|
|
|
|
چۈشۈنۈكسىز كۈندىلىك خاتىرە
(11)
تاڭ سەھەردىن كىيىنكى،چىڭقىچۈش ئاۋالقى قۇياش جۇلالاپ تۇرغان ۋاقىتتا،تىمتاس ھۇجرامدا دېرىزەم كەينىدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرگە قاراپ،خىياللار سۈرگەنچە سېنى ئەسلەپ ئولتۇرىمەن.
نىمە ئۈچۈن،سېنىڭ ماڭا دېگەن ھەر بىر سۆزلىرىڭ قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيدىغاندۇ؟!
سەن شۇنداق دىگەن ئىدىڭ:‹‹بىلەمسىز نۇر يۇلتۇز،ئەگەر‹‹مىڭ بىر كېچە››چۆچەكلىرىدىكى رىۋايەتلەردە سۆزلەنگەندەك،دۇنيادا شۇنداق بىر خىسلەتلىك دورا بولسا،پەقەت ئىككى تاللا بولسا،ئۇنىڭ بىرىنى سىز يىگەن بولسىڭىز،يەنە بىرىنى سىڭلىڭىز يىگەن بولسا،سىلەر ياشناپ جانلىنىپ،تايچاقلاردەك دۈپۈرلەپ يىراقلارغا يۈگۈرگەن بولساڭلار قانچىلىك ياخشى بولاتتى-ھە!››.
مەن بۇ گېپىڭگە ھەيران بولۇپ سەندىن سورىغان ئىدىم:‹‹سىزمۇ بىر نىمجان ئادەم.ئۇ خىسلەتلىك دورىنى ئىچىشكە ھەممىدىن بەك مۇھتاج.ئەجىبا،سىز ئۇ خىسلەتلىك دورىنى ئىچمەمسىز؟!››.
سەن تەبەسسۇم قىلىپ،مۇلايىملىىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدىڭ:‹‹سىلەر جانلىنىپ ياشنىساڭلار،خوشال بولساڭلار مېنىڭ ساقايغىنىم شۇ.››...
مەن مۇنداق سۆزلەرنى كىتاپلاردىن،كىنولاردىن كۆرۈپ،جىق ئاڭلاپ كەتكەچكە ئانچە يىڭىلىق تۇيۇلۇپ كەتمەيتتى.توۋا،رىئاللىقتا ئۆز سۆيگەن ئادىمىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىسا،ھاياجان ھېسياتلىرى ئۇرغۇپ،يۈرەكلەر دۈپۈلدەپ،ئىنسان دىل-باغرىدىكى مىھر بۇلاقلىرى تاشقىنلاپ،چولپان كۆزلەردىن ياش ئاقامدىكىن؟!سېنىڭ بۇ سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمدىن مۇنچاق-مونچاق ياشلار ئاقماقتا ئىدى.
سەن ئىنتايىن ئەپۇچان ئىدىڭ،ماڭا ئىشىنەتتىڭ.
بىر كۈنى گۈللۈكتە ئولتۇراتتىم.ئۈچ تال ئاپئاق كېپىنەك مېنى ئەگىپ ئۇچۇشقا باشلىدى.مەن ئۇلارنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ كەتكۈزۋەتتىم.چۈنكى ئۇلار مېنىڭ خىلىم ئەمەس ئىدى.گۈللەر يۇمىلاق تۇقاچتەك پۈتۈن يۇغان ئېچىلاتتى.مەن بولسام،يېرىمى يوق كەمتۈك ئېچىلغان بىر گۈل ئىدىم.ئۇ كېپىنەكلەرنىڭ مىھرىبان ئاتا-ئانىلىرى بار بۇلۇشى مۇمكىن؟!كىشىلىك تۇرمۇشتا سۆيۈش بولسىلا بولمايتتى،ئۆي تۇتۇش،ئائىلە قامداش،ھايات كەچۈرۈش،قېيىنئاتا-قېيىنئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۇلارنى رازى قىلىش،بۇلارنى قىلمىساق ھەرگىزمۇ،باشقىلارنىڭ قەلبىدە سۆيۈلگەن ئىنسان،كېپىنەكلەرنىڭ سۆيگەن گۈلى بولالمايمىز ئەلۋەتتە!!!شۇڭا،مەن كېپىنەكلەرنىڭ تەلىپىنى قۇبۇل قىلسام بولمايتتى.ئەمما بىلىسەن،ئىنسان ئىنتايىن شەخسىيەتچى.كۆڭلى بولمىسا رەت قىلىپ سالىدۇ-يۇ،ئەخمەق قىلىش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىشنى ئويلامدىكىن؟!باشقىلارنى سىناپ بېقىشنى خىيال قىلامدىكىن؟!ئەمما بىراق،باشقىلارغا ئەخمەق قىلىنغۇچى ئادەم ئۆزى يەنى ئەڭ نادان ئادەم ئۆزى بولۇپ چىقىدىكەن؟!مېنىڭ تۇلا سۆزلىگىم يوق.ئىشقىلىپ كېپىنەكلەر ئۆز خىلىنى،ئۆز گۈلنى،ئۆز گۈزەل بەختىنى تېپىشى كېرەك.
مەن ساڭا بۇ سۆزلەرنى دەپ بەرگىنىمدە،سەن ماڭا قاتتىق كۈلۋەتكەندىن كېيىن ماۋۇ گەپنى قىلغان ئىدىڭ:‹‹ھېچ ۋەقەسى يوق نۇر يۇلتۇز،ھەممە ئادەمدە شەخسىيەتچىلىك بۇلىدۇ.بىلەمسىز خان،سىزنىڭ يۈزىڭىزدە يۇقۇملۇق يىرىڭ ئارلاش زەھەرلىك جاراھەت بولسىمۇ،مەن يۈزىڭىزدىكى ئاشۇ جاراھەت يىرىڭنى يالاپ قېنىپ-قېنىپ شورايمەن.ئۇ مەن ئۈچۈن يۇقۇملۇق يىرىڭ ئارلاش جاراھەت ئەمەس.بەلكى ھەسەل ئەڭ تاتلىق شىكەر،ناۋات.ئۆز قەلبىدە سۆيۈلگەن ئىنساننىڭ ئەيىپ نۇقسانلىرى بىلىنمەيدۇ،ئەكسىچە ئۇ ھەممىدىن گۈزەل،سۆيۈملۈك بولۇپ تۇيۇلىۋېرىدۇ...سىزنى سۆيىمەن.››...
بىر چاغلاردا سەن مۇشۇ سۆزلەرنى ماڭا قىلغان ئىدىڭ،مۇشۇ دۇنيادا سەنمۇ ياشىغان ئىدىڭ-ھە!ئەمدى كىممۇ ساڭا ئوخشاش سۆزلەرنى قىلار،ھېچكىممۇ ساڭا ئوخشاش تىللىساممۇ مېنى ئەركىلەتمەيدۇ.دىل قەسرىمگە ساڭا ئوخشاش شۇڭغۇپ كىرەلمەيدۇ.سېنى بەك،بەك سۆيىمەن.نىمىشقا يەتتە كەتمەن يىگەن ئادەم كەلمەيدىغاندۇ؟!ئۈزۈمزاردا بىر قىزنىڭ مۇڭلارغا چۆكۈپ سېنى ئەسلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتكەنسەنمۇ؟! داۋامى كۈندە بىر بەتتىن يوللىندۇ. ئاپتورى: ئۈزۈمزاردىكى قىز تۇلۇنئاي يەنى ئاق تۇمان(ئىززەتگۈل ساتتار)<<تۇرپان>>
ئەسەر ھوقوقىغا دىققەت قىلىڭ.باشقا تور بەت ۋە گىزىت-ژۇرناللاردا ئۆز نامىڭىزدا ئېلان قىلماڭ.
|
|
|
|
|
|