مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 629|ئىنكاس: 10

ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەخلاق~ئادەم زىن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3589
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11446
تۆھپە نۇمۇرى: 96
توردا: 2114 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 03:53:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس
      
        ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
  
ئۆمۈر مەنزىلىدە ئىزدەپ غۇبارسىز چىن ھەقىقەتنى،
قەلەندەردەك كېزىپ يۈردۈم چىكىپ مىڭبىر مۇشەققەتنى.
ۋە لېكىن يوق ئىكەن تۇز يول تېپىشتا ئۈشبۇ مەقسەتنى،
تېڭىرقاپ ئۆتتى كۆپ ئۆمرۈم چۈشەنمەي سىرۇ ھېكمەتنى،
ئىشىت دىلبەر، بايان ئەيلەي ساڭا بۇ ھەقتە سۆھبەتنى،
  
توغۇلغان ئىككى مۆمىندىن، ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل،
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل،
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل،
ئاقار كۆز ياشلىرىم گاھى بولۇپ ئېرتىش ۋە ياكى نىل،
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مېنىڭدەك كۆپ نادامەتنى،
  
يا خەققە ئەتمىدىم قۇللۇق، يا ئەلگە قىلمىدىم خىزمەت،
بېغىمغا كۈز يېتىپ كەلدى، قولۇمدىن كەتتى كۆپ پۇرسەت،
ھەمىشە ئۆرتىبان دىلنى يېلىنجاپ بىر ئەلەم-ھەسرەت،
ئازابلاپ كېچەيۇ-كۈندۈز قىلىپ جانىمنى بىتاقەت،
راۋادۇر قانچىلىك قىلسام ئۆزۈمگە دوق مالامەتنى،
  
  
ئانا يۇرتۇپ بېرىپ ئاق سۈت، بېقىپ ئۆستۈردى مىڭ ئاسراپ،
ئاۋايلاپ مايسىدەك ھەر تاڭ چېچىپ باشىمغا زەر ئاپتاپ،
بېرىپ تىل ھەم ئەقىل-ئىدراك، قاتارغا قوشتى يول باشلاپ،
قاناتى ئاستىغا ئالدى ئېغىر كۈنلەردە مىڭ-مىڭلاپ،
نىچۈكمۇ ياندۇرارمەن بۇ ئانالىق مېھرى-شەپقەتنى
  
باھارنى كۈيلىشەر قۇشلار چېغىدا ھەر سەھەر دەمدە،
نېمىشقا بولمىسۇن بىر ھېس تىرىك پەرزەنتى-ئادەمدە،
ۋاھالەنكى، ئادا بولماي ھېسابسىز قەرز بۇ زىممەمدە،
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمان ئابى دىدەمدە،
ئۆمۈرنى زايە قىلما سەن، ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى،
  
خىيالىم دېڭىزى تىنماي تېشىپ مىڭ چايقىلىپ قايناق،
كېچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق،
چىقاردىم بىر يەكۈن ئاخىر ئۆمۈر مەنزىلىدىن شۇنداق،
ئۆمۈردىن بىر كۈرەش، ھەرگىز ئەمەس ئۇ بىزگە ئاۋۇنچاق،
يۇلاتما ئەي كۆڭۈل ئەمدى ئۆزۈڭگە زەررە غەپلەتنى،
  
پىكىر دەرياسىدا قانچە تېرەن چۆمگەنسېرى ھەر تۈن،
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى، تارقىدى ئەپسۇن،
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن،
ۋە لېكىن جان كىتابىغا قوشۇلدى تۈمەن مىڭ مەزمۇن،
شۈكۈركىم، قوغلىدى مەڭگۈ يۇرۇق تاڭ قارا زۇلمەتنى،
  
تەپەككۈر كۆزىلە باقسۇن ئەگەر ئالەمگە بىر مەررە،
ئەمەستۇر خالى ھېكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە،
چۈمۈلە چېغىدا تىنماي تاپۇر ئۆز ئەجرىدىن مەررە،
كىشىكىم بىلسە بۇ بەلكى خەزىنە سىرىدىن زەررە،
پىكىر قىل ھەم چۈشەن، ئۆگەن بۇ جانلىق سىرۇ-ھېكمەتنى،
  
بىلىپ يەتكەنسېرى ئىنسان ھاياتنىڭ سىرىنى كۆپرەك،
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن چۈشەنگەي ئۆز زاتىنى خوپراق،
مىسال: قارىغۇ نىچۈك بىلسۇن، قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق،
بىلۇر ئەمما گۈدەك ھەتتا نىچۈكتۇر گۈل نىچۈك ياپراق،
دېمەككى مەرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى-پاراسەتنى،
  
ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەركىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن،
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەكلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن،
لېكىن نەدە، قاچان، قانداق ئۆلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن،
يېشىلمەس بىر تۈگۈن بولدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى-دەۋراندىن،
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دېققەتنى،
  
جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ئەركى چىنگىزخان،
كېلىپ-كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساپ كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى،

مەنبە: ئابدىرىھىم ئۆتكۈر شىئىرلىرى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
تارىم + 50

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20366
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 779 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 05:00:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرېھىم ئاكىمىزنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بىلەن بىزنى تەمىنلەپ تۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت يەنە بولسا يوللاپ تۇرۇڭ،،بىزمۇ ئۇقۇپ تۇرايلى.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ئۈلۈم ۋە ھايات!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3586
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 12063
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2727 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 05:15:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىر ئوغلان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكىمىزنىڭ ،نادىر ئەسەرلىرى بىلەن بىزنى تەمىنلەپ تۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت.داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللا ھ،مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 1211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9412
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3306 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 05:18:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە !  ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شېئىر بۇ ،بىر پۈتۈن ھايات ۋە شۇنداقلا دۆلەت باشقۇرۇش ھەققىدە بەزى مەزمۇنلار يۇشۇرۇن كىرگىزۋېتىلگەن شېئىر يەنى خەلىق ھەققىدىكى مەزمۇنلار ! بولسا مۇشۇنداق داڭلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى يەنە يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن !  [s:36]

ئېسىڭىزدە بولسۇن،بىلىمىڭىز بولمىسا ،پۇل تاپالمايسىز،پۇلىڭىز بولمىسا ،كۆيدۈم-پىشتىمغا ئوت تاپالمايسىز !
باھار يا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 05:22:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەخلاق~ئادەم زىن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3589
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11446
تۆھپە نۇمۇرى: 96
توردا: 2114 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 05:23:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت ھاە

راھەت جاپاسى بىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3385
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10919
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 05:26:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەشھۇر يازغۇچىمىزنىڭ شىئىرلىرىنى مۇنبەردە كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن. يەنە بولسا يوللاپ تۇرارسىز ھە. [s:47]  [s:47]  [s:49]  [s:49]  [s:49]

دەرت يامان لىكىن،سىنىڭمۇ دوست-دۈشمىنىڭ بار.خۇشال ياشا،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5394
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8144
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2011-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 05:50:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا خەققە ئەتمىدىم قۇللۇق، يا ئەلگە قىلمىدىم خىزمەت
بېغىمغا كۈز يېتىپ كەلدى، قولۇمدىن كەتتى كۆپ پۇرسەت،  
ھەمىشە ئۆرتىبان دىلنى يېلىنجاپ بىر ئەلەم-ھەسرەت،  
ئازابلاپ كېچەيۇ-كۈندۈز قىلىپ جانىمنى بىتاقەت  
راۋادۇر قانچىلىك قىلسام ئۆزۈمگە دوق مالامەتنى،   
   
بۇ كۇبلېتنې بەك ياخشې كۇرمەن

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 1233
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 63999
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2937 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 06:08:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولۇپمۇ بۇ يېرى
جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ئەركى چىنگىزخان،  
كېلىپ-كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساپ كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى،  

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1577732
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12104 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-5 12:05:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانچە ئوقۇساممۇ يەنىلا باشقىچە زوق بىرىدىغان ئەسەر...

دوستلۇق-ھاياتنىڭ ئىنتايىن گۈزەل خاتىرىسى. ئىنسان خوشال چاغلىرىدا بەلكىم دوستىنى ئويلىماسلىقى مۇمكىن، بىراق تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا چايقىلىپ، بېشىغا خىلمۇ-خىل قىسمەتلەر چۈشكەندە، بىر چاغلاردىكى مېھرىبان دوستلىرى يادىغا يېتىدۇ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش