چىن دوستلۇق
مەريەم ئەھەت
بولمىغاندەك تاراقسىز سۇمبۇل چاچنىڭ زىننىتى،
بولماس ئىكەن ھاياتنىڭ چىن دوستلارسىز لەززىتى.
ۋىسال قۇچۇپ تەڭ كۈلگەن بىرمىنۇتمۇ يىلغا تەڭ،
يەتمەس ئىكەن دوستلۇققا باشقىسىنىڭ قىممىتى.
كۆكتە قۇياش نۇر تۆكۈپ،ياشناتقاندەك ھاياتنى،
دوستلىشىشنى چېچەكلەپ،سۆيۈندۈرەر دىللارنى.
تېپىلسىمۇ ئۆمۈردە تالاي تالاي ياخشى دوست،
ساۋاقداشلىق رىشتى ھەم نۇرلاندۇرار دىللارنى .
ئانا تۇپراق باغاشلاپ، پەرۋىشلىگەن كۆچەتلەر،
بوران-چاپقۇن ،جۇدۇندا ئەگمەس ئىكەن قەددىنى.
گۈزەللىكنى پەقەتلا گۈزەل قەلب كۆرگەندەك ،
دوستقا سادىق يۈرەكلەر بىلەن دوستلۇق قەدرىنى.
مەنبە:تەڭرىتاغ ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.