مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1033|ئىنكاس: 11

بەخىت قېنى ، بەخىت نەدە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئېغىزدا مىڭ قېتىم دېگەندىن قول

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4365
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8866
تۆھپە نۇمۇرى: 368
توردا: 1259 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 06:00:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بوۋاق چېغىڭ ئىدى.سەن شۇنچىلىك ئوماق،سەبىي ئىدىڭ.ھەر بىر تاتلىق كۈلگىنىڭدە ئاتا_ئاناڭنىڭ چېھرىدە كۈلكە،يۈرىكىدەئىپادىلەپ بەرگۈسىز ئىللىق سېزىم........
بىر ياشقا تولغان كۈنۈڭ.سەن ۋىلىقلاپ كۈلۈپ ئالدىڭغا ئىككى قەدەم مېڭىپلا يىقىلىپ چۈشتۈڭ.ئاناڭ ئالدىراپ بېرىپ سېنى يۆلىدى،داداڭنىڭ بولسا خوشاللىقىدىن باشلىرى كۆكلەرگە يەتكەندەك بولدى.....
مانا ھەش-پەش دېگۈچە تىلىڭ چىقتى.ئاتا-ئاناڭ سەن ئۈچۈن پاي_پېتەك،ئۇلار بىرسەن ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشقا رازى،نەقەدەر بەخىتلىكسەن_ھە؟!؟!......

* * * * * * *


ئەمدى مەكتەپكىمۇ كىردىڭ،ئاتا_ئاناڭ سېنى ياخشى ئوقۇتۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىدى...........
كۆزنى يۇمۇپ_ئاچقۇچىلا تۇلۇق ئوتتۇرا ھاياتىڭ باشلاندى.ەەرچە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىڭ ئادەتتىكىچە بولسىمۇ،ئاتا_ئاناڭ سەن ئۈچۈن ھەممىنى تەل قىلىپ بېرىشكە ئۇرۇندى،دېگىنىڭنى قىلىپ بەردى،سېنى بىر ئامال قىلىپ ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىغا ئاتلىتىش ئۈچۈن بەل باغلىدى.....

* * * * * * *

سەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندە كۈنلىرىڭ بىكارچىلىق ئىچىدە ئۆتتى.شۇ چاغلاردا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان،توپىلىق ئېتىزلاردا پادا بېقىپ يۈرگەن سەبىي،نامراتبالىلارنى ئويلىدىڭمۇ؟! سەن بىلەن ئوقۇشنى بىللە پۈتتۈرۈپ يۇقىرىلاپ ئوقۇغۇسى بار تۇرۇپمۇ ئىمكانىيەت بولماي بىچارىلەرچە كەتمىنىنى يۈدۈپ ئېتىزغا ماڭغان بىچارە ھەمشىلىرىڭنى ئويلىدىڭمۇ؟!باشقىلار مارىس،يۇپىتىر.....لارغا كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقاندا،دۈمبىسىدىن ئەسكى تاغار،چاۋار_چاتقاللار تېخىچە چۈشمىگەن،غېرىبانە كەپىدىكى يۈز_كۆزلىرىنى چوڭقۇر قورۇق باسقان،ئورۇق،مىسكىن دېھقان ئاتاڭنى،بىچارە ئاناڭنى ئويلىدىڭمۇ؟!

* * * * * * *

ئوقۇشلىرىڭ تۈگەپ خىزمەتكىمۇ ئېرىشىپسەن.ئاڭلىدۇق،ماڭغان يوللىرىڭمۇ ئاز ئەمەسكەن.مانا شۇنىڭدىن باشلاپ كۆزۈڭ تېخىمۇ "ئېچىلىپتۇ"،شەيتان تۇمشۇقۇڭدىن يېتىلەپ سېنى ھاراق سورۇنىغا باشلاپ كىرىپتۇ.ئۇ سېنىڭ ئاغزى_بۇرنۇڭنى ئۆزئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان تۇرىۇنغا ئايلاندۇرىۋاپتۇ.مەئىشەت_ئىشرەتلەرگە رام بولغىنىڭدىن كېيىن سۈزۈك نۇر چېچىپ تۇرىدىغان چىرايىڭ خۇنۇكلىشىپتۇ. ئەمما سەن گۈزەل نازىنىنلار،رومكا،بوتولكىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى ئويلىيالىدىڭمۇ؟! ئاتا-ئاناڭنى ئويلىيالىدىڭمۇ؟!ئۇلارنىڭ جاپاسىنى كۆز ئالدىڭغا ئەكىلەلىدىڭمۇ!؟ ياق!ياق!سەن ئۇنداق قىلالمىدىڭ!.........

* * * * * * * *

ئاڭلىساق ئاناڭ يۇرتتا يالغۇز قاپتۇ.ۋاپادارلىقىمنى يەتكۈزىمەن دەپ ئۆيۈڭگە ئەكىلىۋاپسەن.تۈزۈلۈپ قاپتۇ دەپ خوش بولدۇق...........

* * * * * * *

...بۈگۈن ئەتتىگەن ئائىلىلىكلەر قوروسىدا ئاناڭنىڭ سېنى يۆلەپ ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم.كۆزىدە لىق ياش،ئۈستى_بېشى كېچىچە سەن ئىچكەن ئاشۇ سېھىرلىك"ئازاپ ئۇنتۇلدۇرغۇچى"نىڭ مۇكاپىتى.......
.شۇندىن كېيىنمۇ سېنى نەچچە قېتىم شۇ ھالەتتە ئۇچراتتىم.....
مۇشۇ تەرىقىدە نەچچە يىل ئۆتتى.مانا ئەمدى ئىككى بالىنىڭ دادىسى بوپ قالدىڭ،ئوڭشىلار دېدۇق.ئاڭلىدىم،ئاناڭ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.پەتىلەپ كىرسەك ھۆركىرەپ يىغلاۋېتىپسەن.كۆز يېشىڭ بېلەن ھېلىقى بەرگەن مۇكاپاتلىرىڭنى يۇيىۋالاي دېگەنمىدىڭ؟!... ئوغۇل بالىلىق قىلىمەن دەپ ئاناڭنىڭ يەتتىسىنى قالتىس بەرمەكچى بولۇپ مەندىن پۇل سوراپ كىرىپسەن.تېخى كاتتىلىقىڭدىن،غورۇرلۇقلىقىڭدىن نەزىرنى شەھەر بويىچە ئەڭ كاتتا رېستوران"شاتلىق"تا بەرمەكچى بوپسەن."پۇلۇم يوقتى،كەچۇرگىن ئاداش"دېسەم،"سەندەك ئاغىينەم يوق"دوپ چىقىپ كەتتىڭ..........

* * * * * * *

بىر يىل ئۆتتى،ئاڭلىسام شىركەت سېنى ئىشتىن بوشىتىپتۇ.سەۋەبى:ئىشقا ۋاقتىدا كەلمەسلىك،ئەستايىدىل بولماسلىق..........دېگەنلەركەن.يەنىلا سەن ئاغىينەمكەنسەن دەپ مەسلىھەت سوراپ كىرىپسەن،خوش بولۇپ دېدىم:"ئاداش كىچىك ئىشلاردىن باشلىساڭمۇ تىرىشساڭلا ئىگىلىك تىكلىيەلەيسەن،قايسى بىر كارخانىچىمۇ ئىشنى گازىر سېتىشتىن باشلاپتىكەن..."دېيىشىمگىلا،"كىمىڭنى كۆزگە ئىلمايسەنئاداش،مەن مۇشۇ سۆلىتىم بىلەن كوچىلاردا گازىر سېتىپ يۈرەمدىم؟! بىلىپ قوي،مەندىمۇ ۋىجدان بار_جۇمۇ!!...."دەپ قايتىپ كەتتىڭ...."ھە،سەندىمۇ"تۆمۈرخاننىڭ ھەۋەسكارىدەك 3 كىلو ۋىجدان بار ئىكەندە! "دېدىم ئىچىمدە.

* * * * * * *

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەتتىگىنى چېنىقىشقا چىقسام ئالدىمدىراق نەچچە كىشى توپلىشىۋاپتۇ.نېمە بولدىكىن دەپ بارسام ئاغزىڭدا كۆپۈك،ئۈستى_بېشىڭ قان يۇقى،"ماشىنا سوقۇۋېتىپ قېچىپ كېتىپتۇ"دېيىشتى باشقىلار.شۇكۈنى كەچتە سېنى ئاسمانغا چىقىرالايدىغان ھېلىقى"ئازاپ يوقاتقۇ"نى كۆپ ئىچىۋاپتىكەنسەن.ئىمام ئاخۇنۇملار نامىزىڭنى چۈشۈرمەيمىز دەپ تۇرۇۋالغاندا ئايالىڭنىڭ،بىچارە قوشكېزەك ئوغۇللىرىڭنىڭ نېمە بوپ كەتكىنىنى دېمەيلا قوياي...........

* * * * * * *

ئاپەت ۋە ئامەت قوشكېزەك.بىلەمسەن،ئەسلى جاھانغا ئاپىرىدە بولالىشىڭنىڭ ئۆزىلا سەن ئۈچۈن چوڭ بىر بەخىت ئىدى،قەدىرلىمىدىڭ.چىرايىڭ سۇلغۇنلىغانچە بەخىت سەندىن يىراقلاشقان،يۈرىكىڭ سېزەلمىدى. رەزىل ئالۋاستىلار ساڭا چىرماشقان،ھېس قىلالمىدىڭ.بەخىتلىك مىنۇتلارنىڭ قەدرىگە پەقەت يەتمىدىڭ،قېنى ئەمدى شۇ بەخىت؟!.....

* * * * * * *

خاتىمە

بەخىتنىڭ نۇرىدىن پارلىدى قۇياش،
تاڭنىڭ شوخ نۇرىنى قوينىغا يۈتۈپ.
ھاياتنىڭ ئاخىرقى سوغۇق تىنىقى،
تۇرماقتا بەخىتسىز بىر روھنى يۈدۈپ

مەنبە:قەلەم


ئالدىڭغا قاراپ پىكىر قىل،كەينىڭگە قاراپ شۈكۈر قىل.

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18468
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10680 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 06:54:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 58606
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 06:54:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخىت ئىزدەپ يۇرمەڭلار دوسىتلار،
      ئۇ مۇھەببەت پاكلىقىدا.
     بىۋاپاغا نىسىپ بولماس ،
      ئۇ كۆڭۇلنىڭ ئاقلىقىدا.

mahulu biyat, muwapikiyatnig ,

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3803
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8570
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2011-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 07:41:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا رەخمەت.
بۇبەكمۇپاساھەتلىك، تەربىۋى ئەھمىيەتلىك تېمابۇلۇپتۇ، ئاتاـ ئانىنىڭ قەدىرگەيەتمىگەنلەرھامان بىركۈنى قاغىشقا ئۇچىرايدۇ ئەلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4360
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8878
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 309 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2011-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 09:12:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا   دىدىڭىز    ئىكرام

قەدىرلە.قەدرىڭن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 1687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11667
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 3385 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 09:57:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخىت ئۇنى ھىس قىلالىغانلارغا،تىرىشقانلارغا،ھەقىقى بەخىتنىڭ قەدرىگە يەتكەنلەرگە مەنسۇپ.بەخىت ئۆز قولىمىزدا.............

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4712
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8308
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2011-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 10:47:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ئەمەسمۇ  ئوتۇپ كەتكىنى كەتتى  . ئەمدى بارىنى بولسىمۇ قەدىرلەيلى .

ئاللا  بېزگە چېن  ئېمان ئاتا  قېلسۇن.

شۈكرى ئاللاھ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2737
يازما سانى: 835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10278
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2010-6-15
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 12:09:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ سەبى چاغلىرى ھاياتىدىكى ئەڭ بەخىتلىك چاغلىرى بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.ياخشى يوللاپسىز. [s:38]

ئىمان-ئەڭ بۈيۈك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2857
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9919
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 640 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 01:14:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېھنەت قەلىمىڭىزگە بەرىكەتكەر بولسۇن! دۇنيانىڭ ئەرزىمەس ئەخلەت كەيىپلىرىگە ياشلىغىنى، ھاياتىنى، بارلىغىنى خار قىلىۋاتقان ئازغۇنلارغا كېلىشتۈرۈپ بىر قامچا بېرىپسىز،  لېكىن يېغىر ئېشەككە تاياق ئۆتمىگەندەك، نەسىھەتنى يەنىلا ياخشىلار قىززىقىپ ئاڭلاپ، نائەھلىلەرنىڭ يەنىلا ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ يۈرىدىغىنىغا ھەيرانمەن.  ئادەم بولماق نىمە دىگەن تەس؟
لېكىن مەڭگۈلۈك ھايات، مەڭگۈلۈك سائادەت ماكانى بولغان جەننەت ئۇنداق ئاسان قولغا كەلمەيدۇ-دە.
پىكىر تۇلپارىڭىز ھارمىغاي!

مەن ئۆزۈمنى قەدىرلەشنى بىلىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا تىلىمنى نەپىسىم دەپ بىلىمەن! بىر دانە ئاددي قەلىمىم بىلەن بىر تال ھەرپ، بىر تال چېكىتتىن باشلايمەن!

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4143
يازما سانى: 1736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11725
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 02:03:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىشىم زامانى،  بىر كۇبلىت شېئىر بىلەنلا ناھايىتى ياخشى يەكۈنلەپ بەردى. [s:49]

جەننەتتىكى ھۆر پەرىلەر بولسىمۇ گۈزەل، يېنىڭدىكى مەشۇغۇڭ ئۇنىڭدىن ئەزەل. ئادەم قادىر ھەممىگە، گەپ ئادەمنىڭ ئۆزىدە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش