مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1203|ئىنكاس: 15

ئاۋازلىق_ ئېھ ،جاپاكەش ئانام(ئوتقاش) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 383
يازما سانى: 3331
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 40554
تۆھپە نۇمۇرى: 1112
توردا: 2082 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 02:46:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر: ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

ئاتامنى كۈلدۈرەي دەيمەن،
ئانامنى كۈلدۈرەي دەيمەن.
مېنى باققان جاپاسىغا ،
بېشىمدا كۆتۈرەي دەيمەن .


____ خەلىق ناخشىسى

ئېھ، جاپاكەش ئانا، ئارزۇلۇق ئوغلىڭىزنىڭ يىراق قىرلاردىن سىزگە يوللىغان ئاددي سالمىنى قۇبۇل قىلارسىزمۇ؟ بىلمەن شۇتاپتا توپا -چاڭلارغا مىلىنىپ يۈرۈپ ئېتىز-قىرلارئارسىدا جاپالىق ئىشلەۋاتقانسىز،يۇمران مايسىلارنى خۇددي بىزنى پەپىلەپ ئۆستۈرگەندەك پەپىلەپ ئۆستۈرۋاتقانسىز. قىشنىڭ قەھىرتان سوغوقلىرىغا ،يازنىڭ پىژىرغىم ئىسسىقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ چۆل- جەزىرلەرنى يېشىللقىقا ،سايلارنى باغۇ-بوستانلىققا ئايلاندۇرۋاتقاندۇرسىز، بوزتوپلۇقلارنى گۈل -چىمەنگە ئوراپ قاقاسلىقلارغا ئوسما قۇيۋاتقانسىز.
ئانا ،سىز ياش ئىدىڭىز ،گۈل غۇنچە ئىدىڭىز .ئەللىك يىللىق جەۋرى-جاپا قەددي-قامىتڭىزنى ئېگىپ قاپقارا چاچلىرىڭىزنى ئاق ئارلىدى.قاشتېشىدەك سۈزۈك يۈزىڭىزدە يول-يول سىزىقچىلار ئورۇن ئالدى.بۈركۈت كۆزىدەك ئۆتكۈر، نۇرانە كۆزلىرىڭىز غۇۋالاشتى.جاپالىق يىللارنىڭ ئۆچمەس ئىزنالىرى جىسمىڭىزدىن ئورۇن ئېلىپ قەلىب تۆرىڭىزدە تالاي ئەسلىملەرنى قالدۇردى.قىسقىسى سىز ھاياتلىق يۇلىدا ئەللىك يىل توختىماي تىركەشتىڭز،پەرزەنىتلىرىڭىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقۇچە تالاي ئىسسىق -سوغوقلارنى ،جاپالىق كۈنلەرنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزدىڭىز. لېكىن سىز بۇيولداقىلچە ۋايسىمىدىڭىز. ياشلىق باھارىڭىزنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تۆت پەرزەنتىڭىزنى بېقىپ قاتارغا قوشۇپ ئادەم قىلدىڭىز.پەرزەنىت ئوتىدا كۆيۈپ،سۈيىدە ئېقىپ ياشلىق چاغلىرىڭىزدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتىڭىز.
ئانا ، بەزىدە سىزنى پارلاپ تۇرغان نۇرلۇق قوياشقا ئوخشىتىپ قالىمەن.چۈنكى سىز قوياشقا ئوخشاش يېلىنجاپ تۇرغان مېھىر- مۇھەببىتىڭىز بىلەن بىزگە ئالەمچە ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ ئۈشىگەن قەلبىمىزنى ئىللىتتىڭىز، قاراڭغۇ دىلمىزغا نۇرانىلىك ئاتا قىلدىڭىز.
ئانا بەزىدە سىزنى مېۋىلىك باغقا ئوخشىتىپ قالمەن،چۈنكى سىز ھالال قان-تەرىڭىز بىلەن ئىشلەپ تاپقان ئېسىل نازۇ- نىممەتلەرنى ئۆزىڭىز يىمەي بىزگە يىگۈزۈپ بېشىمىزدا زوقلۇنۇپ قاراپ تۇردىڭىز.تومۇز-ئىسسىقلاردا بىزگە سايە بولدىڭىز، بىزنى بوران -چاپقۇندىن قار- يامغۇردىن ساقلىدىڭىز.
ئانا يەنە بەزىدە سىزنى دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىز-ئوكيانغا ئوخشىتىپمۇ قالمەن،چۈنكى سىزئەللىك يىل سۇ بولۇپ ئاقتىڭىز ،قىرغاقلارغا ئورۇلدىڭىز يەنە توختىماي ئاقتىڭىز. گۈدەكلىك قىلىپ سىزنى رەنجىتسەك ، دىلڭىزغا ئازار بەرسەك قىلچىلىكمۇ كايىمىدىڭىز،مەيلى نىمىلا قىلمايلى كۆكسى -قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ سەۋەنلىكىمىزنى كۈلۈپ تورۇپ ئۆتكۈزۋەتتىڭىز.

ھېلىمۇ ئېسىمدە بىر قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ كارۋات ئاستىغا مۆكۈنۋېلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن،سىز بىر كېچە ئۇخلىماي مېنى ئىزلەپ بارمىغان يىرىڭىزمۇ قالماپتۇ. تاكى تاڭ يۇرىغىچە يۇم-يۇم يىغلاپ ھەممە يەرنى ئىزدەپسىز. ئەتىسى كۆزلىرىڭىز قىزارغان ھالەتتە قايتىپ كەلگىنىڭىزدە مېنى كۆرۈپ باغرىڭىزغا مەھكەم بېسىپ ،پىشانىللىرىمگە سۆيۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىڭىز. يەنە بىر قېتىم قاتتىق قىززىپ قېلىپ ھوشسىز ياتقىنىمدا چېلەكلەپ قۇيغاندەك توختصماي يېغۋاتقان قارايامغۇرغا قارىماي يىقلىپ- قوپۇپ مۆدۈرۈپ يۈرۈپ مېنى يۈدۈپ دوختۇرخانىغا ئاپارغان ئىدىڭىز. ئانا قىقىسى سىز بارلىقىڭىزنى يۈرەك -پارىللىرىڭىزگە ئاتىۋەتكەن ئىدىڭىز،بالا ئۈچۈن ئوت دېڭىزىغا كىرگۈدەك قەيسەر يۈرەك سىزدە بار ئىدى.چۆچەكلەردە ئېيتىلغاندەك پەرىشتە بار بولسا سىز ئونۇڭدىنمۇ ئولۇغ پەرىشتە ، سىز دۇنيادىكى ئەڭ ئولۇغ ئىنسان ،ئەڭ گۈزەل پەرىشتە ئانا! سىز يالغۇز مېنىڭلا ئانام بولۇپ قالماستىن پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئانىسى ،پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئولۇغ ۋەتىنى ئانا !

ئانىلارسىز بەخىت-سائادەت نەدە تۇرۇپتۇ، ئانىلارسىز تاجۇ-تەخىت نەدە تۇرۇپتۇ .سىز مېنىڭ ئىپتىخارىم، مىللىتمىزنىڭ ئىپتىخارى ئانا.سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆيۈمچانلىغى ،مېھىربانلىقى ، ئاق كۆڭۈللىكى بىلەن مەڭگۈ قەدىرلىكتۇرسىز... سىزنىڭ ئولۇغلىقىڭىزنى، ئالەمچە گۈزەللىكىڭىزنى تىللاردا داستان قىلىپ پۈتۈپ چىقساممۇ،دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل تىللار بىلەن ناخشامغا قېتىپ پۈتۈن كائىناتقا جاكارلىساممۇ، بىر تېمىم سۈتىڭىز ھەققىگە سىزنى يۈدۈپ بەيتۇللاغا ئاپارساممۇ ئازلىق قىلىدۇ ئانا! شۇتاپ تىلىم كۆيۋاتىدۇ، سىزنى مەدىيلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلۋاتىدۇ.ئالدىڭزدا سىزگە ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىگنلىكىمدىن دىلىم ئۆرتىنۋاتدۇ . چارچىغان چېغىڭىزدا پۇت -قولىڭىزنى تۇتۇپ قۇيالمىدىم ، ئۇسساپ چاڭقىغان ۋاختىڭىزدا ئالدىڭىزغا بىر پىيالە ئۇسسۇلۇق كەلتۈرەلمىدىم.پەقەت سىزدىن تولىمۇ يىراق شەھەردە،پاكىزە- ئازادە سىنىپتا خاتىرجەم ئولتۇرۇپ دەرىس ئوقۇۋاتقان چىغىمدا سىزنى چەكسىز سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەشتىن باشقا ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىدىم ئانا!ئوغلىڭىز تۇرۇپ جاپايىڭىزنى تەڭ تارتىشىپ بېرەلمگەنلىكىمدىن،مادارسىز پۇتىڭىزغا پۇت، قولىڭىزغا قول بۇلالمىغانلىقىمدىن خېجىل بولۇپ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياشلار كېلۋاتىدۇ ئانا!جېنىم ئانا خاتىرجەم بولۇڭ! ئوغلىڭىز جەزمەن كۈتكەن يىرىڭىزدىن چىقىشقا ،ئۈمىدىڭىزنى ئاقلاشقا تىرشىدۇ. سىزنىڭ دۇئالىرىڭىز بىلەن ئوغلىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق بىر ئادەم بۇلۇپ چىقدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ ئانا!جېنىم ئانا ،ئاخىرىدا ياتقۇچى ئىگەمنىڭ ئالتۇن تېنىڭىزنى سالامەت قىلشىنى تىلەيمەن!

____ خەيىر ئانا ،ياخشى مىنۇتلاردا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەيمىز . سىزنى سېغىنىپ:

قەدىرلىك ئوغلىڭىزدىن.




مەنبە:ئىجادي ئەسەر

[media=wmv,400,300,1]







ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
suzuk-ay + 50
قىزغىن + 100 نادىر تىما    كىچىكك

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 150   باھا خاتىرىسى

جەننەت ئاتا-ئانىلارنىڭ ئايقى ئاستىدا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1614
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9235
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 03:47:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ يىڭلق!!!

بۇيوللار ئۇزۇن يوللار ، ئات ئۆلگەن بىلەن قىلىچىم سۇنمىدى!

ئاتا ياتقان جايى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 436
يازما سانى: 2432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15762
تۆھپە نۇمۇرى: 1831
توردا: 8499 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 05:31:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاردۇغۇم چىققاندەك بولدى داۋاملىق ئالغا.

سېنى سېغىندىم ئامال يوق مەندىن رازى بول !جېنىم ئاتا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5101
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8694
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2010-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 07:21:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتتىگەندە ساپ ئىنكاس ................ [s:34]

ئويلىغانلىرىم~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12410
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32471
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4469 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 09:36:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرۈكۈمگە بېرىپلا تەگدى .شۇنداق تەسىرلىك چىقىپتۇ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت.......قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز ھارمىغاي......ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرسام دېگەن ئۈمىدتىمەن....

ئانا ئەجرى كۆپتۇر سېنىڭدە،
قەدىرلەپ ئۆتكىن ئەزىز ئاناڭنى.
ياخشى نام بىلەن ئاقلىساڭ ئۈمىدىنى،
يەردە قويمايسەن باققان ئەجرىنى.

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەخلاق~ئادەم زىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3589
يازما سانى: 929
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11452
تۆھپە نۇمۇرى: 96
توردا: 2114 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2013-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 09:45:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىمىكەن بۇنداق  ئەھمىيەتلىك تىمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن

سەۋر _ نەقەدەر گۈزەل

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1729
يازما سانى: 2049
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 122357
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 2613 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 09:56:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىگەندە ئادەمگە خوش ياقىدىغان تېمىدىن بىرنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت...ياخشى چىققان  ئاۋازلىق ئەسەر ئىكەن. ھۇزۇرلانغىنىدىن خۇشھالمەن.
ئانا ئائىلىنىڭ يۈرىكى، ئۇ بولغاچقىلا ئائىلە كۈندىن -كۈنگە گۈللەپ ياشنىغۇچى. ئانا بىر دەستە گۈل ،ئۇ بولغاچقىلا ئائىلىدىكى خۇشپۇراقلىق ئۇزۇنغىچە كەتمەيدۇ. ...
ئانىڭىز سىزدىن پەخىرلەنسە بولغۇدەك... مۇشۇنداق ئېسىل يازمىنى يازغان قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن، ئامان بۇلۇڭ قەدىرلىك ،ئاكا.

غــــەيرەت قىـل ئــاي !

راھەت جاپاسى بىل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3385
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10919
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 10:34:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ مانا ئەسەر دىگەن. داۋاملىق ئالغا.سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. [s:47]  [s:47]

دەرت يامان لىكىن،سىنىڭمۇ دوست-دۈشمىنىڭ بار.خۇشال ياشا،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5302
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9345
تۆھپە نۇمۇرى: 561
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2012-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 11:30:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىمىسى ئۆلمەيدۇ ،ھەرقىتىم ئانا تىمىسى بىلەن باشلانغان تىمىلارنى زوق بىلەن ئۇقۇيمەن ،چۇنكى مەنمۇ شۇ ئانا مىھرىگە قانماي تەشنا يۇرىكى قاغجىراپ قالغان ئىنسانلارنىڭ بىرى ،مەنمۇ ھەم مۇشۇ ئەسەردە دىيىلگەندەك شۇ ئانامنىڭ قۇلىغا قۇل پۇتىغا پۇت بۇلاي دىگەندە ئانام يوق ، كۇمۇلگەن يىرىگە بىرىپ تولىسام ھە دىمەيدۇ ، با ۋاقىتتا قەدرىنى بىلمەيمىز يوق ۋاقىتتا يۇرەكلىرىمىز ئۆرتەيدۇ ،بىز پەرزەتلەر ھەقىقەتەن نادانكەنمىز ..

ياشىدىم لىكىن مەنىسىنى تاپالمىدىم ،ئەتە يەنە ھاۋانىڭ ئۇچۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4553
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8854
تۆھپە نۇمۇرى: 386
توردا: 5073 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 11:30:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئاۋازلىق ئەسەركەن....رەھمەت ھارمىغايسىز.
   ئاتا؛ئانىمىز بىزلەرنى بېقىپ قاتارغا قوشقىچە تالاي جاپالارنى تارتتى
     بىز ھەقىقەتەن ئاتا؛ئانىمىزغا كۆپ قەرىزدار...........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش