مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Aytugh

ئىنكاس يازغۇچىلار سەمىگە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1986
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7406
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1173 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 10:47:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالماس يوللىغان ۋاقتى  2012-7-19 09:36 AM
باشقۇرغۇچىلار سىلەرمۇ دىققەت قىلساڭلار.
مۇشۇنداق رايى ...

دېگىنىڭىز مۇ توغرا.قارىسام بىزدىنمۇ نۇرغۇن خاتالىقلار بار،بولۇپمۇ ئىنكاس يازغان ۋاقىتلاردا كۆپۈنچىمىز بەزىبىر ئىنچىكە مەسىلىلەرگە دىققەت قىلالماي قالىمىز،مەيلى قەستەن يازغان بولسۇن،مەيلى بىلمەي يىزىپ قالغان بولسۇن،بۇتوردىشىمىز دېگەندەك بىر پوزىتسىيىدە بولىشىنى مەنمۇ قوللايمەن.
مەنمۇ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنى دېگىم كېلىۋاتىدۇ،ئالدىنقى كۈنى بىر تىمايوللىغان ئىدىم،سەۋەبىنى بىلمىدىم يوقاپ كەتتى.باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنىمۇ بىلمىدىم،ياكى بولمىسا مەن يازغان تىما مۇنبەرنىڭ ۋە سىلەرنىڭ مەنپەتىڭلىگە تاقىشىپ قالدىمۇ بىلمىدىم ئىزدىرەكسىزلا يوقاپكەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇنبەرنىڭ يەنە بىر كەمچىللىكىنى بايقاپ قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82779
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3043
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-7-12
ئاخىرقى: 2013-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 10:48:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
،لىكىن مەندەك يىڭى قىتىلغان ئەزالا قانداق ئىنكاس يىزىشنى بىلەلمەيلام قالىدىكەنمىز، يازماي دىسە باشقىلا يازغان ئىنكاسقا قاراپ يازغۇسى كىپكىتىدىكەن . يانا تاققا تۇققا ئىنكاس بوپ قاپتۇ دەپ سولىۋەتمەڭلا مىنى. .......
بۇندىن كىيىن دىققەت قىلاي

باشقىلار ھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1854
يازما سانى: 2208
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 314252
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 5511 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 10:52:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرگە دائىم تىما يوللايدىغانلار ئىنكاسنىڭ قەدىرىنى بىلىدۇ  ، شۇنچە جاپا بىلەن يېزىلغان تىمىلارغا نەدىكى  يوق ئىنكاسلارنىڭ يېزىلغىنى كىشىنى بىئارام قىلىدۇ  ،
  سىز ياخشى يېزىپسىز دىمىسىڭىزمۇ  يازغان كىشى ياخشى يازمىسا مۇنبەرگە چىقارمايدۇ  ،  تىرىشىڭ دىمىسىڭىزمۇ  شۇ تىرىشىپ يېزىۋاتىمىز  .  تور يازغۇچىلىرىغا  ئەڭ كىرەكلىك ئىنكاس شۇ يازمىغا بىرىلگەن قۇرۇق باھا بولماستىن   بەلكى  شۇ يازمىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئىنكاس قىلىپ يېزىشتۇر .
   نۇرغۇن تور يازغۇچىلىرى مۇشۇ لاۋزا ئىنكاسلار تۈپەيلى ئوجۇقۇپ كەتتى ، ھەم داۋاملىق كىتىلمەكتە .
   

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Aytugh + 50 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4715
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 11:05:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس يوللىغاندىمۇ تېمىغا قاراپراق يوللايمىز دە ئەگەر تېمىنى تازا چۈشۈنەمىسەك ياكى  نىمە دەپ پىكىر يۈرگۈزۈشنى بىللەمىگەن چاغدا شۇنداق ھېچ بولمىسا ياخشى يېزىپسىز دەپ قۇيۇپ بولسىمۇ چىكىتىىدكەنمىز ئۇنداق دەپ تۇرۇۋالسىڭىز ئىنكاس يازمايلا چىكەتسەك بولغۇدەققۇ


نېمە يېزىشنى بىلمىگەندە ھېچنىمە يازماي چىقىپ كىتىش ئەڭ مۇۋاپىق ئەلۋەتتە! زورلاپ يېزىپ نىمە قىلىسىز؟- باشقۇرغۇچىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-19 02:32 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Aytugh + 20 ئەلۋەتتە نىمە يېزىشنى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12691
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 11:19:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسى دەۋاتقان ئىشلارنى ئۆزگەرتىش تەس.
مىسرانىمنىڭ خاسلىقى مۇنداق:
1. ئەزا كۆپ، ساپالىقلار ئاز.
2. ماختاش كۆپ، تەنقىت ئاز.
3. تىللىشىش كۆپ، مۇنازىرە ئاز .
4. ئورۇنسىز باھا كۆپ، لىللا باھا بېرىش ئاز.
5. قۇرۇق گەپ كۆپ، ئەھمىيەتلىك گەپ ئاز.
6.  پۈچەك تېمىلاردا ئىنكاس كۆپ، نادىر، ئەھمىيەتلىك تېمىلاردا ئىنكاس ئاز.
7. ئىنكاسچى كۆپ، مۇنازىرىچى ئاز.
8.بىلەرمەنلەر كۆپ، بىلىدىغانلار ئاز.
9. باشقۇرغۇچىلار كۆپ، باشقۇرالايدىغانلار ئاز.
10. خەت يازالايدىغانلار كۆپ، توغرا يازالايدىغانلار ئاز.
0. بىر قىسىملار ماز، ئاز بىر قىسمى ساز.
تېمىنىڭ بازار تېپىشى:
1. ئوت كېتىدىغان تېمىلار: زىنا... بىر نېمە قىلغان قىز، بىر قىزنىڭ زىنا....، پاھىشىنىڭ بىر نېمە قىلىشى، دادىسى ياكى ئاكىسى بىلەن قىزى ياكى سىڭلىسىنىڭ...، مەن بىر پاھىشىنى ....قىلىپ قالدىم دېگەندەك لاۋزىلىقلار.
2. قىزغىن تېمىلار: ....دىكى مۆجىزە، مۇنداق مۆجىزىنى.... دېگەندەك ئويدۇرما تىمىلار، ماۋزۇسى ئاجايىپ- غارايىپ قويۇلغان ئەپقاچتى تېمىلار.
3. غېرىپسىنىپ قالىدىغان تېمىلار: ھەجىمى ئۇزۇنراق تېمىلار، ئوقۇپ چۈشىنىش قىيىن تېمىلار، مۇلاھىزە قىلىش قىيىنراق تېمىلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە نادىر مەزمۇنلار بولسىمۇ، بۇنى ھەزىم قىلالايدىغانلار ئاز بولغاچقا، چۆلدەرەپ قالىدۇ.
مىسرانىمنىڭ كەيپىياتى:
1. تېمىنىڭ 1-،2-،3- ئىنكاسچىلىرىنىڭ ئىچىدە بىرەرسى تېما مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتسىز بىر ئىنكاسنى يېزىپ تېما يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ. تېما مەزمۇنى بىر ياقتا قېلىپ، كىيىنكىلەر تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسقا ئەگىشىدۇ، مۇنازىرلىشىدۇ، ماختىشىدۇ، تىللىشىدۇ.
2. بىر قىسىملار تېما مەزمۇنىنى چۈشەنمەي ئىنكاس يازىدۇ.
3. بىر قىسىملار  تېما چىقىپ بولغىچە تۆردىن ئورۇن ئالىمەن دەپ ئوقۇمايلا ئىنكاس يازىدۇ، مەسىلەن، ھەشقاللا، رەھمەت، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ياخشى تېما يوللاپسىز، دېگەندەك ھەممە تېمىغا ماس كېلىدىغان ئۇنىۋىرسال ئىنكاس.
4. ھەممە تېمىدا دېگۈدەك دوق قىلىش، ئاغرىنىش، تىللىشىش، بىلەرمەنلىك مەۋجۈت.
5. ئەزالارنىڭ بىر قىسمىدا مەن مىسرانىمدىكى پالانى ئەزا بولىمەن دەپ نام چىقىرىش ئۈچۈن، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراش كەيپىياتى بار.
6. ئومۇمەن مۇنازىرىنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە جىدەل باشلىنىپ، مۇنازىرە كۆڭۈلسىز ئاخىرلىشىدۇ.
7. تېما ماۋزۇسىدىنلا مۇنازىرىنىڭ قانداق تەرەققى قىلىپ، قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
8. ئىنكاس مەزمۇنىنى چۈشەنمەي، خاتا چۈشىنىۋىلىپ دەتالاش قىلىشىدۇ. بىر- بىرىىگە گېپىنى ئۇقتۇرالماي جىلى بولىشىدۇ.
9. دىنىي مەزمۇندىكى تېمىلاردا چالا موللا پەتىۋاچىلار كۆپ. قۇرئان كەرىم، ھەدىسنى مەنمەنچىلىك قىلىپ، چۈشەنمەي شەرھىلەشتىن قورقمايدۇ.
10. رىئاللىقتا تەسىرى بار بىلىملىك زىيالىلار، باشقا تورلاردىكى داڭلىق ئەزالار قارا- قويۇق دۇمبا يېيىشتىن ھەزەر ئەيلەپ بۇ يەرگە كىرمەيدۇ.
11. تېما ئېلان قىلىنىپ 30 مىنۇت ئىچىدە ئىككى بەت ئىنكاس چۈشۈپ بولىدۇ. كۆپىنچىسى قۇرۇق گەپ. ئەھمىيەتلىك ئىنكاستىن بىرنى يېزىپ قوياي دېگەن ئادەم نىيىتىدىن يانىدۇ. چۈنكى 3- بەتنى كۆپ ئادەم ئوقۇمايدۇ.
12. تېمىنى پالانى تەھرىرلىگەن دەپ يېزىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە تېما تەھرىرلەنمەيدۇ. كېسەل جۈملە، خاتا ئىشلەتكەن سۆز ،ئىملا،  تىنىش بەلگە جەھەتتىكى خاتالىق ؛ ئابزاس، باش قۇردىن يېزىش، قاتارلىق تېخنىكىلىق خاتالىقلار شۇ پېتى ئىلان قىلىنىدۇ.
13. مىسرانىمنىڭ سىياسىي تىرمومىتىرى ناھايىتى سەزگۈر. باشقا تورلاردا نورمال مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان تېمىلار، تەستىقلانمايدۇ، ياكى ئۆچۈرۈلىدۇ.
دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ. بولسا مىسرانىمنى تازا بىر ماختاپ قويسام بولاتتى، ماختاشلار بەك كۆپكەن، تەنقىتلەپ قويدۇم. راست گەپ ئاچچىق. ئەمدى مېنى تىللاشنى باشلىساڭلار بولىدۇ.  


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kizzik99 + 39 دەلىللەر يېتەرلىك
harsan + 100 راس گەپ
zoom + 50 دەلىللەر يېتەرلىك
@hiyali@ + 155 دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇ.
Aytugh + 20 ئۆزىمىزدىن باشلايلى ھ.
nazigul8 + 20 دەلىللەر يېتەرلىك، مۇ.
axkar + 333 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 717   باھا خاتىرىسى

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81246
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4397
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 11:26:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورۇنلۇق پىكىر بوپتۇ،مەنمۇ ئىنكاس يازغاندا مەزمۇنلۇق ئىنكاس يېزىشقا تىرىشىمەن.

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 119
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1703 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 11:32:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئورۇنلۇق گەپ بۇلۇپتۇ مەنمۇ تىرىشىمەن ئامال بار سەۋىيەمنى تېخىمۇ ئاشۇرىمەن

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 11:34:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ نەزىرىمدىكى پۈچەك ئىنكاس ھەم ئىنكاسچىلار:تېمىنى چ چ قىلىۋېلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغانلار ھەم شۇ مەزمۇندىكى ئىنكاسلار.جىق ئەمەس بىر ئىككى تۇل خۇتۇننىڭ باللىرى بار،بەزىدە تاس قالىمەن ئاشۇلارنىڭ تېتىقسىز پاخ-پاخ ئىنكاسلىرى مۇنبەرنى بىر ئالغاندا ئابابەكرىگە تېلفۇن قىلىپ ئاداش 2 مىنۇت باشقۇرغۇچى قىلىپ قۇيۇڭلار دىگىلى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كارۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-19 11:38 AM  


مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73909
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3362
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-1-25
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 11:34:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاللا شۇنچىلىك !!!  ئەسكەرتكىنىڭىزمۇ بوپتۇ !!!   لىكىن شۇلار كاللىسى ئېچىلمىسا ياخشى تېمىلار بېسىلىپ قېلىۋېرىدۇ.   ئۇنىڭ ئۈستىگە  بىرچاغلاردا سىلە باشقۇرغۇچىلارمۇ نەدە پەلەپەتىش قۇرۇق تېمىلارنى تەستىقلايدىغان ياخشى تېمىلانىن تەستىقلىماي ئەخلەت تۇڭىغا تاشلايدىغان بوپقاپتىكەنسىلە .ھازىر بەلكىم ئوڭشالغاندۇ . شۇ سەۋەپ مۇنبەرگە كىرمىگىلى ماڭىمۇ نەۋاق  ھازىر قايتا كىرىشىم. مىنىڭ  تەكلىۋىم  سىلەر مۇنبەرگە تەستىقلايدىغان تېمىنىڭ قانچىلىك  ۋەزنى بولسا  ئىنكاسنىڭ  شۇنچىلىك  ۋەزنى بولىدۇ  . شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەزالارنىڭ  ۋەزنىمۇ شۇنچىلىك كۈچىيىدۇ .  ئۇنداق بولمايدىكەن  ئەتىۋارى يوق نەرسىنى بازارغا  سېلىپ خېردارنى نىمىشكە  ئالمايسەن دىگەندەك ئىشلار يۈز بىرىدۇ . كەچۈرۈڭلار  پايدىلىق دورا  سەل ئاچچىق بولۇشى مۈمكىن
باشقۇرغۇچىلار بىزدە ئۇنداق ئىللەت يوق دىسەڭلار  سىلەر تەستىقلىمىغان ئىككى ماقالىنىڭ  باشقا مۇنبەرلەردە  100% ياخشى باھاغا ئىرىشۋاتقانلىقىنى  ئىسپاتى بىلەن قۇيۇپ بىرىمەن .
مىنىڭ قەستەن سىلەرنىڭ زىتىڭلارغا تىگىش خىيالىم يوق .پەقەت نۇقسانلار تۈزۈتۈلۈپ مۇنبەر تەرەققىياتى سۈپىتى تېخىمۇ ئاشسا دىگەن ئۈمۈتتە مەن

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5213
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1830 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 11:54:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن مۇنبەرگە كىرمىگىلى بىر ئايلاردىن ئىشىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ ، كىرىپلام بۇ تىمىنى كۆرۈشۈم ، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئەسكەرتىش بوپتۇ (كىچكىپ ئوتتورغا قويۇلغان بولسىمۇ) باشقۇرغۇچۇلۇقنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى بار ، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئىش ئەمەس ، باشقۇرغۇچىلارمۇ بىر بىر موچەنسىز خالىسانە خىزمەت قىلىدۇ، شۇڭا بەزى نارازى بولغان ئەزالار ئالدىراپلام باشقۇرغۇچىلارغا تىل سالدىغان ئىشلارنى قىلمىساق ، ئەگەر تىمىڭىز تەستىقلانماي قالغان بولسا ، ياكى باشقۇرغۇچىلار سىزلەرگە ئەسكەرتىش بەرمىگەن بولسا ئۇنداق كايىپ كىتىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق ، ئەگەر سىزنىڭ تىمىڭىز راستىنلام ياخشى بولسا ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ بىقىڭ ئاندىن ئەزالار باھالاپ باقساق بولىدۇ، بەزى سەزگۈر ياكى ئىختىلاپ كىلىپ چىقىدىغان تىمىلارنى باشقۇرغۇچىلارمۇ مۇنبەرنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاپ ئىھتىيات قىلغان بولشى مۇمكىن ، مۇنبەر دىگەنگە بىر ئىككى ئادەملام تىما يوللىمايدۇ ، كۈندە نۇرغۇن تىمىلارنى كىلىدۇ ،شۇلارنىڭ ئارسىدىن باشقۇرغۇچىلارمۇ قىممىتى بار تىمىلارنى ھەم ئەزالار مۇشۇنىڭدىن ئۆزىگە تۇشلۇق نەپكە ئىرشەلەيدۇ دەپ قارغانلىرنى تەستىقلايدۇدەپ ئويلايمەن .
مۇنبەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساپاسىدىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلارمۇ ۋاقت-شارائىتى يار بەرسە ئۆزنىڭ نادىر ئەسەرلىرنى ئەزالاردىن ئايمىسا ، مەيلى تەرجىمە ئەسەر بولسىمۇ ، مەيلى تەرجىمە خەۋەر بولسىمۇ مەيلى، ئاندىن باشقۇرغۇچىلار جانلىق بولسا بەزى تىمىلاردا شۇنداق مەينەت، ساپاسىز گەپ-سۆزلەر ، ئۇرۇش جىدەللەر بولسىا باشقۇرغۇچى چىقىپ شۇنداق ئەزالارنى مۇنبەر تۇرمىسىگە قاماپ قويسا ياكى چەكلەشكە توغرا كەلسە چەكلەپ قويسا، بىرەر ئىككى ئەزا قامىلىپ كەتسە ياكى چەكلىنىپ كەتسە ھىچقىسى يوق ، بۇ دىگەن 100مىڭ كىشلىك چوڭ سورۇن ، بۇنداق سورۇندا 2~3 ئەزانى قاماش نۇرمال ئەھۋال ، ھەم بۇ تورنى يالغۇز مىسرانىمدىكى ئەزالارلام كۆرمەيدۇ ، قىرىنداش مىللەرتلەر ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ كۆرىدۇ، بەزى ئەزالارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرسە ئادەم ئۆزنى مۇنبەردە ئەمەس ئىغىلدا تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدىكەن ، مۇشۇنداق تىمىلاردا باشقۇرغۇچىلار جانلىق تۇرسا ، ئەمدى مۇنبەرنىڭ ساپلىقىنى ئاساس قىلسا ... يەنە بىرگەپ باشقۇرغۇچىلارمۇ ئادىل بولسا داڭلىقلارغا باشقىچە ئادەتتىكى ئازالارغا باشقىچە مۇئامىلىدە بولمىسا ، بۇ مۇنبەردە شۇنداق باشقۇرغۇچىلارنى يوق ئەمەس ، ئۇنداق سىز بىر ئادەمنىڭ ئوبرازىنى قوغدايمەن دەپ باشقا ئەزالارنى چۆكۈردىغان ئىشلارنى قىلسىڭىز ، ئەمەليەتتە ئۇ ئەزالار گەپ قىلمىغان بىلەن باشقىلارنىڭمۇ كۆزى بار ئەقلى بار، مۇشۇنداق يەكلەشلەر بولسا ئاتا-بوۋلىرمىزنىڭ بىر ماقال تەمسىلى بارغۇ ، ‹‹ سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى ، ئالتۇن بىرىپ ئىلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى ›› باشقۇرغۇچىلارمۇ ئۆزىمىز بىلمەيدىغان تىمىلاردا ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارشىنى يورغىلاتمىساق ، مۇنبەر دىگەندە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ چىققىنى ياخشى ئەھۋال ، ھەممە ئەزانى مەدھىيە سۆزىنىلام دەيسەن قارشى پىكىر بولسا ئۇجۇقتۇرمەن دىسىڭىز بۇ مۇنبەردە دىموگىراتىيە نەدە قالدى، تىمىنىڭ ئەھمىيتى بولامدۇ ، مۇنازىر دىگەندە يوللۇق بولسا دەلىل پاكىتلىك باشقىچە پىكىر قىلسا ،ھەمممەيلەن مۇشۇنداق مۇنازىردىن نەپكە ئىرشمەمدۇ.

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Aytugh + 20 ئۆزىمىزدىن باشلايلى ھ.
nazigul8 + 20 دەلىللەر يېتەرلىك، مۇ.
arslanhan + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش