ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 14قەۋەت دەقيانوس كە 2010-07-30 04:38 PMئەۋەتىلدى :
ئاۋۋال كەچۇرۇم سورىۋالاي! سۇتۇق ئەپەندى، گەپلىرىم خاتا بولسا كەچۇرەرسىز!
سىز بۇ تىمىنى نەسىر دەپسىز، ئەمما ماڭا ھىچبىر نەسىردەك بىلىنمىدى، بەلكى ھىكايىدەك كۆرۇندى، مىنىڭغۇ سەۋىيەم چەكلىك، شۇڭا نەسىرنىڭ قايسى تۈرىگە كىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويسىڭىز بۇلامدۇ؟
ئۇنىڭدىن باشقا جۈمەگە كىرگەن ھىلقى بۇرادىرىمىز ھەقىچان، دوسىتلىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇ دوسىتلىرىغا تەربىيە قىلماي،نىمشقا ئاشۇ بىرلا قىزغا تەربىيە قىلىدۇ؟ يەنە كىلىپ قىزغا تەربىيە قىلغۇدەك ئادەم، يەنە نىشمقا ئاشۇنداق ئاغىنىلىرى بىلەن ماڭىدۇ؟ ياكى شۇ خىلدىكى قىزلارنى نىيىتىدىن ياندۇراي دەپ بارامدۇ؟
دەقيانوس ئەپەندى ، مەنمۇ باشتا يازغاندا بۇنى ھىكايە شەكلىدە يازاي دەپ ئويلىغان ، لىكىن بۇنداق تىمىلارنى يەنىلا مۇھاكىمىلىك نەسىر شەكىلدە يازغان ياخشىراق دەپ ئويلايمەن . ئەلىۋەرتتە مىنىڭمۇ سەۋىيەم ئىنتايىن چەكلىك .
مىنىڭچە سىز سورىغان سۇئاللارغا ئەڭ ياخشىسى ئەتىراپىڭىزغا قاراپ ئۆزىڭىز جاۋاپ تىپىڭ . ئەگەر ئۇلارنىمۇ ئىچىۋەتسەم قانداقمۇ مۇھاكىمە تۈسىنى ئالغان بولىدۇ ؟ \\
ياخشى تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز . سىزگە كۆپ رەخمەت !