مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2372|ئىنكاس: 17

تاتارمىللىتى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 180
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12789
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 5454 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 12:09:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاتارمىللىتى توغرىسىدا


  تاتارلار روسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە ياشىغۇچى ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، بىر قىسمى روسىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ( تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ ) دە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

  ئۇلار فېدېراتسىيە ئومۇمىي نوپوسىنىڭ %3.8 نى ، جۇمھۇرىيەت ئومۇمى ئاھالىسىنىڭ %49 نى ئىگەللەيدۇ ، بىر قىسمى ئاستىراخان ، چىلىيابىنسكىي ، قىرىم ، باشقىرىستان ، قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەت - رايونلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان ، ئومۇمىي نوپوسى تەخمىنەن 7 مىليون 560 مىڭ ( 1995 يىلىدىكى مەلۇمات ) ؛ بۇنىڭدىن باشقا ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ( 4 مىڭ ئەتراپىدا ) ، بولغارىيە ، رۇمىنىيە ، تۈركىيە ، گېرمانىيە ، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بىر قىسىم تاتارلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان . تاتارلار موڭغۇل ئېرقىنىڭ سىبىرىيە تىپىغا كىرىدۇ ؛

  ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىنىڭ قىپچاق تىللىرى تارمىقىغا تەۋە تاتار تىلىنىڭ ئۈچ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ ، ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ، تاتارىستان تاتارلىرى سىلاۋىيان يېزىقىنى قوللىنىدۇ ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنىمۇ بىلىدۇ .

  تاتارلار ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ ، ئاز بىر قىسمى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ . تاتارلار دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، سودا - سېتىق ۋە قول - ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شوغۇللىنىدۇ ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي ، قارا بۇغداي ، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ .

  تاتارلارنىڭ ئەجداتلىرى ئەسلىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان قەدىمقى قەۋملەرنىڭ بىرى بولۇپ ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخنامىلىرىدا ئېنىق قەيت قىلىنغان . مىلادىي 3 - 4 - ئەسىرلەردە ھون قاتارلىق كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر غەرپكە كۆچۈش مەزگىلىدە ، بىر قىسىم تاتار قەبىلىلىرىمۇ ئورال تاغ تىزمىسىنى بويلاپ ئىدىل ( ھازىرقى ۋولگا دەرياسى ) ۋە كاما دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن ، بۇ قەبىلىلەر شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ، ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى فىن - ئۇگۇر تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىللاردا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر بىلەن ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن .

  13 - ئەسىرنىڭ بېشىدا يەنە بىر قىسىم تاتار قەبىلىلىرى باتۇخانغا ئەگىشىپ غەرپكە كۆچۈپ ، قارا دېڭىز ، ئىدىل دەرياسى ۋادىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ، ئۇلار قىپچاق - ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تەۋەسىدە ياشىغۇچى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر بىلەن پەيدىنپەي ئۆزئارا قوشۇلۇپ يېقىنقى زامان تاتار مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن .

  تاتارلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا خىلمۇ خىل تەبىئى شارائىت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە تارىخىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ، ، بەزى مەھەللىۋى پەرقلەرگە ئىگە بولسىمۇ ، لېكىن ئولتۇراق ئۆي ، يىمەك - ئىچمەك ، كىيىم - كېچەك ، توي - تۆكۈن ، ھېيت - بايرام ، قائىدە - يوسۇن قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەن ، شەھەرلەردىكى تاتارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايرىم قورالىق پىشايۋانلىق بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ .

  بەزىلىرىنىڭ ئۆيىدە قاڭالتىردىن ياسالغان تام مەش بولىدۇ ، ئۆيگە گىلەم ئېسىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، ھويلا - ئاراملىرى ئازادە كېلىدۇ ، ئەتراپىدا گۈلزارلىق ۋە مىۋىلىك بېغى بولىدۇ ، چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان تاتارلار يايلاق تۇرمۇشىغا ماس كېلىدىغان كىگىز ئۆي چېدىرلاردا ئولتۇرىدۇ . تاتارلار يىمەك - ئىچمەككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ ، كۆپرەك بۇغداي ئۇنىدىن قىلىنغان يىمەكلىكلەرنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ ، گۈش ، كۆكتات ۋە مىۋە - چىۋىلەرنى قوشۇمچە قىلىدۇ ، تاتارلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي تائاملىرى قورداق ، ئېت بەلش ، گۇبەيدې ، گۆش نان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ تائاملىرى ئۆزگىچە مىللىي پۇراققا ئىگە . 

  تاتارلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا كانۋايلىق ئاق كۆڭلەك كىيىپ ، ئۆستىگە قارا جىلىتكە قاپلىۋالىدۇ ؛ بېشىغا يازلىقى گۈللۈك تەقىيە ، قىشتا قارا كۆرپە تۇماق كىيىدۇ ؛ پۇتىغا ئۆتۈك كىيىپ كالاچ قاپلىۋالىدۇ ؛

  ئاياللىرى ئۇچىسىغا پىلاتى - يوپكا ۋە كەشتىلەنگەن ئۇزۇن ئاق ياكى سېرىق ، جىگەررەڭ كۆڭلەك ، بېشىغا تۇتقان گۈللۈك دوپپا كىيىپ ياغلىق سېلىۋالىدۇ ؛ ھالقا ، زىرە ، مارجان ، مېدالىيون قاتارلىق زىننەت بويۇملىرى تاقاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ .

  تاتارلارنىڭ توي - تۆكۈن ، ئۆلۈم - يىتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ ،تاتارلاردا يىگىت - قىزنىڭ توي مەرىكىسى ئادەتتە قىز تەرەپتە ئۆتكۈزۈلۈپ بەكمۇ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاياغلىشىدۇ ، يىگىت قىز تەرەپتە بىر مەزگىل تۇرىدۇ ، بەزى جايلىرىدا يېڭى كېلىن بىر بالىلىق بولغاندىن كېيىن قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلۈپ كېتىلىدۇ .

  تاتارلاردا قۇربان ھېيت ، روزا ھېيت ، مەۋلۇد قاتارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئورتاق دىنىي بايراملىرىدىن باشقا ، نۇرۇز ۋە << سابان >> قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار .

  تاتارلار خۇشخۇي ۋە قائىدە - يوسۇنلۇق كېلىدۇ ، تاتارلار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا تەبەسسۇم بىلەن سالام بېرىپ ئۆتىدۇ ، ياشانغان مويسىپىت كىشىلەرنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچمەيدۇ ، تاماكا چەكمەيدۇ ، مىشقىرمايدۇ . تاتارلار ئاق كۆڭۈل ، سىلىق سىپايە ، خۇشپېئېل ۋە ئۆم ئىناق كېلىدۇ .

  تاتارلار بىر كىشىلىك جىر - قوشاقلارنى ئاساس قىلغان مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت .
تاتارلار مول يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغىمۇ ئىگە مىللەت .

  تارىختا تاتار خەلقى ئىچىدىن مارليا قولى ، خارەزىمى ، قۇتبىي ، مەخمود بولغارىي ، قۇربانغەلى ، ئابدۇللا توقاي قاتارلىق نۇرغۇن مۇتەپپەككۇرلار ، تارىخچىلار ۋە شائىر ئەدىپلەر چىققان . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرى بىلەن تاتار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەسسە قوشقان .

  تاتارلارمۇ يىمەكلىكلەرنى << ھالال >> ، << ھارام >> دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ ، ھارام گۆش ۋە يىمەكلىكلەرنى يىمەيدۇ .تاتارلار 7 ساننى خاسىيەتلىك سان ، كۆك كەپتەرنى بەخت قۇشى دەپ بىلىپ ئۇنى ئەتىۋارلايدۇ.
  ﺗﺎﺗﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ جۇمھۇرىيىتى ﺭﻭﺳﻴﻪ ﻓﯩﺪﺭﺍﺗﺴﯩﻴﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ،1991-ﻳﯩﻠﻰ 30-ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺘﺘﺎ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ھﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.

ﻳﻪﺭﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ:68.0002 كۇۋادىرات كىلومېتىر

ﻧﻮﭘﻮﺳﻰ:3.642.000

ﺑﺎش شەھﺮﻯ: ﻗﺎﺯﺍﻥ

ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ: ﻗﯩﺮﯨﻢ-ﻗﺎﺯﺍﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﯨﻞ ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﻯ.(ﯞﻭﻟﮕﺎ)

ﺋﯩﺪﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ 13-ئەسىردە ﺑﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ-ﻗﯘﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ.ﺑﯘﻻﺭ:ﻗﺎﺯﺍﻧﻼﺭ ﯞﻩﻗﯩﺮﯨﻤﻼﺭﺩﯗﺭ.

ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻛﯘﻧﺪﻩ ﺭﻭﺳﻴﻪ،ﺋﯘﻛﺮﺍﺋﯩﻨﺎ ،ﻛﺎﯞﻛﺎﺯ ﺭﺍﻳﯘﻧﺪﺍ 7ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ھﺎﻳﺎﺕﻛﻪﭼﯘﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.

ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ 15-ئەسىردە ﻗﯩﺮﯨﻢ ﯞﻩ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ.

  ﻗﯩﺮﯨﻢ ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﻯ:   

  ﻗﺎﺭﺍﺩﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﺍﻟﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ،ئوتتۇرا ﺋﺎﺳﻴﺎﺩﯨﻦ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ 1500ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﻫﻮﻥ،ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ،ﭘﻪﭼﻨﻪﻙ،ﻫﺎﺯﺍﺭ،ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﺷﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺮﯨﻢ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ،ﻣﻪﻧﮕﻪﻟﻰ ﮔﯩﺮﺍﻱ ﺧﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻠﻰﺋﯩﻤﭙﯩﺮﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،18-ئەسىرگىچە "ﻗﯩﺮﯨﻢ ﺧﺎﻧﻠﯩﻐﻰ"ﻧﺎﻣﯩﻨﻰﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ.18-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﭼﺎﺭﺭﻭﺳﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

  ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﺷﯩﺪﺍ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻦ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﯘﺭﮔﯘﻧﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺳﯘﺭﮔﯘﻥ 1991-يىلىغا ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ.(ﺳﯩﺒﯩﺮﻳﻪ ﯞﻩ ئوتتۇرا ﺋﺎﺳﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﻏﺎ ﭼﯩﭽﯟﻩﺗﻜﻪﻥ).

  ﺋﯩﺪﯨﻞ(ﯞﻭﻟﮕﺎ)ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻰ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﻯ:

  ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﯨﻞ ﯞﻭﻟﮕﺎ ﺭﺍﻳﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 13-ئەسىردە ﺋﻮتتۇرا ﺋﺎسىياﺩﯨﻦﻗﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯘﻣﺎﻥ-ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ.

  1920-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺳﻮﺗﺴﯩﺌﺎﻝ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﻳﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑۈﮔﯘﻧﻜﻰ
ﻛﯘﻧﺪﻩ ﺭﻭﺳﻴﻪ،ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ،20%ﺋﻮﺗﺘۇﺮﺍ ﺋﺎﺳﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﺑﻪﻛﯩﺴﺘﺎﻥ،ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ،500ﻣﯩﯔ ﺗﺎﺗﺎﺭ سىبىرىيىدە ﻳﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.

  ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﻠﯩﻚ ﺗﯩﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯩﻨﯩﻚ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﯞﻩ ﻧﯩﻔﯩﺖﺋﯩﻠﯩﺸﻤﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.تەبئى ﮔﺎﺯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯩﻠﯩﻜﺘﯘﺭﯗﻥ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﯩﻤﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.ﻳﯩﻠﻐﺎ 100ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ ﺗﻮﻧﻨﺎ ﻧﯩﻔﯩﺖ ئىشلەپچىقىرىدۇ .

ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯩﻖ،ھﺎﯞﺍ،ﺩﯨﯖﯩﺰ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺭﻭﺳﭽﻪ ﯞﻩ ﺗﺎﺗﺎﺭﭼﻪ.ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺭﻭﺱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺗﯘﮔﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ 100%ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ.1925-26-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻻﺗﯩﻦ يېزىقىنىﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ.

ﺗﺎﺗﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ،ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﺪﻩ 13ئۇنۋېرسىتىت 70ﻣﯩﯔﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﺎﺭ.

ﻗﺎﺯﺍﻥ ئۇنۋېرسىتىتى ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﯨﻜﻰ 3-ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ تۇرىدىغان ﻗﻪﺩىمىي ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻰ.

63ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ 58ﻣﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ.2320ﺋﻮﺗﺘﯩﺮﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ(10ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ)505ﻣﯩﯔﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﺎﺭ. 1800ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ135ﮔﯩﺰﯨﺖ ﺑﺎﺭ.

14-ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﻠﯩﺸﺸﯩﺪﺍمۇھﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ.

ﺭﻭﺳﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻱ ﯞﻩ ﻣۇھﯩﻢ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ جۇمھۇرىيىتى.


مەنبە: تاتارلار تورى

http://www.tatarlar.com.cn


تېمىلىرىمنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 205
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10782
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 12:31:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاتارلار تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە روسىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ بۇرۇن ئۇچۇرىغان مىللەت ...

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 12:54:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاتارلارنىڭ تارىخىنى تونۇشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت، بولسا باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭكىنىمۇ يوللاپ تۇراسىز.

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 2039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13944
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 9224 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 01:18:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرىتىنىمۇ تەڭ يوللاپ بەرگەن بولسىىڭىزچۇ .

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

سىنى دەپلا مۇشۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3986
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9152
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2011-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 01:34:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسمىڭىز تاتار ئوغلى كەن  سىز تاتا ر  مىللىتىدىنمۇ؟؟؟

```````````سەنسىز ياشىيالمايمەن     ``````

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 180
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12789
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 5454 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 01:58:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  sene-dayman كە 2010-08-09 01:34 PMئەۋەتىلدى  :
ئىسمىڭىز تاتار ئوغلى كەن  سىز تاتا ر  مىللىتىدىنمۇ؟؟؟
شۇنداق. تونۇشقىنىمغا خوشالمەن.

تېمىلىرىمنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!

سىنى دەپلا مۇشۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3986
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9152
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2011-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 02:06:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت Tatar-Oghli كە 2010-08-09 01:58 PMئەۋەتىلدى :

شۇنداق. تونۇشقىنىمغا خوشالمەن.

 ئۇيغۇرچىغا ئۇستىكەنسىز ھە ؟؟

```````````سەنسىز ياشىيالمايمەن     ``````

تەۋبىكار

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 2745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23196
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1616 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 02:09:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سىلىنى تۇنۇۋالدىم سېلە ھېلىقى شۇغۇ ساياھەتچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 180
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12789
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 5454 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 02:14:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  sene-dayman كە 2010-08-09 02:06 PMئەۋەتىلدى  :

 ئۇيغۇرچىغا ئۇستىكەنسىز ھە ؟؟
ماختىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

تېمىلىرىمنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 180
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12789
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 5454 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 02:17:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت  padixah كە 2010-08-09 02:09 PMئەۋەتىلدى  :
مەن سىلىنى تۇنۇۋالدىم سېلە ھېلىقى شۇغۇ ساياھەتچى
تونۇۋاپسىزدە پادىشاھ ئالىيلىرى؟

تېمىلىرىمنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش