مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1685|ئىنكاس: 24

كۆڭۈل قىز  نىڭ يۇلتۇزلارغا ساياھىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2423
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 400 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 11:52:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېچە، سىرتتا ۋال- ۋۇل قىلىپ نۇر چاقنىغانلىقىنى سەزگەن كۆڭۈل ئاستا ھويلىغا چىقتى، پاھ! كۆز ئالدىدا ئالامەت ئېسىل بىر ماشىنا تۇراتتى، «بۇ ماشىنا بىزنىڭ ھويلىغا قانداق كىرىپ قالغاندۇ؟»، كۆڭۈل ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى، ئىچىدە بىر پارچە خەت تۇراتتى: « كۆڭۈل قىز، بۈگۈندىن باشلاپ بۇ ماشىنا سىزنىڭ بولدى، بۇ بىر خىسلەتلىك ماشىنا، ئۇنىڭ سائەتلىك تېزلىكى نۇر سۈرئىتى بىلەن ئوخشاش، سىز ئۇنى ھەيدەپ يەر شارىنىلا ئەمەس كائىناتنىمۇ بىر كۈندە ئايلىنىپ كۈرۈپ كېلەلەيسىز، بۇنىڭغا بېنزىن ياكى گاز كەتمەيدۇ، خالىغانچە ئىشلىتىڭ». ۋاي نىمە كارامەت بۇ، مېنىڭ ساياھەتكە ئامراقلىقىمنى، بولۇپمۇ ئالەم ساياھىتى ئارزۇيۇمنى بىلگەندەكلا ھە، بولىدۇ، رەخمەت، قوبۇل قىلدىم. كۆڭۈلنىڭ شاتلىقى ئىچ ئىچىگە پاتماي قېلىۋاتاتتى. ئۇ ماشىنىنىڭ ئىچىگە كىردى، ۋاھ! نىمانچە راھەت! «ئەمدى بىر يەرلەرگە ئۇچۇپ بېرىپ كېلەي، نەگە بارسام بولا؟ توغرا، ئاي-يۇلتۇزلارغا بېرىپ كېلەيچۇ، ئۇ ئاسمانغا قارىدى، شۇنداق نۇرلۇق بىر يۇلتۇز يارقىن نۇرلىنىپ ئۇنىڭغا كۆز قىسىپ قاراپ تۇراتتى، بولدى شۇنىڭغا باراي، يالغۇز بارامدىم ؟ مىسرانىمدىكى دوسلىرىمدىن بىر نەچچىنى ئېلىۋاللايمۇ يا، كىمنى ئېلىۋالسام بولاي؟ سۈزۈك ئاي؟ كەپسىزقىز؟ دىلسىرىنىمۇ يا؟ ئوھۇش، ئۇلارنى ئېلىپ نىمىمۇ قىلامەن، ئۇلارمىچۇ مېنىڭكىدەك ماشىنىسى بولسا بارسۇن تازا، ئۆزەم يالغۇز بېرىپ، مىسراندىكى قىزلارغا تازا بىر كۆز- كۆز قىلىپ، كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتەيچۇ» ئۇ شۇنداق خىياللار بىلەن ئۆز ئۆزىدىن زوقلىنىپ پىسىڭىدە كۈلدىدە قىزىل كۇنۇپكىنى بېسىشى بىلەن ماشىنا كەڭ كائىناتقا قاراپ قاڭقىدى.

ماشىنىنىڭ سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز ئىدى، بىلىپ بىلمەيلا ھېلىقى چاقناق يۇلتۇزغا يېقىنلىشىپ قالدى، بۇ يۇلتۇز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى، ھەممىلا يەر ۋال ۋۇل چاقناپ تۇراتتى، ئۇ ماشىنىسىنى خۇددىي قۇشلاردەك يېنىككىدە قوندۇردى، ۋاي جېنىم، نىمە ئالامەت بۇ، كۆڭۈل يەردىن چاقناپ تۇرغان تاشدىن بىرنى ئېلىپ توۋلىۋەتتى، ئالتۇن! يەنە بىرنى ئېلىپ قارىۋىدى ئالماس! يەنە ياقۇت، كۈمۈش، مەرۋايىت، ئىشقىلىپ كۆڭۈل ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى باركەن، «ئاھ خۇدا، بەرگەنلىرىڭگە  مىڭ مىڭ مەرتىۋە رەخمەت»، ئۇ بىر پارچە ئالتۇننى قولىغا ئېلىپ يەنە خىيالغا چۆكتى، بۇ ئالتۇن ئاز دىگەندە بىر كېلو كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزەمگە نۇرغۇن زىبۇ زىننەت ياسىتاۋالىمەن، قۇلاق، بېلەك، بويۇن، بارماق، ئۇشۇق، كىندىك، بۇرۇن دىگەن جايلارنىڭ ھەممىسىگە تاقايمەن، ئاسىمەن، يەنە ئالماستىن كۆز سالدۇرىمەن، بولسا ئالتۇندا يىپ تارتىپ كوپتا، يوپكا، پايپاقنى ئالتۇن يىپتا تىكتۈرىمەن، ئىشقىلىپ تاقىغۇدەك، ئاسقىدەك يەرنىڭ ھەممىسىگە يېتىدۇ، يەنە تېخى ئالتۇن كەشمۇ بار، بىر ماشىنا بېسىپ ئەپكەتسەم، مەن بۇ جاھاندىكى ئەڭ بايغا ئاييلىنىمەن.

