تورداشلارغا مەلۇمكى ئويغۇر تورچىلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خېلى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما تېخنىكا ۋە نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئالاقىلىشىدىغان ئۇچۇر قورالى كەم بولۇپ كەلدى. ‹‹بارخان›› ‹‹كوت-كوت›› قاتارلىق دېتاللار دەسلەپكى قەدەمدە مەيدانغا كېلىپ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بولغان بولسىمۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۇپەيلى ئەڭ مۇھىمى قوللاشنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى تاشلىنىپ قالدى. ئاخىرى يەنە تېڭشۈن چ چ دېتالىغا مۇراجەت قىلىپ ئولتۇردۇق، ئۇيغۇر يېزىقىدا پەرۋانە بولغانلار ئامال يوق ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن كىرگۈزگۈچلەرنى تەييارلاپ يۈرۈپ مۇبارەك ھەرىپلىرىمىزنىڭ سۈرەت شەكلىنىمۇ بولسا ئەۋەتىشكە مۇۋەپپەق بولدۇق، ياكى مېسسېنگىر دېتالىنى ئىشلەتتۇق. ئەمما ھېچقايسىسى يەنىلا چ چ نىڭ ئورنىنى باسالمىدى. ئويلىنىپ قالدىم . كوت-كوت ، بارخان دېتاللىرى 100پىرسەنىت تولۇق ئىقتىدارنى ھازىرلىغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئومۇملىشالماسكەن، مەسلە تېخنىكىدا ئەمەس بەلكى كۆنۈشتە، ئانا تىل دەپ يالغان ۋەز ئېيتىشتا ئەمەس بەلكى ئەمەلىيەتتە ئىكەن.
مەن بۇ تىما ئارقىلىق تەنقىد مسلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقماقچى ئەمەس بەلكى بۇرۇن تەشۋىق قىلىنىپ ھېرىپ قالغان يەنە بىر دېتالنى سەمىڭلارغا سېلىش ئارقىلىق ئانا تىل ۋە باشقا تىللاردا ئورتاق ئالاقە قىلىشنى سەمىڭلارغا سالماقچى.
coco يۇمشاق دېتالى چ چ غا ئوخشاشلا يۇقرى ئىقتىدارلىق ئالاقە قورالى بولۇپ يېزىق، ئاۋاز ۋە سۈرەتلىك ئالاقىلىشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ماتىرىيال يوللاش، ۋە ئېچىلىش سۈرئىتى چ چ غا قارىغاندا تىز ۋە قولايلىق. ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئالاقىلىشىشنى قوللايدۇ. چ چ دەك يېزىقنى سۈزۈۋەتمەيدۇ. پەقەت سىز ۋوردتا خەت ئۇرغاندەك كومپىيوتىر ۋە دېتالنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا بەلگىلەپ قويسىڭىزلا خەتلەر شۇنداق كۆركەم ھالدا كۆرۈنىدۇ.
ئەگەر سىز چ چ غا كۆنۈپ قالغان بولسىڭىز ئەندىشە قىلماڭ . بۇ دېتالدا بىرلا ۋاقىتتا COCO,
MSN,QQ قاتارلىقلارنى ئاچقىلى بولىدۇ. ھەممىسى پەقەت بىر كۆزنەك ئارقىلىقلا كۆرۈنىدۇ. ئايرىم ئېچىشىڭىز ھاجەتسىز. باش سۈرەتنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز . جۇغلانما نۇمۇرغا يان تېلىفۇن، كومپىيوتىر قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
ھازىر بۇدېتالنى ئىشلىتىۋاتقانلار خېلى كۆپ. سىزمۇ تىزدىن ئېلتىماس قىلىپ سىناپ كۆرۈڭ چۈنكى ھازىر 6 خانىلىق نومۇرلار تۈگەپ 7خانىلىق نومۇرلار تارقىتىلىۋاتىدۇ. كېيىنچە بۇمۇ يوق بوپ قالمىسۇن!
دېتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://www.coco360.com/
(كۆپچىلىكنىڭ قولايلىق بولىشى ئۈچۈن بىردەك ئەلپىدا خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن)
ئېھتىمال بۇ ھەقتە تىما يوللىنىپ بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمما ئانا تىلدا ئالاقە قىلىش ۋە قولايلىق بولۇش نوقتىسىدا تۇرۇپ بۇ تىمىنى تەكرار يوللىدىم باشقۇرغۇچىلار ئەپۇ قىلارسىلەر!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-15 10:10 AM