مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1461|ئىنكاس: 25

ئادەمنىڭ قىلقى ؟  ( نەسىر ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەقىقىي يىغا كۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4824
يازما سانى: 651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17715
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2014-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 01:01:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                              ئادەمنىڭ قىلقى ؟  
                                                              سۇتۇق
                                                (  نەسىر )



    جۈمە نامىزىغا ئالدىراپ مەسچىتكە مىڭىۋاتقان كىشىلەرنىڭ مەسچىت ئالدىدا ئولتۇرغان بىر توپ يىگىتكە كۆزى چۈشتى . بۇ چىرايلىق يىگىتلەر خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك مەسچىت ئالدىدىلا تاماكىلىرىنى پۇرقىرتىشىپ نەدىن تىپىۋالغان بىر تۇتۇرۇقسىز چاقچاقلىرارنى قىلىشىپ بىر - بىرىنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى . ئالدىراپ كىتىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزەنلەر بۇرنىنى ئىتەي دىسە قۇلغىنى ئىتىشكە ئۈلگۈرمەي دىگەندەك ئۇلارنىڭ يىنىدىن ئالدىراپ ئۆتۈپ كىتىشتى . يىراق ماڭغانلار بولسا بىر - بىرىگە نىمىلەرنىدۇر دەپ ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيتتى .
- قاچان چىقار بۇ ئاداش ؟ - گەپ باشلىدى ئارىدىن كىلىشكەن ، ئىشتىنى خۇددى دەزمالدىن ئەمدى چىققاندەك قىرلىرى تىخى ئۆچمىگەن ، تاماكىنى تەتۈر چىشلىۋالغان بىرى .
- ئەقاچان خۇدايىمنىڭ يوقلۇمىسىدىن تولۇق ئۆتۈۋىتىپ چىقىدۇ .
- ئولتۇرۇڭ دىسە دىسكۇخانا ، تانسا خانا ، قاۋاقخانىلاردىن باش تارىتمايدىغان نەرسە ئەمدى ئۆزچىلا جۈمە ئوقۇپ قالغىننى ئىچىمنى سىقىپ .... - جىلە بولۇپ قالغاندەك تۇراتتى ھىلىقى قىرلىرى پىچاقدىنمۇ ئۆتكۈر ئىشتان كىيىۋالغان يىگىت .
- ئۇنداق دىمەڭلا باللا ، شۇنچىلىك بولسىمۇ قىلپ تۇرغىنى ياخشى . - گەپ ئىچىپ قالدى ئارىسىدا چاچنى قىسقىراق قويغان ، يۇۋاش كۆرۈندىغان بىرى .
- ئۇنداق بولسا سەنمۇ كىرە ، ھىلىمۇ ئۈلگۈرىسەن ، ئەزان تولىمىدى تىخى ...
    ئۇ گەپ قىلغىنىغا تويۇپ ، بوينىنى قىسىپ ، خۇددى كىچىك بالا ئىمىزگە ئەمگەندەك تاماكىنى كۈچەپ - كۈچەپ نەچچىنى شورىۋەتتى .
    مۇڭلۇق ئەرزان ئاۋازى ھەممە يەرنى بىر ئالدى ، ئاياللار قىلىۋاتقان ئىشلىنى توختۇتۇپ بىرپەس سۈكۈتتە تۇردى ، يولنىڭ ھەممە يىرىدە ئالدىراش مەسچىتكە ماڭغانلارنى كۆرگۈلى بولاتتى . قولىدا جەينىماز ، بىشىدا دوپپا ، چىھرىدىن نۇر يىغىپ تۇرىدىغان بىرتوپ كىشىلەر .....
- قاچان چىقا ما ئاداش ؟ ھىلىقى قىزلا ساقلاپ كىتىدىغان بولدى دە ئەمدى ...
- شۇنى بىر دىمەمسەن ، تازا لاۋزىلىشىدىغان بولدۇق .
- ھە بوپتۇلا ئاداش ، كىچىكىپ قاپسىلارغۇ دىسە "جۈمە"گە بارغان دىمەمدۇق .
- كاللاڭ ئىشلەيدۇدە سىنىڭ ! ئەكىلە قولۇڭنى .- ئىككىسى خۇددى بىر - بىرىگە ئۆچى باردەك كۈچەپ بىرنى كۆرۈشىۋەتتكەندىن كىيىن ، بىر بىرىنىڭ كۆزلىرىگە مەنىلىك قالاپ كۈلۈپ كىتىشتى .
