ھەي ھايات،ھەي دۇنيا،ھەي بىۋاپا جاھان.
خۇددى ئۇچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەكلا تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ قازا مىنىڭ ھەم نۇرغۇن ئادمنىڭ يۈرەكلىرىنى لەختە-لەختە قان قىلۋەتتىغۇ جېنىم تاغا.سەن بىزگە ھەتتا ئۆزۈڭ ئەڭ چىدىمايدىغان،دۇنيانىڭ ،ھاياتنىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان ئۈچ بالاڭغا قانداقمۇ چىدىغانسەن ھە؟
شۇ تاپتا مىنىڭ كۆزلىرىمدە سىنىڭ ئاشۇ مىھرىبانلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرىڭ ماڭا قاراپلا تۇرغاندەك ،كىتىش ئالدىدا دىيەلمىگەن گەپلىرىڭنى شۇ كۆزلىرىڭ ئارقىللىق دەۋاتقاندەك،شۇ ئۈچ نارىسىدەڭنى، بۇ دۇنيادا يىتىم بۇلۇپ قالغان باللىرىڭنى بىزگە تاپشۇرۋاتقاندەكلا بىلىنۋاتىدۇ.خاتىرىجەم كىتىۋەرگىن تاغا،ئۈچ بالاڭغا ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم سىنىڭ دۇئايىڭ يار يۆلەك،ئاندىن قالسا ئىككى قېرىندىشىڭ ھەم بىزدەك جىيەنلىرىڭ بار،سەن ھاياتلىقىڭدا بىزگە قانداق ياخشىلىقلارنى قلغان بولساڭ ئەمدى بىز ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ باللىرىڭغا قايتۇرىمىز، باللىرىڭ سەن ھايات چېغىڭدا قانداق ياشىغان بولسا بۇنىڭدىن كىيىنمۇ شۇنداق ياشايدۇ...
تۆۋە،سەن ئۆزۈڭنىڭ شۇنداق بالدۇر كىتىشىڭنى بىلگەن بولغىمىدىڭ،ئۈچ بالاڭنىڭ بىزگە قالىدىغانلىقىنى بىلىپ بىزگە شۇنداق يىلىنگەندەك ئىشلارنى قىلىپ كەتكەن بولغىمىدىڭ.سەن تېخى 48ياش ئىدىڭغۇ،تېخى ياش ئىدىڭغۇ.سىنىڭ ھەدەڭ سىنى ئۇزىتىپ قالدى،سەندىن چوڭلار سىنى ئۇزىتىپ قالدى،سەن نىمانداق بالدۇر كىتىۋالدىڭ؟ بۇ دۇنيادىن شۇنچىلىك رايىڭ يانغانمىدى؟
ياق،سەن باللىرىڭغا،ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭغا بەك چىدىمايتىڭ،سەن ھاياتقا تەلپۈنەتتىڭ،بەلكىم ئاللاھقا يارىغانسەن.شۇڭا اللاھ سىنى بالدۇر ئەكەتتى،ئۇلۇغ جۈمە كۈنىدە يېنىغا ئېلىپ كەتتى.
بىلەمسەن تاغا،سەن مىنىڭ كىتىپ ئىچىمدە داغ قالدى،بۇ داغ بەلكىم بىر ئۆمۈر يۈرىكىمنى غاجاپ ئۈتۈر.بەلكىم بىر كۈنلەردە مەنمۇ يېنىڭغا بارغاندا ئاندىن تۈگەر.سەن بىلەن مەن بىر مەھەللە تۇرۇپمۇ كۈندە بىر قېتىم يېنىڭغا كىرىپ قانداقراق ياتتىڭ دادا؟ دەپ سۇرىيالماپتىمەن.شۇنچە يىراق ئۈرۈمچىدگە ئۇقۇشقا ماڭغان چېغىمدا سەن ماڭا تىلفۇن قىلىپ تۇرۇپسەن، مەن بولسام بىر قېتىم ساڭا تىلفۇن قىلىپ قويماپتىمەن،سىنى بۇنچە بالدۇر كىتەر دەپ ئويلىماپتىمەن.بىزدىن بۇنچە بالدۇر ئايرىلار دەپ ئويلىماپتىمەن. ئىنسان دىگەن خام سۈت ئەمگەن ،شۇڭلاشقا بەك نادان بۇلىدىكەن،سىنى رازى قىلالىغان بولغىمىدۇق دادا....
سەن بىزگە كىچىك چېغىمىزدىن تارتىپ ئۆز دادىمىزدەك كۆيۈنۈپ ،ئۆز بالاڭ قاتارىدا كۆرۈپ چوڭ قىلدىڭ،ھېيىت-بايراملاردا سەن بولغاچ بىزگە ھېيىت بولغان ،ئەمدى سەن يوق،بىزگە ھېيىت بۇلارمۇ ؟تۇغۇلغان كۈنۈمدە سەن ماڭا سوۋغا بىرەتتىڭ،ئەمدى كىلەر يىلى مەن قەبرەڭگە چىقارمەنمۇ ؟
ئۈچ بالاڭغا ھەر بىر قارىسام يۈرىكىم ئېقىپ كىتىۋاتىدۇ،مەن قانداق قىلارمەن،ساڭا پەقەت چىدىمىدىم.
ھايات چېغىڭدا ئۈچ بالاڭنى ھېچىكىم بىر نىمە دىيەلمەيتى،چۈنكى سەن ھايات ئىدىڭ،ئەمدى سەن يوق،مەكتەپتە ئۇلارنىڭ بوينى قىسىلىپ قالارمۇ؟ يىغلاپ كىلىپ مىنى بىرسى يىتىم ئوغلاق دىدى دېسە مەن نىمە بۇلۇپ كىتەرمەن؟
كىچىك بالاڭ دادامنى سېغىندىم،ئۇ قېنى ؟دادامنى تېپىپ بەر دەپ يىغلىسا ئۇنىڭغا نىمە دەرمەن؟
بىر كۈنلەردە ئۇلارنى ئۆيلۈك ئۇچاقلىق قىلغاندا مەرىكە زالىدا باللىرىڭ دادام بولغان بولسا كۈرەر ئىدى دەپ يىغلىسا مەن قانداق چىدارمەن؟
سەنغۇ ئارام تاپتىڭ،بىز بۇ دەرتكە قانداق چىداپ بۇلارمىز؟ ھەر پەيشەنبە كۈنلۈكدە ئۈچ نارىسىدەڭنىڭ قۇلىدىن يىتىلەپ قەبرەڭگە چىقارمىزمۇ؟
تاغا،سەن كىتىپ ئۆيۈڭنىڭ خۇشاللىقى يۇقالدى.سەن ياتقان ئۆيگە "تاغا،مەن كىردىم"دەپ كىرسەم سەندىن سادا بولمىدى."كىلىڭ قىزىم،ئۇكىللىرىڭىز بىلەن بازارغا چىقىپ مارۇۋنا يەپ كىرىڭ "دەپ مىنى قارشى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى.ئەمدى مەن مەكتەپكە كەتسەم كىم ماڭا "قاچان تەتىل قىلىسىز بالام؟تاماقنى جىق يەڭ دەپ يەڭ ،سىز ياخشى ئۇقىسىڭىز ھەمىمىز خوش"دەپ تىلفۇن قىلىدۇ؟
مىنىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر تاغام كىتىپ قالدمۇ؟بىزگە خۇددى ئۆز دادىمىزدەك يۈرەك قاقىدىغان تاغام كەتتىمۇ؟
ئەمدى بىز باللىرىڭغا سەن بەرگەن مىھىرنى بىرەلەمىزمۇ تاغا؟
خاتىرجەم ياتقىن،باللىرىڭدىن ھەرگىز ئەنسىرىمە.ئۇلارنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قۇشىمىز،باشقىلار ئالدىدا يىتىملىكىنى بىلىندۈرمەيمىز.ئۇلۇغ اللاھ ياتقان يەرلىرىڭنى جەننەتتىن قىلسۇن،ھۇر-پەرىلەرنى ھەمراھ قىلسۇن.
سەن گەرچە بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان بولساڭمۇ سىنىڭ باللىرىڭ سىنىڭ ئورنۇڭدا بىزگە تەسەللى،بىز ئۇلارنى سىنى كۆرگەن كۆزەد كۆرۈپ چوڭ قىلىمىز.ئەلۋەتتە،پەرزەنىتكە نىسبەتەن دادىنىڭ ئورنىنى ھېچىكىم باسالمايدۇ،دادا بەرگەن مىھىر-مۇھەببەتنى پەرزەنىتكە ھىچقانداق ئىنسان بىرەلمەيدۇ.لىكىن ،بىز تىرىشىمىز،سىنىڭ روھىڭنى ھەرگەىز قورۇندۇرۇپ قويمايمىز. خاتىرجەم ياتقىن،باللىرىڭنى سەن ئارزۇ قىلغاندەك ئادەملەردىن قىلىپ تەربىيلەيمىز.
ئۇلۇغ اللاھدىن پەقەت شۇنىلا تىلەيمەن:"ياتقان يىرىڭ جەننەتتە بولسۇن،باللىرىڭنىڭ دىلىغا ئىنساپ بەرسۇن،ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى بەرسۇن.بەختىنى بەرسۇن،ئامىن.ئاخىرەتتە كۆرىشەيلى.........".