مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4618|ئىنكاس: 32

مىنىڭ تۇنجى يازمام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12379
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1922 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-6 02:12:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلىرىم ھەم تەقدىرداشلىرىم، بىزنىڭ بۇ ھاياتى دۇنيادا قانداق مەۋجۇت تۇرىشىمىز ،ئەڭ ئالدى بىلەن ئىقتىسادى كاپالەت يەنى ئقتىسادى مەسىلە دەپ ئويلايمەن.مىنىڭچە پۇل دىمەك كۈچ دىمەك، پۇل دىمەك ۋاقىت،ئۆمۆر دىمەكتۇر .ئەگەر مەن بىر ئادەتتىكى خىزمەتچى بولوپ ئايلىغىم 2000يۈەن دىسەك (ئەمەلىيەتتە ھازىرقى شارائىتتا بۇمۇ خىلى قىيىن ئىكەنلىكى بەلكىم ھەممەيلەنگە ئايان) يىللىغىم 24مىڭ يۈەن، يەنى 20 يىللىق ۋاختىم 480مىڭ يۈەن دىگەن گەپ،دىمەك مەن 20 يىل ئەتىگەندىن كەچكىچە تەر تۆكۆپ، جاپا تارتىپ ئىشلىسەم، پۇتۈن ئۆمرۆمنىڭ كىرەككە كىلىدىغان قىسمى480  مىڭ يۇەن،دىمەك مەن 25يىشىمدا مۇشۇنداق مۇقۇم كىرىمىم بار دىسەم ،45ياشقا كىرگۈچە مىنىڭ ھەر كۈنلۈگۈم 66يۈەندىن قىممەتكە ئىگە بولدۇ،مەن بۇ 66يۈەن بىلەن ئۆزۈمنىڭ، ئايالىمنىڭ،باللىرىمنىڭ ئاۋۋال مەۋجۇتلىغى ئۈچۈن، ھەر ۋاخلىق تامىقىغا، ئاندىن كىيىمىگە ئۆي ئىچىدىكى توك ،سۇ، پار ،ئۆيۆم بولمىسا ئۆي ئىجارىسى دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولىمەن.مەن ئالاھىدە ئەھۋاللارنى،يەنى تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان، دوختورغا كىرىپ قىلىش،بالامنىڭ ياكى ئايالىمنىڭ ئاغرىپ، دوختۇردا يىتىپ قىلىشى،قاتناش ھادىسىسى ،تۇيۇقسىز يۈزبىرىدىغان ھادىسىلەرنى ئويلاشماي، شەخسەن ئۆزۈمنىڭ كۈندۈلۈك چىقىمىنى ھىساپلىسام،ئۈچ ۋاخلىق تامىقىم ،تىلىفۇن ھەققىم كوچا ئاپتۇبۇسىدا ئولتورىدىغان چىقىملىرىم بىلەن مىنىڭ يالغۇز كۈندۈلىك چىقىمىم قانچە بولار؟ئايالىمنىڭ چقىملىرىنى قاتسامچۇ؟ئەگەر باللىرىمنىڭ ئائىلەمنىڭ چىقىملىرىنى قاتسام بۇ 66يۈەن يىتەرمۇ؟ئەمىلىيەتتە بۇ 66يۈەن، ئايلىق كىرىمى 2000يۇەندىن موقىم بولغانلارغا خاس.ھازىرقى ئىشسىزلىق ئەۋج ئالغان بۈگۈنكى كۈندە 2000يۈەندىن مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولوش قانچىلىك قىرىنداشلىرىمىزغا نىسىپ بولار....                        

دىمەك مىنىڭ ھاياتىم مۇشۇ بويىچە بولغاندا 480مىڭ يۈەنگە تەڭ. ئەگەر مىنىڭ 10مىلىيون پۇلۇم بولسا، مەن ئۆزۆمدەك ئادەمدىن 20 نى بىر ئۆمۆر ئىشلىتەلەيمەن،شۇ 20 ئادەم پۈتۈن بىر ئۆمۈر مەن ئۈچۈن تەر تۆكىدۇ .بۇ مەن شۇ 20ئادەمنىڭ ئومومى ئۆمرىدىنمۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردۈم دىگەن گەپ.ئەگەر مەن5000يۈەن بىلەن ئاجىزلارنىڭ بىر كۈنلۈك تامىقى، يەنى شۇ ئاجىزلارنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قىلىشىغا ياردەم قىلماقچى ياكى ئاجىز يىتىم يىسىرلارغا ،ياكى ئوقوغوچىلارنىڭ بىر كۈنلۈك تامىقى ئۈچۈن  ياردەم قىلماقچى بولسام تەخمىنەن 300 قان تەپچىپ تۇرغان يۈرەككە ياردەم قىلىپ ئۆزومگە خۇشاللىق تاپالايمەن .شۇڭا پۇل كۈچ ۋە ۋاقىت،ئۆمۆر دىمەكتۇر.                                       

 لىكىن قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئقتىسادى كىرىم- چىقىم،ۋە قىممەتلىك ۋاختىنى،ئۆمرىنى قانداق پىلانلاش، كۆپچىلىك قىرىنداشلىرىمىزغا ناتونوش بولوپلا قالماستىن، بۇ خىلدىكى ئۇقۇملارنى ئۇلار چۈشىدىمۇ خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان .ئايلىق كىرىمى ئىنتايىن يۇقىرى نامراتلارمۇ ،ئايلىق كىرىمى ئىنتايىن تۆۋەن بايلارمۇ بولىشى مومكىن. مەيلى بايۋەتچى ياكى كەمبەغەل،يۇقىرى مۇقىم مائاشلىق خىزمەتچى،ياكى كۈنلىكىنى ئاران قامداپ كىتىۋاتقان ئۇششاق ساتارچى،كارخانىچى،مولدۇز،ناۋاي ۋە باشقا بارلىقىمىزنىڭ مالىيە ،ئۆز ئىلكىمىزدىكى ئقتىسادنى قانداق ئورونلاشتۇرۇش،يەنى كىرىم- چىقىمنى قانداق ئىلىپ بىرىش مەسىلىسىنى ئويلىشىپ بىقىشنى، ھەر بىر قىرىندىشىم ئۈچۈن تولىمۇ تەخىرسىز دەپ ئويلىدىم.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر ماتىرىيال تەييارلىدىم. قىرىنداشلىرىمنىڭ ئەستايىدىل ئوقوپ بىقىشىنى ھەم مۇلاھىزە قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن.  

 

پۈتۈكنامە ،

ئاپتۇرى:جورجى كىلاسسۇن(ئامرىكا)

بۇ كىتابنى ئوقوغاندىن كىيىنكى تەسراتىم ۋە مەن ئۈچۈن كىتاپتىكى موھىم دەپ قارالغان مەزمۇنلار.

 

بىرنى تىپىپ بىرنى خەجلىگەندە پۇلنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالمايمىز،بۇنداق بولغاندا تىخىمۇ كۆپ پۇلغا ئىرىشىشتىن سۆز ئىچىش تەس.

بۇرۇن بابلۇندا ئاركادى ئىسىملىك بىر پۇلدار كىشى ئۆتكەن ئىكەن.ئۇ بايلىقى بىلەنلا ئەمەس،يەنە ئاق كۆڭۆللىكى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىكەن.ئۇنىڭ كۆڭلى كۆكسى ناھايتى كەڭ بولوپ،ئۆزىگىلا ئەمەس،يەنە پۈتكۈل ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلىغا پىخسىقلىق قىلمايدىكەن،بىراق شۇنداق خەجلىسىمۇ ئۇنىڭ بايلىقى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋىرىدۇ.

ئۇنىڭ ياش ۋاختىدىكى دوستلىرى :‹‹ئاركادى سىنىڭ ھەددى ھىساپسىز مال دۇنيارىڭ بار،سەن ھازىر پۈتۈن بابلۇندىكى ئەڭ باي كىشى،بىراق بىز يەنىلا پۇلىمىزنى ھىساپلىق جەجلەپ ئولتۇرىمىز.سەن دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل نەرسىلەردىن ھوزورلىنىپ،باياشات تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىسەن.بىراق بىز يەنىلا ئائىلىمىزدىكىلەرنى قورسىقى توق،كىيىمى پۈتۈن قىلىش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەۋاتىمىز›› دەيدىكەن.

‹‹بىراق،بىز بۇرۇن ئوخشاش ئىدۇق،ئوخشاش ئويونلارنى ئويناپ چوڭ بولدوق،مەيلى ئوقوش ياكى ئويونلاردا بولسۇن ،سەن بىزدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتىڭ،ئۇنىڭدىن كىيىنكى يەنە بىر مەزگىل ئىچىدىمۇ سەن بىزگە ئوپئوخشاش ئىدىڭ .››

‹‹بىزنىڭچە،سەن خىزمەتتىمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئىشلىدىڭ،بىراق تەلەي ئىلاھىنىڭ ساڭىلا كۆزى چۈشكەن ئوخشايدۇ،پەقەت سەنلا مۇشۇنداق ئىسىل نەرسىلەردىن بەھرە ئىلىپ يۈرىسەن،ئەجەبا،بىز مۇشۇنداق ئىسىل نەرسىلەردىن بەھىرلىنىشكە لايىق ئەمەسمۇ؟››دەپ سورايدىكەن.

ئاركادى ئۇلارغا مۇنداق دەپتۇ:

‹‹مۇشۇ يىللاردىن بىرى،ئەگەر تاپقان پۇلۇڭلارنىڭ بەرىكىتى بولمىسا،بۇ دەل سىلەرنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش قائىدىلىرىنى تىخى ئۈگىنىپ بولالمىغىنىڭلارنى چۈسەندۈرىدۇ،سىلەر ئەڭ ياخشىسى،ئەڭ ئەقەللىي بولغان ئىقتىساد باشقۇرۇش يوللىرىنى ئۈگىنىۋىلىشىڭلار كىرەك.››

‹‹تەقدىر يىپى يوق لەگلەككە ئوخشايدۇ،ئۇ بىر شەپقەتسىز ئىلاھقا ئوخشايدۇ،ئۇ ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس نەرسىنى ئادەملەرگە بۇيرىمايدۇ.يەنە كىلىپ ئەمگەك قىلمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئەسلىدە با بولغان نەرسىلىرىنىمۇ تارتىۋالىدۇ.ئۇ سىزگە تاپقان بايلىقلىرىڭىزنى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا خەجلىتىپ،كۆزنى - يۇمۇپ ئاچقۇچە سىزدە ئەسلىدە بار بولغان نەرسىلەرنىمۇ تاتىۋالىدۇ ھەم سىزنىڭ تويماس نەپسىڭىزنى قانائەتلەندۈرمەي ،سىزنى قىينايدۇ.يەنە بەزى كىشىلەر تەقدىرنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئىرىشىدۇ .بىراق ئۇلار قولىدىكى پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ،چۈنكى ئۇلار قولىدىكى پۇلنىڭ خەجلىنىپ تۈگەپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ پۇل ئارقىلىق پۇل تىپىش قابىلىيىتى بولمايدۇ،ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇللىرىنى بۇلاپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ،كىشىلەردىن ئايرىلىپ خىيالى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ››.

‹‹يەنە بەزىلەر ھىچقانداق كۈچ سەرپ قىلمايلا،نۇرغۇن بايلىقنىڭ ئىگىسى بولوپ قالىدۇ ھەم تاپقان پۇلى كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىپ،خۇشال-خورام،باياشات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.بىراق،بۇ خىلدىكى ئادەملەر كەمدىن –كەم بولوپ،مەن پەقەت مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باققان،لىكىن تىخى كۆرۈپ باقمىدىم.سىلەر ئويلاپ بىقىڭلارچۇ؟نۇرغۇنلىغان مىراسقا ۋارىسلىق قىلغان بايلار مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەرگە تەۋەمۇ–ئەمەسمۇ؟››

ئاركادىنىڭ دوستلىرى ئۆزىنىڭ دەل نۇرغۇن مىراسقا ۋارىسلىق قىلغان كىشىلەرگە تەۋە بولىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلدى.دوستلىرى ئاركادىنىڭ قانداق باي بولغانلىقىنى سۆزلەپ بىرىشىنى ئۆتۆنۈپ تۇرىۋالدى،شۇنىڭ بىلەن ئاركادى سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

‹‹ياش ۋاقىتلىرىمدا،دۇنيادىكى شەيئىلەرنى كۆزىتىپ ، كىشىلىك ھاياتقا خۇشاللىق ۋە قانائەت ئىلىپ كىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىزدىدىم،مەن شۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلدىمكى،بايلىق كىشىنى خۇشاللىق ۋە قانائەتلىنەرلىك تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرىدىكەن.

بايلىق بولسا كۈچ قۇدرەتنىڭ ۋەكىلى،پەقەت پۇلىڭىز بولسىلا نۇرغۇن ئىشلارنى ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدىكەن.

سىز ناھايتى ئىسىل ئۆي جاھازلىرىنى سىتىۋىلىپ،ئۆيىڭىزنى بىزىلىيەلەيدىكەنسىز .

پۈتۈن دۇنيانى ساياھەت قىلالايدىكەنسىز.

دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل نازۇ نىمەتلەرنى تېتىىيالايدىكەنسىز.

سىزنىڭ ئەڭ ئىسىل ھەم نەپىس ياسالغان ئالتۇن،كۈمۈش،مەرۋايىتلىرىڭىز بولىدىكەن.ھەتتا سىزنىڭ بىر نەچچە ھەشەمەتلىك سارايلىرىڭىز بولىدىكەن.

سىز يەنە ئۆزىڭىزنى تىخىمۇ قانائەتلەندۈرىدىغان يىڭى ھىسلارنى تېپىپ،ئۆز رولىڭىزنى،كۆڭلىڭىزنى خۇش ئىتەلەيدىكەنسىز.

مۇشۇلارنى تونوپ يەتكەندىن كېيىن،مەن ھاياتىمدا مۇشۇنداق ئەڭ ئېسىل نەرسىلەردىن بەھىرلىنىشكە بەل باغلىدىم.

مەن خىيالپەرەس ئەمەس،باشقىلارنىڭ بەھوزور ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ،پەقەت بەدىنىمنى يېپىپلا تۇرىدىغان ئەرزان باھالىق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈشكە قەتئىي چىدىمىدىم ھەم بىر ئۆمۈر قەلەندەر بولوپ ياشاشقا تىخىمۇ چىدىمىدىم،ئەكىسچە مەن ھاياتلىقنىڭ ئىگىسى بولوشقا بەل باغلىدىم.

سىلەر ھەممىڭلار بىلىسىلەر،مىنىڭ دادام كىچىككىنە بىر ساتارمەن.بىزنىڭ ئۆيدە بالا كۆپ،مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش نۆۋىتىمۇ كىلىشى ناتايىن.سىلەرنىڭ دىېگىنىڭلار بويىچە،مەن ئۈنچە ئىقتىدارلىقلاردىن ئەمەس،شۇڭا مەن شۇنى تونوپ يەتتىمكى،ئەگەر مەن ئۆزۈمنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئەشۇرىمەن دەيدىكەنمەن،چوقوم ئىقتىساد (مالىيە)باشقۇرۇش جەھەتتە كاللامنى كۆپرەك ئىشلىتىشىم ھەمدە مۇشۇ جەھەتتىكى كىتاپلارنى كۆپرەك ئوقوشوم كىرەك››.

ۋاقىت ھەممە كىشىگە تەكشى بىرىلگەن، پەقەت سىلەر ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈپ،باي بولوشقا ۋاقىت ئاجراتمىغان گەپ.بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،گەرچە سىلەرنىڭ پەخىرلەنگۈدەك بەخىتلىك ئائىلەڭلار بولسىمۇ،بىراق سىلەردە كۆز-كۆز قىلغۇدەك زادى نىمە بار؟

بىر پەيلاسۇپ مۇنداق دەپ ئىيتقان :‹‹ئۈگىنىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.بىرى،ئۈگەنگىلى بولىدىغان بىلىم،يەنە بىرى توختىماي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە،مەشىق قىلىشقا مۇھتاج بىلىم بولوپ،بۇنىڭدا چۈشەنمىگەن نۇرغۇن مەسىللەرگە جاۋاپ تاپقىلى بولىدۇ.››...

مەن ھۆكۆمەتتىكى تارىخ خاتىرلەش نازارىتىدە پۈتۈكچى ئىدىم،مائاشىم يىمەك-ئىچمەك،كىيىم-كىچەك قاتارلىق تۇرمۇش چىقىمىمدىن ئاشمايىتتى،بىر كۈنى ھۆكۆمەت ئەمەلدارى ئاگامىش  توققوزىنچى نومورلوق بۇيرۇقنى ئىلان قىلىدۇ،ئۇ ماڭا بۇيرۇق قىلىپ،بۇيرۇقنى چوقوم ئىككى كۈن ئىچىدە پۈتۈپ بولىشىمنى،ئورونداپ بولالىسام ماڭا ئىككى يارماق بىرىدىغانلىقىنى ئىيتقان ئىدى.

مەن جان تىكىپ ئىشلىگەن بولساممۇ ئۇ كەلگۇچە قەتئى ئۈلگۈرتەلمىدىم،ئەگەر مەن ئۇنىڭ قۇلى بولغان بولسام مىنى ناھايتى قاتتىق ساۋايدىغانلىقىنى ئىيتتى.

‹‹ئاگامىش،سىز شۇنچە باي،ماڭا ئۆزىڭىزنىڭ شۇنچە كۆپ بايلىققا قانداق ئىرىشكەنلىكىڭىزنى ئىيتىپ بىرەلەمسىز؟ ئەگەر ماڭا ئىيتىپ بەرسىڭىز،مەن كىچە ئۇخلىماي،ئەتە ئەتىگەن كۈن چىقىشتىن بۇرۇن پۈتتۈرۈپ سىزگە تاپشۇرۇغقا كاپالەتلىك قىلىمەن››دىدىم.

ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ سەن بىر تىرىشچان چاكار ئىكەنسەن،بىراق سەن ئالدى بىلەن بۇ ۋەزىپىنى ئورونداپ بول، ئاندىن مەن سەن بىلەن پاراڭلىشاي››دىدى.

جىن چىراقنىڭ ئاچچىق پۇرىقى مىڭەمنى ئاغرىتىپ،كۆزلىرىم پەرق قىلالماس بولوپ قالسىمۇ (ھازىر مەنمۇ شۇنداق بولدۇم،كىچە شىنجاڭ ۋاختى سائەت2:48،ئەمما بۇ يازمامنىڭ قىرىنداشلىرىمغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولار دىگەن ئۈمۈتتە كىرپىك قاقماستىن تىرىشىۋاتىمەن)

بىر كىچە چىداپ ئەتىسى كۈن چىقىشتىن بىرى بۇرۇن ۋەزىپىنى ئورونداپ بولدۇم.

ئاگامىش:‹‹يىگىت سەن بىز قىلىشىدىغان پاراڭنىڭ بىر قىسمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ بولدۇڭ، ياشلار چوڭلاردىن مەسلىھەت سورىسا كۆپ نەپكە ئىرىشىدۇ، بىز ياشانغانلار كۆپرەك كوتولداپ قالىمىز،ئەمما كۆپىنچە ياشلار ئىنسانىيەتنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كىلىۋاتقانلىقىنى،مەيلى ئۇلارنىڭ شۆھرەت قازانغان ئەجداتلىرى ياكى كىيىنكى ئەۋلاتلىرىنى يوروتقان قوياشنىڭ ئوخشاشلا بىر قوياش ئىكەنلىكىنى ئۇخمايدۇ،ياشانغانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئۆزگەرمەس،قاتمال مودا دەۋىرگە ماسلىشالمايدىغاندەك قىلسىمۇ ،لىكىن ياشلارنىڭ ئەقىل پاراسىتى يەنىلا سۇ ئارقىلىق سىزىلغان بەلگىگە ئوخشايدۇ.

‹‹مەن ئۆزۈمنىڭ پۈتۈن كىرىمىمنىڭ بىر قىسمىنى ساقلاپ قويوش نىيىتىگە كەلگەن شۇ دەقىقىدىن باشلاپ، مەن باي بولوشنىڭ يولىنى تاپتىم،سەن دىگىنىم بويىچە سىناپ باق››دىدى.

مەن:‹‹پەقەت مۇشۇلارلىما ؟›› دەپ سورىدىم.

ئۇ:‹‹مۇشۇ گەپلەرلا بىر ئادەمنى باغرى تاش قىلىپ ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ››دىدى.

مەن ئۇلاپلا:‹‹بىراق مىنىڭ تاپقان پۇلۇم ئەسلىدىنلا مىنىڭ،شۇنداق ئەمەسمۇ؟››دەپ سورىدىم.

ئۇ:‹‹بۇنداق ئەمەس،سەن ئەجەبا تىككۈچىگە،موزدۇزغا پۇل تۆلىمەمسەن؟سەن يىمەمسەن،ئىچىمەمسەن؟بابلۇن شەھرىنىڭ ھەممە يىرىدە پۇل لازىم،سەن ئالدىنقى ئايلىق مائاشىڭدىن قانچىلىك ئىقتىساد قىلدىڭ؟ئىشىنچا كىرىمىڭ بارمۇ؟ئەخمەق سەن ئىزچىل ھالدا باشقىلىرغا پۇل بىرىپ كەلدىڭ.ئۆزۈڭگە ئازراقمۇ ئىلىپ قالمىدىڭ.ھەي ئەخمەق،سەن باشقىلار ئۈچۈنلا ياشاپ كەلدىڭ.قۇللارمۇ ئۆزىنىڭ كۈچىنى خوجايىننىڭ يىمىكى،ئىچمىكى ئۈچۈن ساتىدۇ.شۇنداقمۇ؟ئەگەر كىرىمىڭنىڭ 10\1ىنى يىغىپ قويالىساڭ 10يىلدىن كىيىن سەن قانچىلىك پۇلنىڭ ئىگىسى بولىسەن؟››دىدى.

مەن بارماقلىرىم بىلەن ناھايتى تىزلا ھىساپلاپ چىقىپ:تەخمىنەن مىنىڭ بىر يىللىق كىرىمىم بىلەن تەڭ دېگۈدەك››دىدىم.

