|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق قېرىنداشلار!
يېتىپ كىلىۋاتقان ئۇلۇغ رامىزان ئايلىرىنىڭ بەرىكىتى ھەممىڭلارغا بولسۇن!
يېقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزگە يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىرگەنلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ۋە كونا-يېڭى باشقۇرغۇچى-ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ مۇنبىرىمىز ئاز بولمىغان شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ تېز سۈرئەتتە ئىلگىرلەۋاتىدۇ.تېما يوللاش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشى ناھايىتى ياخشى بولغان، ئەھمىيەتلىك تېمىلاردىن ھەممەيلەننى خەۋەردار قىلىپ ئېھىتىياجىمىزنى قاندۇرۇپ كىلىۋاتقان شۇ پەيتتە يەنە بىر مەسىلە ئېغىرلاشماقتا،ئۇ بولسىمۇ ئىنكاس سۇسلىقى،ئىنكاس ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى....ياخشى،ئەھمىيەتلىك تېمىلارنىڭ كۆرۈلۈش نىسپىتى تۆۋەنلەپ بىرەر ئىنكاسمۇ يىزىلماستىنلا ئارقا بەتكە ئۆتۈپ كىتىۋاتىدۇ...
شۇڭا مۇنبەرداش،قېرىنداشلاردىن ئۈتۈنىدىغىنىم:تېمىلا يوللاپ،باشقىلارنىڭ تېمىسىغا ئىنكاس يازماسلىقتىن ساقلانساق.
كۈچۈرۈلمە، چاپلانما تېمىلارنى زور كۆلەمدە تۆكمە قىلىپ باشقىلارنىڭ ھەزىم قىلىپ بولالماسلىقىدىن ساقلانساق.
ۋاقىت ۋە كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن يوللىغان ئەھمىيەتلىك تېمىلىرىغا ئىنكاسىمىزنى،تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرسەك.
مۇنازىرە تېمىلىرى بولغانكەن چوقۇم ئۆز كۆز-قاراشلىرىمىزنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئىلمىي،سالماق،قايىل قىلارلىق مۇنازىرە مۇھىتى بەرپا قىلساق.مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ ئىنكاسسىز قېلىشى يوللىغۇچىنى تولىمۇ ئۈمىتسىزلەندۈرىدۇ.
ئىنكاس يوللىدۇق،يازما سانىمىز ۋە تۆھپىمىزنى ئاشۇردۇق دەپلا ئەھمىيەتسىز سۆزلەرنى،قونچاق ئىپادىلەرنى تۆكمە قىلىپ يوللاشتىن،بىر ئىنكاسنى نەچچە تېمىغا چاپلاشتىن نۇمۇس قىلايلى.
مەن ھەر بىر ئىنكاسنى ئۆچۈرگەندە شۇ ئىنكاسنى يوللىغۇچىغا قىسقا ئۇچۇردا سەمىمى تەكلىپ ۋە تەنقىت، ھەتتا ئاگاھلاندۇرۇش بەرسەممۇ بەزىلەر يەنىلا ‹‹ ياخشى يېزىپسىز، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، تېخىمۇ تىرىشىڭ،....›› دىگەندەك پۇچەك، قىلچە ئەھمىيىتى يوق ، بىر قۇرغىمۇ توشمايدىغان، تولا چاينىلىپ مەززىسى قالمىغان سۆزلەرنى ۋە مۇنبەرنىڭ ئاپتۇماتىك سېستىمىسىدىكى قونچاق ئىپادىلەرنى يوللاۋېرىشتىن زېرىكمىدى ۋە قىلچە خىجىللىق ھىس قىلمىدى. لېكىن، بىز باشقۇرغۇچىلار ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق چۈشىنىمىز ۋە ئادا قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭلاشقا قايتا- قايتا ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن قىلچە تەپتارتمىغان ئەزالارنى چەكلەش ۋە مۇنبەر تۈرمىسىگە مۇددەتلىك ياكى مۇددەتسىز تاشلاشنى باشلاشنى بىردەك قارار قىلدۇق. ۋاقىپلانغايسىلەر! مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ھەر-بىر تېما-ئىنكاس ئۇشبۇ سەينادىكى ھەممەيلەننىڭ ئورتاق ساپاسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئۆزىمىز ۋە ئۆز ئائىلىمىزنىڭ ئابرويىنى تۆكۈشتىن،مۇنبەرنى مەشىق دەپتىرىگە ئايلاندۇرۇشتىن، مۇنبەر كەيپىياتى ۋە ئىناقلىققا تەسىر يەتكۈزۈشتىن، مۇنبەر مۇھىتىنى بۇلغاشتىن ساقلىنايلى!
مىسرانىم مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلار كوللىگىيىسى
2012-يىلى7-ئاينىڭ 18-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-19 11:37 AM
|
|
|
|
|
|