تورداشلارنىڭ ھۇزىرىغا ھازىرقى زامان سەنئەت ساھەسىدىكى ۋە كىنو ساھەسىدىكى دۇنياۋى شۈھرەت قازانغان 10 نەپەر داڭلىق چولپاننىڭ تەرجمالىنى سۇنماقچىمەن
1 - روك ناخشا چولپىنى { مايكۇل جېكسون }
ﻣﺎﻳﻜﻮﻝ ﺟﯧﻜﺴﻮﻥ 1958-ﻳﯩﻠﻰ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29-ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ :Michael Joseph Jackson ( ﻣﺎﻳﻜﻮﻝ ﻳﻮﺯﯨﻒ ﺟﯧﻜﺴﻮﻥ ).ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ : ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻧﺎ ﺷﯩﺘﺎﺗﻰ .ﺑﻮﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ : 178ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 60 ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ : ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻥ .ﻛﻪﺳﭙﻰ : ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ، ﻛﻮﻣﭙﯘﺯﯦﺘﻮﺭ ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﺵ ، ﺭﯦﮋﯨﺴﺴﻮﺭ ، ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﯞﻩ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﻰ .ﻗﯧﺰﯨﻘﯩﺸﻰ : ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻮﻗﯘﺵ ، ﻣﺎﻱ ﺑﻮﻳﺎﻕ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺳﯩﺰﯨﺶ ، ﺗﯧﺰ ﺳﯩﺰﻣﺎ ﺳﯩﺰﯨﺶ ، ﮔﯘﻣﭙﺎ ﻣﻪﺷﻘﻰ ( ﺟﻮﯕﮕﯘ ﮔﯘﻣﭙﯩﺴﻰ ، ﺗﺎﻳﻼﻧﺪﭼﻪ ﻣﯘﺷﺘﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺭﻭﺩﺍﯞﭼﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ) . ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻗﯩﻠﺶ ، ﻛﺎﺭﺗﻮﻥﻓﯩﻠﯩﻤﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ، ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ .ﺟﯧﻜﺴﻮﻥ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ 5 ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ { ھەر بىر تاققا يامىشىش }
ﻣﺎﻳﻜﻮﻝ ﺟﯧﻜﺴﻮﻥ 1958-ﻳﯩﻠﻰ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29-ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟۇپ 2009 - يىلى 6- ئاينىڭ 25 - كۈنى 50 - يېشىدا ئالەمدىن ئۈتكەن . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ :Michael Joseph Jackson ( ﻣﺎﻳﻜﻮﻝ ﻳﻮﺯﯨﻒ ﺟﯧﻜﺴﻮﻥ ).
ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ : ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻧﺎ ﺷﯩﺘﺎﺗﻰ .
ﺑﻮﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ : 178
ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 60 ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡ
ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ : ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻥ .
ﻛﻪﺳﭙﻰ : ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ، ﻛﻮﻣﭙﯘﺯﯦﺘﻮﺭ ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﺵ ، ﺭﯦﮋﯨﺴﺴﻮﺭ ، ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﯞﻩ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﻰ .
ﻗﯧﺰﯨﻘﯩﺸﻰ : ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻮﻗﯘﺵ ، ﻣﺎﻱ ﺑﻮﻳﺎﻕ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺳﯩﺰﯨﺶ ، ﺗﯧﺰ ﺳﯩﺰﻣﺎ ﺳﯩﺰﯨﺶ ، ﮔﯘﻣﭙﺎ ﻣﻪﺷﻘﻰ ( ﺟﻮﯕﮕﯘ ﮔﯘﻣﭙﯩﺴﻰ ، ﺗﺎﻳﻼﻧﺪﭼﻪ ﻣﯘﺷﺘﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺭﻭﺩﺍﯞﭼﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ) . ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻗﯩﻠﺶ ، ﻛﺎﺭﺗﻮﻥﻓﯩﻠﯩﻤﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ، ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ،
1982 - يىلى تارقىتىلغان جېكسوننىڭ 2 - پىلاستىنكىسى { تىتىرەش } دۇنيا سەنئەت ساھەسىدە مۈجىزىلىك رىكوت ياراتتى ، ۋە جېكسونغا يۇقرى شان - شەرەپ ۋە تۈگىمەس بايلىق ئېلىپ كەلدى ، پىلاستىنكا ھۇقىقىنى سونىي شىركىتى ئۈستىگە ئالغان بۇلۇپ مەزكۇر پىلاستىنكىدىكى 7 ناخشا ئۈچۈن سونىي شىركىتى جېكسونغا بىر مىلىياد ئىككى يۈزمىلىيۇن ئامىركا دوللىرى ھەق بەرگەن . بۇ ھەق تا ھازىرغا كەلگۈچە ھەر قانداق بىر ناخشا چولپىنى ئۈچۈن ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان يۇقرى پىلاستىنكا ھەققى بۇلۇپ كەلدى ، مەزكۇر پىلاستىنكا سېتىلىش جەھەتتە جىنىس دۇنيا رىكوتى ياراتتى ، ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى بىردىن بىر مودا ناخشا بىلەن خەلىق ناخشىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇقالايدىغان ناخشىچى 1983 - يىلى ئۇ گىراممى مۇكاپاتىنىڭ 7 تۈردە مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۈردى 1989 - يىلى ئۇ مودا ناخشا پادىشاھى . مودا ئۇسۇل پادىشاھى روك ناخشا پادىشاھى . تولغىما ئۇسۇل پادىشاھى دىگەن ئەڭ يۈقرى شەرەپلىك نامغا ئىرىشتى . ۋە ئامىركا ھۈكىمىتى تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ئۇتۇق مۇكاپاتى دىگەن شەرەپلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى ئۇنىڭ ئىرىشكەن مۇكاپاتلىرى بەك كۈپ - بەك كۈپ . تەھلىل چىلەرنىڭ قارىشىچە بۇندىن كىيىنكى 100 يىل ئىچىدىمۇ بۇنداق شان - شەرەپكە ئىرىشكەن تالانىت ئىگىسىدىن يەنە بىرىنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن ، يەنە نۇرۇغۇن ناخشا مەستانىلىرى ئۇنى ھازىرقى زامان تەرەققىياتىغا ماس كەلمەيدۇ ئۇ ھازىرقى زاماندىن ھالقىغان ئادەم دىسە .بەزىلەر ئۇنى تەڭرىنىڭ ئىنسانلار ئارىسىغا ئۈۋەرتكەن پەرىشتىسى دەپ قارايدۇ ،يەنە بەزىلەر ئۇنى سىرلىق ئادەم دەپ تەرىپلەيدۇ ، ئۇنىڭ كىيىنىشى چىراي شەكلى . ناخشا - ئۇسۇل ئۇسلىبى ئاخپارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ مەگۈلۈك قىززىقىش تىمىسىدۇر ،
جېكسون يەنە بىر خەيرى ساخاۋەتچى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 39 خەيرى ساخاۋەت ئورنىنى ئۇ تا ئۈلۈپ كەتكۈچە تىرەپ كەلگەن ، 2006 - يىلى ئۇ بىر قېتىمدىلا 2 يۈز مىلىيۇن ئامىركا دوللىرىنى نامراتلارغا ئىئانە قىلىپ شەخىسلەر ئىچىدە بىر قېتىمدا ئەڭ كۈپ پۇل ئىئانە قىلغان ئادەم بۇلۇپ جىنىس دۇنيا رىكوتىغا كىرگۈزۈلدى يەنە شۇيىلى { تىتىرەش } پىلاستىنكىسى تارقىتىلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تارقاتقان بىلاستىنكىسى 7 مىلىيۇن دانە سېتىلىپ ئۈزى ساقلاپ كەلگەن رىكوتنى ئۈزى بۇزدى ، { تىتىرەش } پىلاستىنكىسى بىرلەشكەن دۈلەتلەر تەشكىلاتى تەرپىدىن دۇنيا بۇيىچە قوغدىلىدىغان مەدىنيەت مىراسلىرى قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى
1992 - يىلى 5 - ئاي جېكسوننىڭ يۈرىكىگە ئۇنتۇلماس ئازاپ سالغان يىل بولدى چۇنكى ئۇيىلى جېكسون كىچىك بالىغا جىنسى پاراكەندىچىلىك سالدى دەپ ئەرىز قىلىنغان بۇلۇپ بۇ بالىنىڭ ئىسمى { كېندېلى } ئىدى جېكسۇن بالىنىڭ دادىسى بىلەن سوت سىرتىدا كىلىشىم تۈزۈپ بالىنىڭ ئائىلىسىگە 25 مىلىيۇن دوللار تۈلەم بەرد
بىراق بۇ ئىشلار جېكسوننىڭ كىيىنكى ھاياتىغا زور تەسىر كۈرسەتتى شۇ قېتىمقى ئىشتىن كىيىن جېكسون ھەرخىل روھلاندۇرۇش دورىسىغا ۋە زەھەرگە خۇمار بۇ لۇپ قالدى جېكسون ئۈزىمۇ كۈپ قېتىم ئۈزىنىڭ پەقەت كىچىك بالىلارغا دادىلارچە مىھرىنىڭ بارلىقىنى شۇ ڭا كىچىك بالىلار بىلەن ئويناشنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ بىراق كۈپلىگەن كىشىلەر ئۇنى قارلىدى ، شۇنداق جېكسون بالىلىق ۋەۋرىنى پەقەت ناخشا مەشىق قىلىش بىلەنلا ئۈتكۈزگەن ئۇ باشقا بالىلاردەك خۇشال خۇرام ئويناشتىن مەھرۇم قالغان . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۈزىنى رىۋايەتلەردىكى { ئۇچقۇر پىنتى پاك } تەك مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان بالىدەك بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ، ئۇنىڭ { خىيالى داچىسىدا } ھەممىلا يەردە پىنتى پاكنىڭ ھەيكەل رەسىملىرىنى ئۈچراتقىلى بۇلىدۇ . ئۇ كىچىك بالىلار بىلەن بىر گە ئويناشنى ياخشى كۈرىدۇ نامرات ۋە ساقايماس كېسەل بولغان بالىلارنى ئۈزىنىڭ داچىسىغا ئويناشقا تەكلىپ قىلىپ شۇلار بىلەن بىر گە ئوينايدۇ ،
شۇ قېتىمقى ئىش بۇلۇپ 10 يىل ئۈتكەندىن كىيىن جېكسون يەنە بىر قېتىلىق سوراققا چۈشتى بۇ يەنىلا كىچىك بالىغا جىنسى پاراكەندىچىلىك دېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەندى ۋە سوتقا تارتىلدى 4 يىلغا سۇزۇلغان بۇ دىلودا جېكسون راستىنلا ھالىدىن كەتتى .، ئاخىرىدا ئىلغار بولغان ئۈسكىنىلەر بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق جېكسوننى گۇناھسىز دەپ ئىلان قىلدى . بۇ ئىشقا قارىتا يىڭى تىكساس شىتاتى ۋە ئاق ساراي تىلۋىزىيە نۇتىقى ئارقىلىق جېكسوندىن ئەپۇ سورىدى . لېكىن بۇ ئىش جېكسوننىڭ يۈرىكگەمەگۈلۈك ئازاپ بۇلۇپ ئورناپ كەتكەن ئىدى ،
2009 - 3 - ئايدا جېكسون ئاخپارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ئۈزىنىڭ شۇ يىلى 7- ئايدا چوڭ تىپتىكى ناخشا كىچىلىكى ئۈتكىزىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى ، 50 مەيدان ناخشا كىچىلىكى ئۈچۈن جېكسون 4 يۈزمىلىيۇن دوللار ھەققە ئىرىشەتتى ، بىراق ئۇ بۇ كۈنگە ئۇلىشالمىدى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئۈلۈپم خەۋىرى پۈتۈن دۇنيادا پارتلاش خارەكتىرىدە تارقالدى . پۈتۈن دۇنيا ئاخپارات ساھەسى بىراقلا نىشاننى جېكسوننىڭ ئۈلىمىگە قاراتتى ئۇ دابىر ھەپتە ئامىركا ئاپئاتسىيەسىنىڭ ئايرىپىلان قۇنۇش قېتىم سانى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقرى بەللىگە چىقتى
ئۇنىڭ ئۈلۈمىگە قاتناشقان ئادەم سانى ئۈز ۋاختىدىكى زۇڭتۇڭ رىگان كىنىدى ۋە ئەنگىلىيە مەلىكىسى دىئاننا نىڭ ئۈلۈمىگە كەلگەن ئادەملەر سانىدىن كۈپ ئېشىپ كەتكەن ئىدى ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەر يۇقرىپەللىگە چىققاندا تۇيۇقسىز بىر كىشى ئاخپارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا ھەيران قالارلىق بىر خەۋەرنى ئىلان قىلدى بۇ ئادەم دەل 1992 - يىلىدىكى جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچۇردى دەپ قارالغان { كېندېلې } ئىدى ئۇ ھازىر 23 ياش بۇلۇپ ئۈز ۋاختىدا جېكسوننىڭ ئۇنداق قىلمىغانلىقىنى بۇ پەقەت دادىسىنىڭ پىلانلىغان ئىشى بۇلۇپ مەخسەت جېكسوننىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش دىگەن سۈزنى دىدى ۋە جېكسوننىڭ ئۈزىنى كەچۈرۈشىنى ئۈمۈت قىلدى ئارىدىن 20 كۈن ئۈتكەندىىن كىيىن مەزكۇر بالىنىڭ دادىسى ئۈلىۋالغانلىق خەۋىرى تارقالدى ئۇ ئۈز ئۈيىدە ئېسلىپ ئۈلىۋالغان ئىكەن ، شۇ ئىشتىن كىيىن جېكسون پۈتۈنلەي ئاقلاندى ئۇ پۈتۈن دۇنيا ناخشا مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە پەرىشتە سۈپىتىدە تەرىپلەندى ،
تۈۋەندە ئۇنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك ناخشىسى { ئەينەكتىكى ئادەم }
بۇ ئادىرىسنى چىكىپ كۈرۈڭ :
http://www.56.com/u11/v_MjU1NTc2MzM.html
روك ناخشا چولپىنى { مايكىل جېكسون } نى تۇنۇشتۇرۇش مۇشۇ يەرگىچە بولدى .
2 - قېتىم تۇنۇشتۇرىلىدىغان شەخىس ھوللىۋوتنىڭ دۇنياغا داڭلىق كىنو چولپىنى { سىلۋىستىر سىتالۇن }
مەنبە : دۇنياۋى داڭلىق شەخىسلەر دىگەن كىتاپتىن ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردىن ئېلىندى