دىگىنىڭنىڭ يىرىمى توغرا، سەن يىغقان ھەر بىر تىللا،سىنىڭ كەلگۈسىدىكى پۇل تىپىش دەسمايەڭ بولىدۇ.مۇشۇ ھەر بىر تىللا تاپقان ھەر بىر تەڭگىمۇ ساڭا كەلگۈسىدە پۇل  تىپىپ بىرىدۇ،ئەگەر باي بولاي دىسەڭ ساقلىغان پۇللىرىڭ ئارقىلىق پۇل تاپ،تاپقان پۇللىرىڭ مەيلى ئاز ياكى كۆپ بولسۇن،سىنىڭ باي بولوش ئارزۇيۇڭغا يىتىشىڭغا ياردەم بىرىدۇ.››‹‹ئەگەر سەن ئەقىللىق ئادەم بولساڭ مىنىڭ دىگەن گەپلىرىمدىكى ھەقىقەتنى چۈشىنىسەن،ئۇنداقتا مەن شۇنىڭغا ھۆددە قىلىمەنكى سەن بۇ ماتىرىيالنى ئوقوش ئۈچۈن كەتكەن ۋاختىڭ ئۈچۈن ھەسسىلەپ جاۋاپقا ئىرىشىسەن.››

‹‹سەن پۈتۈن كىرىمىڭنىڭ بىر قىسمىنىلا يىغالايسەن،سىنىڭ تاپقان پۇلۇڭنىڭ قانچىلىك ئاز بولىشىدىن قەتئىنەزەر، چوقوم تاپقان پۇلۇڭنىڭ 10\1 يىغىشقا كاپالەتلىك قىلىشىڭ كىرەك.سىنىڭ بۇ 10\1دىنمۇخىلى كۆپ پۇلنى ساقلاش ئىقتىدارىڭ بار،سەن بۇ پۇلنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ساقلىشىڭ كىرەك،سەن سىتىۋالالمايدىغان كىيىم-كىچەك،ئاياغلارنى ھازىرچە سىتىۋالماي تۇر، چوقوم خەجلىمىسەڭ بولمايدىغان يەرلەرگە يەنى يىمەك-ئىچمەككە،خەيىر ساخاۋەتكە پۇل خەجلە.››

‹‹بايلىق بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشايدۇ،يەنى بىر تال كىچىككىنە ئۇرۇقتىن ئاستا-ئاستا چوڭىيىدۇ.سەن يىغقان بىرىنچى يارماق دەل ئۇرۇق،ئۇ كەلگۈسىدە بايلىقتىن ئىبارەت بىر تۈپ دەرەخ بولوپ ئۆسىدۇ ،سەن ئۇرۇقنى قانچە بالدۇر تىرىساڭ،دەرەخنىڭ چوڭ بولغىنىنى شۈنچە بالدۇر كۆرىسەن.سەن قانچە بالدۇر تىرىشچانلىق بىلەن ئۇرۇق سىلىپ،سۇغىرىپ تۇرساڭ دەرەخنىڭ  سايىسىدە شۇنچە بالدۇر سالقىندايسەن.››ئۇ سۆزلەپ بولوپ پۈتۈكنى قولىغا ئىلىپ قايتىپ كەتتى.

مەن ئۇنىڭ دىگەن گەپلىرىنى قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئورونلوقلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم ھەم ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە سىناپ بىقىش قارارىغا كەلدىم.مەن ھەر قىتىم نەرسە سىتىۋىلىپ پۇل تۆلەيدىغان چاغدا،ئۇنىڭ ئىچىدىن 10\1نى تىجەپ قىلىپ،يىغىپ قويىدىغان بولدۇم.ھەيران قالارلىقى شۇكى،مىنىڭ ھىچ نەرسەم كىمىيىپ قالمىدى،ئەمەلىيەتتە مەن ئاشۇ 10\1ئۈلۈش پۇلنى ئاز خەجلەي ياكى كۆپ خەجلەي،مىنىڭ تۇرمۇشۇمدا ھىچقانداق ئۆزگىرىش يۈز بولمىدى.مىنىڭ ساقلىغان پۇلۇم بارا-بارا كۆپەيگەن  چاغدا ،شۇ پۇللارنى خەجلىۋىتىشتىن ئۆزۈمنى دائىم توسوپ كەلدىم ،مەيلى يىراقتا ياكى يىقىندابولسۇن ئاشۇ رەڭگارەڭ ياخشى نەرسىلەرنىڭ قىزىقتۇرىشىدىن ئۆزۈمنى تارتىپ كەلدىم،شۇنداق قىلىپ مەن ئاستا-ئاستا ئۆزۈم ئۈستىدىن غالىپ كەلدىم.

ئەگەر سەن قوي باقمىچىلىغى توغرىسىدىكى ئىشلارنى چۇشەنمەكچى بولساڭ،پادىچىنى ئىزدە.بۇنداق ئىشلارنى شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللۇنىۋاتقانلار ساڭا ھەقسىز پىكىر بىرىدۇ،بىراق شۇنى ئىسىڭدە چىڭ تۇتقۇنكى،شۇ ئاڭلىغان تەكلىپ پىكىرلەر ئىچىدىكى ئەڭ پايدىلىقىنى ئۆز بىلىمىڭگە ئايلاندۇرۋىلىش ئەڭ موھىم.ئەگەر سەن ئەزەلدىن پۇل يىغىپ باقمىغان بىر ئادەمدىن پۇل يىغىش توغرىسىدىكى ئىشلارنى سورىساڭ،چوقوم ئالدى بىلەن ئوزۈڭنىڭ يىغقان پۇلۇڭنى خەجلەپ تۈگىتىشىڭ كىرەك،شۇنداق ئاددى بىر قائىدە باركىي، بىرنى تىپىپ بىرنى خەجلىسەڭ پۇلنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالمايسەن ھەم تىخىمۇ كۆپ پۇلنىڭ ئىگىسى بولوشتىن ئۈمىد كۈتمىسەڭمۇ بولىدۇ،شۇنىسى چوقومكى پۇل ئارقىلىق پۇل تىپىش ئۇسۇلى بىلەن كۆپ پۇل تىپىش كىرەك.بۇ پۇلنى جايىدا ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ۋە پايدىلىنىشنىڭ ئەڭ ئەپچىل يولى.

ئەگەر سىز ئىرادىلىك ھەم ئەقىللىك كىشى بولوپ كىرىمىڭىزنىڭ 10\1نى ئۈزۈلدۈرمەي يىغىپ ھەم ئۇنى مۇۋاپپىق مەبلەغ ئۇسۇلى بىلەن تىخمۇ كۆپ پۇل تىپىشقا سەرىپ قىلسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ھەقىقەتەن قالتىس ھەم ئىستىقبالىڭىزنىڭمۇ مەڭگۈ پارلاق ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرمەمدۇ؟ئەجەبا بىر بىلىقچى بىلىقلارنىڭ ئادىتىنى ئۇزۇن مەزگىل تەتقىق قىلغاندىن كىيىن،شامال يۆلىنىشىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئى نەزەر،ھامان ئۇنىڭ بىلىق تۇتالايدىغانلىقى ئۇنىڭ تەلىيىدىن بولامدۇ؟‹‹پۇرسەت دىگەن يۆلىنىشى ناھايتى ياخشى بولغان بىر ئىلاھ،ئۇ ھەرگىزمۇ ئازراقمۇ تەييارلىغى يوق ئادەمگە ھەر قانداق پۇرسەتنى بەرمەيدۇ.››

ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىش، داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىرادە كىرەك،ئەمما ئىرادە ھەرگىزمۇ بىر ئادەمگە كۈچ بىرىپ،شۇ ئادەمنى تۆگىمۇ كۆتىرەلمەيدىغان ئىغىر يۈكنى،كالىمۇ سۆرىيەلمەيدىغان نەرسىنى يۆتكىۋىتەلەيدىغان دىگەنلىك ئەمەس،ئىرادە پەقەت بەلگىلەنگەن ئىشنى ۋاختىدا ئورونداشتىكى بەل باغلاش خالاس.مەسىلەن:مەن ئۆزۈمگە بىر ۋەزىپىنى بەلگىلىۋالغان بولسام،گەرچە بۇ ۋەزىپە ناھايتىمۇ ئاددى بولسىمۇ،مەن چوقوم ئامال قىلىپ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىشىم كىرەك،مانا بۇ ئىرادە.ئەگەر مەن ئۆزۈمگە شەھەرگە كىرگەندە ئۆتىدىغان كۆۋرۈكتىن ھەر قىتىم ئۆتكۈنۈمدە بىر تاش تاشلايمەن دەپ ۋەدە بەرسەم، مەن چوقوم قىلالايمەن.ئەگەر يەتتىنچى كۈنى ئۆتكىنىمدە تاش تاشلاشنى ئۇنتۇپ قالسام،ئەتە چوقوم ئىككىنى تاشلىۋىتىمەن دەپ ئۆزۆمگەتەسەللى بىرىپ، شەيتاننىڭ ئىمۈزگۈسىنى چىشلىمەسلىكىم كىرەك ھەمدە كەينىمگە يىنىپ شۇ تاشنى تاشلىۋەتكەندىلا ئاندىن 20-كۈنگە بارغاندا:ھەر قىتىم تاشلىغاننىڭ نىمە پايدىسى بار؟ئۇنىڭدىن كۆرە  بۈگۈنلا بىرىپ ھەممىنى بىراقلا تاشلىۋىتىپ،شۇنىڭدىن كىيىن كارىم بولمىسىلا بولمىدىمۇ؟دەيدىغان ئىش بولمايدۇ.ياق مەن ھەرگىز ئۇنداق دىمەيمەن ھەم ئۇنداق قىلمايمەن.

‹‹ ئەگەر مەن ئۆزۈمگە ۋەزىپە بەلگىلىسەم،چوقوم ئوروندايمەن.ئەتىگە قويمايمەن،ئورونداپ بولالمايدىغان ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشنى قىلمايمەن،شۇندىلا مەن ئۆزۈمنىڭ خاتىرجەملىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلالايمەن.

پەقەت ئادەملەر تىرىشىدىغانلا بولسا دۇنيادىكى بايلىق تەبىيلا كۆپىيىدۇ،مەسىلەن بىر ئادەم ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ سالدۇرسا،ئۇنىڭ مۇشۇ تۇرالغۇ ئۈچۈن خەجلىگەن پۇللىرى يوقاپ كىتەمدۇ؟ياق،تامچى بىر قىسمىنى ئالىدۇ،قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ۋە لاھىيلىگۈچى بىر قىسمىنى ئالىدۇ،مۇشۇ تۇرالغۇ ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىكى ئادەم ئۆز ئۈلىشىنى ئالىدۇ. ئەجەبا مۇشۇ تۇرالغۇ پۈتۈپ بولغاندىن كىيىن، شۇنچىلىك  قىممەتكە يارىمامدۇ؟ مۇشۇ ھەشەمەتلىك ساراي ئىگىلىگەن زىمىن ئەجەبا مۇشۇ ھەشەمەتلىك ساراي سەۋەپلىك قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشمامدۇ.بايلىقنىڭ توپلىنىش جەريانى ناھايتى سىرلىق ئۇنىڭ چىكىنى ھىچكىم پەرەز قىلالمايدۇ.

سىلەركىرىمىڭلارنىڭ 10\1ئۈلۈشىنى ساقلاپلا بولدى قىلماي،ئەگەر مومكىن بولسا كۈندىلىك چىقىمىڭلارنىڭ 10\ 1 ئۈلىشىنى تىجەپ قىلىڭلار،ئۆزۆڭلارغا تەۋە بايلىق بولغاندىكى ھىسىياتنىڭ نەقەدەر ياخىشى بولىدىغانلىقىنى شۇندىلا چۈشىنىپ يىتەلەيسىلەر،بايلىقىڭلار كۆپەيگەنسىرى روھى كەيپىياتىڭلارمۇ شۇنچىلىك كۆتۈرۈلۈپ كىتىدۇ.

ھەر قانداق بىر يىراقنى كۆرەر ئەر كىشى، ئۆزىنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىنى ياخشى ئورونلاشتۇرىمەن دەيدىكەن،چوقوم مىنوت، سىكونىت كىچىكمەي،پۇل يىغىشنى باشلىشى كىرەك.مەبلەغ سىلىشقا كەلگەندە كىچىك سوممىلىق مەبلەغ سىلىش، يۇقىرى سوممىلىق،خەتىرى كۆپ مەبلەغ سىلىشقا قارىغاندا بىخەتەر...

 

مەن تولوقسىزنى پۈتتۈرگىچە دەم ئىلىش ۋە تەتىل كۈنلىرىمدە  ساتراشقا شاگىرت  بولدۇم، نەچچە يىل بازار كۈنلىرى ئۇششاق تىجارەتلەرنى قىلىپ بالا سىتىقچى بولدۇم،ئىشقىلىپ جاپا مۇشەققەت ۋە پۇلنىڭ نىمىلىكىنى بىلىپ چوڭ بولدۇم، ئەمما تولوقسىزنى پۈتتۈگەن يىلى تەتىل مەزگىلىمدە (بۇ 2002-يىلى 7-ئاي مەزگىلى ئىدى) دەسلەپ يىزىمىزدىكى ئۈرۈك ئىسلاش ئىشىغا باردىم 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەيتتۇق،ئەتىگەن سائەت 4تە تۇرۇپ ئىشقا چۈشۈپ ،كەچ سائەت 12دە ئارامغا چۈشەتتۇق،ئەتىگىنى تاڭ سۈزۈلمەستىنلا  لوبەنلەر دەسسىگۈدەك بولوپ ئويغىتاتتى دە يەنە ئىشقا چۈشەتتۇق،  ئەتىگىنى قوناق ئۇنىدا ئەتكەن يوبدان بىلەن ناشتا قىلىپ،چۈشلىگى شىكەر مانتا يەيتتۇق، چۈنكى شىكەر مانتىسىنى بىر نەچچىنىلا يىسىڭىز قورسىقىڭىز تويوپ قالغاندەك ھىس قىلىسىز ھەم ئۇ ئىشتىھايىڭىزنى تۇتۇپ قويوشنىڭ ياخشى چارىسى،شۇڭا لوبەنلەر بىزنى ئاز يەپ كۆپ ئىشلىسۇن،ھەم  ئۆزىنىڭ چىقىمىنى تىجەپ قىلىش  ئۈچۈن شۇنداق ئۇسۇلدا ئىشقا سالاتتى،ھەم بىزمۇ مۈشۈنچىلىك ئىشنىڭ چىققىنىغا شۈنچىلىك خۇشال ئىدۇق.كۈنلىكىمىزگە10يۈەن بىرەتتى.مەن بۇ ئىش تۈگىگەندىن كىيىن قۇرۇلۇشقا بىرىپ ئىشلىدىم.كۈنلۈكىمىز 12يۈەن ئىدى.مەن شۇنداق ئۇسۇلدا ئىككى ئاي ئەتراپىدا ئىشلىدىم، ئەمما كىيىن قولومدا پۇل يوق.بىر يەكشەنبە كۈنى بىزنىڭ قوشنا كەنىتنىڭ كەنىت مۇدىرى، تەكشۈرۈش كەلمەكچى ئىكەنلىكىنى شۇڭا مىنىڭ كەنىتنىڭ دوسكىلىرىغا ھۆسىن خەت يىزىپ بىرىشنى ئىيتتى.مەن ئىشقا چۈشتۈم.چۈشلىگى پژغىرىم ئىسسىقتىمۇ ۋايسىماي ئىشلەپ بىر يىرىم كۈندە ئىشنى تولوق تۈگەتتىم ئەمما مەن كىچىك بولغاچقا كەننىت باشلىغى مىنى بوزەك قىلىپ پۇلنى 3ھەسسە كەم بەردى.لىكىن قولومغا 75يۈەن پۇل تەگدى.مەن ئىگىرىمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلاتتىم،باشقىلار قىلغاننىڭ 3\1باھاسى بويىچە قىلساممۇ پۇلىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدىن، ئىرىنمەي قىلاتتىم.ئەپسۇس بۇنداق ئىشلار دائىم يوق ئىدى.شۇ كۈنى دۈشەنبە يەنى بىزنىڭ يۇرتنىڭ بازار كۈنى ئىدى،مەن بازارغا كىرىپ كەتتىم،پۇلۇمنىڭ ھەممىنى خەجلەپ بوپتىمەن ئانامدىن باشلاپ كىچىك ئىنىلىرىمگىچە كىيىم ئاپتىمەن.كەچتە مىۋە –چىۋە ۋە سىتىۋالغان نەرسىلەرنى ئىنىم بىلەن ئاران كۆتۈرۈپ ئۆيگە كەلدىم.كىچە يىتىش ئالدىدا يىنىمدا1يۈەن نەچچە مو قالغانلىغى ماڭا باشقىچە تۇيۇلدى،ئەمما ھىساپ توغرا ھەممىنى مەن خەجلىگەن، بىر تىيىننىمۇ يوقىتىۋەتمىگەن ئىدىم.شۇ كۈنى مەن تۇنجى قىتىم، پۇلنى بىرنى تىپىپ بىرنى خەجلەش ئەمەس،ئۆزىمىزگە ئىلىپ قىلىپ خەجلەشنىڭ تولىمۇ زۆرۆرلىگى توغرىسىدا بىر كىچە ئاچچىق تولغۇنۇپ ئويلانغان ئىدىم...

بۇ ماتىرىيالىمنى ئامال بار ئىخچام يىزىشقا شۈنچە تىرىشقان بولساممۇ ، ئەمما بۇ يەنىلا ئۇزۇن بولوپ كەتتى.شۇڭا دەرھال توختۇتۇشقا مەجبۇرمەن،چۈنكى تورداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى تاقەتسىز بولوپ، قىسقا ئەسەرلەرنى ئوقوشنى ياخشى كۆرىدىغانلىغىنى،گەرچە مەزمۇنلۇق بولسىمۇ سەللا ئۇزۇراپ كەتكەن ماتىرىيالنى ئوقوپ تۈگۈتىشكە تاقەت قىلالمايدىغانلىغىنى بىلىمەن.ھەم مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ تۇنجى قىتىملىق بىر يازمام بىلەنلا، ئۆزۆم دىمەكچى بولغان بارلىق كۆڭۆل سۆزلىرىمنى تۆكەلىشىم ناتايىن.

خەيىر،ئاللاھ ئىگىمىز ھەممىڭلارغا ئاسانچىلىق بەرسۇن.
 

 

 

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...

ھەر كىم ئۆز تەقد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3311
يازما سانى: 708
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11205
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 1168 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2011-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-6 03:15:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپ تۇ   رەخمەت

مىسرانىم ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

سەۋېر.ىچان بۇلۇڭ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5718
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8150
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2010-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-6 03:16:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇييۇۇۇۇۇۇۇۇ [s:40] قولڭىزغا.دەرت.يەتمىسۇن. [s:36] ئادەمنى.ئويغاسالغۇدەك تىما،ئكەن بۇ       [s:42] رەھمەت...يەنمۇ.پايدىلق يازمىلانى يولاپ تۇرۇارسىز قىرىندىشىم

ئوتمىۇ شۇمدىكى ئېشلار.بىر ئومۇر ئەسلىشىمگە يىتىپ ئاشدۇ.ئەمما.ھىجابىمنىڭ يۇزنى توكۋاتقانلارغا ئېىچنىمەن
باھار يا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-6 03:17:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

اللاھ بىر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4042
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7972
تۆھپە نۇمۇرى: 487
توردا: 2149 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2013-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-6 03:17:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي-ۋۇي،قانچىلىك ۋاقىتتا يېزىپ بولدىڭىز بۇ تۇنجى يازمىڭىزنى؟بەك ئۇزۇن بولسىمۇ لىكىن ياخشى تېما ئىكەن.ھارمىغايسىز.ئەجرىڭىزگە رەھمەت

مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3723
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11295
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1551 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-6 03:28:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن كىشىلەر  پۇل  بەخىت  ئەمەس  دەپ  قارىشىدۇ  ، بۇ پۇل تاپالمايدىغانلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشتىكى باھانىسى. بۇلۇپمۇ  بۈگۈنكىدەك دەۋىردە  ئادەمدەك  ياشاش  ئۈچۈن  پۇل  كىرەك  .
بايلىقنى  مۇھىملىقىنى  تۇنۇپ  يەتكەن  ئەقىللىق  ئاتا  ـ  بوۋىللىرىمىز  ،
گاچا  بولسىمۇ  باينىڭ  بالسى  سۆزلىسۇن  ،
پۇلى  بارنىڭ  گىپى  ئوڭ ،  پۇلى  يوقنىڭ  گىپى  توڭ  ،  دىگەن  ماقالىگە  يىغىنچاقلاپ  بىزگە  مىراس  قالدۇرغان .

قۇياش   ھەر  كۈنى    غەرىبتىن  چىقىپ ، شەرىققە پاتىدۇ .

ئۇيغۇر  ئۇيغۇرۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3805
يازما سانى: 1092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14428
تۆھپە نۇمۇرى: 1065
توردا: 2169 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2013-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-6 04:03:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىسكەن تېمىڭىزجۇمۇ ئاداش~~!

ئۇيغۇر  ئۇيغۇرۇڭنى قەدىرلە~~~~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 1894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12374
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2712 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-6 04:24:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز ، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ تېمىڭىزغا رەھمەت .

سەلتەنەت سۈر ئەي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1305
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16139
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 574 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-6 04:47:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئادەم ئويلىنىپ باقسا بولغۇدەك

بىنا سالدىم،كۈن نۇرىنى توستى،شامال كىرسۇن دەپ دەرىزە ئاچتىم پاشا-چىۋىن كىردى.

ھەقىقىي يىغا كۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4824
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17712
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2011-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-6 04:49:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى يازمىڭىزنى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىرىپسىز ! تىخىمۇ تىرىشىپ بۇندىن كىيىنكى يازمىڭىزنى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى چىقىرىڭ !  [s:49]

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولغان بىلەن كىيىكنىڭمۇ خۇداسى بار !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش