|
|
|
|
كەچۈرۈڭلا ! ئەمدى تىما يوللىيالمايمەن ...
سۇتۇق
نەسىر
يۈگۈردۇم يۇ تورخانىغا كىردىم، ئىككى قولۇم كونۇپكا تاختىسىدا ، توۋا ، ئەتىراپىمغا نۇرغۇن كىشىلەر ئولىشىۋالدى ، قارا ئاۋۇنىڭ گىپىگە ، مىنى تىخى ئۇيغۇرچە خەت بىسىپ كىتىپتۇ ، ئۆز كۆڭلىدە شائىر - يازغۇچى بولىدىكەن دەۋاتمامدۇ ! ماۋۇچۇ تىخى ، ئۇيغۇرچە خەت باسقىنىم ئۈچۈن "مەتۇ" ئاتالدىم . بولدى بەس ، ئەگەر تىما يازماي مۇشۇلارنىڭ پىتنىسىدىنلا قۇتىلىدىغانلا بولسام ، كەچۈرۈڭلا ! ئەمدى تىما يوللىيالمايمەن .
ئاۋۇ يەردە بىرجۇپ قىز يىگىت نىمىلەرنىدۇ دىيىشىپ بىر ئورۇندۇققا چىقىۋىلىپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرماقتا ، يىگىتنىڭ بىر قولى مائۇس دا بولسا يەنە بىر قولى قىزنىڭ بەدىنىدە بەھوزۇر سەيلە قىلىۋاتىدۇ . ئاھ خۇدا ، تورخانىدا ھىچ بولمىسا 70 - 80 ئادەم بارغۇ ؟ ئۇلار ....... ئىلھام قاچتى ، قەلىمىم پۈكۈلدى ،بايامنىڭزى نەلەرگىدۇر پەرۋاز قىلىپ رومانتىك خىياللارنى سۈرىۋاتقان يۈرۈكۈم ئەمدە بولسا گادۇرماچ خىياللارغا چۈمۈلدى . ئەگەر تورخانىغا كىرمەي مۇشۇ ئىپلاسچىلىقنى كۆرمەيدىغانلا بولسام ،كەچۈرۈڭلا ! ئەمدى تىما يوللىيالمايمەن .
قويۇق تۇمان ، خۇددى كۈشلۈك ئوت ئاپىتى بولغاندەك پۇتۇن يەر تاماكا ئىسلىرى بىلەن تولغان ، ھەتتا ئالدىمدى كونۇپكا تاختىسىغىمۇ يىقىن كەلمىسەم كۆرەلمەيدىغان دەرىجىدە ، قارا ! ماۋۇ يىنىمدا ئولتۇرغان نىجىس قولىدىكى تاماكىنى كۈچەپ شورىدى - يۇ ، پۈۋلەيدىغان يەر تاپالمىغاندەك ئۇستە باشلىرىمنى بۇلغاشقا باشلىدى . ئاۋۇ ياقتا ئۆز جىنى بىلەن بولماي ھاراقنى بولىشىغا ئىچىپ ، كۆتۈرەلمىگىننى ئاز دەپ بايامنىڭزى يەرگە قۇسسۇپ بەچەل قىلىۋەتكەن بىرسى ئىككى ئورۇندىقنى بىر جۇپلاپ دۈم خورەككە چۈشۈپ كەتتى . ھەممە يەرنى پاسكىنچىلىق ، ئاچچىق ئىس تۈتەكلەر بىسىپ كەتتى . تولىمۇ ھۆتۈلۈپ گاللىرىممۇ پۈتۈپ كەتتى . ئەگەر تورخانىغا كىرمەي مۇشۇ مەينەتچىلىكدىن قۇتۇلىدىغانلا بولسام ، كەچۈرۈڭلا ! ئەمدى تىما يوللىيالمايمەن .
ۋاي-ۋۇي ، نىمە ۋاراڭ چۇرۇڭ بۇ ؟ بىرسى يۇقىرى ئاۋازدا تىلغۇن پاراڭلىىشىۋاتقان ، يەنە بىرى نىمەبولدىكى تاڭ نائۇشنىك نى قۇلىقىغا سىلىۋىلىپ جىنغا سۆزلىگەندەك ئۆز-ئۆزىگە ئۆزلەۋاتقان ، مايەدە ئىككىسى چۇ تىخى ، كىچىككىنە بىر ئويۇننى دەپ گال بوغۇشقىلى تۇردى .... قۇلاڭ مىگەمنى بىر ئالدى ، بۇنداق يەردە تۇرىۋەرسەم ئاخىرى بىر كۈن گاس بوپ قالىدىغان ئوخشايمەن ،، ئەگەر تورخانىغا كىرمەي مۇشۇ خاپىلىقدىن قۇتۇلىدىغانلا بولسام ،بولدى بەس ، كەچۈرۈڭلا ! ئەمدى تىما يوللىيالمايمەن .
2010-يىل7-ئاي
قەشقەر
|
|
|
|
|
|