ئۇ خىيالىنى داۋاملاشتۇرغاچ ماشىنىغا ئالتۇن ئالماسلارنى بېسىشقا باشلىدى. ماشىنىنىڭ ئىچى توشتى، ئارقا ساندۇقىمۇ توشتى، يان ئورۇندۇقمۇ بوش قالمىدى، ئاخىرىدا ئۆزى ئارانلا ئولتۇرغىدەك يەر قالدى، كۆڭۈل چەكسىز ئارزۇ-ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ماشىنىنىڭ قىزىل كونۇپكىسىنى باستى، ماشىنا ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلدى، 50 مېتىرچە كۆتۈرۈلگەندە ماشىنىدىن جىددىي سىگنال چېلىنىپ « ما شى نى نىڭ ئې غىر لى قى ئې شىپ كەت تى، كە چۈ رۈڭ، بىز ئەم دى  چۈ شۈپ كې تى مىز» دىگىنىچە يەرگە كاللىچىلاپ تىكلا چۈشتى، ماشىنا پارە- پارە بولۇپ، كۆڭۈل كۆلۈل قويۇپ يىققان ئالتۇن، ئالماسلار چېچىلىپ ئەسلى ئورنىغا بېرىپ قالدى. كۈڭۈلمۇ بىر چەتكە دومىلاپ كەتتى.

بىر چاغدا ئۇ ئېسىنى يىغىپ كۆزىنى ئاچتى، ئېسىل ماشىنا تۈگەشكەن، ئالتۇن كۈمۈشلەر يەنىلا يالتىراپ يېتىشاتتى. « ئەمدى ئۆيگە قانداق قايتىمەن» دىگەن خىيال كاللىسىغا كىرشى بىلەن جالاقلاپ تىترەپ كەتتى، بىرئازدىن كېيىن ئازراق سەگىدەپ قالغاندەك بولۇپ، نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلگەندەك بولدى، ماشىنام شۇنچە تېز ئۇچىدىغان تۇرسا، بۈگۈن ئازراق ئېلىپ، ئەتە يەنە كېلىپ ئالسام بولمامدۇ، ئۆزۈمگە يەتكۈدەكلا ئالسام بولمامدۇ، مەندىكى شۈكرى- قانائەت قېنى؟

خىيال قىلغانسىرى ئۇنى يىغا تۇتۇۋالدى، كۆز يېشىمۇ ئاقتى، بۇرنىمۇ چىقىپ كەتتى، ئېيتېۋېتەي دىۋىدى، قەغەزمۇ يوقكەن، ئاھ خۇدا، بۇ ماڭا نىمە كەلگۈلۈك ئەمدى. كۆڭۈل بېشىنى كۆتۈرۈپ يىراقلارغا نەزەر سالدى، بۇ يۇلتۇز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى، ھەممە يەر ئالتۇن ئالماس ئىدى، بىراق بۇلارنىڭ نىمە پايدىسى، ئۇلارنى قورساق ئاچقاندا يىگىلى بولاتتىمۇ. يىراقتىن قارا-قۇرا نەرسىلەر مىدىرىغاندەك بىلىندى، ئۇ كۆزىنى يوغان ئېچىپ قارىدى، راست، بىر نەچچە ئادەمسىمان نەرسە ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى، ئۇلار بارغانچە يېقىنلاشتى، « تاشقى پىلانېت ئادىمى»! كۆڭۈل غال غال تىترەپ كەتتى،« تاشقى پىلانېت ئادىمى» ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى، ئارىدىن بىرسى كۈڭۈلگە سىنچىلاپ قارىۋېتىپ « ھەي باللا، بۇ توردىشىمىز كۆڭۈلكەنغۇ» دىيىشى بىلەن باشقىلارمۇ ۋاي راست شۇكەن دىيىشىپ كەتى، كۆڭۈل ھەيران بولۇپ ئۇلارغا قارىدى: مۇنۇ سالۋا چاچ بولۇپ كەتكەن، يۈزلىرى قارىداپ، ئېغىزلىرىنى گەژ باغلاپ كەتكەن قىز سۇبھانە، ماۋۇ ئۇرۇقلاپ، دۈمچىيىپ قالغان، نان يىمىگىلى نەچچە يىل بولغاندەك بولۇپ كەتكىنى ئەزىزان، ئىۋۇ ئىككى پۇتى دىر دىر تىترەپ تۇرغىنى مۇسەللەس (مۇشۇ يەردىمۇ ئىچكەن بولغىيمىتى كاساپەت)،ماۋۇ تۇزمۇ تۇرىدۇ، ئى قىز كىم بولغىيتى، توۋا خۇداتىم، بۇ قارمەلىكە ئىكەنغۇ، كۈمۈركاندىن چىققاندەكلا بولۇپ قاپتا؟