    "جۈمە"مۇ تۈگىدى ، مەسچىتتىن خۇددى يىڭى توي قىلغاندەك خۇشال ، چىھرىدىن نۇرلار يىغىپ تۇرىدىغان بىرتوپ كىشىلەر بىر - بىرىنى قىستىشىپ دىگۈدەك چىقىشقا باشلىدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مىڭىشمۇ شۇنچە تەس ياشقا چوڭىيىپ قالغان بوۋىلىرىمىزمۇ ، چىرايىدىن كۈچ قۇۋۋەت ، چاسارەت ، مەردانىلىك چىقىپ تۇرىدىغان يىگىتلىرىمىزمۇ بار ...
- ھەراست ئاداش ، ئالدىنقى قىتىم ماۋۇ تاسمىغا بىر قىز تونۇشتۇرۇپ قويسام ئۇنى كەلتۈرەلمىگىننى ئازدەپ ئىششەك گەپ قىلىپ يىغلىتىۋىتىپتۇ . ئۇ يىغلاپ ياتاققا كىرىپتىكەن ، مۇھاببىتىم شۇنداق دەيدۇ . "مۇشۇنداق نىمىلەر بىلەن دوس بولۇپ يۈرىيدىكەنسىز !"دەپ ماڭا خىلى بىر ۋاقىتقىچە چالۋاقىدى دەيمە .
- ۋاي سەنمۇ ، نىمە بۇنىڭغا بىرسىنى تونۇشتۇرىمەن دەپ يۈرتۈڭ ، بۇلمەمسەن بۇنىڭ شۇنداق نىمىلىكىنى ، قولىدىن شۇ كىتاپ ئوقۇشتىن باشقا ئىش كەلمىسە بۇنىڭ .
- ۋاي ھۆ جىما ! پۇلىنى دىمەيدىغان بولسام بۇنداق نىمىنى تونۇمدىمەن مەن .
    بايامنىڭزى گەپ قىلماي بوينۇنى قىسىپ ئولتۇرغان يىگىتنىڭ غەزىپى قايتىلادىن ئۆرلىدى- يۇ ، ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋىلىپ ئۇلارنىڭ گىپىنى تىڭشاپ ئولتۇردى .
    "جۈمە" نامىزىنى تولۇق تاماملاپ دوسلىرىنىڭ ساقلاپ قىلىشىدىن خىجىل بولۇپ" پىشىن" نامىزىنىمۇ ئوقىماي ئالدىراپ چىققان ، بىشىغا ئاپئاق بىرچاغلاردا چوڭ دادىسى ھەرەمگە سەجدىگە بارغاندا ئالغاچ كەلگەن ، قارىماققا شۇنداق سىپتا نەقىشلىرى بىلەن كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدىغان " شاپاق دوپپا " كەيگەن يىگىت ، مەسچىت ئالدىدا ئەتىراپىدىكىلەر خىيالىدا يوق ، توختىماي تىتىقسىز پاراڭلارنى قىلىپ تاماكىنى بولىشىغا پۇرقىرىتىپ چىكىۋاتقان دوسلىرىنى كۆرۈڭ كۆڭلى شۇنداق سەسكىنىپ كەتتى - يۇ ، زورىغا كۈلۈمسىرەپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىرىپ كۆرۈشتى .
    بۇ بىرتوپ كىشىلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن بۇ تۆت يىگىتمۇ قارىماققا راستىنلا ھەممىسى نامازدىن يانغاندەك كۆرۈنىتى .
- ئالەۋە ماۋۇ ئاق شىلەپەڭنى ! - "دوستى" ئۇنىڭ بىشىدىكى شىلەپىسىنى ئالدىدە ، زەرىت بىلەن بىرنى ھومۇيۇپ قويۇپ قولىغا قاتتىقلا تۇتقۇزۇپ قويدى . - ئىشىڭمۇ تولكەن ، مايەدە نەچچە ئەدەم ساقلاپ تۇرغاندىكىن گاچ - گاچ دەسسەپ چىقساڭ بولىدۇ !؟
- ھىلىمۇ ئالدىراپ ئاغىنىلەر " پىشىن" نىمۇ ئوقىماي چىقتىم .
- ۋاي تىخى پىشىنمۇ ئوقۇشۇڭ بارمىتى ، بوسا مۇشۇ جۈمە ئوقۇغۇنىڭغا خۇدايىم ئۇدۇل جەننەتنىڭ ئىشىگىنى ئىچىپ بىرەتتى تايىنلىق ! ( ئەسەر مەزمۇنىنى تىخىمۇ جانلىق چىقىرىش ئۈچۈن ئامالسىز مۇشۇنداق ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىۋاتىمەن . ئۇلۇغ اللا گۇناھىمدىن ئۆتكەيسەن! )
- لىكىن شششششششششششششۇ ............
    ئۇلار شۇ پاراڭلاردا يولنىڭ بويىغا چىقتى دە ، كىرا ماشىنىسىدىن بىرنى توسۇپ ئالدىراپلا كىتىپ قىلىشتى ...
    ئۇلارنىڭ كەينىدە قالغانلار بولسا " توۋا " دىگۈنچە ياقىلىرىنى چىشلىگىنىچە قاراپ قىلىشتى .....



