ئەسلىمە قالدى
ئادەم ئۆمىرىدە كۆپ نەرسىلەرنى كۆرۇپ باشتىن ئۆتكۇزگەن بىلەن كۆڭۇلدە قالغۇدەك گۈزەل ئەسلىملەرنىڭ كۆپ بولۇشى ناتايىن!!!
دىمەك سېنىڭ بىلەن تۇنۇشقانلىغىم مېنىڭ ئەڭ تاتلىق شىرىن كۈنلىرىم ئىدى. تۇرمۇشىمغا يىڭىدىن گۈزەللىك ۋە ئىللىقلىق ئاتا قىلغان ئىدىڭ. بۇرۇن ئۆتكۇزگەن كۈنلىرىمگە ئانچە كۆڭۇل بۆلمەيدىغان بىر ئادەمنى. ھەربىر مىنۇتنىمۇ قولدىن بەرمەي قەدىرلەيدىغان بىر ئىنسانغا ئايلاندۇرغان ئىدىڭ، تۇغرىسىنى ئىيتقاندا قىلغان ھەربىر ئىشىم ۋە ئەسىيادىم سەن بىلەن ئىدى.سەن ئۇچۇن ئىدى...........
كۇنلەر ئۆتكەنسىىرى بىزنى باغلىغان ئاشۇ رېشتىنىڭ ئاچكۆزلىگى بولسا كىرەك ،كىينكى ئىشلار ئۇچۇن قانچە تىرىشساممۇ .سېنىڭ نارازى بۇلۇپ قىيداشلىرىڭغا ئۇچىردىم. قىسقىسى سېنى ھازىرىقى تۇرمۇش ئادىتىم.رازى قىلالمىدى.
ساڭا كۇن-تۈنلەپ ئولتۇرۇپ ئۇچۇر قىلالمىدىم. بوش ۋاقتىم چىقسىلا تېلفۇن قىلىپ تاتلىق گەپلەر بىلەن بەزلىيەلمىدىم.
سېنىڭ يىنىڭدا بۇلالمىدىم ...........
مەۋھۇم دۇنيادا كەچمىشلەر تۇلا. ھەرقانداق قىزغىن كەيپىياتنىڭ ئاخىرى ئىچىنىشلىق قىسمەتلەر بىلەن ئاياغلاشمايدۇ دەپ كىم ئىيتالايدۇ. قېنى كىم مەۋھۇم دۇنيادىكى ئوبرازى ۋە قىزغىنلىغىنى رېئال تۇرمۇش بىلەن باغلاپ ئۆتەلەيدۇ.يەنە كىم باررېئاللىقنى تاتلىق خىياللارغا باغلاپ ئۆتەلەيدىغان............
مەن ئەنە شۇنداق تاتلىق ھېسلارغا رېئاللىقنى باغلىيالمغانلىغىم ئۇچۇن مەندىن ئايرىلىدىڭ. ئۆزۇمنى ساڭا ياق مەۋھۇم مۇھەببەتكە ئاتىيالمىغانلىغىم ئۇچۇن مەندىن ئايرىلىدىڭ. ئارلىغىمىزدە يۇز كۆرۇشۇش . سۆيۇشۇش بۇلۇپ ئۆتكەن تۇرۇقلۇق ئۆزۇڭنىڭ بارغانچە خىيالى ئاچكۆز مۇھەببەتنىڭ قۇلى بۇلۇپ پاك سۆيگۇمىزنى قۇربان قىلىپ تاشلىغىنىڭنى بىلمىدىڭ.
شۇنداق ھەممە- ھەممىنى ئۇنۇتقانلىغىڭنى بىلمىدىڭ!!!.
بۇگۇن ئايرىلىش ئۇچۇرۇڭنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ ئەپسۇسلانغان بولساممۇ ساڭا ئارتۇقچە سۆز قىلمىدىم. چۇنكى سەن ھەممە ئىشلارنى ئۇنۇتقىنىڭ بىلەن ئۆتكەن ئىشلار. شۇ گۇزەل چاغلار ھىلى ھەم يادىمدا بولغاچ ئەنە شۇ ئەسلىملەرنىڭ ھۆرمىتى ئۇچۇن ماڭا قانچە ئاچچىق گەپ قىلغان بولساڭمۇ ساڭا پەقەت خوش دىگەن سۆزدىن باشقىنى قىلمىدىم. چۇنكى يۇرۇگۇمدىكى ئاچچىق سۆزلەر تۇپەيلى قەلبىمدىكى ئوبرازىڭنىڭ يۇقاپ كىتىشنى خالىمىدىم.
شۇنداق مەڭگۇگە ئۆچۇپ كىتىشنى خالىمىدىم.!!!
چىن-سۆيگۇنى ئۇلۇغ بىلگىن ساڭا دىلدار كىرەك بولسا ،
قىلما ۋەيران لەۋزى - ۋاپانى ، ۋاپادار يار كىرەك بولسا .
بىراۋ ئىشقىڭدا زار يىغلاپ يۇرەك باغرى يارا قىلسا .
مۇرات-مەقسەت گۈلى بولغىن.ساڭا گۇلزار كىرەك بولسا.
رەقىپ سۆزىگە ئالدىراپ باقما. ئىچكەن سۆيىڭگە تاش ئاتار.
تەۋرىنىپ بۇزما ئەقىدەڭ ، سۆيگۇ زىنھار كىرەك بولسا.
جاپا چەكمەي تۇرۇپ ھەرگىز. ئاشىق ۋەسلىگە يەتكىنى بارمۇ؟
جاپانى - جانغا راھەت بىل. ساڭا دىدار كىرەك بولسا.
ئوتۇڭدا كۆيۇپ كۈل بولدۇم .بىزار بولدۇڭ مەندىن بىراق ،
يۇرەك زارىمنى ئاڭلاپ قوي. كۆڭۇل ئىزھار كىرەك بولسا .
مەنبە: كۆكنۇر ئىجادىىيەتلىرىدىن.