سانجى ساراڭلار ساناتورىيىسىدىكى سابىق‹سىڭلىم› سەلىمە ! سىزگە سېغىنىشلىق سالام. سىزگە سادىق ، سۇلىرىڭىزدا ساراڭلارچە سۆرەلگەن ، سۇن ۋۇكۇڭدەك سامالەردە سىنالغان سەۋدامەن.ساقلىقىمدا سىزنى سېغىنىپ ساراڭ سانالدىم.
سورۇنلاردا سىزگە سەۋدالارچە سۆيگۈ سۆزلىسەم ساۋۇرسەمەت ،سىدىق سېيىت،
سابىر سالام ،سادىر ساقچىلار سۇيۇقلىشىپ سوقۇشتى . سۆيگۈم سىز سەۋەپلىك ساختا سانالدى . ساماندەك سارغايدىم، سۇلدۇم .ساھىبجاماللەرچە سىمايىڭىز
سۈكۈتلىرىمدە سايىڭىزدەك ساقلىنىپ ، سۆيگۈ سىمفونىيلىرىنى سايراتتى.
سودىگەرلەرمۇ ساختا سۆيگۈ سۆزلىرىدىن سالپىيىپ ،
سودىلىرىدا سورۇلدى. سۇسىزلانغان سۆيگۈمنى سايرام سۇلىرىدا سۇغارغىنىمدا سامادىكى سۇمرۇغلارمۇ سائەتلەپ سايراشتى . سۆيگۈم سەيناسىدىن سىزگە
سەرسانلارچە سالام سۇنغۇچى ،سىزنى سادىقلارچە سۆيگۈچى : سايىم سۇيۇق.