2010يىل29-ئىيۇن
قەشقەر
 

       

                 قىستۇرما

      توۋا دەيمەن بۇ بىر ئەۋلات كىملىشىپ كەتتى ،
      ۋىژدانىنى زەي شور بىسىپ چىرمىشىپ كەتتى.
      قەشقەر خوتەن ئاشتۇزىدا ئەتلەنگەن تۇرۇپ ،
      يۈرۈش تۇرۇش ئوي پىكىردە غەملىشىپ كەتتى.

      يىگىتلىرى " ئەر "دەك ئەمەس روھى زەيپانە ،
      ئەقلىمۇ پەس غوررى دەس نىمەلىشىپ كەتتى .
      قىزچاقلىرى قىزدەك ئەمەس شەرمى ۋاپا كەم،
      بىشى چۇۋۇق كۆكسى ئوچۇق شىملىشىپ كەتتى 

      تەڭلا ئەبەت خۇسۇسىغا لەۋزە پاراڭ يوق ،  
     جىسمى كەيىپ - ئىشىرەت بىلەن يىملىشىپ كەتتى .
     بىشارەتبۇ گۇمراھلىقدىن يىتىم غاپىللىق ،
     تۇرقى تەمبەل شائىرتتىپ كىملىشىپ كەتتى .




 


  ( ئۇلۇغ ئاللا !..... مىللىتىمنى ، ئوغۇل قىزلىرىمنى ئۆز پاناھىڭغا ئالغايسەن !) 


                            

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
suzuk-ay + 50 ياخشى چىقىپتۇ...

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولغان بىلەن كىيىكنىڭمۇ خۇداسى بار !

روناق تاپ، پاكىز ياشا!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5025
يازما سانى: 1835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15783
تۆھپە نۇمۇرى: 423
توردا: 1103 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 01:54:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس مەن يۈرۈيمەن ئۆز غېمېم بىلەن ئۆزگىلەرمۇ ئۆز غېمى بىلەن ، بۇنداق ئادەملەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس

ئۇغۇل دىگەن ئەلگە يارالغان،
ۋاختى كەلسە جەڭگە يارالغان.
ئۈتۈك بىلەن سۇ كېچەر شوڭا،
ئۇغۇل نامى ئەلگە تارالغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5290
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7886
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2028 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 01:54:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۈمە  ۋاقتى  بۇلۇپ  قاپتۇ  ، جۈمەگە  ماڭاي ...  تىمىنى  كۆرۈپ  بۈگۈن  جۈمە ئىكەنلىكى  ئىسىمگە  كەلدى....

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ھەقىقىي يىغا كۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4824
يازما سانى: 651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17715
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2014-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 02:02:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2(sargarda)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

سىزنى مۇشۇ خىيالغا ئەكىلەلىگىنىمنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەن ئۈچۈن غەلبە ... تىخىمۇ كۆپ ياشلىرىمىز مۇشۇنداق خىيالغا كەلسىكەن دەيمەن !!  [s:49]

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولغان بىلەن كىيىكنىڭمۇ خۇداسى بار !

خان دەك ياشاپ ئۆ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3970
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9097
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2010-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 02:03:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ . جۈمەگە ئۈلگۈرۈپتۇ ، ماۋۇنەسىر .

خان ___ ئۇيغۇرخان  .

سىنى دەپلا مۇشۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3986
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9152
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2011-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 02:08:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ 2 يىگىتكە قارىغاندا،قىلىدىغاننى قىلىپ جۈمە نامىزىغا كىرىپ يۈرگەن ئاۋۇ بالىغا ئاچچىقىم كىلىۋاتىدۇ........قىلىدىغاننى قىلىپ تۇرۇپ  نامازغا كىرىپ   نىمە قىلىدۇ ...شەك كەلتۈرۈپ ...........................
مۇشۇنداق ئادەملەرمۇ خىلى بار جۇمۇ .....................رەخمەت ياخشى ئەسەر كەن

```````````سەنسىز ياشىيالمايمەن     ``````

ھايات ئادەمگە پە

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2175
يازما سانى: 2897
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15485
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 6766 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 02:42:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى چۇڭقۇر تىما ئىكەن، تۇۋا مۇشۇندا ئىشلارمۇ باركەندە [s:48]

سەۋر _ نەقەدەر گۈزەل

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1729
يازما سانى: 2049
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 122357
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 2613 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 03:03:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. ھەر گۈلىنىڭ پۇرىقى باشقا دېگەن شۇدە...

غــــەيرەت قىـل ئــاي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 1640
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15406
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2015 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 03:13:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىبرەت ئالغىدەك تىما بوپتۇ ماۋۇ......................
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، [s:33]  [s:33]

ئۈمىدۋار بول ئاي !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 675
يازما سانى: 1268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13739
تۆھپە نۇمۇرى: 771
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 03:33:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ، جاھاندا ھەر قىسما ئادەملەر بار ھە !؟   مېنىڭ مەھەللەمدىمۇ ئۆزىنى مەھەللىمىزنىڭ لاۋداسى دەپ چاغلايدىغان ، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ، ئەتراپىغا بىر توپ بىكارتەلەپلەرنى يىغىۋېلىپ ئاتا - ئانىسىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ نەدە ئۇرۇش _ جېدەل بولسا شۇيەردە يۇرۇيدىغان بىرسى بارتى ، ئۆزىنىڭ شۇ ئەسكىلىكىدىن بىرسىنى قاتتىق ئۇرىۋېتىپ تۇرمىگە كىرىپ قاپتىكەن ، يەنە شۇ ئۆيىدىكىلەر بىر نۇنچە پۇل خەجلەپ ئېلىپ چىقتى . شۇندىن كىيىن ئۇنى مەسچىتتىن قالماي ناماز ئۇقۇپ ، ھاراق - تاماكىنى تاشلاپتۇ دەپ ئاڭلاپ ئىشەنگۈم كەلمەي << ئىت پوق يەيدىغان ئادىتىنى تاشلىمايدۇ >> دېسەم يېقىن دوستۇم ۋاي ئۇ ئۇنداق ياخشى بۇلۇپ كېتىپتۇ بۇنداق ياخشى بۇلۇپ كېتىپتۇ دەپ ماختاپ ئولتۇرسا راسىت ئوڭشالغان چېغى دەپتىمەن ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە بۇرۇنقى قىلىقىنى قىلدى . توۋا دەيمەن ، جان بىلەن كىرگەن خۇي قان بىلەن چىقىدۇ دېگەن راس گەپ ئوخشايدۇ زادى.

گۈزەللىك ئۈستىگە پاكلىق قوشۇلسا ، قەنت ئۈستىگە ھەسەل سۈركىگەندەك بولىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش