مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 912|ئىنكاس: 10

ھىجران تىنىقلىرى~( يانغىن ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزىز ئىمىر يانغ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1354
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 21480
تۆھپە نۇمۇرى: 427
توردا: 1764 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 10:53:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھىجران تىنىقلىرى



*****************



يانغىن




(1)
قەلبىمدە تولىمۇ شىرىن بىر تۇيغۇ داۋالغۇماقتا . ۋۇجۇدۇمدا ساڭا بولغان تەلپۈنۈش يېڭىدىن بىخ سۈرۈشكە باشلىدى... 
قەلبىم سۈزۈك شەبنەمدەك لەۋلىرىڭگە قوندى. يۈرۈكلەردە تىپچەكلىگەن چەكىسىز بىتاقەتلىك ئىنساننىڭ ئەڭ نازۇك ھىسياتلىرىنى بىزدە ئــويغـاتتى. شۇ گۈزەل دەقىقىلەردە سىنىڭ قانداق ئويلاردا بولغىنىڭ ماڭا قاراڭغۇ . ئەمما سىنىڭ قەلبىمدىكى پەرى سۈپەت ئوبرازىڭ مىنىڭ ھەممە مىھرىمنى تارتتى . قەلبىم ساڭا شۇنچە تىزلا مايىل بولدى. كۆككە باقتىم، ھەممە مەن ئۈچۈن تولىمۇ سۆيۈملۈك، گۈزەل بىلىندى. چۈنكى كىشى قەلبىدە يېڭى مۇھەببەت ئــويغانـغاندا مۇشۇنداق تەسەۋۋۇر تۇيغۇلارنىڭ بۇلىشى ناھايىتى ئېنىق . كۈنلەرنىڭ بىر - بىرىنى قوغلىشى بىلەن سەنمۇ كېتىش ئالدىدا تۇرىسەن. كۈنلەرنى رەھىمسىز دەپ تىللاشتىن باشقىنى بىلمىگەن ھالدا سائەتىنىڭ ئۆز ئىزىدا توختاپ قېلىشىنى ئازاپ ئىلكىدە كۈتىۋاتىمەن. لىكىن رىئاللىق دىگەن ھامان رىئاللىق ، كىممۇ رىئاللىقىنى ئۆز ئىدىيسىگە بويسۇندۇرالىغان؟ ئۇنىڭغا باش ئىگىپ ياشاشىنى توغرا كۆرمەي ئامال يوق... 
شۇ تاپتا سەن كېتىش ئالدىدا تولىمۇ يىراقتىن سېغىنىشنىڭ ھىدى دىماققا ئۇرۇلماقتا. زىمىن ئەركىسى شوخ شاماللاردىن تەسكىنلىك ئىزدەپ ئۇنىڭدىن سېغىنش ئازابىمنى ساڭا يوللاشنى ئويلىدىم. 
تاڭ سەھەر ئۇپۇق يىرىپ چىققان ئىللىق قۇياشتىن ساڭا ئوتلۇق سالىمىمنى يوللاشنى ئويلاپ قويدۇم. 
كۈيچى قۇشلاردىن ساڭا ئاتاپ يازغان سۆيگۈ نەزمەمنى ، جىرالاردىن ئېقىپ چۈشكەن سۈزۈك بۇلاق سۈيىدەك غۇبارسىز كۆڭلۈمنى ئەۋەتىشنى ئويلاپ قويدۇم . 
بۇژغۇن چاچرىتىپ دولقۇنلاۋاتقان دەريا مەلىكىسىگە دەپ سەن ئۈچۈن ئۈنچىلەرنى تىزغۇزۇپ ساڭا ئاتاشىنى ئويلاپ قويدۇم . 
پۈتكۈل جىسمىمدا بىر سەن ئۈچۈن يېڭى بىر ھىسيات توغۇلدى. بۇ شۇنچىلىك ساپلىققا ، چىنلىققا ئىگىكى ، ھەر قانداق بىر شەيئىنىڭ ساپلىقى ئۇنى بېسىپ چۈشەلمەيدۇ. ئەمما مانا بۇلارنى چۈشىنىش يەنىلا سىنىڭ قەلب روشەنلىكىڭگە باغلىق. 
سەن شۇنچە يىراقتىن مەندە سۆيگۈ ئـويغىـتىش ئۈچۈن ، سېغىنىش ئازابىنى ماڭا ھەمراھ قىلىش ئۈچۈن كەلگەنمىدىڭ ، سەن قەلبىمىگە يېڭى بىر مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چېچىپ قويۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرىسەن. قەلبىم سەن بىلەن بىللە كېتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلۋاتىدۇ. ئۇ ساڭا ھەمراھ بولسۇن ، ئۇنى قوغلىمىغىن. سەن چاچقان مۇھەببەت ئۇرۇقىنىڭ قەلبىمدە بۇنچە تىز بىخ سۈرىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. خۇددى ساڭا ئەزەلدىن تەشنا بولغان كىشىدەك ، سەن بىلەن ئەسرا بولغان ئەشۇ دەقىقلەردىن باشلاپ، ساڭا تەلپۈنگەن قەلبىمگەساڭا بولغان چەكسىز بىتاقەت ھۆكۈمدار بولدى. 
مانا سەن ئۈچۈن يازغان قەسىدىلىرىمنى ساڭا پايانداز قىلىپ سالاي . سەن بىر بېسىپ -ئىككى بېسىپ مەندىن ، ئانا يۇرتۇڭدىن خوشلىشىپ كەتكىن. كۈتۈش ئاشىق ئۈچۈن يىرىم دىدار ، ئەمدى قاچان قايتىپ كىلسەن، يۈرەكلىرىڭدە ساقلانغان مۇھەببەت يەنە ئۆز پىتى ساقلىنىپ قالامدۇ ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم . 
خوش گۈلۈم ، ھەر جايدا بولساڭ ئامان ئىسەنلىك ساڭا ھەمراھ بولسۇن . قەلبىڭ كۆك ئاسماندەك سۈزۈك ھەم بىغۇبار بولسۇن. ھىدايەت نۇرلىرى باسقان ھەر بىر قەدەملىرىڭگە چاچقۇ بولسۇن !

(2)
بۇلۇتىنى ئۆزىگە دالدا قىلىپ مۈكۈ-مۈكۈلەڭ ئويناۋاتقان تولۇن ئايغا قاراپ ئارامبەخىش تۇيغۇغا چۆمۈلدۈم ... 
تۇلۇن ئاي زىمىنغا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن بېقىۋاتىدۇ . خۇددى سەلكىن شامالنىڭ ينىك پەپىلىشىدە مەستخۇش بولۇپ ، شىرىن مۇھەببەت قوينىغا چۆككەن ئاشىقلارغا ھەۋەس قىلغاندەك ، چۈنكى ئاي ئۆزى يالغۇز بولغاچ جۈپ -جۈپلەرنىڭ بەختىدىن ھۇزۇر ئېلىۋاتىدۇ. 
يېنىمدا توختىماي سايرىشىۋاتقان تۇمۇزغىلار كېچە جىمتىلىقنى بۇزۇپ ، قايناق ھاياتنى ئىپادە قىلغاندەك تۇيغۇ بىرەتتى . 
ئاي شۇقەدەر جەزىبدار ، ئۇنىڭغا قارىغانسىرىم ئۇ بىردە شۇنچە بەختىلىك ، بىردە شۇنچە مەيۈس ، بىچارە كۆرۈندى. توغرا ، يالغۇزلۇق ھەقىقەتەن چەكسىز بەخت ھەم ئېغىر ئازاپ ... 
شۇنچە كۆپ ئادەملەر توپى ئىچرە ياشاپمۇ مىنى تەنھالىق ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالدى ، خۇددى بۇ ماڭا بىرىلگەن ئىنئامدەك ... 
دىرىزىدىن كىرگەن ئاي نۇرى غېرىپ خانەمنى ئاجىز نۇر تالالىرىغا چۆمدۈردى. كىشىنى خىيال قوينىغا باشلايدىغان سەلكىن شامال قۇلاق تۈۋىمدىن غۇررىدە قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى . ئايغا قاراپ يەنە شۇ روھىمغا ئۇزۇق بۇلىدىغان شىرىن خىياللارنى سۈرۈشكە باشلىدىم . بەزىدە خىيال سۈرۈشنىڭمۇ ئۆزگىچە لەززىتى بار . بۇ گەرچە ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئەسلىمىسى بولسىمۇ . ئەمما يۈرەك قېتىغا ئورنالغان ، ئەسلەش قىممىتى بار كۆڭۈللۈك دەقىقىلەر يەنىلا  بىزلەرگە  شاتلىق ئاتا قىلدىكەن . 
كۆزلىرىمدە مۇڭ ، تىنقىلاردا مۇڭ ، كۈيلەردە مۇڭ .. رومانتىك تۇيغۇلار بىلەن مۇڭلىرىمغا مۇڭ قېتىلدى. قېنى قايسى بىر ئاشىق مەندەك مۇڭلارغا چۆكۈپ باقمىغان ... ھىجران ئازابىنى تارتىپ باقمىغان . مۇھەببەت بولسىلا ھىجران ھەرۋاقىت ئەتراپىڭىزنى ئارلاپ تۇرىدۇ . پۇرسەت بولسىلا سىزگە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىشنى، سىزنى قىيناشنى كۆزلەپ يۈرىدۇ . چۈنكى مۇھەببەتتە ھىجران بولغاچقىلا ئۇ شۇنچىلىك شىرىن ، شۇنچىلىك تاتلىق... 
كېچە جىمجىتلىقى يەنە شۇ پېتى ... شۇنچىلىك جىمجىت ،شۇنچىلىك يىقىملىق ، شۇنچىلىك رومانتىك، شۇنچىلىك مۇلايىم، شۇنچىلىك ئېغىر بېسىق ... مەن كېچىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن ھەم سىنىڭ مۇشۇ كېچىدەك بولۇشىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن... 
ئاي بۇلۇتلار قوينىغا شۇڭغۇشقا باشلىدى . خۇددى ھىجران دەشتىدە ئازابلانغان ئاشىقتەك ماڭا ناھايىتى بىچارە كۆرۈندى. ئۇ يۈزىنى ئاستا - ئاستا يۇشۇرۇشقا باشلىدى...مەنمۇ ھاردىم، چارچىدىم بولغاي قەلەملىرىم گاللاشتى . كېچە شاملىى يۈزىمنى تاتلىقىنە سۆيۈپ ئۆتتى ، ۋۇجۇدىمىدا ساڭا بولغان ئىسيانكار سېغىنش ئەۋجىگە كۆتۈرىلىشتىن بۇرۇن مەنمۇ تۇيغۇلار قۇينىدىن ئايرىلىپ دېرىزەمنى ئاستا يىپىۋالاي. 
ياستۇقىم چۈشلەر دۇنياسىغا ئوخشايدۇ ، ساماۋىي دۇنيادا سەن بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالدى...خوش مەنمۇ ياستۇققا بېشمىنى قۇياي. ئەمدى  قۇياش ئۇپۇق يىرىپ چىققانغا ، سىرتقى مۇھىت تاتلىق ئۇيقۇمغا ھەسەت قىلمىغانغا قەدەر سەن بىلەن بىللە بۇلاي ، كەلگىن !  
(3)

قەلب ھىسياتلىرىمىنى دەريا بۇژغۇنلىرىدەك چاچرىتىپ تەپەككۈر ئالىمىدە ، ئىلھام دېڭىزىدا ئۈزمەكتىمەن. بىر كىملەر كۆڭۈل ئاسمىنىمدا چاراقلاپ ياندى. بىردەملىك چاقىغان نۇرلار سەزگۈلىرىمنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، مەندە چەكسىز مۇھەببەت ئــويغـاتتى. 
كۆك قوينىدا ئىللىق نۇر چىچىۋاتقان قۇياشنى جىمى بەختىنىڭ سىموۋلى دەپ بىلىپ ، ھارارىتىگە ، مىھرىگە تەشنا بولدۇم. ئازابلىق يېشىنى ئانا تۇپراققا تۆكىۋاتقان يامغۇرنى كۆزيېشىم دەپ بىلدىم . كېچە قوينىدا جىمىرلاپ كۆز قىسىۋاتقان چولپان يۇلتۇزلارنى سىردىشىم دەپ بىلدىم. ئۆزۈمنى شۇنچىلىك يالغۇر ھېس قىلىۋىدىم ، ئەمما ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەر ھەمراھ ئىكەن. 
مەن ئۆز تەقدىرىم، يالغۇزلىقىم ئۈستىدىن قۇرۇقتىن - قۇرۇق شىكايەت قىلىپ ، بىر كىملەرنىڭ بەختىگە ھەۋەس قىلىپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۋاتقان ئۈشبۇ كۈنلەردە مىنىڭمۇ ئەتراپىمنى تالاي بەختلەرنىڭ چۆرگىلەپ يۈرىۋاتقانلىقىنى ئاستا - ئاستا ھىس قىلشىقا باشلىدىم . 
بۈگۈنۈم مەن ئۈچۈن ئەڭ زور بەخىت. مەن بۈگۈندىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك بايلىقىمىنى ئەتە ئۈچۈن دەسمايە قىلدىم. بۈگۈن تەنتەكلىك قىلىپ كىملەرنىڭ مۇھەببەت دېڭىزىدا ئۈزگەن بولسام، ئەتە يەنە بىر كىملەرنىڭ مۇھەببەت ئوكياندا تەمتىرمەي ئۈزەلىشىم مۇمكىن. 
مانا بۈگۈن سەن يىراققا، تولىمۇ يىراققا كېتىش ئالدىدا تۇرىسەن. سىنىڭ مۇھەببەت دېڭىزىڭدا تۇرۇپمۇ شۇنچىلىك چاڭقىدىم . نە ئۈچۈن ماڭا ئۇسسۇزلۇق بەرمىگىنىڭنى بىلىپ يەتمىدىم. سەن ئۈن -تىنسىزلا كىتىپ قالدىڭ ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ <<خەير- خوش !>> دىگەن سۆزلىرىڭنى ئاڭلىيالمىغانلىقىمدىن بىردە ئېچىنسام، بىردە سىنىڭ مەن ئۈچۈن قىممەتلىك ئىمتھان مەيدانى ، سورۇنى ھازىرلاپ بىرىپ كەتكىنىڭدىن خوش بولدۇم ... سەن ماڭا شۇنى تۇنۇتقان ئىدىڭ ، سەندىكى مۇھەببەتكە بولغان تۇنۇش ناھايىتى ئاجىز ئىكەن . 
تاڭ سەھەر گۈل بەرگىگە قونغان شەبنەمنىڭ شۇنچىلىك پاك بۇلىشى نايتايىن ، ئەلۋەتتە ئۇمۇ مۇھىتنىڭ بۇلغىمىلىرىغا ئۇچرايدۇ ئەمەسمۇ. 
ئىنساندا بۇلىدىغان زىيادە ئىشىنشمۇ ئاقىۋەتتە پۇشايمان قاچىسىنى ئالدىمىزغا قۇيۇپ قويىدىكەن. ئىنسان بۇ دۇنيادا پۇشايمان قىلىپ ئۆتكۈچىدۇر. ھەر قېتىملىق خاتا باسقان قەدەملىرىمىزدىن كېيىن ئېغىر خۇرسىنغان ، ئۇھسىنغان ھالدا نەپەس چىقىرىمىز. مانا بۇلار ئىنسان روھىيتىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقا. 
كۆكتە قۇياش نۇر چىچىپ تۇرغاندا ئەلۋەتتە بىز يامغۇردىن قورقمايمىز . ئەمما تەبىئەت رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ قارا بۇلۇتلار سايىسىنى تاشلىغاندا بولسا ئېھتىيات ئۈچۈن كۈنلۈك ئالمىغانلىقىمزغا پۇشايمان قىلىمىز. مانا بۇ ئاددىي مىساللار بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بۇلالايدۇ . كىشىلىك ھاياتتىكى ئىشلار پۇشايمان بىلەن مانا مۇشۇنداق باغلىنىشلىق. بۈگۈنىمىز ئەتە ئۈچۈن ساۋاق ھەم تارىخ. تارىخ قانداقمۇ كىشى قەلبىدىن تىزلا كۆتۈرۈلسۇن؟ 
سەن بىلەن ئەشۇ كۈندىكى خوشلىشىشنىڭ مەڭگۈلۈك بولىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئەمدى سەن - تارىخىمدا ساقلىنىپ قالغان ئاداققى ئەسلىمە، شۇنداقلا يېنىپ ئۆچكەن نۇرلۇق چىراق... ھاياتتا ئەمدى قايتا ئۇچرىشىشىمىزنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكىنىمدە ئاچچىق بىر ئازاپ مىنى ئىسكەنجىسىگە ئالدى، ھەممە ئۆتمۈشكە ئايلاندى... 
كۈزنىڭ بىشارىتىنى بېرىپ يىراقتىن ھۇۋلاپ كەلگەن شاماللار ۋۇجۇدىمدا قىرتاق ھېسلارنى ئـويغاتتى. سۇسىز قاغجىراپ ۋاقىتىسىز تۆكۈلۈشكە باشلىغان نىمجان ياپراقلار ئاياق ئاستىمدا يىنىك پىچىرلاپ ياتىدۇ. ئۇنىڭغا چەكسىز مۇڭ ، ھەسرەت مۇجەسسەملەنگەن . مىنىڭ ساڭا بولغان ھېسلىرىممۇ ئاشۇ ياپراقلارغا ئوخشاش بالدۇر تۆكۈلگەن ، ئەنە شۇنداق ھالسىز خىتاب قىلىدۇ ... 
ساڭا بولغان ھسياتلىرىمنىڭ كۈز شاملىغا قۇشۇلۇپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كىتىشىنى ئۈمۈد قىلىپ كۈزگە تەلپۈندۇم. پات يىقىندا سىنتەبىرمۇ يېتىپ كىلىدۇ. رومانتىكىغا تۇيۇنغان كۈز ئايلىرىدا مىنىڭ قەلبىم رومانتىك كۈيىنى ئەمەس خوشلىشىش كۈيىنى چالىدۇ ، ھەممە ئېغىر سۈكۈتكە تولىدۇ... مەنمۇ ئەشۇ ۋاقىتتا قەلبىمدە ساقلانغان سۆيگۈم بىلەن ئەبەدىي خوشلىشىمەن... 
قېنى ۋاقىت ، سەن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ماڭا نىجاتلىق بەرگىن !...  

(4)
قۇياشنىڭ ئاداققى نورلىرى زىمىن قوينىغا چىچىلدى. مەن سېغىنشىمنى. ئازابىمنى ئاچچىق تىنىقىلىرىم ئارقىلىق چىقارماقچى بولغاندەك . ئېغىر - ئېغىر ئۇھسىنىپ كۆككە باقتىم. 
سەن بىلەن ئۆتكەن قىسقا ئەمما تولىمۇ شىرىن كۈنلەر ، سەن  قەلبىمگە قالدۇرغان شىرىن تۇيغۇلار تولىمۇ چەكسىىزلىككە سۇزۇلدى . 
سەن كەتتىڭ ، پەقەت ماڭا سېغىنىشتىن ئىبارەت شىرىن ھەم ئاچچىق تۇيغۇ ھەمراھ قىلىپ كەتتىڭ . 
مەيلى سەن قەيەردە بولما ، سەن ئۈچۈن ئۈنسىز خىتابىمنى يوللاپ تۇرىمەن. بۇ قەلب خىتابلىرىمنى ھەتتا چۈشۈڭ ئارقىلىقمۇ ئاڭلاپ قېلشىڭ مۇمكىن. 
شاماللار ھەر نەپەسلىرىمدىكى سېغىنىشىمىنى ساڭا پۇرىتىپ قۇيىشىىمۇ مۇمكىن. 
يىراقىتىن ھۇۋلاپ كەلگەن كۈز شاماللىرىدىن تەنلىرىم قۇرۇندى . ۋۇجۇدىمدا ھۆكۈم سۈرگەن سېغىنىش شاماللارغا قۇشۇلۇپ تېخىمۇ كۈچەيدى. ئاياق ئاستىمىدا نىمىلەرنىدۇر پىچىرلاپ ياتقان كۈز پايرىقى ماڭا سەن ھەققىدە سۆزلەپ بىرىۋاتقاندەك پۈتۈن دىققىتىمنى مۈجەسسەملىدىم. قەدەملىرىم توختايدىغان ئەمەس ، ماڭماقتىمەن ، خىياللىرىم ماڭا بۇيسۇنمايدۇ. ئۇ يىراقىتىن ھۇۋلاپ كەلگەن كۈز شاماللىرىغا قۇشۇلۇپ يىراقلارغا ئۇچتى. 
مەنمۇ ھەم ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن خىيالىمىنى قوغلاپ يۈرۈپ كەتتىم...






 

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
sahraogli + 200 نادىر تىما،،،،
تارىم + 50

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 250   باھا خاتىرىسى

قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580073
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 11:06:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىرنى ئوقۇپ،ناخشا بىلەن قوشۇلۇپ خىياللار قاينىمىغا غەرىق بولۇپتىمەن... [s:45]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!
مېھرىزا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 11:11:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ھىجران تىنىقلىرى

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۆتمۈش، ئۇپۇقىڭ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2789
يازما سانى: 867
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11503
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 2501 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2011-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 11:11:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ھىجران تىنىقلىرى

مەن سىنى سېغىندىم ۋە سېغىنىشىمنى پۈتكۈل كائىناتقا چېچىۋەتتىم .
شاماللاردىن ئۈزۈڭنى قاچۇرما جېنىم ، سەلكىن شامال سېغىنىشىمنى قۇلقىڭغا پىچىرلىۋالسۇن !
كۈنلىكىڭنى تارت جېنىم ، ھىجران ياشلىرىم ئۈستۈڭگە يامغۇر بۇلۇپ قۇيلۇپ سىنى قانغۇچە سۈيىۋالسۇن !

ئەقىلگە ئىشارەت ، نادانغا جۇۋالدۇرۇز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5764
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 11:58:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىنى  سېغىنىش ئىچىدە ھىشنىمىگە  قارىماي  يىنىڭغا كەلدىم  . ئەمما سەن ماڭا  قاراپمۇ  قويمىدىڭ   ،  يەنە ئەگەشتىم ،يەنە قاراپمۇ قويمىدىڭ  ، يەنە ئەگەشتىم ،سىنىڭ  ماڭا قاراپ قويىشىڭنى ئۈمۈت قىلاتتىم ئەمما قارىمىدىڭ  ،  بولسا سايەڭنى ماڭا قاراتساڭمۇ بۇلاتتى  ئەمما سەن ئۇنى مەندىن قاچۇردىڭ  ،
مەن ئاستا كەتتىم  لىكىن سىنى مەڭگۈ سېغىنىمەن ئەمما  سىنىڭ سىمايىڭنى كۈرۈش مۇمكىن ئەمەستە.....

قاملاشمىسۇمۇ   تۈزۈتۈش بەرگەيسىلەر

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

بەخىت بىلەن ئازا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1670
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11027
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2539 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 12:00:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىنى سېغىنسام يۇلتۇزغا قارايمەن ،يۇلتۇزلار ماڭا جىمىرلاپ سىنىڭ پىچىرلاشلىرىڭنى ماڭا يەتكۈزىدۇ ......
سىنى سېغىنسام ئايغا قارايمەن ،ئاي بىزنىڭ گۈزەل مۇھەببەتلىك كۈنلىرىمىزگە،
پىچىرلاشلىرىمىزغا گۇۋا....
سەلكىن شامال سىنىڭ ھىدلىرىڭنى دىماقلىرىمغا ئۇرىدۇ ...مەست بۇلىمەن ...

بوۋام ماڭا مۇنداق دىگەن، ئادەمنىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەن. بۇ سۆزگە بىھاجەتكەن دەلىل-ئىسپات، قارىسام گۈل ۋە تىكەن بىر شاختا ئىكەن.

راھەت جاپاسى بىل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3385
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10919
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 01:30:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياخشى يىزىپسىز بۇ ئەسەرنى، قارىغاندا سىز ھىسياتقا بەك بايكەنسىز،يەنىمۇ تىرىشىڭ. [s:47]  [s:34]  [s:49]

دەرت يامان لىكىن،سىنىڭمۇ دوست-دۈشمىنىڭ بار.خۇشال ياشا،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2557
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21685
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9908 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 02:51:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل نەسىركەن ...............

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3173
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10848
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 03:38:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىرمۇ  ناخشىمۇ   ناس كەپتۇ

جىلىل  شاھ

چــۈش قـوينىدا ق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1507
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16430
تۆھپە نۇمۇرى: 757
توردا: 3946 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 06:53:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




1

سەن مېنىڭ كۆزۈمگە چۆكۈپ كەتكەن بىر پارچە تاش . مەن ئاشۇ كۆزۈمدە قېنىپ-قېنىپ يىغلىساملا دەيمەن .ئېيتقىنا ، سەن بىر تامچە ياش بولۇپ كۆزۈمدىن سىرغىپ كېتەرسەنمۇ ؟

 

2

مەن يەنە يېڭى بىر ئۈمۈت بىلەن غېرىب كۈلبەمنىڭ دېرىزە – كۆزنەكلىرىدىن سەن ماڭغان چىغىر يوللارغا ئۈنسىز تىكىلدىم . ئەپسۇس . . . ئاپئاق قارلار سېنىڭ مۇبارەك قەدەم ئىزلىرىڭغا مەڭگۈ ھامىلدار بولماسمۇ ؟

ئەنە ، ئاق قارلار ماڭا مىسكىنلىك بىلەن تىكىلگىنىچە ئاچچىق – ئاچچىق ئېسەدىمەكتە .

 

3

بۇلبۇل پىغانلىق كۆز يېشىنى گۈل بەرگىگە تۆكەرمىش .بىراق مەنچۇ ؟ مەن كۆز ياشلىرىمنى پەقەت سېنىڭ يۈرىكىڭگىلا تۆكۈپ كەلمەكتىمەن .سەن مېنىڭ توپانىمدا قالىسەن جېنىم .

 

4

سەن مەن ئۈچۈن نامەلۇم شېئىر ، شۇڭا سەن مەن يازالماي كېلىۋاتقان بىر پارچە مەۋھۇم شېئىرگە ئايلاندىڭ . شۇنىڭدىن بۇيان مەن سەن ھەققىدە ھېچ نېمە يازمىدىم . چۈنكى مەن نامەلۇم شائىر ئەمەس – دە !

نىمە يىگەنتىڭ زىمىن، مۇنچە ئۇسساپ كەتكۈدەك؟ تالاي ياش ۋە قان ئىچىپمۇ يەنە چاڭقاپ تۇرغۇدەك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش