مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 688|ئىنكاس: 4

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەرجىمىھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جەننەت+دوزاخ = ھايات

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1477
يازما سانى: 1954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201567
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 3387 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 11:12:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەققىدە


ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتىرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى قايىل قىلارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇرئالىم.تالانتلىق ئەدىب،تۆھپىكار مائارىپچى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28- كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كېيىن 1950- يىلىغىچە نەزەر-باغدىكى قەشقەردارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4يىل ئوقۇغان. 1950-يىلى غەربى شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن شىئەن،بېيجىڭ،تىيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ بىئو- خىميە فاكۇلتپتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە تەخسىم قىلىنغان. شۇيىلى  جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى،ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان.يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا،ماتپماتىكا، بىئولوگىيە، خىمىيە ۋە ئاگرانومىيە سىنىپلىرىغا ماركسىزم ئاساسلىرى پەلسەپە دەرىسلىرىنى ئۆتىگەن.1953- يىلى ئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماركسىزم ئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىريىل بىلىم ئاشۇرغان.ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كپيىن ماركسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە خىل دەرىس ئۆتكەن ۋە بۇ دەرىسلەرنىڭ دەرىسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئىقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە نەشرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان.ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىي باشلانغان.ئۇنىڭ ئىككى تىلدا يازغان ئۇيغۇرخەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956-يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان.بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا قۇتادغۇبىلىك ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى. ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن20يىل ئوڭچى قالپىقى كىيگەن.1959- يىلى ئۇ پارتىيىدىن خىزمىتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ،ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن.1961-يىلى ئۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن قويۇۋىتىلگەن.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن1966- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا  ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگۇنىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى، 24تارىخنى، ئەنگلىيە دراماتورگى شپكسپىرنىڭ 36 سەھنە ئەسىرىنى، ھىندىستاننىڭ رامانايا،ماخاپىراتا داستانلىرىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشىر قىلىنغان 15توملۇق(32كىتاب) دۇنيا تارىخىنى، ئومۇمىي تاڭ نەزمىلىرىنى, بايرۇننىڭ دون جۇئان داستانىنى،ھومېرنىڭ ئىللادا ۋە ئودپسسا داستانلىرىنى، يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلىرىنى، قۇرئان كەرىم، ئىنجىل ۋە تەۋراتنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرنى، ئەپلاتۇن، ئارستوتىل ئەسەرلىرىنى، دانتىنىڭ تەڭرى كومىدىيىسى داستانىنى، گومورو ۋە تيەنخەننىڭ تارىخى درامىلىرىنى، ماركىس ئىنگىلىس ئەسەرلىرىنى،  نەۋائى، بابۇر، مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۈگەنگەن. ئۇ بۇجەرياندا 30 نەچچە خاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان.ئۇ مۇشۇ يىللاردا «قارلىق تاغ شەجەرىسى» ناملىق داستان ۋە «سۇمۇرغلار قوشىقى»،«قەدىمكى يىپەك يولى»،«خەن ئوردىسىداباھار»،«مەلىكە خۇارۇڭ»،«تەڭرىتاغ ناخشىسى»،«دات باسماس قىلىچ»،«پىلە مەلىكىسى» قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يپزىپ چىققان.جاۋاھىرۇل ھاقايىق دېگەن ماۋزۇدا قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا(بۇ كىتاب1995-يىلىنىڭ بېشىدا 4 -قىتىم تۈزىتىلگەندە ئالىم قەدىمكى تۇران تارىخى دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يىزىپ چىققان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۇك بۇ ئالىم ناھەقچىلىق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە - پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن. سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى ( بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى) ناملىق لېرىك نەسىرلەر توپلىمىنى تولۇق تاماملىغان. 1978- يىلى پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كپيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان ھەم خاتا ئوڭچى قىلىنغان دېگەن خۇلاسە بىلەن ئاقلانغان ۋە 1980 -يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئومۇمىي ئىستىتىكا دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۈشكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىن كپيىن ئۇنىڭ كىتاب، ماقالە، رۇبائىي، شىئر-غەزەللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1986- يىلى ئۇ ياپۇنىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىتۈك قامۇسى- «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. 1980-يىللاردا ئۇنىڭ200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى،«ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە»، «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتى»، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستىمىسى»، «ئومۇمىي ئىستېتىكا»،«چوغلۇق»، «رۇبائىيات(1)»،«رۇبائىيات(2)»، «قارلىق تاغ شەجەرىسى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە 1980- يىللاردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان « روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى»، «ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار»، «ئارىفنامە»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، « يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» قاتارلىق بىر قاتار ئىسىل ماقالىلىرى ۋە «سىكتاي- ساك- ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كىچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق»، «ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا مەي مەدەنىيىتى»، «ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋەكېيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى»،« ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى»، «ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىخانلىق ئەنئەنىسى»، «نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا»، «ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنىشىشتە ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى يول ئېچىپ بەردى. ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغان ۋە تۈزەتكەن «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى»، «قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى»، «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى» قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىر- بىرلەپ نەشىر قىلىندى. «بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە»، «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش»، «سوغدىلار ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا»، «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى» قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گېزىت - ژۇرناللاردا ئىلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇرتارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يىپيىڭى تۈس قوشقان ئىدى.ئەپسۇسكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تالانتلىق ئەدىپى، تۆھپىكار  باغۋىنى،  مول مىۋىلىك پروفىپسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئۆزنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ، 1995-يىلى2-ئاينىڭ 27-كۈنى زىققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىشى سەۋەبى بىلەن62يېشىدا بۇئالەم بىلەن خەيىرلەشتى.

مەنبە : << شىنجاڭ مەدەنىيىتى >> ژورنىلى

سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !  ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!   ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !   تىلى ياتنىڭ دىلى يات !     تور دۇنياسى

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 12:01:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئالىمىمىزنىڭ تارىخىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇغىنىمدىن خۇشالمەن.

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

راھەت جاپاسى بىل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3385
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10919
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 02:42:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەسەرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن.

دەرت يامان لىكىن،سىنىڭمۇ دوست-دۈشمىنىڭ بار.خۇشال ياشا،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.
دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 04:50:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

تامنى بۇزغان زەي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3746
يازما سانى: 629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41815
تۆھپە نۇمۇرى: 1138
توردا: 6418 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 05:43:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئالىمنىڭ قەدرىگە ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىنلا ئاندىن ھەقىقى يەتتۇق.

ھەزەر قىل ئادەم سىياقى تۈلكىدىن، رەزىللىككە نىقاپ بولغان كۈلكىدىن. ھىجايسىلا كۈلدى دىمە ئۇ قاپقان، دەسسىدىڭلا قۇتۇلمىقىڭ تەس ئىلكىدىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش