ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تور بېكىتىنىڭ ئەزىز ئىشىتراكچىلىرى:
تور بېكىتىمىز سەھىپىلىرىمىزنى ئىزچىل يېڭىلاش پىرىنسىپى بىلەن بۇ قېتىم مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا Phpwind سېستىمسىدىن Discuz سېستىمىسغا كۆچىۋالدۇق.
بۇ جەرياندا نۇرقۇت تورى بېكەت مەسئۇلى FinalDream(نۇرقۇت) ئەپەندىم بىزنى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەپ،نۇرغۇن ۋاقتىنى بىز ئۈچۈن چىقىرىپ، ئەسلى مىسرانىم مۇنبىرى ئۇسلۇبىغا پۈتۈنلەي ئوخشىغان بۇ سېستىمىغا مۇۋەپپىقىيەتلىك كۆچۈشىمىزگە باشتىن ئاخىر ئىزچىل ياردەم قىلدى. بىز مىسرانىم تورى نامىدىن دوستىمىز FinalDream(نۇرقۇت) قا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز!
يېڭى مۇنبەر بىلەن يېڭىچە باش سۈرىتىڭىزنى چىقىرۋىلىڭ . باش سۈرەت چىقىرىش ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ ياقتۇرغان بىر پارچە رەسىمنى كومپىيۇتىرىڭىزغا چۈشۈرۈپ مۇنبىرىمىزنىڭ باش سۈرەت چىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپلا چىقارسىڭىز بولىدۇ.
باش سۈرەت چىقىرىش -->>
ئالماشتۇرۇش جەريانىدىكى سىستېما قۇرۇلمىسىدىكى پەرق سەۋەبىدىن، بىر قىسىم ئەزالارنىڭ باش سۈرىتىنى يۆتكەپ ئەكىلىشكە ئىمكان بولمىدى. بۇ بىر قىسىم ئەزالار باش سۈرىتى سېستىما باش سۈرىتىگە ئايلىنىپ قالدى . زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ بىزنى توغرا چۈشۈنۈپ باس سۈرىتىنى قايتىدىن بېكىتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كونا مۇنبەردىن باش سۈرىتىڭىزنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يېڭى مۇنبەرنىڭ باش سۈرەت چىقىرىش ئىقتىدارى ئارقىلىق باش سۈرىتىڭىزنى چىقىرۋىلىڭ.
__________
يەنە باشقا نورمالسىزلىقلارنى بايقىسىڭىز مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسىڭىز نۇرقۇت ئەپەندىمنىڭ ياردىمى ئاستىدا بىز خاتالىقلارنى ئەڭ تېز تۈزەپ چىقىشقا تېرىشىمىز.
مۇنبىرىمىزنىڭ باشقا يېڭى ئىقتىدارلىرى شۇنداقلا باشقۇرغۇچىلار رايونى قاتارلىقلار دەرىسلىك قىلىپ ئىشلىنىپ پات ئارىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان خاتالىقلارنى ۋاقتىدا مەزكۇر تېمىغا مەلۇم قىلىپ قويسىڭىز.شۇنداقلا مۇڭداشقۇلاردىكى بېكىتىمىز ئەزالىرىغا باش سۈرەت ئالماشتۇرۇش مەزكۇر تېمىسىنى يوللاپ بەرسىڭىز.
يېڭى يىلدا يېڭىچە سېستىما بىلەن مىسرانىمنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى.
2011 - يىلى 12- ئاينىڭ 29 -كۈنى