مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1654|ئىنكاس: 22

دۇنياۋى داڭلىق شەخسلەر 2 - [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5251
يازما سانى: 1306
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 92303
تۆھپە نۇمۇرى: 2105
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 09:42:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى تۇنۇشتۇرىدىغىنىم _ ھولىۋود كىنوچىلىق ساھەسىدە دۇنياۋى شۈھرەت قازانغان ھەركەتلىك فېلىم چولپىنى سىيىلۋستر.ستاللون


بۇ ئادىرىسنى چىكىپ { بىرىنجى تامچە قان 2 - } بۈلىمىنى كۈرۈڭ ،

ئادىرىسنى چىكىڭ : http://v.youku.com/v_show/id_XMTA3Njc4MjY0.html

ئىسمى : سىيىلۋستر.ستاللون  

تۇغۇلغان ۋاقتى : 1946 - يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى
سىيىلۋستر.ستاللون . كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ تالانتى ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ئويناشتا ئىپادىلەنگەن
،كىيىنچە كىنو-تىياتېر ئارتىسى بولوشقا ھەۋەس باغلىغان .كېيىن مىئامىي
ئۈنۋېرسىستىنىڭ تىياتىر كەسپىدە تەتقىقاتىچى ئوقوغۇچى ﺑﻮﻟﯘﭖ ئوقوغان ھەم سىنارىيە
ئىجادىيىتىنى باشلىغان . بىراق ئوقوشنى تاماملىماي تۇرۇپ ،ﺋﻮنۋېرسىتىتتىن چىكىنىپ
نىيۇ-يورك شەھىرىگە كېلىپ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ئىزلىگەن .

بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى روكىي نى ئېلىپ ھوللىيۋودقا كېلىپ
مەبلەغ سالغۇچىنى ئىزدەيدۇ ،فېلىم تاماشىبىنلار بېلەن يۈزكۆرۇشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ
نامى بىراقلا چىقىپ كىتىدۇ
1982 - يىلى { بىرىنجى تامچە قان 1 } فىلىمى ئىشلىنىپ بۇ فېلىم بىلەت كىرىمى جەھەتتە يىڭى رىكوت ياراتتى .
ئارقىدىن 1985 - يىلى { بىرىنجى تامچە قان 2 - } بۈلىمى ئىشلىنىپ تاماششىبىنلار بىلەن يۈز كۈرۈشتى فىلىم قۇيۇلۇپ بىرىنجى ھەپتىسىدىلا بىلەت كىرىمى جەھەتتە بىرىنجى تامچە قان 1 - بۈلىمىدىن 3 ھەسسە ئېشىپ كىنوچىلىق تارىجىدىكى تۈنجى مۈجىزىنى ياراتتى مەزكۇرفىلىمنىڭ ئاخىرىدا رامبونىڭ { چاتمان شاڭشاۋغا } قىلغان بىرقانچە ئېغىز گىپى شۇ ۋاقتىدا ئامىركىدا زور غۇل - غۇلا قوزغىغان بۇلۇپ بۇ سۈزلەرنىڭ مەزمۇنى تۈۋەندىكىچە { بىز دۈلىتىمىزنى سۈيىمىز دۈلىتىمىز ئۈچۈن جان بىدا قىلىشقا رازىمىز بىراق بۇنى دۈلىتىمىز نىمىشقا بىلمەيدۇ؟ دۈلىتىمىز بىزنى سۈيىشى كىرەك خۇددى بىز دۈلىتىمىزنى سۈيگەنگە ئوخشاش} مانا بۇ بىر قانچە ئېغىز سۈز شۇ ۋاقتىدىكى ئامېركا ھۈكىمىتىنىڭ بېشىنى بوش ئاغرىتمىدى ، چۈنكى ئىلگىركى بىرقانچە ئۇرۇشلاردا نۇرغۇنلىغان ئامىركا ئەسكەرلىرى دۈلىتى ئۈچۈن قۇربان بولغان بىراق ئامېركا ھۈكىمىتى قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ھېچقانداق تەمىناتتىن بەھرىمان قىلمىغان ھەتتا ئۇلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى ، مەزكۇر كىنو قۇيۇلغاندىن كىيىن شۇ ۋاقتىدىكى ئامېركا ئەل باشى رىگان ئاشكارە تىلۋىزىيە سۈزى قىلىپ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ئەپۇ سورىدى ۋە ئۇلارنى دۈلەتنىڭ قىسمەن تەمىناتلىرىدىن بەھرىمان قىلىشقا ۋەدە بەردى ، مانا مۇشۇنچىۋالا چوڭ ئىشلارنى پەقەت بىر كىنو كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇ بولسىمۇ { بىرىنجى تامچە قان 2 - } 1988 - يىلى { بىرىنجى تامچە قان 3 - بۈلىمى } تاماششىبىنلار بىلەن يۈزكۈرۈشتى بىراق مەزكۇر فېلىم 1 - بۈلۈمىچىلىكمۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىدى ، بىراق رىجىسور فىلىمنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن سىتاللۇننى بىر يىللىق بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش مەشىقىنى قۇبۇل قىلىشقا ئۇرۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ.بۇ بىر يىللىق مەشىقتىن كىيىن سىتاللۇنننىڭ مۇسىكىلى يەنىمۇ تەرەققى قىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ ئۈلچەملىك مۇسكۇللۇق ئەرگە ئايلىنىپ قالدى ئامېركا تەنتەربىيە كومتتى شۇيىلى سېتاللۇنغا يەر شارىدىكى ئەڭ ساغلام ئەر دىگەن شەرەپلىك نامنى بەردى ، شۇنىڭ بىلەن رامبونىڭ ئۈلچەملىك مۇسكۇلى كىنولاردىكى كەم سۈزلىكى پۈتۈن دۇنيادىكى كىنو مەستانىللىرىنىڭ ئۈگۈنۈش ئۈلگىسىگە ئايلاندى، ھەتتا جۇڭگو چوڭ قۇرىلىقىدىمۇ شۇنىڭدىن كىيىن رامبودىن ئۈگۈنۈپ بەدەن گۈزەللەشتۈرش دولىقىنى كۈتۈرىلدى { رامبو ئايىغى .، رامبو پىچىغى } قاتارلىقلار چوڭ قۇرۇقلىقتا بازىرى ئەڭ ئىتتىك مەھسۇلاتقا ئايلاندى

ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەسلىدىكى قەھرىمانلىق تېمىدىكى فىلىملەردىن كومىدىيىلىك
فىلىم ساھەسىگە كىرىش ئۈچۈن ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئۆزى كۈتكەن ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيدۇ .


20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن ئۇنىڭ كەسپى ھاياتى چىكىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى.





1976-يىلى يوھان .ۋىيلىسنىڭ دۇنيا ئېكرانى
ئۇنى ئەينى دەۋردىكى ئەڭ ئىلگىرى باسقان يېڭى چولپان دەپ باھالىغان .

1976-يىلى ئۇنىڭ تۇنجى فېلىمى روكىي نىڭ شۆھرىتى ئۇنىڭ كىيىنكى ھەرقانداق دەۋردىكى
شۆھرىتىدىن ئىشىپ چۈشكەن بولوپ ،روكىي قويولغاندىن كېيىن داڭلىق ئوبزۇرچى Roger
Ebert سىتاللۇننى ئىككىنچى مارلون .بىراندۇ دەپ تەرىپلىگەن ئىدى .

1984-يىلى سىتاللۇن ۋە Dolly Parton
ئىككىسىنىڭ نامى ھوللىيۋودنىڭ يۇلتۇزلار كوچىسىغا ئويولدى .

1986-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئەلباشى رىگان ئۇنى ئاق سارايغا تەكلىپ قىلىپ
،ئۇنى دوستانە قۇبۇل قىلدى.




2002-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
كىنو-تېلېۋىزىيە سودا ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 21يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نىۋادا
شىتاتىنىڭ لاس-ۋىيگاس شەھىرىدە ئىچىلغان تەبرىكلەش يىغىلىشدا سىتاللونغا ھەرىكەتلىك
فېلىم گىگانت چولپىنى مۇكاپاتى بىرىلدى.

2003-يىلى ئامېرىكا كىنو ئىنىستىتۇتى ئېلىپ
بارغان قەھىرىمان ئوبرازلىىرنى باھالاش پائالىيىتىدە سىتاللون 7-ئورۇندا تۇردى ،
ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان 6نەپەر ئاكتىيۇر بولسا :Gregory Peck, Harrison Ford, Sean
Connery, Humphrey Bogart, Gary Cooper,Jodie Foster قاتارلىقلار ئىدى.

2006-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا بوكىس
تېمىسىدا ئەسەر يازغۇچىلار جەمئىيىتى ،جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 81يىللىقى
مۇناسىۋىتى بېلەن لاس ۋىيگاستا يىغىن چاقىرېپ سىتاللونغا ئۆمۆرلۈك مۇۋاپىقىيەت
شەرىپىنى بەردى .

ئاسىيادىكى داڭلىق كىنو ئىشلەش ماكانى
بوللىيۋودتىمۇ سىتاللۇن ئوخشاشلا كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى يۈكسەك ئوبراز ،
ھىندىستاننىڭ داڭلىق قەھرىمان ئوبرازى يارىتىدىغان ئارتىسلىرىدىن Salman Khan,
Sunny Deol, Bobby Deol, Dhanmendhra, Sanjay Dutt, Sunil ShettyۋەHrithik Roshan
قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىتاللۇننىڭ ئەسەبىي مەستانىلىرى ھىسابلىنىدۇ . ھەتتا
داڭلىق چولپان Sunny Deol ئۆز ئوغلىنىڭ ئىسمىنى روكىي دەپ قويغان .


Premiere ژورنىلى سىتاللون ياراتقان روكىي
ئوبرازىنى تارىختىكى 100 مەشھۇر كىنو پۇرسۇناژى (ئوبراز،رول) ئىچىدە 64ئورۇنغا
تىزغان .

ئۇندىن باشقا روكىي فېلىمى ئامېرىكا كىنو ئىنىستۇتى تەرىپىدىن دۇنيا كىنو قامۇسى
تەرتىپىدا 4-ئورۇنغا ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ .

2004-يىلى ئالتۇن قارائۈرۈك مۇكاپاتىنىڭ
ساھىبى بولغان سىتاللۇن ، باھالاش داۋامىدا 30 تۈردە ئىسمى ئاتالغان بولوپ 10تۈردە
رىقابەتچىلىرىنى يەڭگەن ئىدى ،ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئەڭ كۆپ تۈردە مۇكاپاتلانغان تۇنجى
شەخىس بولوپ قالدى ، 1985-يىلدىن 1997-يىللىرىغىچە سىتاللون ھەريىلى ئالتۇن مۇكاپات
تېزىملىكىگە كىردى،بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قېتىم ئەڭ ياخشى ئەر رولچى بولوپ مۇكاپاتلاندى
.ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى رىكورتىنى تاھازىرغىچە ھىچكىم بۇزالمىدى .

سىيلېۋىستىر سىتاللۇننى تۈنۈشتۇرۇش مۇشۇيەرگىچە بۇلىدۇ ،

3 - قىسىمدا : ھوللىۋوتنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى { تام كىروس } تۇنۇشتۇرلىدۇ ،


مەنبەسى : دۇنياۋى داڭلىق شەخىسلەر دىگەن كىتاپتىن ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردىن ئېلىندى

يالغۇز قالغىنىڭدا مەيۈسلەنمە ، چۈنكى بۆرىمۇ يالغۇز قالغاندا ئايغا قاراپ ھۇۋلايدۇكى ھەرگىزمۇ تۈلكە بىلەن دوسىت بولمايدۇ .

پاك سۆيگۈم بولىد

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4686
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9306
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 09:54:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا...  مەن يوقكەنمىنا؟     ۋۇ راست  مەن  يەرشارىۋى داڭلىق شەخىس.

تېمىڭىزغا   رەھمەت.....

پاك سۆيگۈم بولىدۇ تا  ئاداققىچە،ئەزىز تەن تۇپراققا كىرىپ كەتكۈچە.ھەتتاكى  مېيىتمۇ سۈكۈت  ئىچىدە،تىلەيدۇ بەختىڭنى جىم ياتقۇنىچە.ئاپتورى : ئۆزۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97720
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 10:01:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا رامبونىڭ قونچاقلىرى بەك ئامراقتىم..
مەن بۇ ئارتىسنىڭ   ئاغرىق ھەم ھەرقانداق شارائىتقا بەرداشلىق روھىغا بەك قول قويىمەن.
داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ..

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

سىنى دەپلا مۇشۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3986
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9152
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2011-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 10:16:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى ياخشى يوللاپسىز   بولسا  رەسىملىرىنىمۇ قۇشۇپ چىقىرىپ قويسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاكەن ...

```````````سەنسىز ياشىيالمايمەن     ``````

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5251
يازما سانى: 1306
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 92303
تۆھپە نۇمۇرى: 2105
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 10:16:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلار تىمىغا بىۋاستە سۈرەت چىقىرش مەشخۇلاتى قىلىشنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن پەقەت كىنو  ئادىرىسنىلا يوللىدىم . ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر ...

يالغۇز قالغىنىڭدا مەيۈسلەنمە ، چۈنكى بۆرىمۇ يالغۇز قالغاندا ئايغا قاراپ ھۇۋلايدۇكى ھەرگىزمۇ تۈلكە بىلەن دوسىت بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4360
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8878
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 309 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2011-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 10:21:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياق  يەنىلا  ياخشى  چىقىپتۇ

Ceddin deden neslin baban Hep

باش رەسىمى نىقابلانغان

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1686
يازما سانى: 3218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58608
تۆھپە نۇمۇرى: 432
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 10:31:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97720
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 10:46:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |








ماۋۇ بازار تاپقان پىچاقلىرى

سۆرەتلىرى مانا..

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

خان دەك ياشاپ ئۆ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3970
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9097
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2010-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 10:49:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا داۋاملىق يىڭى كىنولىرى چىقسا ئىكەن دىگەن ئۈمىددە .

خان ___ ئۇيغۇرخان  .
تەكلىما بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 10:59:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش