-ۋەي XXX ما؟
-ھەئە، مەن
-ئىشتا ئۆزگۈرۈش بولدى.
-ھە، قانداق بولدى؟
-ھەپتىدىن كىيىن قىلماقچى بولغان ھېلىقى ئىشنى بۈگۈن چۈشتىن كىيىنلا باشلاپ، كىلەر ھەپتىگىچە تۈگەتمىسەك بولمىدى. شۇڭا ھازىردىن باشلاپ ئىشقا چۈشۈڭ، ئىش كىچىكىپ قالسا پۇلىڭىزنى تۇتۇپ ماڭىمەن.
-ئاكا مىجەزىم يوق دوختۇرخانىغا بارغان، دوختۇرلار كىسىلىڭ ئېغىركەن بالنىستا يېتىپ داۋالانمىساڭ بولمايدۇ دەيدۇ. ھازىر ياتاق رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ ئۇكۇل ئېلىپ ئولتۇرۇشۇم.
-ھە ئىشنىڭ سۈپىتىگە، ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. ........
-ئاكا مەن دوختۇرخانىدا دەۋاتىمەن.
-مىنىڭچە ئۇكام، بىر ھەپتىمۇ كەتمەس كىچىلىرى قۇشۇپ ئىشلىسىڭىز...بوپتۇلا بىر ھەپتە ئىچىدە تۇللۇق تۈگىتىڭ.
-دوختۇرخانىدا كام دىگەندىمۇ بىر ھەپتە ئەتراپىدا داۋالانمىسام بولمايدىكەن.
-ھە راس، ئىشقا باشتىن ئاخىرى ئۆزىڭىز باش بولمىسىڭىز بولمايدۇ. ئىش سۈپەتلىك بولمىسا ئوخشاشلا دىيىشكەن باھادىن كولاپ ماڭىمەن.
تېلىفۇن:
-تۇت...تۇت...تۇت.....
تېلىفۇن تۇتۇپ قېتىپ قالغان مەن.