Misranim يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 10:14 PM
شۇنداق، بىز ئۈچۈن ئەزا چەكلەش تەس ئەمەس، بىراق ئەزالار ...
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مىسرانىم ئەپەندىم . ما مۇنبەرنى زادى بىر رەتكە سالىدىغان يەرگە يەتكەن ، ۋاي-ۋۇي ، نېمە دېگەن تولا ئۇرۇش ، نېمە دېگەن تولا گەپ ئۇ ، ھېلىمۇ تور بولۇپ قاپتۇ ،ئەگەر تور بولماي بىرەر ئۆي ياكى مەيداندا بولۇپ قالغان بولسا كۈنىگە نەچچە مىڭ ئەزا تۈرمىگە تاشلىنىپ ، ئۆلۈپ بولغان بولاتتى . ئۆزلىرىمۇ بايقاپلا ، يېقىندىن بۇيان بەزى بىر تورداشلار ياخشىراق چىققانلىكى تېما بولسا قەستەن ئۇرۇش چىقرىپ شۇ تېمىنى ئۆچۈرمىگىچە بولدى قىلمايدۇ . قايسى تېمىغا قارىسا شۇ توپ بۇلۋالغانلار، يەنە بىرسى ، ھەددىدىن زىيادە سەت ئىسىم قوللىنىپ كىرگەنلەر، مەسلەن 4-قەۋەتتىكىگە ئوخشاش، ئۇنىغۇ چەكلىدىغۇ ، يەنە ئۇنىڭدىنمۇ سەت ئىسىمنى قويۋالغانلار بار ئىكەن، ( ئېغىزغا ئالغۇسىز ) بولسا ئەزا تىزىملاتقاندا ياكى تەكشۈرگەندە بولامدۇ ،مۇشۇنىڭغا بىر دىققەت قىلىپ قويۇڭلار .
ئاندىن بەزى تورداشلار ئىككى خىل ئىسىمدا كىرىدىكەن، بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل ، بىراق دەلىل-ئىسپاتىم يوق . بىرسى بىر نېمە دېسىلا بولدى ، تۈگدى شۇ كىشى.
ئىشقىلىپ يېقىندىن بۇيان مۇنبەر سەل قالايمىقان بولۇپ قالدى. ۋاقتىدا بايقىغانلىرىغا تەشەككۈر ، قالغىننى يەنە بىر رەتكە سېلىپ ، بۇرۇنقىدەك ئىناق ، ساپاسى بار مۇنبەر قۇرۇپ چىقساق...