مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1697|ئىنكاس: 34

سايىماخۇن بولامدۇق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35955
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7102 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 12:46:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال دەپ ئۆتۈش لازىمكى بۇبىر چاقچاق خالاس.  قىز-ئاياللار خاپا بولمىغايسىلەر. ئانىلار ھەم كەلگۈسىدىكى ئانا بولغۇچىلار ئەڭ ھۆرمەتلىنشكە لايىق ئىنسانلاردۇر.
بىر كىتابتا مۇنداق بىر ھەزىل باركەن، بىرەيلەن<<خوتۇن ئالدىڭ، ئۆشنەڭگە بىر باغلام ئوتۇن ئالدىڭ>> دېگەن تەمسىلگەقىزىقارلىق قىلىپ<< ھېرىپ قالساڭ شۇ ئوتۇندا ئولتۇرۇپ ئارام ئالساڭ بولىدۇ>> دەپتىكەن.  ئەلۋەتتە بۇمۇ بىر چاقچاق.

ئاشكارنىڭ توي قىلىش ھەققىدىكى تېمىسنى كۈرۈپ ئىلھام تۇتتى دەڭلا، شۇنىڭ بىلەن غاچ-غۇچ يېزىپ سالدىم.
توي قىلىش دېمەكلىك يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ئۆزىنىڭ پىشىپ-يىتىلگەنلىكنى ھىس قىلىش ياكى پىشىپ-يىتىلىشكە يەنە بىر چوڭ قەدەم تاشلاش دېمەكلىكتۇر. ئائىلە ناھايتى ئىللىق بىر ماكان( مىھىر-مۇھەببەتكە تويۇنغان بولسا). ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ -يىتىلىپ توي قىلىپ، پەرزەنتلىك بولۇپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگىننى كۆرسە ھاردۇقى چىقىدۇ. نەۋرلىرنىىڭ قىيا-چىياسىدىن ھۇزۈرلىنىپ ھەربىر نامىزىدا ئۇلارغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ياراتقۇچىغا ھەمدۇ-سانا ئوقۇيدۇ. ئاشكارنىڭ ھەمدە يەنە بىر توردىشىمىزنىڭ ئاتا-ئانسى دەل مۇشۇ خوشاللىق مىنۇتلارنى ھېرىپ-چارچاش ئىچىدە خوشاللىق بىلەن كۈتىۋاتىدۇ ئەلۋەتتە.

ئەمدى چاقچاق باشلايمىز.
مۇلايىم  تارتىنچاق قىزلار تويدىن كىيىن تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ، زور نىسبەتتىكى ئەقلىنى ئەرلىرىنى باشقۇرۇشقا قارىتىدۇ. ئەرلەر بۇ ۋاقىتتا ماۋۇ ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار. سايىماخۇن بولامدۇق يوق، ئۆزىمىزىگە باغلىق. ( چاقچاق ھە تۆۋەندىكىلەر).

1.  توي قىلىپ ھەپتىدىن كېيىن ئاياللار دەيدۇلەركى:-ۋايجان ( نازلىنىپ تۇرۇپ دەيدۇ-دە) بۈگۈن سىز چاي دەملەڭە، مېنىڭ ھىچ مىجەزىم يوق جېنىم...
ئەرلەر دەرھال ماقۇل دەپ يۈ گۈرۈپ كەتمەڭ، بۇ تۇنجى تۇزاق جۇمۇ، دېمەك شۇ چاي دەملەش سىزنىڭ قازان بېشىغا مېڭىشتىكى تۇنجى قەدىمىڭىز،. مۇنداق دەڭ:
- چاينى قانداق دەملەيدۇ؟ سوغۇق سۇ بىلەن نان يەيلىچۇ!؟
ئەگەر يۈز كېلەلمەي قالىسڭىز چاي دەملىگىچە بىرەر تال پىيالە قولىڭىزدىن چۈشۈپ كەتسىمۇ بولىدۇ.( چىقىم شۇ).

2. تاماق ئەتكەندە ئايال شۇنداق دەيدۇلەركى:- ماۋۇ سەينى بىر قورىغاچ تۇرىڭە!
ئەر:_ نىمىدە قوريىدۇ سەينى؟
ئايال:- ئەلۋەتتە چۈمۈچتە دە.
ئەر- چۈمۈچ دېگەن نىمە؟ تونۇمايدىكەنمەن. ھىھىھى (دىققەت قىلىڭكى قورۇپلا قالسىڭىز پەشتاما سىزگە ئۆتۈپ كېتىدىغانغا چوڭ قەدەم ئالغان بولسىز. قورۇپ بېرەي دېسىڭىز ئايالىڭىزنى چىقىرۋىتىپ قورۇڭ، بىراق ھەممە سەي كۈيۈپ كەتسۇن ھەم ناھايتى تۇزلۇق بولسۇن.)

3. ئۆيگە قېيانىڭىز كەلدى، دېققەت، ئايالىڭىز دەيدۇلەركى،- قۇپۇڭ ئانامغا كۆرپە سېلىڭ!
ئەر:-  كۆرپە، ھە!- سىز  تۇنۈگۈن ئاپام كەلگەندە تاپالمىغانتىڭىزغۇ؟ مەنمۇ تاپالماي قالارمەنمۇ.( كۆرپە كىچىككىنە نەرسە ئەمەسمۇ.
قېينانا يەنە كەلدى.
ئەر بولغۇچى ئايالىغا ئۇ قىلالمايدىغان تاماقنى ئېتىشكە بۇيرىسۇن. مەسلەن:
-خوتۇن گۆشنان ئىتىڭلار، ئاپام ئاران كەلگەندە.
-ئىتەلمىسەم، بىلىپ تۇرۇپ دەيدىكىنا.
_ نىمىشقا ئىتەلمەيسىلەر؟ ئايال كىشى تۇرۇپ( يۇقىرراق تەلەپپۇزدا) .
-ئۆگەنمەپتىكەن!
-كىمۇ ئۆگەتمىگەن( كىم بولماقچى، خۇپسەنلىكتە بۇ)
4. ئايالىڭىز كىر يۇيغاندا:- مانى سىقىپ بېرىڭە، ( ماقۇل دەڭ، بىراق ئايالىڭىز يەنە بىر ئۈچىنى تۇتسۇن. سىز ئايالىڭىز بىلەن ئوخشاش يۈنىلىشتە تولغاپ سىقىڭ)، ئاپىڭىز سىزنىڭ پارقىراپ تۇرىغان سۈپۇن ھىدى قولىڭىزنى كۈرۈپ قالمىغاي، پۇراپ قالمىغاي.
5. باللىق بولغاندا( ئاللاھ سالىھ پەرزەنىت نېسىپ قىلغاي).
ئايال:- بالىنى كۈتۈرۈپ تۇرسىڭىزچۇ؟ كۈتۈرمەي بولامدۇ يۈرەك پارىمىزنى( كۈتۈرۈڭدە قولڭىزنى بوۋىقىزڭنىڭ ئىغىغا تەككۈزۈڭ، بوۋاق بارمىقىڭىزنى شورىشى بىلەنلا( ھەممە بوۋاق شورايدىغۇ):
-قاراڭ ئەمگۈسى كەپتۇ، قورسىقى بەك ئېچىپ كىتپتۇ، ئېمىتىڭە، ئالىدۇ ئامال يوق ،بىزدە بولمىسا مەمەم
6. ئىككى باللىق بولغاندا:
ئايال؛- ۋاي بىر سىز تاماق قىلسىڭىزچۇ، مەن بالا بېقىپ ھېرىپ ئۆلەي دېدىم( راسىت دەيدۇ).
ئەر:- ماقۇل ، مەن ئىتەي بىراق سىز كېيىن بالىمىزنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئوغلىمىزنى قازان بېشىدا كۈرۈشنى خالامسىز؟
ئايال:- نىمە دەيدۇ، مەنچۇ بالامنى ئوغۇل دەپ باققان ئايالى نىمە قىلىدۇ تاماق قىلماي.
ئەر:- شۇ، شۇ. مەنمۇ شۇنى دېمەكچى(سېسىق گەپ ماۋۇ) ساق ئايال بولمىسا ئىتتتىك چۈشەنمەيدۇ.
( ھەر قانداق ئايال ئېرىگە تاماق قىلغۇزۇشقا ئامراق بولغان بىلەن، ئوغلىنىڭ قازان بېشىدا قوللىرى خېمىر يوقى پەشتاما تارتقان ھالىتىنى كۈرۈشنى خالىمايدۇ).

شۇنداق قىلىپ چاقچاق قىلىپ قويدۇم-ھە! بارلىق ئائىلىلەر ئىناق، شات -خورام ئۆتكەيسىلەر. ئاتا-ئاناڭلارنى قەدىرلەپ، بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ،  ئۆمرۈڭلار يار بەرسە پەرزەنتىڭلارنى بىللە بېقىپ قاتارغا قوشقايسىلەر. ئەرلەمۇ ئائىلە ئىشلرىغا ياردەملىشىپ بېرىڭلار، ئاياللارنىڭ يۈكى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر .
ئولۇغ ئاللاھدىن ھەممە ئائىلىلەرگە بەخىت ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن.
ئاشكارنىڭ تېمىسىغا ئىنكاس يېزىپ قازان بېشىدىن نېرى تۇرۇڭ،- دەپ قويىۋىدىم. دېمەكچى مېھرىبان بولسۇن<< سايىماخۇن>> بولمىسۇندە! ھاھاھا
ئاخىرىدا بارلىق قىز-ئاياللارغا، مېھرىبان ئاتا-ئانىلارغا چەكسىز ھۆرمىتمنى بىلدۈرىمەن.

مەنبە:  مەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-15 02:17 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-15 07:08 PM):
بوۋاقنىڭ ئېغزىغا دېمەكچى ئىدىم، باشقۇرغۇچىلار  تەھىرىرلەپ قويساڭلار.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-15 07:21 PM):
ئىملا خاتالىقى جىقراق تۇرىدۇ، كەچۈرۈڭلار.

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mosajan0997 + 35 دەلىللەر يېتەرلىك
gorki + 30 ماختاشقا تېگىشلىك
ياۋۇز + 300 دەھشەت كۈلۈپتىمەن لىك.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 365   باھا خاتىرىسى

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

كۈتكەن كۈنلەر ، كەلگەندەك ئەمە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25644
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8088
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 6583 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 06:59:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا اللا ، ماۋۇ ئەرلەرگە رەسمى پايدىلىق ھۈنەركەن جۇما،،،،،،،،،،،،

ئالقىنىڭنى  كەڭ ياي ، ئۇنىڭدىن تۆكۈلگەن رەھمەت نۇرلىرى ، سىېنىمۇ ، باشقىلارنىمۇ خۇش قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81380
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3903
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2012-6-10
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 07:14:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سايماخۇنلار كۆرسە بولغىدەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81380
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3903
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2012-6-10
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 07:14:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سايماخۇنلار كۆرسە بولغىدەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32675
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 411 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 07:14:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاللىڭىز بەك ئىشلەپ قۇيىدىكەن دېسە!؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45093
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 102
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 07:32:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلۈپ بولالماي قورسىقىم  ئاغرىپ كەتتى  دىسە،رەھمەت  كۈلكە ئاتا   قىلغىنىڭىزغا.

ھە  راس  ،  سىز بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغانسىزھە؟!~~~(چاقچاق قىلىپ قويدۇم ھە مەندىن چوڭ بولسىڭىزمۇ.)

ھىجرانىم تامچىلاپ ئاخىر بولدى كۆل،
ياشلىق مەۋسۇمى ئۇ توزۇغان بىر گۈل.

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35955
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7102 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 07:33:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yawa-xir يوللىغان ۋاقتى  2012-6-15 07:32 PM
كۈلۈپ بولالماي قورسىقىم  ئاغرىپ كەتتى  دىسە،رەھمەت  كۈ ...

سناقتىن ئۆتكەن رېتىسىپ دەيمەن. ھاھاھاھ

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1987
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19149
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7469 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 07:38:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاي دەملەش ئۇسسىغان ئادەمنىڭ ئىشى ئۇنداق كىچىك ئىشلارنى زىغىرلاشمۇ ئەركىشىنىڭ ئىشى ئەمەس ، ئايالى ئاغرەپ قىلىپ ، تاماق ئىتەلىگەن ئەركىشى ھەقىقىي ئەركىشى .  شەرىتتە تاماقنى سەن ئەتسەڭ گۇناھ ، ئايالىڭ ئەتىمىسە بولمايدۇ دەيدىغان گەپ يوق . تۇرمۇش مىھرى مۇھەببەتتىنلا ئەمەس ، بىر - بىرسىنى ھۆرمەت قىلىشتىن كىلىدۇ .

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72332
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 09:01:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-15 07:38 PM
چاي دەملەش ئۇسسىغان ئادەمنىڭ ئىشى ئۇنداق كىچىك ئىشلار ...

گىپىڭىز ناھايىتى توغرا! ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھەرقانداق ئىشىغا ياردەم قىلسا بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ھەم سۈننەت لىكىن ھىچقاچان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرىغا ياردەملىشىپ تاماق ئىتىپ بەرگەنلىكى ھەققىدە ھىچقانداق ھەدىس يوق. ئەمدى ئايال ئاغرىپ قالغان بولسا ئۇنىڭ ھۆكىمىنى بىلمەيمەن، لىكىن ئايالىم ئاغرىپ قالدى دەپ تاماق ئىتىپ بىرىدىغان بولساق ئۇ چاغدا ئايالىمىز پات-پات ئاغرىپ قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى راھەت-پاراغەت ئىزدەش ھەرقانداق بىر ئايالنىڭ تەبىئىتى، شۇڭا ئاياللار مەسىلىسىدە ئەرلەر مۇتلەق ئادىل بولۇشى كىرەك يەنى بەك سەخسىيەتچى بولمىغىنىمىزغا ئوخشاش بەك خوتۇنپەرۋەر بولۇپ كەتمەسلىكىمىزمۇ كىرەك. بۇ ھەر ئىككەيلەن ئۈچۈن ياخشىدۇر!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mosajan0997 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مۆئمىن كىشى ئۈچۈن ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9169
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1650 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 09:54:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان قىززىقكەن ......بەزى تەرەپلەرنى ئايالىدىن قورقىدىغان ئەرلىرىمىز بۇلۇپمۇ يېڭى توي قىلغان ئەرلەر پايدىلانسا بولغۇدەك!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش