مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1119|ئىنكاس: 13

زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇغ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

http://barhan88.blogbus.com/

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5568
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9319
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 07:24:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇغ؟
ئاپتۇرى:   يالقۇن روزى

يېقىنقى يىللاردا شېئىر-قوشاقلاردا، سەھنە- ئېكرانلاردا "ئانىلار ئۇلۇغ" "جاھاندا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئانا""ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ"دىگەنگە ئوخشاش تەرىپ ۋە مەدھىيە سۆزلىرى خېلى ئومۇملىشىپ قالدى.بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ، كشىلەرمۇ بۇ سۆزلەرنى دائىم دېگۈدەك ئىستىمال قىلىدىغان بولدى. كىشىلەر ئانىلارنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قارا قويۇق ئۇلۇغلايدۇ؟ مېنىڭچە ئۇلار ئومۇمەن مۇنداق قارايدۇ. "ئانىلار توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ بالا تۇغىدۇ. يەنە بالا ئېمىتىدۇ.بالىنى پەرۋىشلەپ چوڭ قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلار ئۇلۇغ، ئانىلار ئۇلۇغلاشقا تېگىشلىك ئىنسانلار "
قارىماققا ، ئانىلارنى بۇنداق ئۇلۇغلاشنىڭ مەلۇم ئاساسى باردەك قىلىدۇ. ئەمما ئانىلارنى مۇشۇ ئۆلچەم ، مۇشۇ شەرتلەر بويىچە ئۇلۇغلاشقا توغرا كەلسە ، بۇنداق "ئۇلۇغلاش" چۈشەنچىسىدىن كەم دىگەندە مۇنداق تۆت تۈرلۈك زىددىيەتلىك پىكىر تۇغۇلىدۇ.

1- ئانىلار ئۇلۇغ بولسا ، دادىلار ئۇلۇغ .ئەمەسمىكەن؟ شۈبھىسىزكى بۇ بىر ئورۇنسىز تالاش- تارتىشنى پەيدا قىلىشتۇر. بىلىش لازىمكى، ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئاياللىرى ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىگە ئىگە بولۇپ ، ئەرلىرى ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلۇغلۇق ئادەمنىڭ جىنسى، يېشى، نەسەبى، مىللىتى ئاساس قىلىنىپ ئايرىلىدىغان مەسىلە ئەمەس شۇنىڭدەك، ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى قانداقتۇر" ئۇچار قاناتلاردىن جان –جانىۋارلارغىچە بولغان پۈتكۈل جانلىقلار دۇنياسىدىكى چىشى جىنىسلارغا ئورتاق بولغان تۇغۇش،بېقىش ، ھىمايىسىگە ئېلىش، ئاسراش- پەرۋىش قىلىشتەك جەريان بىلەنللا چەكلەنسە كۇپايىلەنمەيدۇ".ئانىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۇلۇغ ئانىلار بار، دادىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۇلۇغ دادىلار بار. ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ "ھەممىسىلا ئۇلۇغ" ئەمەس.ئانىلارنى ئۇلۇغلاپ ئاجايىپ پاساھەتلىك مىسرالارنى تۇزگەن ،ئانىلارنى مەدھىيلەپ ناخشا- قوشاقلارنى ئېيتقان ۋاقتىمىزدا، بىز بۇنداق ھاياجانلىق ھىسسىياتنىڭ قانداق ھەقىقەتنى ئۆلچەم قىلىشى لازىملىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىغىمىز كېرەك.ھەقىقى ئۇلۇغلۇق "بالا تۇغۇش"بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ ئىدىيىنى، ئۇلۇغ نىشاننى تۇغۇش بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.ھەقىقى ئۇلۇغ ئانا ،قىيىن تاللاشلارغا توغرا كەلگەندە توغرا يول تاپالايدىغان ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ، ئەۋلادلىرىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئىككىلەنمەي يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغان جەڭگىۋار روھى بىلەن ،كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان ۋە قايىل قىلىدىغان پاكلىقى بىلەن،ھۆسنىگە مەڭگۈ ئۆزگەرمەس لاتاپەت قوشىدىغان پەزىلىتى بىلەن،يىمىرىلمەس قورغاندەك ئېتىقادى بىلەن ئۇلۇغ بولىدۇ. بىرلا جۈملىگە يىغىنچاقلىغاندا ،مەيلى ئەر، مەيلى ئايال،مەيلى دادا ،مەيلى ئانىغا نىسبەتەن بولسۇن،"ئۇلۇغ"لۇقنىڭ ئەڭ ئالى شەرتى-خەلقچىقلىق .قانچىكى ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر ئادەم بولسا، شۇنچە ئۇلۇغ بولىدۇ....مۇشۇنداق شەرتنى ھازىرلىغان ئانا ئەمەس،بەلكى ئىنىكئانا بولسىمۇ، ئوخشاشلا ئۇلۇغ ھىساپلىنىدۇ.ئەگەر ئانىلار قارىغۇلارچە ھالدا ئۇلۇغلانسا ياكى ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلىقى "بالا تۇغۇش ،ئېمىتىش، چوڭ قىلىش" قىلا باغلاپ قويۇلسا، ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىزلاپ،ئۆزىگە قويىدىغان تەلىپى تۆۋەنلەپ، بىخودلىشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.چۈنكى ئانىلارنىڭ بىر مىنۇتمۇ ئەستىن چىقارمايدىغان مەسئۇلىيىتى –ئائىلە ۋە مىللەتنىڭ كېلەچىگى بولغان بالىلىرىنى جاپالىق ئەجىر،دۇرۇس تەربىيە بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرالايدىغان ياراملىق ئىزباسارلارغا ، ئانا ۋەتەننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالىدىغان،ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كويىدا پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ئەزىمەتلەرگە ئايلاندۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. بالزاكنىڭ" مىللەتنىڭ كېلەچىگى ئانىلارنىڭ قولىدا" دېگەن مەشھۇر سۆزى دەل ئانىلارنىڭ مۇشۇنداق شەرەپلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىشى ياكى ئادا قىلالماسلىقىغا قارىتا ئېيتىلغان.

ئانىلارنى ئۇلۇغلاشتا ئۆلچەم ھىساپلىنىدىغان يۇقىرىقى شەرت ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ ، "ئۇلۇغ"دىگەن سۈپەتنى، پەرزەنت يۈزى كۆرگەنلىكى ئانىغا ئاتا قىلېۋېرىش- بىر مىللەتنىڭ قىممەت تارازىسىنىڭ مۇجىمەللەشكىنلىكىنىڭ ئىپادىسى.ئەگەر ئانىلار قارا قويۇق ئۇلۇغلىنىپ ، ئۇلارغا بىر تەرەپلىمە ھالدا ئوقۇلۇۋەرسە، ئانىلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئۆزىنى تونۇش ئېڭى تېخى يېتەرلىك ئويغانمىغان مىليونلىغان نادان ئانىلار خاتا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، ئائىلىدە ئەرلىرى مەرتىۋە ۋە باراۋەرلىك داۋاسى قىلىدىغان ئاقىۋەت ئۇلغىيىپ كېتىدۇ.ئەگەر بۇنىڭغا "ئەر-ئاياللار ھوقۇقتا باراۋەر" دىگەن قانۇن تەشۋىقاتىنى خاتا چۈشۈنۈپ ،ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا،ھەممە ئىشتا تەدبىقلاشقا ئۇرۇنۇش خائىشى قوشۇلسا، "ئا'ئىلە" دىن ئىبارەت ئىمارەتكە ئىچىدىن دەز كېتىشكە باشلايدۇ.ئېنىقكى، بىر ئائىلىدىكى بارلىق ئەزالار ئوتتۇرسىدا ئۆز ئارا تەلەپ قىلىدىغان ھوقۇق،ئادا قىلىدىغان مەجبۇرىيەت مەۋجۇت. ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرسىدىكى بۇ خىل ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت "قانۇنىيەت"تىن ئىبارەت مۇقەددەس مىزان ئۈستىگە قۇرۇلغان."قانۇن" بىلەن "قانۇنىيەت" ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتە، ئاۋۋال قانۇنىيەتنىڭ مىزانىغا بويسۇنۇش،ئاندىن قانۇننىڭ نىزامىغا مۇراجەت قىلىش كېرەك.ھەرقانداق ئا'ئىلىدە بۇ خىل"قانۇنىيەت ئېڭى" ئاجىزلاپ ،"قانۇن ئېڭى" كۈچىيىپ كېتىدىكەن، ئۇنداق ئائىلە رىقابەتلىشىۋاتقان رەقىپلەر سورۇنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.بىر ئائىلىدىكى ھەر بىر ئەزا ئۆزىنىڭ قانۇنيەتكە ئۇيغۇن بولغان سالاھىيىتىنى ئېنىق تونىسا،يەنى دادا دادىلىق،ئانا ئانىلىق،ئەر ئەرلىك، ئايال ئاياللىق ،بالا بالىلىق سالاھىيىتىنى ئېنىق تونىسا ۋە شۇ ئاساستا مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلسا،بۇنداق ئائىلە ئاخىرقى ھېساپتا ئۆزىنىڭلا ئەمەس، بەلكى بىر جەمىيەتنىڭ،بىر مىللەتنىڭ شەرىپىنى يۇقىرى مەرتىۋىگە كۆتۇرىدۇ.

"زامانىۋېلىشىش"نى يېتەكچى شوئار قىلغان ھازىرقى زامان جەمىيىتىدە، ئىنسان تەبى'ئىتىگە يېتەرلىك ھۆرمەت قىلىش، ئەر بىلەن ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنىس ئۆزىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتەك قەدىمىي مۇقەددەس تەڭپۇڭلۇق كۈنسايىن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ."ئەركىنلىك"" باراۋەرلىك"شوئارى ئاستىدا ، ئەرلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ،"ئائىلە" دىن ئىبارەت ئىللىق ئۇۋىسىنى تاشلاپ قويۇپ،ئۆزىنى سىرتقا ئېتىۋاتقان ئاياللار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.... مۇشۇنداق نامۇۋاپىق يۈزلىنىش سەۋەبىدىن بۇزۇلغان ئائىلىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشماقتا.ئائىلە نىزامى جەھەتتە ئەركىنلەشكەن ئائىلىلەر ناھايىتى مۈشكۈل ئەخلاق كىرىزىسىگە پاتماقتا.ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، قان كېچىپ قۇربان بېرىپ قولغا كەلتۈرىدىغان ئەركىنلىك بار، شۇنداقلا يەنە ئالقىنىڭدا تۇرسىمۇ، ئىككلەنمەي چۆرۈپ تاشلىۋەتسە بولىدىغان ئەركىنلىكمۇ بار. شۇڭا "ئەركىنلىك" مەسىلىسىنى ئائىلىگە تەدبىقلىغاندا، باشقىچە ئويلىشىپ بېقىش كېرەك.مېنىڭچە، ئاشۇنداق ئەركىنلىكنى ئەمەس،"مەجبۇرىيەتنى" نى شوئار قىلغان ئائىلە- پالاكەتچىلىكتىن يىراق ئائىلە.
ئىككىنچى،ئانىلارنى قارىقويۇق ئۇلۇغلاش ھادىسىسى- ھەقىقى ئۇلۇغ ئانىلارغا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك،ھەتتا ھاقارەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.ئەگەر ئانىلار بارلىق ئانىلارغا ئورتاق بولغان "بالا تۇغۇش،بالا ئېمىتىش، بالا چوڭ قىلىش"تەك ئومۇمى شەرت بىلەن ئۇلۇغلانسا، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ، باشقىلارنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن كۆيۈپ پىشىدىغان،ھەققانىيەت يولىدا قۇربان بېرىشكە توغرا كەلسە، ئىككىلەنمەي قۇربان بېرىشكەتەييار تۇرىدىغان پىداكار، باتۇر، غۇرۇرلۇق، مەسئۇلىيەتچان ئانىلارغا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك بولىدۇ.ئانىلار ئارىسىدا،ئەۋلاتلىرىنىڭ ئستىقبالى ئۈستىدە كېچىلىرى كىرپىك قاقماي ئويلىنىپ،گۈزەل كېلەچەك، پارلاق ئىستىقبال ۋە غالىپ ئاقىۋەتلەرنىڭ ئارزۇسىدا يىلاندەك تولغىنىپ، ئوت-ئاتەش بولۇپ يانىدىغان ئانىلارمۇ بار.تاڭ ئاتقۇچە ئەيش-ئىشرەت كۇلۇبلىرىدىكى كۆلچەكلەردە ئۈزۈپ،ئۆزگىلەرنىڭ كارۋاتلىرىدا خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ئېغىناپ، ئەر ۋە بالىلىرىنى نومۇس دەرياسىغا غەرق قىلىپ،ھاقارەت ئوتىدا كۆيدۈرۈپ پۇچىلاۋاتقان ئانىلارمۇ بار. ھايات- ماماتلىق سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان خەلىقنىڭ غېمىنى يەپ،ئۇنىڭ مەۋجۇتلىغى ئۈچۈن بارلىق پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ ۋە بارلىق جاسارىتىنى نامايان قىلىپ ياشاۋاتقان مۇنەۋۋەر ئانىلارمۇ بار.يولدىن ئازغانلارنىڭ كېچىدە ئادىشىپ قالماسلىشى ئۈچۈن گۈلخان ياقىدىغان، ئۇلار ماڭماق بولغان چۆللەرگە قۇدۇق كولاپ ياشاشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ئانىلارمۇ بار.ئەجداتلىرىنىڭ تارىخى شۆھرەتلىرىدىن ئىپتىخارلىنىپ ،ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار روھىدىن كۈچ-مەدەت ئېلىپ،ئەجداتلىرىنىڭ شەنىگە نۇر بېغىشلاش كويىدا ئىزدىنىپياشايدىغان پەخىرلىك ئانىلارمۇ بار. ئۆز ئەجدادىنىڭ قاتىلىنى ئۆز قوينىدا ھوزۇرلاندۇرۇپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن لەنەتگەردى ئانىلارمۇ بار.

ئانىلارنى مۇئەييەن ئۆلچەم ۋە پىرىنسىپ بويىچە ئۇلۇغلىماي،"بالا تۇغۇش،ئېمىتىش،چوڭ قىلىش" تەك شەرتنى ھازىرلىغانلىغى ئۈچۈنلا،قارىقويۇق ئۇلۇغلاش-مىللى پىسخىكىمىزدا پەرۋاسىزلىق،مەسئۇلىيەتسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىپ كەتكەنلىگىنىڭ ئىپادىسى.بىلىشىمىز كېرەككى، ئىنچىكە،پۇخىتا ئىش كۆتۈش روھى ئاجىز،پەرق تۇيغۇسى مۇجىمەل،مەسىلىلەرنى ھەقىقەت نەزەرى بىلەن كۈزىتىشكە ئادەتلەنمىگەن بىر مىللەتنىڭ قىممەت تارازىسىدا، كۆپ ھاللاردا "گۆھەر"بىلەن "تاش"نىڭ قىممىتى ئوخشاش.بىزگە ئوخشاش، يۈكسىلىشنىڭ كويىدا كېچە-كۈندۈز تىپىرلاۋاتقان بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلۇغلاش ئوبىكتىنى توغرا بېكىتەلمەي،"ئۇلۇغ"دىگەن بۇ ئالىي ماركىنى كىمگە چاپلاشنى ئاڭقىرالماي قايمۇقۇپ يۈرۈش بەكمۇ بىچارىلىكتۇر.

ناۋادا،"بالا تۇغۇش،ئېمىتىش، چوڭ قىلىش"تەك شەرتنى ھازىرلىغانلقنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ئانىلارنى ئۇلۇغلاشقا توغرا كەلسە، ئېسىمىزدە بولسۇنكى، جاللات شىڭسىسەينىڭ ئانىسىمۇ بۇ ئولچەمگە پۇتۇنلەي چۈشىدۇ. ئاياللار تۈرمىسىدىمۇبۇ شەرتنى ھازىرلىغان ئاياللار كۈرمىڭ. ئەمما ئاشۇلار، "ئۇلۇغ ئانا>، دەپ تەرىپلەشكە ئەرزىمدۇ؟ كۆرۇنۇپ تۇرۇپتىكى، ئانىلارنى كەلسە-كەلمەس ئۇلۇغلاش-ھەقىقى ئۇلۇغ ئانىلارغا قىلىنغان ئوچۇق ھاقارەت.

ئۈچىنچى،ئانىلار"بالا تۇغۇش،ئېمىتىش، چوڭ قىلىش" شەرتىنى ھازىرلىغانلىقى تۈپەيلى "ئۇلۇغ" دەپ سۈپەتلەنسە، بۇ سۇپەتلەش،فىزىئولىگىيىلىك سەۋەپ تۈپەيلىدىن پەرزەنت كۆرۈش بەختىگە مۇيەسسەر بولالمىغان ئاياللارنى كەمسىتكەنلىك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. تۇغۇش –ئاياللارنىڭ تەبىئى ئىقتىدارى،شۇنداقلا ئورتاق فىزىئولىگىيىلىك خۇسۇسىيىتى.بىر جەمىيەتنىڭ ئانىلارنى بۇنداق بىمەنە ئۇلۇغلىشى ئالدىدا،پەرزەنت كۆرەلمەسلەك قىسمىتىگە مۇپتىلا بولغان ئاياللار نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ.گۇناھسىز ئاياللارنى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بۇنداق مەنتىقىسىز ئۇلۇغلاش ھادىسىسىنىڭ باشقىلارغا كەلتۈرىدىغان بېسىمىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.ئەمىليەتتە نوقۇل ھالدا بالا تۇغۇپ ئانا بولۇش ئۈچۈن ھىچقانداق سەۋىيەياكى ساپا ئالدىنقى شەرت قىلىنمايدۇ. ھەتتا بۇ ئىش بەزى گاس-گاچا ئاياللارنىڭمۇ قولىدىن كېلىدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەقلىنىڭ ،روھىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر،جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولدسىلا، نامدىكى"ئانا"لارنىڭ سېپىگەقوشۇلۇشنىڭ شارائىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.بىراق، ئۆز پەرزەنتىنى ئىنساندەك ياشاشقا ئىگە قىلىشنىڭ شارائىتىنى ھازىرلاش باشقا بىر گەپ.بۇنداق شارائىت ھەر بىر ئانىدا پاك ئەقىدە ۋە مۇئەييەن نىشان،بەلگىلىك ساپاۋە سۈپەت،قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەندە جاپا-مۇشەققەتتىن،ھەتتا ئۆلۈمدىن قوقمايدىغان روھ ھەمدە ئۆزگە بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك مەنپەئەتنى كۆرەلەيدىغان ئۆتكۈر مەنىۋى كۆز بولغائىدا،ئاندىن ھازىرلىنىدۇ.مانا شۇنداق ئانىنىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغان بالىلار بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائى گەۋدىسىگە ھاياتى كۈچ بولۇپ قېتىلىدۇ. بۇنداق شەرتنى ھازىرلىمىغان ئانىلارنىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ كۆپىچىسى، گېزى كەلگەندە، بىر ۋاقلىق تاماق ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەي سېتىلىدۇ.

تۆتىنچى،ئانىلار "بالا تۇغۇش،ئېمىتىش،چوڭ قىلىش" شەرتىنى ھازىرلىغانلىقى تۈپەيلى ئۇلۇغلانسا،بۇنىڭدىن "قانچە كۆپ بالا تۇغسا، شۇنچە ئۇلۇغ ئانا، قانچە ئاز بالاتۇغسا،شۇنچە تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇلۇغ ئانا، تۇغمىسا ئۇلۇغ ئەمەس"دېگەن بىمىنە يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ.ئويلاپ باقساق،پادىچىنىڭ قىممىتى پادا سانىنىڭ ئاز-كۆپلىگىدە ئەمەس،بەلكى ئۆز پادىسىغا بولغان مەسئۇلىيىتىدە كۆرۈلىدۇ.مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،ئانىنىڭ قىممىتى، ئۆزىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى، يەنى پەرزەنتلىرىنى زاماننىڭ تەلىپىگە،مىللەتنىڭ ئېھتىياجىغا مۇناسىپ،ياراملىق ئەۋلاتلاردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقالىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.
ئەگەر ئانىلارنى ئۇلۇغلاشتا، "بالا تۇغۇش، ئېمىتىش، چوڭ قىلىش" شەرت قىلىۋېلىنسا، ھەر قانچە بىلىملىك،ھەر قانچە پەزىلەتلىك ئايال بولسىمۇ، بۇ خىل ئۇلۇغلۇق شەرتىگە يېقىنلىشالمايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئىپارخان، يەتتە قىزلىرىم، نۇزۇگۇم، رىزۋانگۈللەر ئانا ئەمەس، بەلكى قىزلاردۇر. ئۇلار نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى نىمە ئۈچۈن ئۇنتۇلماي ئۇلۇغلىنىدۇ؟ ئۇلار ھۆرلۈك ئۈچۈن تەۋرەنمەي كۆرەش قىلغانلىقى،ئۆزلىرىنىڭ .ئىنسانىي قەدىر- قىممىتىنى ھەممىدىن ئالىي بىلگەنلىكى، باشقىلارنىڭ بەخت-سا'ئادىتى ئۈچۈن پىداكارلىك بىلەن قۇربان بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلۇغلىنىدۇ. بىز يۇقۇرۇقى "شەرت" نى ئاشۇ ئۇنتۇلماس قەھرىمان قىزلىرىمىزغا قويۇشقا پېتىنالايمىزمۇ؟.
تەڭرى ئاتا قىلغان تەبئىي ئىقتىدار ۋە ھەممە ئاياللارغا ئورتاق بولغان فىزى'ئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكنى چىقىش قىلىپلا، "ئانىلار ئۇلۇغ" دىيىش ھەقىقەتەن كۈلكىلىك. ھەر قانداق قىز بالاغەتكە يەتكەندە، فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئانا بولۇش سالاھيىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن بىز ئۇلارنى "ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان كىشىلەر" دەپ ئېيتساق مۇۋاپىق بولامدۇ؟

بالا تۇغقان ،ئېمىتكەن،چوڭ قىلغان ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا،"ئانا"دىگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا كۇپايە. شۇ تۈپەيلى ئانىلارنى قارىقويۇق ھالدا ئۇلۇغلاش-نورمالسىزلىق. ئەمما ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئانىسىنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرۈشى، كۈتۈشى ھەتتا "ئانام -دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانا"دەپ چۈشۈنىشى ئۆزىنىڭ ئەركى. بۇنداق ھىسسىياتنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. "ئانام ئۇلۇغ" دىگەن سۆز بىلەن"ئانىلار ئۇلۇغ" دىگەن سۆزنىڭ خاراكتىر ۋە مەنە پەرقى ناھايىتى زور.


 بۇ ماقالە بارخان بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://barhan88.blogbus& ... 974796.html


سەن سەل قاراپ ئۆتۈپ كەتكەن تىكەن چاتقال بولۇپ ئەۋلادلىرىڭنىڭ يولىنى توسىدۇ.

راھەت جاپاسى بىل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3385
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10919
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 10:33:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. ئىنتايىن تەپسىلى چۈشەندۇرۇپسىز. بۇمۇ بەلكىم بىز ئويلىنپ بىقىشقا تىگىشلىك تىمىدۇ؟

دەرت يامان لىكىن،سىنىڭمۇ دوست-دۈشمىنىڭ بار.خۇشال ياشا،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.

سەۋر _ نەقەدەر گۈزەل

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1729
يازما سانى: 2051
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 122293
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 2619 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 10:38:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تېما...ھەممەيلەننى بىر كۆرۈشكە تەۋسىيە قىلىمەن.
ئانىلار ئۇلۇغ،ئاتىلارمۇ ھەم... ئانا بىر قولىدا بۈشكنى تەۋرەتسە يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ. مۇشۇنداق دۇنيانى تەۋرىتىدىغان ئانىلىرىمىزدىن ئېسىل پەرزەنتىلەر يېتىشىپ چىقىدۇ. بىراق ، ھازىرقى ئۇيۇن - تاماششانىڭ قۇلى بولۇپ قېلىۋاتقان بىر قىسىم ئانىلىرىمىزنىڭ قۇلىدىن قانداق بالىلار يېتىشىپ چىقار؟ بولسا بۇ تېمىغا يانداش قىلىپ ، يازغۇچىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىنىڭ " بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟" ناملىق يازمىسىنىمۇ قۇشۇپ يوللاپ قويسىڭىز بەك ئوبدان بولاتتى.

غــــەيرەت قىـل ئــاي !

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6723
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7028 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 10:43:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالقۇن روزى قەلىمىدىكى بۇ ماقالىنى دەسلەپتە شىنجاڭ مەدىنىيىتى ژورنىلىدا ئوقۇپ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ئىدىم...
قايسى بىر دانىشمەن <قىزلىرىنى شەرمى-ھاياغا ،ئوغۇللىرىنى قەيسەرلىككە يېتەكلىمىگەن ئاناپەرزەنت قىسمىتىنىڭ سەۋەپكارى>دەپ ئېيتقان ئىكەن...ئانىلار ئۇلۇغلىنىشقا ئەرزىيدۇ،لېكىن قانداق ئانىلار ئۇلۇغلىنىشقا ئەرزىيدۇ،بىز قىز-ئاياللار <ئۇلۇغ ئانا >دىگەن بۇ نامغا ئېرىشىش شەرتىنى ھازىرلىيالىدىقمۇ؟ بۇ بىزنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە.....چۈنكى ،بالىنى تۇغسىلا ھىساپ ئەمەس،بەلكى شەرمى -ھايالىق،ئىنساپ -دىيانەتلىك،قەيسەر-جاسارەتلىك تەربىيلەپ چىقالىغان ئانىلار ھەقىقى مەنىدىكى ئۇلۇغ ئانا...

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.
باھار يا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 10:52:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەخلاق~ئادەم زىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3589
يازما سانى: 929
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11452
تۆھپە نۇمۇرى: 96
توردا: 2114 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2013-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 10:56:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىمىزنى بىر قىتىم كۈلدىرەلىسەكلا مەيلىتىغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1114
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8916
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2011-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 11:01:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكىن 9ئاي قورساق كۆتۈرۈش،تۇغۇش،يىرىم كىچىدە تاتلىق ئۇيقىسىنى بۇزۇپ بالىسىنى نەچچە قىتىم ئىمىتىش ئادەتىتىكى ئىشمۇ ئەمەس،

بولاپمۇ تۇغۇش،   بىر جاننى ئاپىرىدە قىلىمەن دەپ بىر جان ئۆلىشىمۇ مۇمكىن،مانا بۇمۇ بىر قەھرىمانلىق،تۇغۇت ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئايال شىھىت كىتىدۇ دەيدىغان گەپ بار،بۇنىڭ ئۆزىلام ئەرلەرنىڭ ۋەتىنىنى قوغداپ ئۇرۇش قىلىپ ئۆلگىنى بىلەن تەڭ دىگەن گەپ،

ھازىر دۆلىتىمىز تىنىچ  ئەرلەر جەڭگە كىرىپ باقمىدۇق،ئۆلۈم پۇرىقىنى پۇرىمىدۇق،،لىكىن ئاياللار بولسا تۇغۇشتىن ئىبارەت بۇ جەڭدىن ،بۇ ئۆلۈم پۇرىقىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ،ئاياللارنىڭ تۇغۇشتىن ئىبارەت بۇ جەڭگە شەرەپ بىلەن كىرىشىمۇ خىلى چوڭ روھ،

ئاندىن ئاناڭنىڭ يىرىم كىچىدە بىر قىتىم ئىمىتكىنىنى يەتتە قىتىم ھەرەمگە يۈدۈپ ئاپارساڭمۇ قايتۇرالمايسەن دەيدىغان گەپ بار، بۇنى ئۇيقىغا ئامراقلار خىلى چۈشىنىدۇ .

بۇ يەرلىرىگە كۆز يۇمساق بولمايدۇ.

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3871
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 11:40:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالقۇن روزى ماقالە-ئوبزورلارنى ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلىپ يازىدۇ، بۇ ماقالىدە دىيىلگەن سۆزلەر ھەقىقەتەن توغرا،  ئانىلام بولسا ئۇلۇغ ئەمەس،  قانداق ئانىلىكىگە قاراش كىرەك.

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12722
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31722
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4654 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 01:04:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلىق بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلالىغان پەرزەنتلىرىنى ھەقىقىي ياراملىق ئادەملەردىن قىلىپ تەربىيلىيەلىگەن......ئانىلار مەدھىيىلىنىشكە تېگىشلىك ئۇلۇغ ئانىلاردۇر........

ئەھمىيەتلىك تېما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

قاراڭغۇلۇقنى تى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3918
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11586
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 3098 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 02:13:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئانا دىگەن مۇنداق بولسا دىگەن ماقالىنى ئوقۇغان ئىدىن ، ئۇمۇ شۇنداق ياخشى ئىدى
  بۇ  بىز ئانىلارغا كۆرسىتىلگەن يول

ئاللاھىم:مەن فەقىرمەن،سەن غەنى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش