مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1246|ئىنكاس: 12

غاز ساتىمەن (سۇۋادان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2423
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 400 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 05:12:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

غاز ساتىمەن

[blockquote]بىر كىشىنىڭ 20 ياشلارغا كىرگەن ئوغلى بار بولۇپ، دادىسى ئۇنى قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ دەپ قارايدىكەن، شۇڭا بۇ كىشى ئوغلىغا ئازراق ھۈنەر ئۈگۈتۈپ قوياي دەپ ئويلاپ، بىر يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۇ ئوغلىنى يېنىغا چاقىرىپ دەپتۇ:

-ئوغلۇم، سەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭ، ئانچە مۇنچە ئوقەت قىلىشنىڭ يولىنى ئۈگەن، ئەتە-ئۆگۈن ئەسقاتىدۇ- دەپتۇ، ئاندىن بىر غازنى ئوغلىغا تۇتقۇزۇپ:

-بۈگۈن يەكشەنبە، بۇنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ كەل، نەچچە پۇل دىسە 25 كوي دىگىن، باھا تالاشسا 20 كويغا بەرسەڭ بولىدۇ دەپتۇ. ئوغلى ماقۇل دەپ غازنى كۆتۈرۈپ بازارغا كېلىپ ئەپلىك بىر جاينى تېپىپ، غازنى ئالدىغا قويۇپ ئولتۇرۇپتۇ.

بالا كەچ بولغىچە ئولتۇرۇپ غېزىنى ساتالماپتۇ، ئەمدى ئۆيگە كېتەي دەپ تۇرىشىغا سەتەڭ بىر ئايال كېلىپ غازنى سوراپتۇ، بالا 25 كوي دەپ، ئايال 20 كوي دەپ، ئىككىسى كېلىشىپ بالا غازنى كۆتۈرۈپ ئايالنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىدىغان بوپتۇ.

ئۇلار ئايالنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ، ئايال ئۇنىڭغا چاي دەملەپ بېرىپتۇ، بالا چاي ئىچىپ ئولتۇرسا ئىشىك چېكىلىپتۇ، ئايال: ۋاي ئېرىم كېلىپ قالدى، بىردەم مۆكۈپ تۇرۇڭ دەپ بالىنى كىيىم ئىشكابىغا سولاپ قويۇپتۇ، سىرتتىن كىرگەن كىشىمۇ چاي ئىچىپ ئولتۇرسا يەنە ئىشىك ئۇرۇلۇپتۇ، ئايال يەنە ھېلىقى كىشىنى  ۋاي ئېرىم كېلىپ قالدى دەپلا ئۇ كىشىنىمۇ شۇ ئىشكاپقا سولاپ قويۇپتۇ، دىمەك ئۇمۇ ئايالنىڭ ئېرى ئەمەسكەن، 3- قېتىم كىرگەن كىشى ئايالنىڭ ئېرىكەن، ئۇلار چاي ئىچىشىپ، خېلى ئۇزۇندىن كېيىن چىراقنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلىشىپتۇ.
ئىشكاپ ئىچىدىكى ئىككىسى ئەمدى ئاران تىنغىدەك بوپتۇ، قاراڭغۇدا بىر بىرىنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرمەيدىكەن، بىر چاغدا بالا بوش ئاۋازدا گەپ قىپتۇ:

-ئاكا، غاز ئالامسەن؟

ئەر ناھايىتى بوش ئاۋازدا: ياق، ئالمايمەن دەپتۇ

بالا ئاۋازىنى سەل يۇقۇرلىتىپ:

-ئاكا، غاز ئالامسەن، دەپتۇ. ھېلىقى ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن قورقۇپ: ھە، نەچچە پۇل دەپتۇ.

-20 كوي دەپتۇ بالا، ئەر 20 كوينى بېرىپ غازنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىردەم ئۆتۈپ بالا: ئاكا، غېزىمنى قايتۇرۇپ بېرە دەپتۇ، ئۇ كىشى، ھەي، غېزىڭنى ماڭا ساتتىڭغۇ دىسە، بالا ئاۋازىنى يۇقۇرلىتىپ: بېرەمسەن- بەرمەمسەن دەپتىكەن، ھېلىقى كىشى قورقۇپ كېتىپ دەرھال قايتۇرۇپ بېرىپتۇ.
  يەنە بىردەم ئۆتۈپتۇ، بالا ھېلىقى كىشىگە ئاكا، غاز ئالامسەن دەپ غېزىنى يەنە سېتىپتۇ، ئۇ بىچارە ئاۋازى ئۈنلۈك چىقىپ كەتسە ئۆي ئىگىسىنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ بالىنىڭ دىگىنىنى قىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ بالا كېچىچە غېزىنى سېتىپ، كەينىدىن قايتۇرىۋېلىپ تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ.

    تاڭ يۇرىشى بىلەن ئۆي ئىگىسى سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ، ئىشكاپ ئىچىدىكى ئادەممۇ دەرھال قېچىپتۇ، بالا ئارقىدىن غېزىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كەپتۇ.

بالا ئۆيگە كەلسە دادىسى پىشايۋاندىكى كارۋاتتا چاي ئىچىپ ئولتۇرغان، قاپاكلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن، بالا دادىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ خوشال ھالدا:

 -دادا، دادا، كۆردىڭمۇ، سەن مېنى 20 كويغا سات دىگەن غازنى مەن 2000 كويغا سېتىپ، يەنە تېخى غازنى قايتۇرۇپ كەلدىم دىيىشىگە دادىسى چاچراپ قوپۇپ بالىنى شاپىلاق بىلەن بىرنى ساپتۇ، بالا گاڭگىرىغان ھالدا:

- دادا، نىمە ئۇرىسەن مېنى دىسە، دادىسى: ھەي شۇم، ئەكە پۇلنى، غازنى كېچىچە ماڭا ساتتىڭ دىگۈدەك.

 

مەنبە: بۇ تېمىنى ئىلگىرى «شەبنەم» تورىدا ئوقۇغان ئىدىم، ئاپتورى ئېسىمدە قالماپتۇ، مىسرانىمدا كۆرمىگەنلەر بولسا ئوقۇپ باقسۇن دەپ يوللىدىم، مىسرانىمغا كۈنۈۋالغۇچە كونا تېمىلارنى يوللاپ تۇراي دەيمەن، بۇندىن كېيىن چوقۇم يېڭىدىن يازىمەن.


[/blockquote]

چــۈش قـوينىدا ق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1507
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16430
تۆھپە نۇمۇرى: 757
توردا: 3946 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 06:08:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇۋادان ئۆزىڭىزنىڭمۇ شۇنداق ياخشى تېمىلىرىڭىز بار، شۇنىمۇ قۇشۇپ يوللىڭە،، كونا تېما بولسىمۇ ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمىز... قايتا-قايتا ئۇقۇساقمۇ ئەرزىگۈدەك قىزىقارلىق شۇنداقلا تېتىملىق تېمىلارنى يازىدىغان تۇرسىڭىز...

نىمە يىگەنتىڭ زىمىن، مۇنچە ئۇسساپ كەتكۈدەك؟ تالاي ياش ۋە قان ئىچىپمۇ يەنە چاڭقاپ تۇرغۇدەك.

دوستلار ئارىسىد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4240
يازما سانى: 1490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9292
تۆھپە نۇمۇرى: 600
توردا: 5847 سائەت
تىزىم: 2010-7-18
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 06:19:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر ھالدا ئۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ! كىيىنچە ئاشۇنداق غاز ساتقۇچى بالىغا ئۇچراپ قالماڭ يەنە

باشقىلارنىڭ دىلىنى يۇرۇتۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزەڭنىڭ دىلىنى نۇرلاندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5609
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8129
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2011-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 06:44:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:40]  [s:40]
كۈلۈپ تۇرۇپ ئويلىنىپ كەتتىم..........  [s:47]

باشقا كەلمىگەندە كۈلىۋىدىم،بېشىمغا كەلگەندە ئۆلگىلى قىل قالدىم.

ھايات ئادەمگە پە

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2175
يازما سانى: 2897
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15485
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 6766 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 07:04:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت يۇمۇر بوپتۇ بۇ، [s:30]  [s:30]

نادانغا قىلغان ن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5145
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8381
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2011-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 07:12:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھې ھې ھې  ھې~~~~~بۇ تېما سەلكىندە توخو ساتىدىغان ھىكايە ئىدى~~~~سەت قاملاستۇرۋەتكەنتى~~~~~~~~~~قىززىق جۇمۇ بۇ تېما~~~رەھمەت

سەن ئۆلۈمنى ئۇنتىساڭمۇ ئۆلۈم سىنى ئۇنتىمايدۇ

نادانغا قىلغان ن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5145
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8381
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2011-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 07:14:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىم ماڭا قانداق قىلىپ مۇنبەر ئىسمىمىزنى ئۇيغۇرچە قىلىشنى ئۈگۈتۈپ قويىدۇ~~~~~~~زادى قىلالمايۋاتىمەنغو~~~

سەن ئۆلۈمنى ئۇنتىساڭمۇ ئۆلۈم سىنى ئۇنتىمايدۇ

سەۋىر قىلىڭ،ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2977
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10894
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 2403 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 07:41:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلكىلىك يۇمۇركەن. [s:34]  [s:34]

ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ.

بىر مىللەتتە ساپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3333
يازما سانى: 1141
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 19920
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 5358 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 08:05:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام سۇۋادان، ياخشىمۇ سىز؟
سىزنىڭ شەبنەمدە ئىلان قىلغان نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلىرىڭىز بار ئىدى. شۇنىمۇ تاللاپ يوللاپ بەرسىڭىز، كۆرمىگەنلەر ھۆزۇر ئالسا. بىزدەك ئوقۇغانلار يەنە بىر قىتىم شۇ ئەسەرلىرىڭىزدىن ھوزۇرلانساق.

بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.

ئويغانغىن ئوماق،ئېسىل كۈنلەر ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4893
يازما سانى: 467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9436
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 1418 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2012-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-4 08:17:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت قىززىق كەن! [s:35] ئىسىل ئەسەرلىرىڭز توختاپ قالمىسۇن

بەخىت كەلگەندە شۈكرى قىل،دەرت كەلگەندە سەۋىرقىل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش