پەرىق
بىر كۈنى فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى خۇشخۇيدىن : _توك بىلەن چاقماقنىڭ قانداق پەرقى بار ؟ سوراپتۇ.
چاقماققا پۇل تۆلەشنىڭ ھاجىتى يوق، - دەپ جاۋاپ خۇشخۇي-.
ئامىتى كېلىش
شۈكۈر 0996:
_ قىزىمنىڭ ئىسكىرىپكىسى ماڭا ئامەت ئېلىپ كەلدى، - دەپتۇ.
ئۇيغۇر شاھ :
_ قانداق دەيسەن؟ -دەپ سوراپتىكەن،شۈكۈر0996:
_ مەن يېرىم باھادا قوشنامنىڭ قورۇسىنى
سېتىۋالدىم، - دەپتۇ.
قورۇق
شەھلا يولدۇشغا :
_ ئۆزۇڭگە قارىغىنا، يېشىڭ چوڭ بولمىسىمۇ، پىشانەڭدىكى قورۇق نېمانداق كۆپ؟
_ كۆپ بولۇپ قايسى دەرىجىگە يېتىپتۇ؟ -دەپتۇ يولدىشى
:
_ ھەر قېتىم قالپاق كىيسەڭ، بۇرمىلىق مىخقىلا ئوخشاپ قالىدىكەنسەن.-دەپتۇ شەھلا
ئاقىۋەت
ئۈرۈكجانىڭ يېڭى ئەسكەرلىككە كىرگەن چاغلىركەن ، ئۇ ھەر كۈنى گىمناستىكىغا كېچىكىپ قالىدىكەن. بىر كۈنى كۇماندىر بۈشۈك :
_ سەن نېمىشقا ھە دېسىلا كېچىكىسەن ؟
_ دوكىلات باشلىق ، مەن دائىملا بەك ئۇخلاپ كېتىدىكەنمەن.-دەپتۇئۈرۈكجان
بۈشۈك :
_ ئەگەر ھەر بىر جەڭچى سەندەك ئۇخلاپ كەتسە، بۇ جاھان نېمە بولۇپ كېتەر ؟
يېڭى ئەسكەر ئۈرۈكجان :
_ شۇنداق بولسا ، ئەبەدىي ئۇرۇش بولماس ئىدى، -دەپتۇ.
سەمىمىيلىك
ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان تەبەسسسۇمنىڭ ئوغلى بىلەن ئاتىسى پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئوغلى:
_ سەمىمىيىلىك دېگەن نېمە ؟ - دەپ سوراپتۇ ئاتىسىدىن.
ئاتىسى:
_ سەمىمىيلىك دېگىنىمىز ئەتە ۋەيران بولۇشىمىزنى بىلسەكمۇ، بۈگۈن مالنى خېرىدارنىڭ قولىغا تەككۈزۈشىمىز كېرەك ، - دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
ئوغلى:
_ پەم-پاراسەت دېگەن نېمە؟ ئاتىسى :
_ بۇ خىل ئەخمىقانە ئىشنى قىلماسلىق ، - دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.