مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 794|ئىنكاس: 8

ئاياللار رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك تۈزۈملەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 1619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8884
تۆھپە نۇمۇرى: 407
توردا: 2351 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 02:52:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

. 1خوتۇن كىشىنىڭ ئېرىنى سۆيۈش ۋە ئۇنى قەتئىي ھىمايە قىلىش، ئېرىنىڭ يېتەكلىشىگە مۇتلەق بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئائىلىۋى مەشغۇلات ۋاقتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش، ئەتىگىنى سائەت 6 دە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلاش (ئۆلچىمى ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ئۈچۈن بىر كوي)، ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەسلىك- ھورۇنلۇق قىلماسلىق، كەچتە سائەت 11:30دىن كېيىن ئۇخلاش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى يۈز يۇيۇش ۋاقتى 3 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ بىر كۈن جاپالىق ئىشلىگەن ئېرىنىڭ بەدىنىنى تۇتۇپ قويۇش، بالىنىڭ قىيا-چىيا قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتە لىڭتاسمىلىق قىلماسلىق، غۇدرىماسلىقى لازىم. مۇلازىمەت سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش مەنئىي قىلىنىدۇ، ھېيت-بايرام ۋە ئارام كۈنلىرى دەم ئېلىش چەكلىنىدۇ.
2. خوتۇن بولغۇچى تەربىيلىنىپ تۇرۇشى، ئاشپەزلىك تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن سىرت، يەنە ئۆينى ئالىي مېھمانسارايلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە رەتلىك تۇتۇشى ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تېبابەت ساۋاتلىرىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
3. خوتۇن بولغۇچى ھەر ۋاقىت ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئائىلىدە رەتسىز ، قالايمىقان كىيىنىپ يۈرمەسلىكى(ئۇخلاش كىيىمى بۇنىڭ سىرتىدا)؛ سىرتقا چىققاندا، ساڭگۇل-سۇڭگۇل، ئالا-بۇلىماچ كىيىملەرنى كىيىپ يۈرمەسلىكى، «ئاشخانىغا كىرگەندە ئۇستا ئاشپەز، ئاشخانىدىن چىقىپلا لېۋەن يارلار» بولۇشى كېرەك.
4. خىزمەتتە بولسا، ھەر ئايلىق ئىش ھەققى، مۇكاپاتى ۋە بارلىق كىرىملىرىنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم تولۇقى بىلەن ئېرىگە تاپشۇرۇشى ھەم بۇنىڭغا قارشى ئىدىيىدە بولماسلىقى، يوشۇرۇن پۇل ساقلىماسلىقى؛ ھەر كۈنلۈك چىقىمى 10 كويدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى (ھېيت-بايرامدىن سىرت)كېرەك.ئەركىشىدە ئايالىنىڭ چىقىم ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇش، سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
5. ئەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئورنىدا كۆرۈپ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاسرىشى ، ھۆرمەتلىشى لازىم. ھەدىسىلا بىرتەرەپلىمە ھالدا ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ ئائىلىنىڭ ئىناق كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىشىگە رۇخسەت يوق.
6. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئايالنىڭ تۈرلۈك ناملاردىكى قاتار چايلارغا قاتنشىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ.
7. ئائىلىدە ئەرنىڭ مۇتلەق نوپۇزى گەۋدىلىنىشى، ئىچىش- چېكىشىگە زىيادە چەك قويۇلماسلىقى، يېرىم كېچىدە ياكى تاڭ ئاتقاندا كەلسە كۆپ سۈرۈشتە قىلىنماسلىقى لازىم. ئايال بولغۇچى «كۇرىيە فىلىم»لىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئەشۇ فىلىملاردىكى ئايال پېرسۇناژلارغا ئوخشاش ئېرىگە ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىشى لازىم.
8. ئېرىگە خالىغان ۋاقىتتا تېلېفون قىلىپ، ئەر بولغۇچىنىڭ خۇش كەيپىنى بۇزۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. تېلېفون بەرمىسە بولمايدىغان ئىش چىققاندا تېلېفون قىلىشى، تېلېفوندا پەقەت ئاساسىي مەقسەتنىلا سۆزلىشى لازىم. تېلېفوندا سۆزلەشكەن ئومۇمىي ۋاقتى بىر مېنۇتتىن ئاساسەن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
9. ھە دېسىلا ئاغرىپ قېلىپ، ئائىلىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا، ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىشىگە رۇخسەت يوق. داۋاسى يوق (مەسىلەن، راك دېگەندەك) كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندىن باشقا كېسەللىكەرنى كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئاز تاماقلىنىش بىلەن داۋالىشى، ئىڭراپ يېتىۋالماسلىقى لازىم.
10. خوتۇن بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىنى كۈندە مەكتەپكە ئېلىپ بېرىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، ھەرقانداق سەۋەبلەر بىلەن كېچىكتۈرمەسلىكى؛ ئارام كۈنلىرىمۇ «نۆۋەتچىلىك » مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئائىلىۋى تاماقنىڭ مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، پەرزەنتىنى سىرتتا ئوينۇتۇش(تاكسىغا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ)، ياكى قېينانىسىغا ھەمراھ بولۇشى كېرەك.
11. خوتۇن بولغۇچىنىڭ ئائىلىنىڭ تازىلىقىغا مەسئۇل بولۇش مەسئۇلىيىتى بار. ئۆينىڭ تازىلىقى بىر كۈندە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ.
12. ھيت-بايرامدىن باشقا كۈنلىرى خالىغانچە تېلېۋىزور كۆرۈشكە رۇخسەت يوق، ئېرى ياكى بالىلار بىلەن تىزگىنەكنى تالىشىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ؛ ئۆيدە قالايمىقان ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقا ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش زۆرۈر بولغاندا، ئېرى ياقتۇرمايدىغان كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن باشقىلىرىنى تاللاپ كۆرۈشكە بولىدۇ.
13. يات ئەرلەرگە(9ياشتىن-70ياشقىچە) قاراش ۋاقتى ھەر قېتىمدا 3سېكونتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، بىر ئەرگە قارىغان ئومومىي ۋاقتى بىر كۈندە ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئوغۇل ساۋاقداشلىرى بىلەن خەت يېزىشماسلىقى، كۆرۈشمەسلىكى ۋە توردا ئۇچراشماسلىقى؛ باشقا ھەرقانداق ئەرلەرنىڭ ئالدىدا تېلىقىپ كۈلمەسلىكى، غىلجىڭلىماسلىقى ۋە قېرىنداشلىرىدىن باشقا ئەرلەر بىلەن يالغۇز ئۇچراشماسلىقى كېرەك.
14. سېرىق كىنو-تېلېۋىزىيە لېنتىسى، قىمار ۋە زەھەر بىلەن ئۇچرىشىشقا بولمايدۇ؛ تاماكا چېكىشكە، ھاراق ئىچىشكە ۋە قالايمىقان ئاياللار بىلەن دوست بولۇشقا ، ياكى ئېرى ياقتۇرمايدىغان ھەرقانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ. مۇبادا مۇشۇنداق قىلمىشى بايقىلىپ قالسا، دەرھال نىكاھدىن ئاجرىشىشى شەرت، شۇنىڭدەك ئاجراشقاندىن كېيىنكى بارلىق مال-مۈلۈك ئەرگە تەۋە بولىدۇ، خوتۇن بولغۇچى قاقسەنەم قىلىنىپ ئۆيدىن قوغلىنىدۇ.
15. خوتۇننىڭ بىرەر ئىش توغرىسىدا ئېرىگە دادلىنىشى ئىككى مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. دەرد تۆككەندە ئاۋازىنى پەس، مۇلايىم چىقىرىشى كېرەك.
16. ئەر تەرەپ خوتۇننىڭ پارچە خىراجىتى، گىرىم بويۇملىرىنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن، ئائىلىنىڭ كىرىمىگە ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ھەر ئايدا مۇۋاپىق خىراجەت بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئائىلىدە تاماق، تازىلىق ئىشلىرى ، ئېرىگە بوي سۇنۇش، كۆرۈنۈش- قىياپىتى ۋە مۇلازىمەت پوزىتسىيىسى قاتارلىق بەش تەرەپتىكى ئەھۋالىنى باھالاپ، ھەر بىر تۈرگە 20 نومۇردىن، جەمئىي 100نومۇر بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش؛ خوتۇن بولغۇچى ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىنى باھالاش ۋە ئاخىرىدا ئېرى خۇلاسە قىلىپ نومۇر قويۇش كېرەك.
17. خوتۇننىڭ باھالاشتا ئېرىشكەن نومۇرى 90 غا يەتسە، ئېرىنىڭ ئەمەلىي ئىش ھەققىنىڭ %5 نى، ئەگەر 85 كە يەتسە، %4نى ، 80نومۇرغا يەتسە، %3نى مۇكاپات تەرىقىسىدە خوتۇنىغا بېرىش، 80 نومۇرغا يەتمىسە لاياقەتسىز ھېسابلاپ بىر پۇڭمۇ بەرمەسلىك؛ ئەگەر ئۇدا يېرىم يىلغىچە لاياقەتسىز بولۇپ، ئۆلچەمگە يېتەلمىسە، ئۆزلۈكىدىن نىكاھدىن ئاجرىشىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەگەر ئۇدا ئىككى يىل لاياقەتلىك بولۇپ باھالىنىپ، ئۆلچەمگە يەتسە ۋە نەتىجىسى 90 نومۇرغا يەتسە، «ياخشى» ئايال دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىپ، مۇكاپاتنى %1 تىن %10كىچە ئۆستۈرۈپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىككى كۈنلۈك ئارام بېرىپ،تىنىۋېلىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك. بۇ ئارام كۈنى شۇ ۋاقىتتىلا ھەم شۇ يىلىلا ئىناۋەتلىك بولىدۇ. ھەممىنى يىغىپ بىراقلا ئارام ئېلىشقا بولمايدۇ.
18. خوتۇن بولغۇچى ئائىلىنىڭ ئەدەپ-ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىشى، ئەدەپتىن چىققان بارلىق ئىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېرىگە دوكلاد قىلىپ، تۇيۇق يولغا مېڭىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم . ئېرىنىڭ ئالدىدا ئۆز-ئۆزىنى تەنقىت قىلىش، ئۆز-ئۆزىنى كاچاتلاش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
19. مەزكۇر «تۈزۈم» ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ ،ئۇنى ھەر بىر ئائىلىدىكى ئەر نازارەت قىلىپ يۈرگۈزىدۇ ھەمدە ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئەردە بولىدۇ. ئەگەر يۇقۇرقى «تۈزۈم» گە قارىتا باشقىچە پىكىر ۋە گۇمانىي قاراشلار بولسا،مۇئەللىپ بىلەن ئالاقىلاشسە بولىدۇ.
مەنبە: بۇرۇنقى بىر مۇنبەردىن كۈچۈرۋالغان ئېسىمدە قالماپتۇ .
مىسرانىم مۇنبىردىكى خانىم-قىزلارغا پايدىسى بولارمىكىن دەپ يوللۇدۇم(چاخچاق)


دىلنىڭ سىر دىشى -

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9974
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 955 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 12:00:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن خاتا كىرىپ قاپتىمەن .

مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1574673
تۆھپە نۇمۇرى: 33044
توردا: 12094 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 12:07:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىم بىكىتكەن تۈزۈمكەن بۇ... [s:5]

↓ ←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن. ‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى! ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1394
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5814
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2010-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 08:34:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن خاتا كىرىپ قاپتىمەن
-----بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:مىسرانىم مۇنبىرى ,تەپسىلىي ئادىرسى:https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=787-----

گۈل جەننەت

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 682
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9177
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3966 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-24 06:01:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا نىمانچە چىڭ تۈزۈم بۇ؟    ھەممىسى ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ بۇلۇپ كەتمەپتۇ يەنى ئايالنى ئىقتىساتتىن قىسىدىغان يېرى سەل چەكتىن ئېشىپ كەتتىمۇيا؟
شۇقاتاردا ئەرلەرگىمۇ ئاز-تۇلا قائىدە -نىزاملارنى چىقىرىۋەتمەمسىز؟ بولمىسا بىر تەرپلىمىلىك بوپ قالىدۇ جۇمۇ .

بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن يول يوق ئىدى ،ئۇپەقەت كىشىلەرنىڭ مېڭىشى بىلەن پەيدا بولغان.   ئاق لالە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1314
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5885
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-24 06:04:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداق تۈزۈم تۈزىدىغانلار كۆتەرسۇن قاسقىنىنى...
ئايال ئالماي، پۇل بىرىپ مالاي ياللىسۇن.

axxukru lillah

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 524
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7408
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 838 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2010-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-24 06:21:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال ماشىنا ئادەمگە چىقارغان تۈزۈممۇ نىمە بۇ  [s:2] ،ئەستايىدىل گەپ قىلساق ، بەزىلىرى بولىدىكەن ، بەزىلىرى ئېشىپ كېتىپتۇ

ئۆزۈمنى يېڭىش ۋەزىپەمدۇر

ئزدىنىش كۈتۈشتى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 655
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8651
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 6236 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-24 07:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاز بىر قىسىمىنى ھىسابقا ئالمىغاندا بولىدىغان تۈزۈملەركەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2647
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6642
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2011-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-10 12:18:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ خاتا كىرىپ قاپتىمەن......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش