مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2735|ئىنكاس: 21

كومپىيوتىرىڭىز تولا قېتىپ قالسا مۇنداق ھە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4614
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8366
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2010-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 07:26:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كومپىيوتىرىڭىز تولا قېتىپ قالسا مۇنداق ھەل قىلىڭ

كومپيۇتېرنىڭ قېتىپ قېلىش ھادىسىسى كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە ، قېتىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر كۆپ خىل بولۇپ ، سەۋەپنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ھەل قىلىش چارىسىمۇ ئوخشىمايدۇ ، .ئادەتتە مەسىلىلەرنى ئاۋال يۇمشاق دېتالدىن .ئاندىن قاتتىق دېتالدىن ئىزدەيمىز .
بۇ ماقالىمىزدا قېتىپ قېلىشنى قوزغىلىش جەريانىدىكى قېتىپ قېلىش ، مەشخۇلات قىلىش جەريانىدىكى ۋە تاقاش جەريانىدىكى قېتىپ قىلىش قاتارلىق باسقۇچلار بويىچە ئايرىپ - ئايرىم چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتىمىز .
كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش جەريانىدىكى قېتىپ قېلىش ھادىسىسىنى مۇلاھىزە قىلىشتا ئالدى بىلەن سېستىمىنىڭ قوزغىلىش تەرتىپىنى ئېنىق قىلىش كىرەك ، ئاندىن سەۋەپنىڭ يۇمشاق دېتال ياكى قاتتىق دېتال سەۋەبلىك بولغانلىقىنى ئانالىز قىلىش كىرەك .
ئاۋال بىز كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش تەرتىپىنى تونۇشتۇرۇپ چىقايلى . توك مەنبەسىنى ئۇلاش >>>كۆرسىتىش كارتىسىنى تەكشۈرۈش>>>ئىچكى ساقلىغۇچنى كۆرسىتىش>>>BIOS نى ئىجرا قىلىش >>> مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ دەسلىپىگە كەلتۈرۈش ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىش . ئەمەلىيەتتە سېستىمىنىڭ قوزغىلىش جەريانى بۇنداق ئاددى ئەمەس ، ئاۋال rom (ئوقۇش تىپىدىكى ساقلىغۇچ 只读存储器) دىكى bootstrap laoder پروگراممىسى ۋە ئۆزى دىئاگنوز قويۇش پروگراممىسىنى ram غا يوللاپ بېرىدۇ . ئارقىدىنلا bootstrap laoder نى ئىجرا قىلىدۇ ، مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ سېستىما ھۆججىتىمۇ ram غا ساقلىنىدۇ ، ئۇلاپلا io.sys ۋە msdos.sys سېستىما ھۆججىتى ئىجرا قىلىنىدۇ ، مۇشۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېر ئىكرانىدا «statring windows » كۆرۈنىدۇ ، ئاخىرىدا io.sys ۋە msdos.sys نى دەسلەپكى ھالىتىگە قايتۇرۇپ ئاندىن تىزىملىك جەدىۋىلى ئۇچۇرلىرنى ئوقۇيدۇ ، مۇشۇ يەرگە كەلگۈچە ھەر قانداق مەسىلە كۆرۈلمىسە سېستىمىنى مۇۋاپىقىيەتلىك قوزغتىشقا بولىدۇ ، تۆۋەندە مۇشۇ جەرياندا كۆرۈلگەن قېتىۋېلىش ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرىمىز .
كومپيۇتېر ئاچقاندىن كىيىن ھىچقانداق ئىنكاس بولمىسا : ئەگەر توك مەنبەسى قوزغىتىلمىسا توك مەنبەسى سىملىرىنىڭ ياخشى ئۇلانغان ياكى ئۇلانمىغانلىقىغا قارايمىز ، مەنبە سىمى ياخشى ئۇلانغان لىكىن ھىچقاندان ئۆزگىرىش بولمىسا بەلكىم توك مەنبەسىدە مەسىلە بولىشى مۇمكىن ، توك مەنبەسىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىش كىرەك .
كومپيۇتېر ئېچىلغاندىن كىيىن ئىكراندا ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمىسا ھەمدە بىر ئۇزۇن ئىككى قىسقا سىگنال ئاۋازىدىن كىيىن قېتىۋالسا : ئاۋال ئىكران مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز ، چۈنكى گەرچە ئىكران مەسىلسى سېستىمىنىڭ قوزغىلىشىغا تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئورنىغا كىرگۈزۈلمەسلىكىدىن ياكى مىدىراپ كەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان بولىشىمۇ مۇمكىن ، بۇ چاغدا كورسىتىش كارتىسىنى چىڭىتىش ، قايتىدىن قاچىلاش ياكى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىش كېرەك .
ئېكراندا ۋاقىتلىق كۆرسىتىس ماسلاشتۇرغۇچ ئۇچۇرى كۆرۈلسە ھەمدە بىر ئۇزۇن بىر قىسقا ئاۋاز سىگنال ئاۋازىدىن كىيىن قېتىۋالسا : كۆرسىىتىش ماسلاشتۇرغۇچ ئۇچۇرى چىققانكەن كۆرسىتىش ماسلاشتۇرغۇچ ( كۆرسىتىش كارتىسى) دا مەسىلە يوقلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ، بۇنداق ئەھۋالدىكى مەسىلە كۆپىنچە ئىچكى ساقلىغۇچتىن چىقىدۇ ، ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولسا ماشىنا قېپىنى ئېچىپ ئىچكى ساقلىغۇچنى چىڭىتىپ مۇقىملاشتۇرىمىز، ئەگەر يەنە بولمىسا ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىش كىرەك ، ئەلۋەتتە ئىچكى ساقلىغۇچ ئوقۇرىدا مەسىلە بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشىمىز كىرەك .
BIOS نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش سەۋەبلىك قېتىۋىلىش : بۇ ئەھۋالدا BIOS تىپى ئوخشاش بولغان ئاساسى تاختىلىق كومپيۇتېرنىڭ BIOS پروگراممىسىنى ئايرىپ چىقىپ ، BIOS يېڭىلاش پروگراممىسى ئارقىلىق يېڭىلاپ چىقساقلا بولىدۇ ، ئالدىنقى شەرت ، BIOS پروگراممىسىنى نى يېڭىلىغىنى بولىدىغان بولىشى كىرەك .
CMOS بەلگىلىنىشى مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەپلىك قېتىپ قېلىش : بۇ خىل كاشىلىمۇ كۆپ ئۇچىرايدۇ ، مەسلەن ، قاتتىق دېسكا پارامىتىرلىرىنىڭ بەلگىلىنىشىنىڭ نامۇۋاپىق بولىشى سەۋەپلىك قوزغاتلىقى بولماسلىق ، ئىچكى ساقلىغۇچ پارامىتىرلىرىنىڭ بەلگىلىنىشىنىڭ نامۇۋاپىق بولىشى ، ناۋادا ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ecc بولمىسا ecc ئىقتىدارى بار قىلىپ بەلگىلەش سەۋەپلىك ئىچكى ساقلىغۇچ خاتالىقى كېلىپ چىقىپ قېتىپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ، بۇ مەسىلىلەرگە قارتا پارامىتىر خاتالىقى تۈزىتىلسىلا مەسىلە ھەل بولىدۇ .
سېستىما ھۆججىتىنىڭ خاتا ھالدا چىقىرىپ تاشلىنىشى ياكى خاتالىق تۈپەيلىدىن سېستىما قوزغىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش سەۋەپلىك قېتىۋېلىش : windows نى قوزغىتىش command.com , io.sys , msdos.sys ۋە drvspace.bin قاتارلىق تۆت ھۆججەتكە ئىھتىياجلىق بولغانلىقتىن ، ئەگەر مۇشۇ ھۆججەتلەر چىقىرپ تاشلانسا ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرسا ، CMOS تىكى ھەر قايسى قاتتىق دېتال پارامىتىرلىرى توغرا بولغان تەقدىردىمۇ ، يەنىلا سېستىما قوزغىلالمايدۇ . مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى پەقەت يۇمشاق دېسكىدىن پايدىلىنىپ قوزغىتىشتىن ئىبارەت ، ئەلۋەتتە ئوخشاش نەشىردىكى سېستىما يۇمشاق دېسكىسىنى قوللىنىمىز ، ئاندىن كىيىن : sys C غا كىرسەكلا بولىدۇ .
ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھۆججىتى (初始化文件) بۇزلغانلىقتىن سېستىمىنى قوزغىتالماسلىق سەۋەپلىك قېتىپ قېلىش : windows قوزغىلىشتىن بۇرۇن system.ini , win.ini ۋە تىزىملىتىش ھۆججىتىنى ئوقۇشى كىرەك ، ئەگەر confing.sys ۋە outoexec.bat ھۆججىتى بولسىمۇ ئوقۇيدۇ ، مۇشۇ ھۆججەتلار ئىچىدە خاتا ئۇچۇر بولسلا قېتىپ قېلىش ھادىسىسى كىلىپ چىقىدۇ . بولۇپمۇ system.ini , win.ini , user.ini ۋە system.bat قاتارلىق بۇ تۆت ھۆججەت ئىنتايىن مۇھىم ، ئازراقلا خاتالىق كۆرۈلسە سېستىما قوزغالمايدۇ ، شۇڭا ئادەتتە بۇ ھۆججەتلەرنى زاپاسلىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز .


ئىجرا بولۇش جەريانىدىكى قېتىۋىلىش بولسا بىز windows نى ئىشلىتىش جەريانىدا قېتىپ قېلىش جەريانىنى شۇنداقلا windows مەشخۇلات سېستىمىسىدا بىر قىسىم قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتكەن چاغدىكى سەۋەپسىز قېتىۋىلىش ھادىسىلىرىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بەزىلىرى قوللىنىشچان پىروگرامما ۋە مەشخۇلات سېستىمىسىدا توقۇنۇش بولغانلىقتىن ، يەنە بەزىلىرى بولسا قوللىنىشچان پروگراممىلارنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بولغانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ . تۆۋەندە بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ چۈشەنچە بېرىمىز .
بەزى قوللىنىشچان پروگراممىلىرىنى ئىشلەتكەندىكى قېتىۋىلىش ھادىسىسى : بۇ خىل كاشىلىنى سەۋەپ تۆۋەندىكىلەر بولىشى مۇمكىن ، بىرى بۇ پروگراممىلار ۋىرۇس تەرىپىدىن يۇقۇملانغان ياكى ئۆزىدە ئەسلىدىنلا مەسىلە مەۋجۇت ، ئۇندىن باشقا بۇ پروگراممىلار بىلەن مەشخۇلات سېستىمىسىدا توقۇنۇش كىلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن .
بايلىق مەنبەسى يىتىشمىگەنلىكتىن كىلىپ چىققان قېتىۋىلىش : ئىشلىتىش جەريانىدا بىر قېتىمدا ئىجرا بولىۋاتقان پروگراممىلار بەك كۆپ بولسا ، كۆپ مىقداردا سېستىما بايلىق مەنبەسىنى ئىگەللەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بايلىق مەنبەسى يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، شۇڭا بىر قەدەر چوڭ يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتكەندە نۆۋەتتىكى مەشخۇلات بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بولغان پروگراممىلارنى قوزغاتماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز .
زاپاس بوشلۇقنىڭ بەك ئاز بولىشى ياكى پارچە رايۇنلارنىڭ (碎片) بەك كۆپ بولۇپ كېتىشى سەۋەپلىك قېتىپ قېلىش ھادىسىسى : ئەگەر قاتتىق دېسكىنىڭ زاپاس بوشلۇقى بەك ئاز بولسا بەزى يۇمشاق دېتاللارنى ئشلىتىش كۆپ مىقداردىكى ئىچكى ساقلىغۇچ بوشلۇقىغا ئىھتىياجلىق بولغانلىقتىن مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ بوشلۇقى لازىم بولىدۇ ، مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ قاتتىق دېسكا تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ . شۇڭا قاتتىق دېسكىدا يىتەرلىك بوشلۇقنىڭ بولىشى مەۋھۇم يۇمشاق دېسكىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىدۇ ، قاتتىق دېسكىنى پات - پات رەتلەپ تۇرۇش ئارقىلىق بوشلۇق ئىسراپىچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
بەزى ھۆججەتلەرنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشىدىن كىلىپ چىققان قوللىنىشچان پروگراممىلارنىڭ قېتىۋىلىش ھادىسىسى : بەزى قوللىنىشچان پروگراممىلارغا قارتا ئۆچۈرۈش بۇيرۇقىنى بەرگەن ۋاقتىمىزدا كۆپىنچە ھالدا مەلۇم ھۆججەتكە قارتا ئۆچۈرۈش مەشخۇلاتى يۇرگۈزۈش يۇرگۈزمەسلىك ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر سىز بۇ ھۆججەت بىلەن باشقا پروگراممىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلمىسىڭىز ئەڭ ياخسىشى ئۇنى ئۆچۈرمەڭ ، بولمىسا سېستىما قوللىنىشچان ھۆججەتلىرىنىڭ ئۆچۈپ كېتىشى سەۋەپلىك قېتىپ قېلىش ھەتتا سېستىما بۇزۇلۇش ھادىسىسى كىلىپ چىقىشى مۇمكىن .
پروگرامما ئىجرا بولغاندىن كىيىن مائۇس ياكى كونۇپكا تاختىسىدا ئىنكاس بولماسلىق : بۇ خىل ھادىسى ئىيتىلىۋاتقان پروگراممىنىڭ نۇرمال قوزغالمىغانلىقىنى ، سېستىما بايلىق مەنبەسىنى ئىگەللىۋىلىپ سېستىمىنىڭ نۇرمال مەشخۇلات قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىدىن كىلىپ چىقىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا مەجبۇرى ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ پروگراممىنى تاقايمىز ، يەنى ctrl+alt+delete كونۇپكىسى ئارقىلىق ۋەزىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بۇيرۇقى بېرىمىز .
توك تىجەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشتىن كىلىپ چىققان قارا ئىكران ھادىسىسى : bios تىكى توك تىجەش ۋاقتىنىڭ ھەدىدىن زىيادە قىسقا بولۇپ قېلىشى ياكى ئىكران قوغداش پروگراممىسىنىڭ ۋاقتىنىڭ بەك قىسقا بولۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن .
قاتتىق دېتالنىڭ يۇقىرى چاستوتىلىق بولۇپ قېلىشى سەۋەپلىك قېتىپ قېلىش ھادىسىسى : سېستىمىنىڭ نۇرمال قوزغالغانلىقى يۇقىرى چاستوتىلىق ھالەتتە ئىشلىتىشنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ، ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئىجرا مۇھتىدا قېتىپ قالىدۇ ؟ سەۋەبى ، قاتتىق دېتاللار يۇقىرى چاستوتىلىق بولغاندا كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ ، ناۋادا بۇ ئىسسسقلىق ۋاقتىدا تارلىقىپ كېتەلمىسە ، قاتتىق دېتاللارنىڭ قىزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ سېستىما قېتىپ قېلىشى مۇمكىن ، بۇنىڭ ئۈچۈن ماشىنا قېپىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ، ياكى سوۋۇتۇش ئۈسكىنىلىرىنى ئىشلىتىش كىرەك .
قاتتىق دېتال جەھەتتە : كومپىيۇتېر قاتتىق دېتال سەپلىمىسى بەك تۆۋەن ، ئىچكى ساقلىغۇچ سۈرىتى ماسلاشماسلىق ، ھەر خىل قوزغىتىش پروگراممىلىرىنىڭ ماشلاشماسلىقى سەۋەپلىكمۇ سېستىما قېتىپ قېلىشى مۇمكىن .
سېستىمىنى تاقاش جەريانىدىكى قېتىۋىلىش windows تىن چىكىنىپ چىقىش ياكى dos ھالىتىگە ئۆتۈش جەريانىدىكى قېتىپ قېلىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ .
ئەگەر windows نى ئۈزۈل - كىسىل تاقىغىلى بولمىسا ، ماگىنىتلىق دېسكا رايۇنىدىكى سانلىق مەلۇماتلار قاتتىق دېسكىغا يېزىلىدۇ ، ئاندىن بىر ئۆلۈك ئايلىنىش (死循环) ھالىتىگە كىرىدۇ ، پەقەت كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش كىرەك ، بولمىسا سېستىمىنى تاقىغىلى بولمايدۇ ، بۇ سەۋەپنىڭ كىلىپ چىقىشى بەلكىم مەشخۇلات سېستىمىسى ياكى بەزى قوزغاتقۇچ پروگراممىلىرىنىڭ مۇۋاپىق بەلگىلەنمىگەنلىكىدىن بولغان بولىشى مۇمكىن ، ئادەتتە windows تىن چىكىنگەندە ياكى dos ھالىتىگە ئۆتكەندە نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان پروگرامما تاقىلىپ قالىدۇ ھەمدە مۇشۇ پروگراممىلار شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالغا ئاساسلىنىپ بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارنى قايتۇرۇپ يېزىش مەشخۇلاتى ئېلىپ بارىدۇ . لىكىن ئەگەر قوزغاتقۇچ پروگراممىلىرىنىڭ بەلگىلىنىشى مۇۋاپىق بولمىسا ، ماس ئۈسكىنىنى تاپالمايدۇ ، شۇ سەۋەپتىن ئۇ ئۈسكىنىنى ئىزدەش خىزمىتى تەكرار ئېلىپ بېرىلىپ ئۆلۈك ئايلىنىش ھادىسىسى كىلىپ چىقىپ ، ساختا قېتىۋېلىش پەيدا بولىدۇ .
ئومومەن ئېيىتقاندا قېتىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر بەك كۆپ ، قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، بىزنىڭ قېتىۋېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئادەتتىكى ئۇسۇلىمىز ئالدى بىلەن يۇمشاق دېتال مەسىلىلىرىنى ئويلىشىپ ئاندىن قاتتىق دېتالنى ئويلىشىمىز ، مۇھىم نۇقتىنى يۇمغاق دېتال تەرەپكە قويۇش ، كونكىرىت ئېيىتقاندا مەسىلىنى قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ۋە قوزغاتقۇچ پروگراممىلىرىنىڭ قاچىلىنىشى ، بەلگىلىنىشى قاتارلىق تەرەپلەردىن ئىزدەيمىز . ئەڭ ئاخىرىدا قاتتىق دېتال مەسىلىلىرىنى ئويلىشىمىز ، ئادەتتە قاتتىق دېتال تەرەپتىكى مەسىلىلەرنى سېستىما بەلگىلىنىشىدىكى ئۈسكىنە باشقۇرۇش ياكى windows مەشخۇلات سېستىمىسى قوشۇمچە دېتالىدىكى (附件) سېستىما ئۇچۇرىدىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ .
1. بىر قاتتىق دىسكىغا قاچىلانغان مەشخۇلات سىستىمېسىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشى، سىستىمېنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. CPU، كۆرسېتىش كارتېسى قاتارلىقلارنىڭ چاستوتېسىنى بەك يۇقۇرى قىلىۋەتمەسلىك، تىمپېراتۇرېسىغا دىققەت قىلىش كىرەك، بولمىسا، كومپىيۇتېر
قوزغالغاندا ياكى بىرەر پىروگراممېنى قوزغاتقاندا، ئۆزلېكىدىن قايتا قوزغېلىپ كېتىش ياكى قېتىپ قېلىش ھادىسېلىرى كۆرۈلىدۇ.
3. كومپىيۇتېر زاپچاسلېرىنى ئالماشتۇرغاندا چوقۇم چىڭ سېلىش كىرەك، بولمىسا، زاپچاسلار ياخشى تىگىشمەي، سىستىمېنىڭ قوزغىلالماي قېتىپ قىلىشىنى
كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. بىئوسنىڭ پارامېتېرلېرى مۇۋاپىق بولۇش كىرەك. گەرچە بىئوس پارامېتېرلېرىنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە تەڭشەش تەشەببۇس قىلىنسىمۇ، بەزىدە ئەڭ ياخشى
تەڭشەشنىڭمۇ ياخشى ئەمەس تەرەپلېرى بولىدۇ. بەزىدە ئەڭ ياخشى تەڭشەشمۇ سىستىمېنىڭ قوزغېلالماسلىقىنى ياكى قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. ئەڭ ياخشىسى بىسىم تۇراقلاشتۇرغۇچ ئىشلېتىش كىرەك. توك بىسىمىنىڭ نورمالسىزلىقىمۇ كومپىيۇتېرنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. شارائىت بولسا، UPS ئىشلېتىش، بۇنىڭدا توك كەتسىمۇ كومپىيۇتېر مەلۇم ۋاقىت نورمال خىزمەت قىلىپ، سىز ئۈچۈن كومپىيۇتېرنىڭ نورمال ئۆچۈرۈشكە
شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.
7. كىلىش مەنبەسى ۋە ئىشلېتىلگەن ئورۇنلېرى ئىنىق بولمىغان يۇمشاق ۋە ئوپتىك دىسكېنى، ئاسانلىقچە ئىشلەتمەسلىك. ئېلخەتلەرگە ۋە ئېلخەت
بىلەن قوشۇپ ئەۋەتىلگەن ھۆججەتلەرگە قارىتا، جاڭمىن، رۇيشىڭ قاتارلىق ۋىرۇس تازىلاش قوراللېرىنى ئىشلېتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئاندىن
ئىشلېتىش كىرەك. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملېنىشمۇ سىستىمېنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8. ئىشلەش ھالېتىدىكى يۇمشاق دىتاللارنى تولۇق ئەتمەي تۇرۇپ، توك مەنبەسىنى ئۈزمەسلىك، بولمسا، مۇھىم سىستىما ھۆججەتلېرى بۇزۇلۇپ ياكى يوقاپ
كېتىدۇ-دە سىستىمېنىڭ نورمال قوزغېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ، Windows98/ME/2000 ئىشلەتكۈچىلېرى بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى
كىرەك، چۈنكى بۇ سىستىمېلارغا سىستىما ھۆججەتلېرىنى قوغداش ئىقتىدارى قوشۇلمىغان.
9. پىروگراممېلارنى قاچىلىغاندا، "ھۆججەتنى قاپلامسىز؟" دىگەن سۇئالغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك. ئەڭ ياخشىسى بۇرۇنقى ھۆججەتلەرنى
قاپلېۋەتمەسلىك كىرەك. چۈنكى سىستىمېغا نىسبەتەن، سىستىما ئۆزى كۆچۈرگەن ھۆججەتلەر ئەڭ ياخشى بولىدۇ. (ئۆزىڭىزنىڭ ھۆججەتلېرىڭىز بۇنىڭ
سىرتىدا.)

10. چۈشۈرۈش قورالى ئارقىلىق كومپىيۇتېردىكى بەزى يۇمشاق دىتالنى ئۆچۈرگەندە، ئەڭ ياخشىسى ئۆچۈرۈش قورالىنىڭ ئاپتوماتىك ئۆچۈرىشىگە قويۇش
كىرەك. بۇنداق بولغاندا، بەزى يۇمشاق دىتاللار ئورتاق ئىشلېتىدىغان بەزى DLL, OCX ھۆججەتلەرنى بىلمەي ئۆچۈرۈپ قويۇشتىن ساقلانغېلى بولىدۇ.
ئورتاق ئىشلېتىدىغان ھۆججەتلەر ئۆچۈپ كەتسە، يۇمشاق دىتاللارنىڭ، جۈملېدىن سىستىمېنىڭ نورمال قوزغېلالماسلىقىنى ۋە قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ.
11. قاتتىق دىتاللارنى بەلگېلىگەن ۋاقىتتا، ئۈزۈلۈش نۇمۇرى( IRQ) قالدۇرۇلغان ياكى قالدۇرۇلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كىرەك. قاتتىق دىتاللارنىڭ ئۈزۈلۈش
نۇمۇرى قالدۇرۇپ قويۇشىغا يول قويماسلىق. بولمىسا ئۈزۈلۈش نۇمۇرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر قاتتىق دىتالنى قاچىلىغاندا يەنە بىرسىنىڭ
ئىشلىمەس بولۇپ قېلىشى، قاتتىق دىتاللارنىڭ توقۇنۇشى سەۋەبلىك سىستىمېنىڭ قېتىپ قىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

12. يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلىغاندا تەرتىپكە دىققەت قىلىش كىرەك. ئەگەر ئەڭ ئاۋۋال قاچىلىنىدىغان پىروگرامما ئەڭ ئاخىرىغا بېرىپ قالسا، سسىتىما
قوزغالغاندا قالايمىقانلېشىپ كېتىپ، نورمال قوزغىلالماسلىقنى ياكى قوزغالغاندىن كىيىن، قېتىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
13. چوڭ تىپتىكى پىروگراممېلارنى (يەنى: Office, Phtoshop) قوزغاتقاندا، قوزغېلىپ بولۇشتىن ئاۋۋال، بۇرۇن قوزغېتلىغان پىروگراممېلارنى
ئېتىۋېتىشكە ئالدىرىماسلىق كىرەك. بولمىسا، سىستىمېنىڭ قالايمىقانلېشىپ، قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

14. ئىچكى ساقلىغۇچ كىچىك بولغان ئەھۋالدا، ئىچكى ساقلىغۇچنى كۆپ ئىگەللەيدىغان پىروگراممېلارنى بىرلا ۋاقىتتا كۆپ قوزغاتماسلىق كىرەك. بولمىسا،
سىستىمېنىڭ ئاسانلا قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
15. مۇھىم ھۆججەرلەر ۋە سىستىما ھۆججەتلېرىگە "يوشۇرۇن"،"ئوقۇشقىلا بولىدىغان" خاسلىقىنى قوشۇپ قويۇش كىرەك. بۇندان بولغاندا بۇ ھۆججەتلەرنى
ئۆچۈپ ياكى قاپلېنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

16. قاتتىق دىسكېنىڭ ئاساسى رايۇنىدىكى خاتېرىلەرگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماسلىق كىرەك. بولمىسا، سىستىما ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى
بولغاندا، خاتېرىلەرنى تاپالماي قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
17. يۇمشاق دىتاللارنىڭ سىناق نۇسقېسىنى ئازراق ئىشلېتىش كىرەك. چۈنكى سىناق نۇسقدىكى، سىستىمېغا قوشۇلىدىغان ھۆججەتلەر ئىشەنچىلىك ۋە مۇقىم
بولمايدۇ. بۇ سىستىمېنىڭ قوزغېلالماس بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
18. Windows95/98 ئامالنىڭ بېرىچە 16خانىلىق پىروگراممېلارنى ئىشلەتمەسلىك كىرەك. بۇنداق بولغاندا، 16خانىلىق پىروگراممېلار بىلەن
سىستىمېدىكى 32خانىلىق پىروگراممېلار ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، سىستىمېنىڭ قوزغىلالماسلىقىنى ياكى قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
19. بىئوس نەشىرىنى يىڭىلىغاندا، بۇرۇنقى نەشىرى ۋە يىڭىلىماقچى بولغان نەشىرىنى تولۇق بىلىش كىرەك. بولمسا نەشىرى مۇۋاپىق يىڭىلانماي،
سىستىمېنىڭ قوزغېلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
20. ئوغۇرلانغان نەشىردىكى پىروگراممېلارنى ئامال بار ئىشلەتمەسلىك كىرەك. چۈنكى بۇنداق پىروگراممېلاردا نۇرغۇن ۋىرۇسلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بۇ
ۋىرۇسلار تىزلىكتە سىستىمېغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، سىستىمېنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

21. كومپىيۇتېرنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندە ئاپپارات ساندۇقى ئىچىگە نۇرغۇن چاڭ-توزانلار كىرىۋالىدۇ. بۇ چاڭ-توزانلار زاپچاسلارنىڭ نورمال
تىگىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، كومپىيۇتېرنىڭ قېتىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
22. "دىسكا پارچېلىرىنى رەتلەش پىروگراممېسى"نى قوزغاتقاندا، باشقا پىروگراممېلارنى ئېتىۋېتىش كىرەك. بولمىسا، ئاسانلا سىستىمېنىڭ قالايمىقان
بولۇپ، قېتىپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

23. ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دىتالىدا ۋىرۇسلارنى تەكشۈرگەندە، باشقا پىروگراممېلارنى قوزغاتماسلىق كىرەك. بۇمۇ سىستىمېنىڭ قېتىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ.
24. تورغا چىققان ۋاقىتتا، تور بەتلەرنى بەك كۆپ ئىچىۋەتمەسلىك، كۆزنەك سانىنى كونتىرول قىلىش كىرەك. بولمىسا سىستىما يىتەشەلمەي ئاسانلا قېتىپ
قالىدۇ.

25. كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرگەندە توك مەنبەسىنى بىۋاستە بېسىپ ئۆچۈرمەسلىك كىرەك. بولمىسا قايتا قوزغاتقاندا سىستىمېنىڭ قوزغىلالماي قىتىپ قىلىشىنى
كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻗﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺕ ﻛﯜﺭﯛﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﺴﯩﯖﯩﺰﻻ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺴﯩﺰ

مةنبة: دوستذم

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18458
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10678 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 08:01:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇمپىيۇتۇر تۇلا قىتىۋالسا ئادەم بەك جىلە بۇلۇپ كىتىدۇ  .

رەخمەت سىزگە  .

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1311
يازما سانى: 2538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17589
تۆھپە نۇمۇرى: 1167
توردا: 14790 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 08:15:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ جەھەتتىكى بىلىمىڭىز مولكەن ، رەھمەت سىزگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5866
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8616
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2010-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 08:25:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىھتىياجلىق مەزمۇنلار ئىكەن ، رەھمەت سىزگە .

كەلگۈسۈم ئۈچۈن  .

ئاللاھ ھەممىمىز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4698
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9621
تۆھپە نۇمۇرى: 375
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2011-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 08:26:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە، مەنمۇ بىلۋالدىم.

ئىشەنگەن تاغلىرىمدا ياتمىدى بىرمۇ كىيىك، دوسىتلىرىم زىرىكتى مەندىن، دۈشمىنىم سەنمۇ زىرىك.

پىسخولوگىيە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2281
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38031
تۆھپە نۇمۇرى: 472
توردا: 1851 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 08:41:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ جاپا چېكىپسىز، ئەمىليەتتە بۇنى كۆرىدىغانلار بەك ئاز.
يۇمۇر، قوشاققا ئۆگىنىپ كەتتى بۇلار..

http://309357575.qzone.qq.com  

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 08:59:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ.تىما ئىگىسىدىن سوراپ باقسام؛كومپىيوتۇر ئىچىدە، چ چ دا سۆزلەشكەن پاراڭلار ساقلىنىپ قالىدۇ دەيدۇ .بۇ راسمۇ؟كومپىيوتۇرنىڭ قەيەرىدە ساقلىنىپ قالىدۇ؟بىلەرسىزمۇ؟

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5945
يازما سانى: 916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10124
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2011-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 09:07:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە مەن بىلىۋالدىم ئويۇن .ئوينىغىچە قىتىۋالسا بەك ئاچچىغىم كىلىدۇ

مۇھەببەت مەڭگۇلۇك  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5712
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8409
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 1756 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 09:16:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت kugul كە 2010-08-09 08:59 PMئەۋەتىلدى :
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ.تىما ئىگىسىدىن سوراپ باقسام؛كومپىيوتۇر ئىچىدە، چ چ دا سۆزلەشكەن پاراڭلار ساقلىنىپ قالىدۇ دەيدۇ .بۇ راسمۇ؟كومپىيوتۇرنىڭ قەيەرىدە ساقلىنىپ قالىدۇ؟بىلەرسىزمۇ؟

چ چ قاچىلىغان ئورۇنغا كىرىپ مونۇ Msg2.0.db   ھۆجەتنى تېپىپ ئۆچۈرۋەتسىڭىزبولىدۇ  (2010)نەشىرىدە

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 09:28:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

8(mario)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

رەھمەت سىزگە؟مەن سىناپ باقاي،ئەمما چ چ قاچىلىغان ئورۇن، كومپىيوتۇرنىڭ قەيەرىدە؟我的文挡نىڭ ئىچىدىكى文件夹مۇشۇنىڭدا بارمۇ؟

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش