مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 229900|ئىنكاس: 146

ئۈمىد غېنى كېرەم (ئاتۇش) بىلەن مىسرانىمدا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 39
مۇنبەر پۇلى : 16427
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7710 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 10:15:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تور بېكىتىنىڭ ئەزىز قوللىغۇچىلىرى .
ئالدىنقى سان ئۈمىد سۆھبەت خاتىرىسىنى تورداشلارغا ئىشلەپ سۇنغان ئىدۇق.

بۇ قېتىم بىز 2- سان ئۈمىد سۆھبەت خاتىرىسى فىلىمىگە  بۇرۇن ئاتۇشتا دائىم باشقىلار تەرىپىدىن ساراڭ دەپ تەرىپلىنىدىغان ،زامانىمىزدىكى يىمەك - ئىچمەك مەدەنىيتىگە ئۆزىگە خاس ھۆسۈن قوشقان مىراج خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى كېرەم ئاكىمىزنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلدۇق.
سۆھبەت دەل بىر سائەت چىققان بولۇپ ،فىلىمدا كېرەم ئاكىمىزنىڭ باي بولۇش يوللىرى، بالىلىقتىكى ئىش پائالىيەتلىرى ۋە بىر قىسىم ئىلغا ئىددىيلىرى نۇقتىلىق سۆزلەندى.

فىلىمىمىز كۆرۈرمەنلەرگە ئازراق تەسىر قىلالىسا بىز شۇنڭدىن خوشالمىز.

يەنە ئوخشاشلا بۇ فىلىمنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈنمۇ ئاز بولمىغان ئەجىرلەر سىڭدۈرۈلدى.
ھەرقايسى چچ توپ ،ۋە مەكتەپ توربېكەتلىرىدە كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىپ قويىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

فىلىم مەزمۇنى ھوزۇرىڭلاردا




چىقمىسا بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:
http://v.youku.com/v_show/id_XMzQxNTI0MzM2.html


زىيارەت جەريانىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر













______________

مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى
مىسرانىم فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى
2012 - يىلى 01 - ئاينىڭ 10 - كۈنى


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabinur + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
ijatqan + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
aklala220 + 184 تەپەككۇرى كۈچلۈك
OTYAK + 402 ماختاشقا تېگىشلىك
بەرگى + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
dihanogli1 + 97 ماختاشقا تېگىشلىك ( سى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1293   باھا خاتىرىسى

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3046
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22920
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6868 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 10:20:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈمىد غېنى بىزنىڭ مىسرانىم تور بىكتىنىڭ رىياسەتچىسى بوپتۇدە .

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26148
تۆھپە نۇمۇرى: 1454
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2010-5-17
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 10:21:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تور ئەھلى ئۈچۈن يەنە بىر ئەھمىيەتلىك سوۋغات بوپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1366
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51408
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9971 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 10:28:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈنكى بۇ پىرۇگراممىنى كۆرۈپ،نۇرغۇن ئوي-خىياللار تەپەككۇر دۇنيارىمنى چۇلغىۋالدى.بۇ تىرشچان كېرەم ئاتۇش ئاكىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى،ئىگىلىك تىكلەش روھى ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت بولدى.ئاتۇش-يېقىنقى مىڭ يىل مابەينىدە،ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىي ھاياتىدا قوشقان تۆھپىسى تىللاردا داستان بۇلۇشقا ئەرزىيدۇ،گەرچە،ئاتۇش جوغراپىيىلك ئاتالغۇ بويىنچە،كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ،لېكىن،ئۇ يەردىن چىققان مەشھۇر شەخسلەر ئۆز دەۋرگە نىسبەتەن بىر قەدەر كۆپ ۋە خاسلىققا ئىگە!
كېرەم ئاتۇشنىڭ زور مەبلەغ چىقىرىپ،مىللىي مەدەنىيىمىزنى جۇلالاندۇرۇپ،ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەۋرەنمەس روھىدا ئالغا ئىلگىرلەپ،ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ،قولغا كەلتۈرگەن بۇ نەتىجىلىرى مېنى بەك سۆيۈندۇردى.
بىز يۇرۇقلۇق ئىزدەيمىز،ياخشى يولنى تېپىشقا،ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ-خىياللارغا تۇيۇنغان ئويلىرىمىزنى ئاشۇرۇشقا تىرىشمىز!بۇ ھەممە ئىنسان بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك تارىخىي ئېقىم.كۈچلۈك ئىرادە،ھاياتقا بولغان ئوتلۇق تەلپۈنۈش،ئەتىكى گۈزەل كېلەچەكنى يارىتىش بىر ئويلىنۋاتقان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى!لېكىن،شۇ ئۆزىمىزگە ئوبىكتىپ تاللىغان رېئال دۇنيادىن ئالدىغان نېسىۋىمىز قانچىلىك؟بىز شۇ كۆزلىگەن شۇ ئارزۇ،غايە بويىنچە ئىش قىلالايمىزمۇ؟بۇنى ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىش-پالىيىتىمىز،ئۆزىمىزدە چوقۇم ئىجادىي ئوي بۇلۇش كېرەك ئىكەن.
كېرەم ئاتۇشنىڭ-”بالا تەربىيلىمىدۇق،بالا بېقىۋاتىمىز“دېگەن بۇ سۆزى مېنى بەك ئويلاندۇرى.
ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك،ھەممە ماختاشقا تېگىشلىك،ياخشى ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئەجىر-مېھنەت ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىكەن.
شۇ قېتىملىق سەپەردە،بىكارغا تاماق يېمەي،ئىشنى تاماملاپ بۇلۇپ،تاماق يېيىش بۇ بىر مەدىيلەشكە ئەرزىيدىغان ئىشلارنىڭ بىرى دەپ ئويلىدىم!مانا بۇ قارىماققا كىچىك ئىش،لېكىن،بۇ كىشىنىڭ شۇ چاغدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى مۇستەققىللىق قارىشىنىڭ يۇقۇرلىقى،ھاياتقا بولغان توغرا پوزىتسىيە،ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ساقلاش بىلەن بىرگە،ھالال ياشاش ئىرادىسى بۇ ئاكىمىزنىڭ ھايات يولىدىكى ئاقىلانە تاللىشى دەپ چۈشىنىش مۇقەررەر.
ئۇنىڭ 12ياشتا قەدەم قويغان دەۋرىدىكى ھايات كۆرۈنىشى كۆز ئالدىمدا غۇۋا نامايەن بولدى،كەلگۈسىگە بولغان ئەنسىرەش،خۇدۇكسىرەش،بۇ چاغدىكى بالىلىق ھېس-تۇيغۇ ۋاقىتلاردا بۇنداق ئوي-خىياللارغا مۇپتىلا بۇلۇشى مېنى يىراقنى ئويلاشنىڭ تۇرمۇشقا زور قىممەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھەقىقىي تۈدە ھېس قىلدۇردى.
يىراقنى كۆزلىگەن بۇ ئاكىمىزنىڭ ئۆزىدىكى يۇشۇرۇن كۈچلەرنى ئېچىپ،نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغانلىقى،مۇۋەپىقىيەت قازىنىش يولىدىكى بۇ سىرلارنى تۇنۇپ يەتتىم.
ئاتۇشنىڭ بالا تەربىيلەش،سودىدا بالىنى پىشۇرۇش،جان بېقىشنى ئۆگىتىش،ئۆزگىچە بىرخىل ئىزدىنىش،باتۇرلۇق روھى ماڭا بىر ياخشى مەدەت ۋە ئىلھام بولدى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-11 05:52 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabinur + 250 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 250   باھا خاتىرىسى

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1304
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25554
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3569 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 10:30:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئاكىمىزنى مەن تونۇيمەن ، بەك ئوبدان ئىش بوپتۇ ، مىراجنىڭ لىدىرىغۇ ، بۇ ئاكىمىزنىڭ چوڭ سۈپەتلىكى ، تۈز سۆزلىكى ، ئىلىمدارلارنى ھۆرمەتلەيدىغان خاراكتىرى ماڭا بەك ياقىدۇ ، دەيدىغان قالغان ئىنكاسنى كۆرۈپ بولۇپ يازاي ، كۆرگۈم كەپ كەتتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   52arslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-10 10:35 PM  


ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 994
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 46213
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6647 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 10:32:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئەنئەنىۋىي، مىللىي يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنى يېڭى دەۋردە قايتا جۇلالاندۇرغان جاسارەتلىك ئوغلان كېرەم ئاتۇشنىڭ  ھەممە ئىشلىرىنىڭ خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8982
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36662
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7249 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 10:39:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىم - سەۋىيە ئەخلاقنىڭ ئۈستىگە قوندۇرۇلسا تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ.
مۇشۇ بىرئېغىز گېپى بەك يارىدى، يەنىمۇ روناق تاپسۇن بۇ ئاتۇشلۇق ئاكىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-10 11:06 PM  


باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئۆزۈڭنى بىل.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4194
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5649
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 914 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 11:02:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سۆھبەت خاتىرسىنىڭ ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يېرى:سۆھبەتتىكى ئىككىنچى نوقتىلىق تېما  بولۇپ بۇنىڭدا ئاكىمىز كېرەم ئاتۇش ناھايتى مۇھىم بىر ھالقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن يەنى:بىلىم-سەۋىيە، ساپا ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلغاندا بۇ تۆت نەرسە تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ ، ئەگەر بىلىم، ساپا ، سەۋىيە چوقۇملا ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلمىغاندا ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ.دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ . بۇ مەسلىھە ھازىرقى ئىجتىمائى جەمىيىتىمىزدە ،كىشلىك تۇرمۇشتا  كەمچىل بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى . كىشنىڭ ئىجتىمائى ئورنى ۋە ياشاش ئادىتى ئەخلاقتىن، غۇرۇغدىن ئايرىلالمايدۇ ، ئەخلاق يوقالغان جەمىيەتتە ،كىشلىك مۇناسىۋەتتە  تەرەققىياتتىن .يەنە كېلىپ ساپادىن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس ، ئەخلاق كىشىنىڭ قەدىر قىممىتىنى، ئىنسانى پەزىلىتىنى ئۆلچەيدىغان بىردىن -بىر ئۆلچەم ، ئەخلاقتىن چەتنىگەن ئىنساننىڭ ئۆز قىممىتىنى تېپىشى ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە  سىرىتقى قىياپىتى بىلەن  تەرۈر تاناسىپ بولۇپ، سىزنىڭ ئەخلاقىڭىز ئادىمىلىكتىن چەتنەپ كەتكەن ۋاقىتتا ،سىز بىر قورقۇنۇشلۇق نەرسىگە ئوخشاپ قالىسىز،سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز سۇسلىشىدۇ . ئېتىقادى يوق ئىنساننىڭ مەڭگۈلۇك نىشانى ۋە مۇستەكەم ئىرادىسى بولمايدۇ . ئۇ پەقەت كۆز ئالدىدىكى ماددى مەنپەئەتكىلا باغلىنىپ قالىدۇ .شۇنداق ئىكەن ئەخلاق ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدا ، كىشلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئاڭدىن ئىبارەت.
ئاكىمىز كېرەم ئاتۇش ئىنساندىكى ئەڭ تىپىك پەزىلەت ئەخلاقنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ كەلگەن بولۇپ بۇ تەرپى ھەممىمىزنىڭ  قوبۇل قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .
كېرەم ئاكىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇغلۇق بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-12 02:33 AM  


http://attirgul.blogbus.com/
http://www.nazugum.com/
http://www.izdiyari.biz/attirgul

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 11:08:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمنىڭ مۇشۇندا يەرلىرىزە ماڭا بەك ياقىدۇ ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MILYONIR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-10 11:08 PM  


ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4544
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28276
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6038 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 11:10:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىراج تاماقخانىسى دىگەن يەنئەن يولى بېشىدىكى شىنخۇا كىتاپخانىسى قوروسى كەينىدىكى يەنى 8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بىجىرىش خاتىرە سارىيىنىڭ يېندىكى ئاشخانا شۇمۇ؟....

ياكى باشقا مىئىراج مۇ بامۇ؟
بۇ سۆھبەت تولىمۇ جايىدا بوپتۇ....

مۇھتاجىلىق بەك يامان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش