ئەسلىمە چۆرىدەپ تۇرسا ئەتراپتا،
ئۇنتۇشقا ئۆزۈمنى قىيناپ نە قىلاي؟
ئۇنتۇش شۇنچە تۇرسا ئازابلىق،
ئۇنتۇپ كېتىشكە قانداقمۇ چىداي؟
ئەسلىمە ئىچىدە قىسىلدى يۈرەك ،
ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغۇنۇپ،
ھېجرانىڭغا بېرەلمەي بەرداش،
مىسكىن يۈرەك كېتەرمۇ يېرىلىپ .
ئەتراپتا سىمايىڭ يۈرسە ئايلىنىپ،
قارىماي مەن قانداقمۇ قىلاي؟
يۈرىكىم قېتىغا ئورنىغان تۇرساڭ،
ئەسلىمەي سېنى قانداقمۇ چىداي؟
سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە ئەسلەيمەن....سېنىڭدىن ئايرىلىش ۋە سېنى سېغىنىپ كۆز ياشلار بىلەن ئەسلىمىلەرنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىش مېنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلگەن ئىكەن، بۇمۇ اللاھ تەرىپىدىن ماڭا بېرىلگەن بىر خىل سىناق بولسا كېرەك ...... شۇنداق ئىكەن بۇ سىناقنى قوبۇل قىلماي،ھېجران ئازابىنى تارتماي ،نە چارەم بولسۇن....!
سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە ئەسلەيمەن...!سېنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ئۆزۈمنى مەجبۇرلىماي،سېنى قاچان ئۇنتۇپ كەتكۈچە سېنى ئەسلەپ تۇراي..... ئەسلىمە گەرچە ئازابلىق بولسىمۇ، مىسكىن يۈرىكىمگە ئازىراقچە بولسىمۇ تەسەللى بولسۇن...... !
ئەسلىمە جىسمىمنى تۇرىدۇ ئوراپ ،
يۈرەكنى گەرچە قىينسىمۇ ھېجران.
ئۇنتۇش ئۈچۈن قىينالدىم شۇنچە،
لېكىن ئۇنتۇش ئەمەسكەن ئاسان.
سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە ئەسلەيمەن.....!ئەسلەشنىڭ ئۆزىمۇ ھەم كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدىغان ھەم كۆڭۈلنى ئازابلايدىغان ھەم ئاچچىق ھەم تاتلىق بىر خىل تۇيغۇ.....جۇدالىق بولمىغان بولسا سۆيگۈنىڭ مۇشەققەتلىك يوللىرىنى بىلمىگەن ،چىن سۆيگۈنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن بولاتتىم.....
مەنبە : ئۆز قەلىمىم