- ھەي سىلەر نىمىش قىلىسىلەر بۇ يەردە؟

-كۆڭۈلقىز، بىزمۇ سىزدەكلا بىر بىرلەپ كەلگەن، بىزمۇ خۇددىي سىزدەكلا جىق ئېلىۋېلىپ ئۇچالماي قېپ قالدۇق، ئەمدى بىرەسى كەلسە ئازراق باستۇرۇپ قايتىپ كېتىۋالامىز دىسەك سىزمۇ بولدىڭىز بىزدەك.

ئۇلار شۇ گەپلەرنى قىلىشىۋاتقاندا ئاسماندا بىر ئايرۇپىلان پەيدا بولدى، ئۇلار ۋاي مانىڭغا دەپ كېتىۋېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىلى دەپ چۇقىراشقىنىچە ئايرۇپىلان ئۇچقان يۈنۈلۈشكە قاراپ يۈگرەشتى، ھېلىقى ئايرۇپىلان بىر دۆڭنىڭ كەينىچە ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلار مىڭ تەستە دوڭدىن ئۆتۈپ ئايرۇپىلانغا يېقىنلىشاي دىگەندە ئايرۇپىلان لەپپىدى يەردىن كۆتۈرۈلدى، « ۋاي ئۇچماي تۇرۇڭ، بىزنى ئېلىۋېلىڭ» ئۇلار شۇنداق توۋلىشىۋاتقاندا ھېلىقى ئايرۇپىلان قوڭىدىن ئىس چىقارغانچە يەرگە تىكلا چۈشتى، ئۇ ئايرۇپىلانمۇ تۈگەشتى، ئۇلار ئايرۇپىلان ئىچىدىن چىققان كىشىنى كۆرۈپ قېتىپلا قېلىشتى: مىسرانىم ئەپەندى؟!

«ئاھ خۇدا، ئەمدى قانداق قىلىمەن» كۈڭۈل ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ كەتتى.

-توۋا، ما بالىنى، كۈن چۈش بولغاندىمۇ چۈشكۈرۈپ،جۆيلۈپ يۈرگىنىنى، قوپسىلا قىزىم، چايلىرىنى ئىچىپ كومپىيوتېرلىرىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرسىلا، مىسرانىمدا يەنە بىرمۇنچە تېما مىنى قاچان كۆرە دەپ سىزگە قاراپ تۇرىدۇ.

ئانىسىنىڭ قىلغان گەپلىرىدىن كۆڭۈل ئويغاندى، ئۇھ خۇدا، ھەرنىمە بولسا چۈشۈمكەن، ئۆيۈمدىكەنمەن، لېكىنزە، ھېلىقى ئالتۇن-ئالماسلار ئىسىت، تۇرۇپلا ھېلىقى بىرنەچچە توردىشى ئېسىگە كېلىپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتتى، ئانىسى ياقىسىنى تۇتقانچە «تۆۋە قىلدىم خۇدايىم» دىگىنىچە چىقىپ كەتتى.

مەنبە: ئۆزۈم (ئىلگىرى شەھلا تورىغا يوللانغان تېمام ئىدى، ھازىر ئېسىمدە قالغىنى بويىچە يېزپ يوللىدىم، بۇنى تورداشلارغا قىلىنغان چاخچاق دەپ چۈشۈنەرسىلەر)

كۈمۈش بى بى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2992
يازما سانى: 928
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10985
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 2900 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 01:12:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەپسى بالا دىگەن شۇ ، ئەگەر بۇ چۈشىڭىز رىئاللىققا ئايلىنىپ قالسا مىنىڭچە ئەمدى ئۇنداق جىق ئېلۋالمايسىزغۇ دەيمەن ھە .  [s:33]

پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەنبەسى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىرگىدۇر !!!!!!!!

دىلنىڭ سىر دىشى -

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 3084
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13078
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 01:13:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭۈل چۈش سەيلىسى قىتپ غۇ  [s:49]  [s:34]  [s:33]

1›مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .
2›ئەمدى تىرىشمىسام نەپىرەتتىن ئۆلۈپ كىتىشىم مۇمكىن.

ئۆزىنى قەدىرلىم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2838
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9418
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2010-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 01:18:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2(دىلسىرى)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

چۈش سەيلىسىمۇ ياكى تۈن سەيلىسىمۇ؟!~ ئەگەر تۈن سەيلىسى كېسلىگە گىرپتار بولغان بولسا بۇ خىل كېسەل چاتاق جۇمۇ!~ چوقۇم تېزدىن داۋالىنىشى كېرەك!~ [s:35]

ئاللاھ نى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن! ئاللاھدىن قالسىلا مۇھەممەدنى، مۇھەممەدتىن قالسىلا ئۆزۈمنى ياخشى كۆرىمەن! چۈنكى، ئۆزىنى ياخشى كۆرمىگەن ئادەمنى ھىچكىممۇ چىن دىلىدىن ياخشى كۆرەلمەيدۇ!

باشقىلار كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4026
يازما سانى: 1963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18664
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 01:20:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېرىن خىياللارنىڭ تاتلىقلىقىنى قارا.ھې ھې ھې ~~!

يۇرتۇم__ توققۇزتارا تاشتۆپە    ئىملاغا دېققەت قىلايلى قېرىنداشلار!!!!
دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 01:21:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4561
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7734
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 1768 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 01:31:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى چۆچەكمىكىن دەپ قاپتىمەن،ئەسلىدە چۈشكەندە...

ھۆرمىتىم ھەممىنى بىلگەنگە ئەمەس،ئۆزىنى بىلگەنگە !

دىلنىڭ سىر دىشى -

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 3084
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13078
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 01:32:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:2(دىلسىرى)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  koz-yexi كە 2010-08-03 01:18 PMئەۋەتىلدى 2(دىلسىرى)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس :
   چۈش سەيلىسىمۇ ياكى تۈن سەيلىسىمۇ؟!~ ئەگەر تۈن سەيلىسى كېسلىگە گىرپتار بولغان بولسا بۇ خىل كېسەل چاتاق جۇمۇ!~ چوقۇم تېزدىن داۋالىنىشى كېرەك!~ [s:35]
چۈش سەيلىسى قىلىپ يەنە مارىستىن يېنىپ كەپتۇغۇ .

1›مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .
2›ئەمدى تىرىشمىسام نەپىرەتتىن ئۆلۈپ كىتىشىم مۇمكىن.

بىردەملىك تاقەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2025
يازما سانى: 3030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21377
تۆھپە نۇمۇرى: 734
توردا: 4929 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 01:45:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ چۈشىڭىزنى كىنو قىلىپ ئىشلىۋىتەيلى بولمىسا ھەسەننىڭ چۈشىگە ئوخشاش...ھې....ھې....

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 01:46:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي...سۇۋادان ،بەك كەلتۇرۇپ قۇيۇپسىز جۇمۇ [s:49] ئاخشام راس چۇش كۆرگەنتىم.بىراق بۇنداق ئەمەس ئىدى،ھەممە مىسىرانىمدىكىلەرنى چۇشەپ قاپتىكەنمەن.ھازىر مۇنبەرگە چىقىپ بۇ تىمىڭىزنى كۆرۇپ سەت كۇلىۋەتتىم [s:34] سىز پالچىما؟مىنىڭ ماشىنىغا ئامراقلىقىمنى نەدىن بىلىۋالغانسىز؟ [s:49] ياخشى يىزىپ قۇيۇپسىز.رەھمەت!
بۇرۇن مۇنبەردە مۇنبەردىكىلەرنى چۇشەپ قاپتىمەن دەپ تىما يازسا نىمە دەيدىكىن دەپتىكەنمەن.راس ئادەم مۇنبەردىكىلەرگە بەك ئامراق بوپ كەتسە، راسلا چۇشەپمۇ قالىدىكەن.چىرايىڭلارنى بىلمىسەممۇ مۇنبەردىكى رەسىم چىرايىڭلارنى چۇشەپتىكەنمەن.بۇ راس!دەقيانۇسنى چۇشەپ قاپتىكەنمەن تىخى [s:35]

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش