ قالساڭ،شۇ گۈزەل ئاھۇ كۆزلىرىڭدىن بىلگنكى،بۇ مەن سەنسىز قىلىپ
يالغۇزلۇقتا ئۆلگەن كۇنۇمدۇر..........
قارا ئاسمانغا،چۇشۇۋاتقان يامغۇرلار سىنىڭ ئۇچۇن توككەن كۆز
ياشلىرىمدۇر،ئۆتۇنەي سەندىن، قولۇڭدىكى يامغۇرلۇقنى تاشلىۋەت،كۆز ياشلىرىم بولسىمۇ سىنى بىر سۆيىۋالسۇن.....
سىنى سۆيىمەن،لىكىن بۇ سىنىڭ كىم بولغانلىقىڭدىن ئەمەس،سىنىڭ بىلەن بىرگە بولغاندا ئۆزۇمنىڭ كىملىكىمنى بىلىۋالالىغىنمدىندۇر.....
مىنى دوزاق ئوتلىرىغا تاشلا قىنى! پۇتۇن جىسمىم كۆيۇپ كۇل بولسۇن!
توختا،يۇرىكىمنى قويۇپ قوي،چۇنكى ئۇ يەردە سەن بار ئەمەسمۇ جېنىم.......
سىنى مەن ئەمەس كۆزلىرىم تاللىدى،ئۇلار سۆيدى.سەن مىنىڭ ئەمەس ئۇلارنىڭ تۇرساڭ،ئەمدى ئۇلارنى تاشلاپ كەتكىنىڭدە،ئەخمەق كۆزلىرىمنىڭ سىنى دەپ ماڭا يىغلاپ بەرگىنى نىمىسى ........