مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2386|ئىنكاس: 40

مىسران باشلىقنىڭ غەزىپى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3425
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27262
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8323 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 01:18:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈنۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ ماڭاي،دەپ تۇرسام باشلىق مىسران: مەلىكە،توختىڭە،دەيدىغان گەپ بار،-دەيدۇ،نىمە گەپتۇ؟، دەپ كەينىمگە يىنىپ ياندىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم.بىر چاغدا قارىسام مىسراننىڭ قاپاقلىرى تۈرۈك،چىرايىدىن مۇز يىغىپ ماڭا قادىلىپ تۇرۇپتۇ،قورقۇپ كىتىپ باشقا ياققا قاراپ،:
__بىرەر ئىش بولدىمۇ؟_دەپ سورىدىم،مىسران باشلىق ئاچچىغلانغىنىچە:
__ماڭا قاراڭ مەلىكە،بۇ مىسرانىم ئىدارىسىدا سىزگە ئوخشاش ئىشلەيدىغان خىزمەتچىدىن نەچچىسى بار،ھىممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ،سىز نىمىشقا ھە دىسىلا باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپ،كەينىدىن گەپ تىپىپلا يۇرىيسىز؟-دەيدۇ.
ھەيران قالدىم،ۋاي توۋا،ما باشلىققا بۈگۈن نىمە بولغاندۇ؟قاراپ تۇرۇپ ماڭا تۆھمەت قىلىۋاتىدۇيا؟مەن كىمنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپتىمەن؟يەنە تىخى گەپ تىپىپ يۇرۇپسىز دەيدىيا؟ بىلدىم،شۇنىڭغا قارىغاندا باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ يازغان ماقالىسىگە ئىنكاس_پىنكاسلارنى يىزىپ قويسام ئىغىر كىلىپ چاققان ئوخشىمامدۇ؟

__مەن نەدە باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپتىمەن؟كىمگە گەپ تىپىپتىمەن؟ئادەمگە ئۇنداق قارا چاپلىماڭ،مىنىڭ خەقنىڭ ئىشى بىلەن ئەزەلدىن كارىم يوق،__مەنمۇ ئىتراپ قىلماي تۇمشۇقۇمنى ئۇچلىدىم،مىسران بولسا قاپاقلىرىنى تىخىمۇ چىڭ تۇرۇپ پىشانىسىدە ئەگرى-بۈگرى سىزىقلارنى چىقاردى:
__يالغان سۆزلىمەڭ،قايسى كۈنى مىنىڭ ئۈستۈمدىن ئىغىۋا تارقىتىپ:مىسراننىڭ ئايالى قىسقا يوپكا كىيۋىلىپ ئىتىلىپ كەتكىلى تاس قاپتۇ،دەپ يۇرۇپسىز، بوپتۇ دىسەم، شاتئاينىڭ ساتىراش ۋاقتىدىكى قىلغان ئەخمەقلىقىنىمۇ سۆرەپ چىقىپسىز،شاتئاي قايسى كۈنى كىرىپ سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن بىر پارچە پاش قىلىش خىتى يىزىپ چىقىپ كەتتى،يەنە بوپتۇ،ئوڭشىلىپ قالار دىدىم،قارىسام سىز تىخىمۇ ھەددىڭىزدىن ئىشىپ پىشقەدەم كادىرلىرىمىز توغرۇل ئاكا بىلەن مۇسلىنە ھەدىنىڭ دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇلارغا قىلغان تاققا-تۇققا گەپ سۆزلىرىنىمۇ يۇمۇر قىلىپ ھەممە كىشىگە دەپ يۇرۇپسىز،ئەمدى سىز دىمىگەن شۇلار قالدىما؟نىمىشقا ئاغزىڭىزنى يۇمۇپ يۇرمەيسىز؟
ئاچچىغىم غۇژژىدە تۇتتى:
__باشلىق،ئەمدى گەپ قىلساقمۇ سىلىنىڭ ئاغزىلىرىغا قارايدىغان گەپمۇ؟مانداق ئەركىن پىكىر يۇرگۈزىدىغان ھوقۇقىمىز بارغۇ؟
ئىچىمدە بولسا مىنى چاققانلارغا ھەدەپ ئۆچلۈكۈم كىلەتتى،خەپ،دەيتىم ئىچىمدە،ئاشۇنچىلىك گىپىمنى كۆتۈرەلمەي ئۇدۇل باشلىققا چاققىنىنى،ما باشلىقنىڭمۇ مەندىن ئالالمايۋاتقان ئۆچى بار ئوخشايدۇ،بىرىنجى بولۇپ ئايالىمنى ئىتىلىپ كىتىدۇ،دەپ گەپ تىپىپسىز دەۋاتقىنىنى،يالغانمىدى؟مەنمۇ ئۇنى شۇ سورۇندىكى دوستىدىن ئاڭلىغاچقا دىدىم،بولمىسا مەن نەدىن بىلىمەن؟ مىسران يەنە ۋارقىراپ كەتتى:

__گەپ يوغانغۇ مەلىكە؟ئۇنداق بولسا كەپسىز قىزنى نىمىشقا گەپ ئاڭلىمايدىكەن ،كەپسىزكەن ،دەپ يۇرىسىز؟نىمە ئىش قىلسا نىمە چاتىقىڭىز؟كەپسىز بولسۇن،شوخ بولسۇن دەپ كەپسىز قىز،دەپ ئىسىم قويغان،قايسقى كۈنى دىلسىرىنى تىخى ئىسمىڭىز نىمىشقا دىسىرى؟دىمەك سىز خەقنىڭ دىلىدىكى سىرنى بىلىپ يۇرۇيدىكەنسىزدە؟دەپ بىقىڭە؟مىنىڭ دىلىمدا قانداق سىر باركەن،دەپ كۆزىگە كىرىۋاپسىز،شۇمۇ گەپمۇ ئەمدى،دىلسىرى سىزنىڭ دىلىڭىزدىكى سىرنى تاپمايدۇ،ئۆزىگە لايىق ئادىمى بار سىرىنى تاپىدىغان...

مەن بەكلا ئۇۋالچىلىق ھىس قىلىۋاتاتتىم،توۋا ماۋۇلارنى،گەپ قىلسام بىر ئوبدان گىپىمگە چاقچاقلىرىمغا كۈلۈپ بىرىدۇ،كەينىمدىن كىلىپ مىنى باشلىققا چاقىدۇ،دەپ ھەجەپ ئۇيلىماپتىمەن؟توۋا،،،ما باشلىق نىمانچە قىلىپ كىتىدىغاندۇ؟يا ئىدارەمدە قالايمىقانچىلىق سىلىپ قويمىسۇن،دىدىمۇ يە؟خىزمەتنى جان كۆيدۇرۇپ ئىشلەپ،دەم ئىلىش ئارلىقىدا قىلىپ قويغان گەپدانلىقىمنىڭ قازاسىنى كۆرۇۋاتامدىم نىمە؟
__باشلىق بۇ دىگەن شەخسى پاراڭ،سىز نىمىشقا ئارلىشىپ يۇرىيسىز؟مەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئالغانلىقىنى نەدىن بىلەي؟لىكىن خىزمىتىمنى بىر ئوبدان ئىشلەۋەتىمەنغۇ؟خىزمەتكە تەسىر كۆرسەتمىگەندىمەن؟
__خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىپ كىرىشى خىزمەتكە تەسىر كۆرسەتكەنلىك بولماي نىمە؟
تاڭنۇرى قوشاق يازسا كەينىدىن قىتىلىۋالدىكەنسىز،قايسى كۈنىمۇ ئىزباسار بىلەن تۇتۇشۇپ قىلىپ قوشاققا قىتىپ خىجىل قىلىۋىتىپسىز،زۇلپىقار كىلىپ ئۇنداق قىلماڭ مەلىكە،دىسە ئۇنىمۇ خىجىل قىلىپسىز،نىمىشقا ئۇنداق قىلىسىز؟تىما يوللىغان سامانىنىمۇ بوش قويىۋەتمەپسىز، يەنە بەك جىق خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭمۇ سىزگە نارازىلىقى بار ئىكەن ،مۇسۇلارنىڭ ئۆزى خىزمەتكە تەسىر كۆرسەتكەنلىك بولماي نىمە؟بۇ سىزنىڭ تەشكىلنى كۆزگە ئىلمىغىنىڭىز بولماي نىمە؟
__ئەمىسە مىنى نىمە قىلسۇن دىمەكچى؟
باشلىق مىسران بىشىمدىن ئايىغىمغا قاراپ قويۇپ ئۈستىلى ئۈستىگە قويۇلغان چايدىن بىر ئوتلاپ قويۇپ سالماق ۋەزمىنلىك قىلىپ:
__سىز ئىشتىن بوشتىلدىڭىز،باشقا يەردىن ئىش تىپىڭ!،_دەيدۇ،ئەمدى غەزىپىم ئىشىپ كەتتى،چىشلىرىم ئاچچىغدىن كىرىشىپ كىتىۋاتاتتى،ئورنۇمدىن لىككدە تۇردۇم،باشلىق بولسا ماڭا قاراپ سەل چۆچۈپ قالدىمۇ،كۆزلىرىنى يوغان ئىچىپ ،نىمە قىلماقچى؟دىگەندەك قاراپ قويدى.
__ماقۇل،مىنى ئىش تاپالمايدۇ دەپ قالدىڭىزما ؟بولدى بۇنداق خىزمەتنى مىنىڭمۇ ئىشلىگۈم كەلمىگەن،كۈندە قىلدىغان ئىشىم يىڭى كەلگەن خىزمەتچى ئەزالارنى قارشى ئىلىپ،بىرەرسى تىما يوللىسا ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ئىنكاس يىزىپ،كۆڭلى يىرىم بولغانلارغا تەسەللىي بىرىپ،مەسلىھەت سورىغانلارغا تىگىشلىك مەسلىھەت بىرىپ كۈننى كەچ قىلىپ قايتىمەن،ئىككى ئىغىز خىزمەتداشلىرىمغا چاقچاق قىلىپ قويسام نىمە بوپتۇ؟تىرىكتۇرۇپ قويسام نىمە بوپتۇ؟شۇنىمۇ كۆتۈرەلمىگەن بولسا بوپتۇ مەن ماڭاي.
غەزەپتىن يىرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ ئىشخانەمگە كىردىم،يىغىشتۇردىغان نەرسىنى يىغىشتۇرۋاتاتتىم،خەپ دەيتتىم ئىچىمدە،بۇ ئىدارىغا كىلىپ شۇنچە ئىشلىسەممۇ ئاخىرى خىزمەتداشلىرىمغا ياخشى بولالماپتىمەن،مىسران باشلىقنىڭ كۆزى ئادەم تۇنۇيدىغۇ،دەپ يۇرسەم قىلىپ قويغان چاقچىقىمنى كۆتۈرەلمەي،ئارانلا تۇرۇپتىكەن ئىشتىن بوشاتقىلى،ياىشى بولۇپ ياخشى بولالمىغاندىن كىيىن بىراقلا يامان بولاي،يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىگۈچە يەپ تۇرۇپ تۆلەي دەپ ئويلىدىم،كەچتە ئۆيگە قايتىپلا گىزىتكە خەۋەردىن بىرنى يىزىپ تاپشۇرماقچى بولدۇم:
مىسران باشلىق خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى خالىغانچە ئىشتىن بوشاتقان،ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىستاژىنى خالىغانچە سىتىۋەتكەن،خىزمەتتىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ خىزمەتچىلەرگە ئىشتىن سىر ماقالە،تىمىلارنى يىزىشقا بۇيرىغان،ئۆلچەمگە توشىدىغان ياخشى يىزىلغان ئەسەرلەرنى بولسا تەستىقلىماي يىقىن جىيەنلىرىگە قالدۇرۇپ،كىيىنچە يىغىۋىلىنغان شۇ ئەسەرلەردىن بىر كىتاب ئىشلىمەكچى بولغان.كەڭ ئالاقىدار ئاممىنىڭ.ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇپ خۇددى مەلىكىگە ئوخشاش ناھەقچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
پاھ،بۇ خەۋىرىمنى ئوقۇغان ھەر بىر كىشى بۇنىڭغا ئىشەنمەي قالمايدۇ.ھى..ھى..ھى...ئەجەپ ياخشى،مىنى ئىشتىن بوشاتقاندىن كىيىن مەنمۇ مۇشۇنداق قىلىپ ئۆچۈمنى ئالاي..
ئەتىسى ئەتىگەندە گىزىتخانىغا بىرىپ يازغان نەرسەمنى تاپشۇردۇم.چۈشتىن كىيىنكى گىزىتتە يوغان ماۋزۇلۇق قىلىپ<<مىسران باشلىق ئادالەتسىز ئىكەن>>ناملىق سەۋھەرلىك ماقالە بىسىلىپ مەن يازغان مەزمۇنلار ماۋزۇنىڭ ئاستىدا مەغرۇر تاشلىنىپ تۇرۇپتۇ.مەن يىنىك تەن ئالغاندەك بولدۇم،ئەمدى غەلبەمنى كۆرسەملا تۈگەيتتى،ئىككى كۈندىن كىيىن يەنە بىر خەۋەر گىزىتكە بىسىلدى،مەزمۇنى مىسران باشلىقنىڭ خىزمىتى يۆتكىلىپ يىزىغا چۈشۈرۋەتكەنلىكى،ئورنىغا يىڭى باشلىقنىڭ كىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئىدى.....[s:12]

قىزىقچىلىق بولسۇن دەپ قەلىمىمنى ئىختىيارىغا قويىۋىتىپ بۇ تىمىنى يىزىپ چىقتىم،ئازراق بولسىمۇ سىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن جۇمۇ؟[s:12]

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580068
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 01:48:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:12]  [s:12]  [s:12]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29073
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2072 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 01:48:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ... ئەجەپ قاملاشتۇرىپسىز مەلىكە.....
ھە مىنىڭ كەينىمدىنمۇ گەپ تاپقانما تىخى .... ئەدىپىڭىزنى بىر بەرمەيدىغان بولسام .... [s:12]  [s:12]  [s:12]

دىلنىڭ سىر دىشى -

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 3084
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13078
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 01:49:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاداش سىلىنىڭ سىر لىرىڭلارنى مەن ئوغۇلاپ بولدۇم ھە .ھۇنەر جىق تە

1›مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .
2›ئەمدى تىرىشمىسام نەپىرەتتىن ئۆلۈپ كىتىشىم مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1165
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8631
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2010-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 01:51:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:12]  [s:12]  [s:12]  [s:11]  قىززىق

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3425
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27262
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8323 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 01:53:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يائاللا ،مىسرانىمدىكىلەر ،كۆردۈڭلارمۇ ماۋۇ ئادالەتسىزلىكنى ؟ئەمدى مىسران مىنى تۈرمىگە سولايدىكەن،ئىشقىلىپ مىسران،بار ئىشنى مىسرانىمدىكىلەر كۆرۇپ تۇردى،ھەممە ئىشقا شۇلار باھا بەرسۇن [s:12]  [s:12]

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 955
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6831
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 01:55:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۆزنى بىل ،ئۆزگىنى قوي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 742
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27422
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 02:00:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1(Misran)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ھەي مىسرانكا ! سىزنى خەت يىزىشنى بىلمەيدۇ ،شۇڭا مۇنبەردە ئازگەپ قىل دىكەن دىسەم ئەسلى چاقچاخ  قىلىشنىڭ قاتىلى كەنسىز دە  ،شۇڭا ئاسانلىقچە گەپ قىلمايدىكەنسىزدە...  [s:13]

دوستۇم ئېسڭىزدە بولسۇن ، سىز رىئاللىق دۇنياسىدا ......

ئەلھەمدۇلللا......

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 233
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8914
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2010-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 02:03:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم تۈرمىسىنىڭ ئىشىكى نەگە قارايدۇ.............. [s:13]

ئـاق ئـاتـلـىـق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 993
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14413
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 756 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 02:17:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا...
تېخى مۇنداقمۇ ھۈنەرلەر بار دەيلى مەلىكە خان...
يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا بايكەنسىز ...
چۈشلۈك، جۈمەلىك كۈلكىڭىزگە تەشەككۈر...

ئـادەم خـوشـال بـولىۋەرمەس كـۈلسىلا، خـوشـاللىققـا بـەلـگـە ئەمەس كۈلكىلا. ئـويـلىمىغىن غەملا كۆرسەڭ قايغۇ دەپ، ياشاش دىگەن ئاسان ئەمەس ئۇنـچىلا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش